يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 399|ئىنكاس: 33
go

ئادىلنىڭ كۆزيېشى

Rank: 8Rank: 8

توردا
78 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 
نادىر
يازما
160 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 04:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


ئادىلنىڭ كۆزيېشى



ھىكايە


يولنڭ ئىككى قىرغىقىدىكى سېرىق سەگۈنىڭ يۇپۇرماقلىرى كۈزنىڭ شامىلىدا توختىماي تۈكۈلىۋاتاتتى. ئادىل ئۆزىنىڭ توڭغانلىقىنى ھېس قىلدى. دىمىسىمۇ ئۆيدىن چىققاندا ھاۋا ئۇچۇق ئىدى.قۇياشنىڭ پېتىشىغا ئەگىشىپ تىزلا شامال پەيدا بۇلۇپ قالدى. ئادىل چاپىنىنىڭ تۈگمىسىنى ئىتىپ ياقىسىنى كۆتۈرۈپ بوينىنى ئىتىپ ماڭدى.




يانفۇن توختىماي سايراۋاتاتتى. يانفۇنغا قارىمىسىمۇ كىمنڭ ئۇرۋاتقانلىقى ئايان ئىدى.


قانداق قىلىش كىرەك ؟ ئۇ مەسئۇلىيەت بىلەن مۇھەببەت ئوتتۇرسىدا ئېغىرتەڭلىكتە قېلىۋاتاتتى. بىر تەرەپكە قاراپ ئۈزىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان بىرئاجىزەنىڭ كۆزيېشىنى كۆرگەندە، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئوخچۇپ چىقىۋاتقان مۇھەببەت، ھېسداشلىقىنى سىزەتتى.


يەنە بىر تەرەپكە قاراپ تۇلا جىدەل-ماجرا سەۋەبىدىن يۈرىكىنىڭ قات-قېتىغا تىكەن سانچىۋەتكەن، نىكاھىدىكى ئايالنى كۆرگىنىدە شۇ ئايال بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەن بىرئائىلە، سۈيۈملۈك پەرزەنتلەر، ھەم شۇلارغا بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەرلىك مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلاتتى.


ئاخىرى بىر قارارغا كەلدى-دە يانفۇننى ئېلىپ 38 قېتىم ئۇرۇلۇپ ئېلىنمىغان يانفۇنغا قايتۇردى.


ئاشخانىنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئىككى كىشىلىك ئۇرۇنغا ئۇرۇنلاشقاندىن كىيىن تاماق چاي قاتارلىقلارنى بۇيرۇتىۋېتىپ ئادىل ئاۋۋال گەپ باشلىدى.


ئادىلە مىنى راستىنلا ياخشى كۆرەمسىز؟


-  بۇگەپنى يەنە سورايسىزغۇ ؟


-  ياق بۈگۈنكىسى ئوخشىمايدۇ، چۇقۇم سەمىمى جاۋاپ بىرىڭ!


-  ھەئە !


- ياق ئۇچۇق جاۋاپ بىرىڭ !


- ياخشى كۆرىمەن،  اللە گۇۋاھ بولسۇن ! بۇ ئۆمۈرۈمدە سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلىپ ئۈلۈپ كىتىشتىن باشقا ئارزۇيۇم يوق- ئادىلە يىغلاپ كەتتى.


يىغىسى شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق ئىدىكى ياندىكى ئادەم كەسپى جاللات بولغان تەقدىردىمۇ سەبىر قىلالمايتتى. ئادىلنىڭ يۈرۈكى پارە-پارە بۇلۇپ كەتتى. ئۈزىنىڭ كوچىلىماسلىققا تىگىشلىك بولغان بىرگەپنى سوراپ سالغىنىدىن ئويىلىپ قالدى. ئادىلە ياخشى كۆرسە كۆرسە ئادىل ياخشى كۆرمەمدۇ ؟ ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر ئادىلنىڭ خىزمىتىنى قىلغۇسى بارئىكەن، ئەجەبا ئالدىلنىڭ ئادىلەنىڭ قۇلىدىن چاي ئىچكۈسى، ئۇ تەڭشەپ بەرگەن سۇدا تاھارەت ئالغۇسى يوقمۇ ؟ شۇ تاپتا ئادىل ھەممىنى ئۇنۇتۇپ ئادىلەنىڭ تىتىرەپ تۇرغان تىنىنى باغرىغا باسقۇسى كەلدى. لېكىن ھېسيات باريەردە ئەقىلنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايتتى. بۈگۈن ئادىل ئادىلەگە تەسەللى بىرىش ئۈچۈن ئەمەس مۇناسىۋەتنى ئۇچۇق ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.


-  ماڭا بىر ئىشنى قىلىپ بىرەمسىز ؟


-  نىمە ئىش ؟


- چۇقۇم قىلىپ بىرىمەن دەڭ ! ئاندى دەيمەن .


- ماقۇل قىلىپ بىرەي !


-  ۋەدە بىرىڭ !


- ماقۇل چۇقۇم قىلىپ بىرىمەن .


- سىز مىنىڭ ھېسياتنىڭلا قۇلى بۇلۇپ ياشايدىغان، مۇھەببەت دىسە ھەممە نەرسىدىن جۈملىدىن ۋىجدان-غۇرۇر، مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەتتىنمۇ كىچىدىغان ئادەم بۇلۇپ قېلىشىمنى خالىمايسىز-شۇنداقمۇ ؟


- نىمە دىمەكچىسىز ؟ ئۇدۇللا دەۋىرىڭ !


- مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭ !


ئادىلە بېشىنى تۆۋەن قىلىپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇ ھامان بىركۈنى بۇگەپنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويغانمۇ بولغان ئىدى. لېكىن، ئەمىلىيەتتە ئاڭلانغاندا بۇنچىلىك قورقۇنۇشلۇق گەپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىغان ئىدى. ئۇنى يەنە يىغا بېسىشقا باشلىدى. شۇ تاپتا ئەتىراپىدا ئادەم بولمىغىنىدا بارلىق ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپ، بىريەرلەرگە ئۈسسۈپ، ھاياتلىقتا ئازاپ-ئۇقۇبەتتىن باشقىغا دۇچارقىلمايدىغان بېشىنى يېرىۋالغان بۇلاتتى. لېكىن بۇيەردە ئۈزىنى تۇتۇۋالمىسا ئۈزىگىمۇ ئادىلغىمۇ سەت ئىدى.


-ئۇنۇتۇش-ئۇنۇتماسلىق ئۆزۈمنىڭ ئىشى، ئۇنداق دىگۈچە مىنى ئىز دىمەڭ دىسىڭىزلا بولمىدىمۇ ؟ بىلىمەن سىزنى ئىزدەش، سىزگە مۇھەببەت باغلاش ھۇقۇقۇم يوق ! لېكىن بىلىپ قېلىڭ ! بىركىمگە ئاشىق بۇلۇپ قېلىش، خالاپ-تاللاپ قىلىۋالىدىغان ئىش ئەمەسكەن. قەلبنى ياراتقان خۇدا ئۆزى بىلىپ ئايلاندۇردىكەن. شۇنداق بولسۇن ! سىزنى ئەمدى ئىزدىمەي !


-قەسەم قىلىپ بىرىڭ !


ئادىلەنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش تەڭلا سىرىلىپ چۈشتى ! لەۋلىرى تىتىرەيتتى، بىرنىمىلەرنى دىگۈسى بارئىدىيۇ ئېغىزىدىن چىقمايتتى.


-  اللەنىڭ نامى بىلەن قەسەم سىزنى ئىككىنچى ئىزدىمەيمەن .


ئادىلە ئورنىدىن تۇرۇپلا يۈزىنى تۇتقان پېتى يۈگۈرەپ سىرتقا ماڭدى.


ئادىل ئولتۇرغان يىرىدە بىرسائەتتەك ئولتۇردى. كاللىسىدا خىياللار ئۇماچتەك قايناپ كەتكەن ئىدى. –بىلىمەن-دىدى ئۇ ئىچىدە- ئادىلەگە ھەقىقەتەن ئۇۋال بولدى. لېكىن، ماڭىمۇ ئامال يوق. ئۇنىڭغا ھېس داشلىق قىلىمەن دىسەم ئائىلەمنى ۋەيران قىلسام بۇلىدىكەن. بىر قىزنى دەپ بىرئائىلىنى ۋەيران قىلسام بولمايدۇ پەرىشتىدەك باللىرىمنىڭ يۈزىگە تۇپا قوندۇرسام بولمايدۇ. ۋاقىت ھەممىنى داۋالايدۇ، بىرمەزگىل ئۆتسە ھەممىنى ئۇنۇتۇپ تۇرمۇشىنى قايتىدىن باشلايدۇ.


ئادىلل ئۆزىگە تەسەللى بىرىپ خېلى روھى كۈتۈرلۈپ قالدى. مەنمۇ ھەممىنى ئۇنۇتۇپ تۇرمۇشۇمنى قايتىدىن باشلاي دەپ ئويلىدى ۋە بىر دۇكانغا كىرىپ ئۈچ گىراملىق ئالتۇن ئۈزۈكتىن بىرنى ئېلىپ يانچۇقىغا سالدى.


ئايالىنىڭ ئامراق تورتىدىن بىرنى، باللىرىغا شاكىلات، چوكا مۇز قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۈزىنى قاتتىق خۇشال تۇتۇپ ئۆيگە كىردى.


ئۆيدە ھېچكىم يوق ئىدى. ئايالىنى باللىرىنى چاقىردى ھېچكىمنىڭ ئاۋازى چىقمىدى، ياتاق ئۆيگە كىرىپ كومپىيوتىر ئۈستىلىنىڭ ئالدىدىكى بىر ۋاراق خەتكە كۆزى چۈشتى.


-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئادىل مەن كۆزياشلىرىمنى سىياھ قىلىپ بۇخەتنى يېزىۋاتقاندا سىز ھېلىقى جالاپ بىلەن جېنىڭىزغا پاتماي مۇڭدىشىۋاتىسىز- ھەقاچان. كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ. سىز مىنى ئىككى پەرىشتىڭىزنى قىلچىلىكمۇ كۆزىڭىزگە ئىلىپ قويمىدىڭىز ؟ خارلىق دىگەن مۇشۇنچىلىك بولسا يىتەر! ئەركىشى تۇرۇپ نۇمۇس قىلماي ئاخىرقى بىرقېتىملىق تالاقنىڭ ھۇقۇقىنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەردىڭىز. بۇ قىلغىنىڭىز ماڭا ئەمەس ئۆزىڭىزگە قىلغان ھاقارەت ئىدى لېكىن مەن مەڭگۈلۈك يولساز بۇلۇپ قالمايلى دەپ چىدىدىم. لېكىن باشقا ھەممە نەرسىگە چىدىساممۇ ئۇ بۇزۇق بىلەن بىللە يۈرۈشىڭىزگە چىدىمايدىكەنمەن. خەيىر ئاجىرشىپ كىتىشتىن بالىلارنى يىتىم قىلىشتىن سىزقورقمىسىڭىز مەن نىمىشقا قورققۇدەكمەن ! مىنى ياراتقان اللە مىنىڭ رىزقىمنىمۇ ياراتقاندۇ؟ سىز سىز ئۈلۈپ قالىدىغان ئىش بولسىمۇ ئىززىتىم بىلەن ئۆلەي !


ئەمىسە ئىنىق بولسۇن ماڭا بەرگەن ھۇقۇقىڭىزغا ئاساسەن ئاخىرقى بىرقېتىملىق سۆزنى بەردىم ! خۇتۇن ئېلىۋېلىڭ! مەنمۇ باشقا ئەرگە تىگىۋالاي !


اللەقا ئامانەت ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ! جىدەلخور دەپ قاقشايدىغان ئايالىڭىز ئامىنە .


ئادىلنىڭ بېشى پىرقىرغاندەك بۇلۇپ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇۋالدى. ئۇ ھەقىقەتەن شۇنداق قىلغان ئىدى. تالاق ھۇقۇقىنى ئايالىغا بىرۋەتكەن ئىدى. شۇ تاپتا ئۇنى پۇشايمان، ئاچچىق، غەزەپ چىدۇغۇسىز قىيناشقا باشلىدى. ئىشىكتىن كىرىپلا ئايالىنىڭ قۇلىغا سېلىپ بارلىق سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىماقچى بولغان ئۈزۈكنى ئېلىپ دېرىزىدىن ئاتتى.


نىمە قىلىشىنى بىلەلمىدى ؟ كاللىسىغا غەلىتە خىياللار كىلىشكە باشلىدى. ئالتىنچى  قەۋەتكە چىقىپ ئۈزۈمنى بىر تاشلايمىكى . بىرخالتا چاشقان دورىسى ئەكىرىپ ئىچىۋالايمىكى ؟ ئۇنىڭغا ياشاشمۇ ئېغىر كىلىۋاتاتتى. بۇنداق تۇرىۋەرسە ئۆزىنى بىرنىمە قىلىپ سېلىشتىن قورقۇپ ئاشخانا ئۆينى ئاختۇرۇپ ئۇيقۇ دورىسىدىن تاپتى ۋە بىرنەچچە تال ئىچىۋالدى.


باللىرىنىڭ قۇڭغۇراقتەك ۋىلىق-ۋىلىق كۈلۈشلىرى، ئايالىنىڭ تەرلەپ-پىشىپ ئىتىپ بىرىدىغان چۆپ ئاشلىرى ئىسىگە كىلىشكە باشلىدى. ئۇ ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قالغان ئىدى، ئايالى ياخشى ئايال ئىدى، كىچىككىنە كۈڭۈلنى دەپ ئۇنى رەنجىتتى، پەرىشتىدەك باللىرىنى يىتىم قىلدى. ئۇنىمۇ ئادەم دىگىلى بولسۇنمۇ ؟ ئادىل ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ قالسىمۇ ئايالىدىن باللىرىدىن ئايرىلىپ قالالمايتتى. ئۇلاردىن  تىرىك ئايرىلغاندىن كۆرە كۆز ئالدىدا ئۈلۈپ كەتكىنى ياخشى ئىدى. شۇنداق بۇيەردە قىينىلىپ ئولتۇرغۇچە ھەرنىمە بولسام ئايالىمنڭ، باللىرىمنىڭ ئالدىدا بولمايمەنمۇ ؟


جان قالمىغان پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ پەسكە چۈشتى ۋە ماشىنىغا چىقىپ ماشىنىنى ئوت ئالدۇرماقچى بۇلۇپ ئاچقۇچقا سۇنغان قۇلى ساڭگىلاپ قالدى.


يانفۇننىڭ سايراۋىرىشىدىن بىزار بولغان ئادىل كۆزىنى ئاچمايلا يانفۇننى ئالدى.


-ۋەي ئادىل بۇمەن سەمەت  تۇنۇدۇڭمۇ ؟


- ھە نىمە ئىش ؟


- ئەتتىگەن نامازغا بارماپسەنغۇ ؟


-كىمنىڭ نامىزىغا ؟


-ئادىلەنىڭكىچۇ ؟


-قايسى ئادىلە ؟ ئادىل لەككىدە كۆزىنى ئېچىپ، چۆچۈپ كەتتى.


- ساڭا ئاشىق بۇلۇپ يۈرگەن ئادىلەچۇ ؟ ئۇ قىزنىڭ يۈرەك كىسىلى بارئىكەن، ئاخشام كىسىلى تۇتۇۋېلىپ دۇختۇخانىغا ئاپىرىپ بولغىچە ئۈتۈپ كىتىپتۇ.


- ماڭا ۋەي ! چاق چاق قىلمىغىنە ! ئاخشام كۆرۈشكەن تۇرساق . ئاخشام ساق قايتىپ كەتكەن تېخى.


- شۇ ئاخشام سىرتتىن يىغلاپ كىرىپتىكەن، نىمە بولدى دىسە دىگىلى ئۇنىماي، ياتاق ئۆيىگە كىرۋېلىپ ئىشىكنى ئىتىۋاپتۇ. ئاتا-ئانىسى كىسىلىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىكىن ئەنسىرەپ يىغلاپ-يالۋۇرسىمۇ ئاچماپتۇ. ئاخىرى ئىشىكنى بۇزۇپ كىرسە چىرايى تامدەك ئاقىرىپ يۈرۈكىنى قاماللاپ يېتىپتۇ. شۇيەردىن دۇختۇخانىغا ئېلىپ مېڭىپتىكەن بېرىپ بولغۇچە ئۈتۈپ كىتىپتۇ.


ئادىلنىڭ قۇلىدىكە تېلىفۇندىن چاراڭلاپ گەپ چىققان پېتى يەرگە چۇشۇپ كەتتى. ئادىل ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۈزىنىڭ نەدە تۇرۋاتقانلىقىنى، نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمىدى.


باشقا ئۇرۇندا ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ !

روھچىن قەلب خاتىرسى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 04:58  



Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
203 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1145 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 09:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توۋا ! پۇت - قولى يۇمىلاق بولۇپ قالمىغاندىن كېيىن ئىزدىمەمدۇ ئايالىنى دەيمەن ...مۇشۇ بىر ئەركىشى سەۋەبلىك ئىككى ئايال كىشى ۋەيران بولۇپتۇ ، بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ يەنە بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئوغۇرلىغۇچە ئاللاھ نى نەگە قويۇپتىكەن بۇ ئادىلجان ؟ يىغىشتۇرالماس بولغاندا ئاللاھ نامىدا قەسەم قىلىڭ دەپ يار لېۋىدە قىستاپ ....بەك خوشۇم يوق مۇشۇنداق ياسالما تەقۋالاربىلەن دىسە ....ئىست ئادىلە دىگەن قىز ، ئەرزىمەس بىر ۋىجدانسىز نانقېپىغا ئۆلۈپ بەرگىنى نىمىسى

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 3Rank: 3

توردا
56 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 
نادىر
يازما
178 
يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 11:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياپىر.............ما پوۋاشنىڭ نىمە قىۋاتقىنى بۇ............تازا شۇ.....
مەن مانا مۇشۇنداق،ۋىجدانىنى ئىت يەپ،غۇرۇرىغا ئىشەك تەپكەن،مىڭڭىسىنى قاغا چوقۇلىۋالغان مەسۇلىيەتسىز ئادەم ئەخلىتىنى ،لەنەت-نەپرەت تاختىسىغا ئورۇسنىڭ ‹پۇلات مىخى›بىلەن مىخلااپ قاغا-بۈركۈتلەرگە كەچلىك زىياپەت بەرسەم دەيمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
78 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى 
نادىر
يازما
160 

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 11:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاچچىقىڭلار يامانغۇ ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
383 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 
نادىر
يازما
719 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 17:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىچارە ئادىل...ئۆمۈر بويى كۆز ئالدىدىن قىلغانلرى كەتمەي ئۆتۈپ كىتىدىغان بولدىدە.

ھاۋا تولىمۇ تۇتۇق،   چاي ئىچكەچ مۇزىكا ئاڭلاۋاتىمەن. ئىچىمدە تۈگىمەس خىياللار قوغلاشماق ئوينايدۇ....

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
249 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى 
نادىر
يازما
1644 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى 16:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئايالىغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى بۇرۇن بىلمەپتىكەنما بۇ لىڭتاسما؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
383 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 
نادىر
يازما
719 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنى تېخىمۇ ياخشى ئاخىرلاشتۇرساق بولمامدۇ ؟

ھاۋا تولىمۇ تۇتۇق،   چاي ئىچكەچ مۇزىكا ئاڭلاۋاتىمەن. ئىچىمدە تۈگىمەس خىياللار قوغلاشماق ئوينايدۇ....

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
555 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى 
نادىر
يازما
1875 

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 00:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
Aydar يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى 18:07
بۇنى تېخىمۇ ياخشى ئاخىرلاشتۇرساق بولمامدۇ ؟

شۇنداق قىلسىڭىزمۇ بولغۇدەك جۇمۇ ئادا.
بەكلا ئېچىنىشلىق ھېكايىكىنا بۇ، ئايال كىشىنىڭ تالاق دېگەن سۆزى راستىنلا ئۆتەمدا

Rank: 8Rank: 8

توردا
383 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 
نادىر
يازما
719 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 06:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
روھچىننىڭ رۇخسىتىنى ساقلاۋاتىمەن.

ھاۋا تولىمۇ تۇتۇق،   چاي ئىچكەچ مۇزىكا ئاڭلاۋاتىمەن. ئىچىمدە تۈگىمەس خىياللار قوغلاشماق ئوينايدۇ....

Rank: 8Rank: 8

توردا
253 سائەت 
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى 
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى 
نادىر
يازما
726 

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللانغان ۋاقتى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى 08:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
روھچىننىڭ قەلىب ئەسەرلىرىنى ياقتۇرىمەن!

ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

رەسىمسىز ھالەت|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى 03:12 , Processed in 0.029144 second(s), 9 queries , Eaccelerator On.

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.