يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 762 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: روھچىن

ئادىلنىڭ كۆزيېشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:26:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rohqin يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 14:52
ئۇنداقتا كىتاپنى كۆپرەك كۆرۈڭ ! ياكى ئالىملاردىن سورا ...


بۇ سوئالنى مەن ئالىملاردىن ئەمەس سىزدىن سوراۋاتىمەن. ئەگەردە ئالىملاردىن سوراش نىيىتىم بولسا ئىدى ئاللىقاچان سوراپ جاۋابىنى ئېلىپ بولار ئىدىم.
سىز ئەر كىشى ئايالىغا تالاق قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە ئايال كىشى تالاق قىلسا تالاق بولىدۇ دېدىڭىز. مەن بۇنىڭغا ئىسلام دىنىمىزدا قانداق دەلىل بار؟ قايسى كىتاب، قايسى ھەدىستە بار؟ دەپ سورىدىم. ئىنكاسىمنى خېلى چۈشۈنىشلىك يازغاندەك قىلغانىدىم بولمىسا چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟
مەن قارىسىغىلا كىتابلارنى ئاختۇرۇپ بولغىچە، سىز پالانى كىتاب، پالانى بەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى دەپ بەرسىڭىزلا مەن شۇ يەردىن كۆرسەم ئىش ئاسانغا چۈشەر ئىدى. ھەم مەنمۇ بۇ جاۋابقا قايىل بولار ئىدىم.
مەنمۇ سىزنى بۇ يەردە بۇ مەسىلىگە پەتىۋا بەردى دېمىدىم. ئىسلامدا بۇنداق ئىنچىكە مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەندە چوقۇم پاكىت بىلەن سۆزلەش كېرەك دېدىم. سىزنىڭ مۇشۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابىڭىزنى كىشىلەر توغرا ھەزىم قىلالماي خاتا چۈشەنچىلەردە بولۇپ ئەرلەرنى تالاق قىلغىلى تۇرسا بۇنىڭ بىر كىشىلىك گۇناھى سىزگىمۇ بولۇپ قالارمىكىن؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
394

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:48:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەركىم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا لايىق جاۋاپقا ئېرىشىدۇ. بىركىمنىڭ گۇناھىنى بىركىم يۈدىدىغان ئىش يوق.
ئەرلەرنى تالاق قىلغىلى تۇرسا دەپسىز ئەركىشى ئۇچۇق لەۋزى بىلەن ئۈتۈنۈپ بەرمەيدىكەن شالۇكى تۈگۈگىچە تالاق قىلسىمۇ بىكار.
قارىسام ئۇيغۇرچە سۆزلىشىۋېتىپ بىرى-بىرىمىزنىڭ گىپىنى چۈشۈنەلمەيۋاتقاندەك قىلىمىز. بۇ گەپ مۇشۇيەردە توختاپ قالسۇن يەنە تالىشىپ يۈرۈشنىڭ ئەھمىيتى يوق

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:04:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rohqin يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 20:48
ھەركىم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا لايىق جاۋاپقا ئېرىشىدۇ. بىرك ...

توغرا دەيسىز ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا لايىق جاۋابقا ئېرىشىدۇ. شۇنىسى ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئىسلام دىنىدا مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەندە ئېھتىياتچانلىق بىلەن سۆزلىمىسىڭىز نۇرغۇن كىشلەرنىڭ گۇناھىنى ئۆزىڭىزگە يۈك قىلىۋالىسىز. سىزگە ئاددىي بىر مىسال: بىر مەسچىتكە ئىمام بولغان كىشى شۇ نامازنى ئوقۇش ئۈچۈن جامائەتنىڭ ئالدىغا چىققاندا نامازنى راۋرۇس ياخشى ئوقۇمىقى لازىمدۇر. ئەگەردە ئىمام نامازنى ياخشى ئادا قىلمايدىكەن كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان كىشىلەرنىڭ نامىزىنىڭ ياخشى ئادا بولمىغانلىق گۇناھىنىڭ ھەممىسى شۇ ئىمامغا بولىدۇ.
شەرىئەتتىكى ئىنچىكە ئىشلاردا پەتىۋا بەرگەندىمۇ بەرگەن شۇ پەتىۋايىمىز قۇرئان، ھەدىستە پەتىۋا بېرىلگىنىچە بولماي قارا-قۇيۇق بېرىلگەن پەتىۋا بولۇپ قالسا شۇ كىشى بەرگەن پەتىۋاغا ئىشىنىپ شۇ پەتىۋا بويىچە ئىش كۆرگەن كىشلەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسى پەتىۋا بەرگەن كىشىگە بولىدۇ.
بىر-بىرىمىزنىڭ سۆزىنى چۈشەنمىگىدەك ئىش يوق. بۇ دېگەن مۇنبەر پىكىر سورۇنى، ھەر كىمنىڭ پىكىر قىلىشى ھوقۇقى بولىدۇ. ھەمدە ئارىمىزدا تالاشقىدەك ھېچنەرسە يوق.
ئايال كىشىگە تالاق قىلىشى ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن ئەرنىڭ ئۆزى لاۋزا. ئۆزى بىر ئىشنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلالماي ھوقۇقنى ئايال كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرگىچە ئۇنداق ئەرنىڭ بۇ دۇنيادا ئۆزىنى مەن ئەر دەپ ياشىغىنىدىن ياشىمىغىنى تۈزۈك.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 2

توردا
59 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
259
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:44:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گازىر چېقىپ ئولتۇرۇپ ئنكاس ئوقۇۋاتىمەن ....

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
394

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 14:54:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:04
توغرا دەيسىز ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلمىشىغا لايىق جاۋابقا  ...

شەرىئەت لاۋزا بىرئىشقا رۇخسەت قىپتىكەندە ؟
بۇ دىگەن تۇرمۇش ! ياشاۋاتقان جەمىيەت مۇشۇ ؟ يۈزبەرگەن ھەربىرئىشنىڭ كەينىدە اللەنىڭ ھىكمەتلىك ئىرادىسى بولغان بۇلىدۇ.جەمىيەتتىكى ھەرقانداق لاۋزىلىقلاربۇلىدۇ؟ سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇ لاۋزىلىقلارغا قالمىغىنىڭىزغا اللەقا شۈكۈرى ئېيتىش ! ئۈزىڭىزنى ئۇلۇغلۇق كۇرسىغا قۇيۇپ تۇرۇپ جەمىيەتتىكى ھادىسىلەرنى ئەيىپلەپ، تىللاپ ئولتۇرسىڭىز ئۇزۇنغا قالمايلا ئاشۇ ھادىسىلەرنى ئۆزىڭىزنىڭ بېشىدا كۆرىسىز؟ چۈنكى ئاشۇ لاۋزىلىقلارنىڭ كەينىدا اللەنىڭ ئىرادىسى بار ! اللە سەۋەپسىز، ئىختىيارسىز بىرئىش تەۋرەتمەيدۇ؟  
قارىغاندا سىزگە پاكىت كۆرسىتىش ئۈچۈن قايتا ماتىريال كۆرۈشۈمگە توغرا كەلگۈدەك ! ھەممىنىڭ پاكىتى بار بەش يىل ئىلگىرى ئۇقۇپ ئۆتۈپ كەتكەن مەزمۇنلار بولغانلىقتىن كىتاپتكى ئورنى، ھەدىس نۇمۇرى، مۇناسىۋەتلىك پىقھى كىتاپلارنى قايتا كۆرۈپ چىقىپ سىزگە ئورنىنى تېپىپ بىرىشىم كېرەك !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1860

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:38:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rohqin يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 14:54
شەرىئەت لاۋزا بىرئىشقا رۇخسەت قىپتىكەندە ؟
بۇ دىگەن ت ...


گەپ چۈشۈنەمسىز يا؟
يازغان ئىنكاسىمنى توغرا ھەزىم قىلالسىڭىز ئىنكاس قايتۇرۇڭ، بولمىسا ئىنكاس يازمىسىڭىزمۇ خاپا بولمايمەن.
مەن، شەرىئەت ئەر كىشىنىڭ تالاق قىلىش ھوقۇقىنى ئايال كىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشىگە يول قويۇپ لاۋزا ئىشقا يول قويۇپتۇ دېمىگەندىمەن؟ ئادەمنى گۇناھكار قىلىشقا ئۇستىكەنسىز.
شەرىئەتتىن سۆزلىگەندە ئۆزىڭىز قىلغان سۆزگە ئىگە بولالسىڭىز، دەلىل كۆرسىتەلىسىڭىز قىلىڭ! بولمىسا جىم ئولتۇرسىڭىزمۇ گاچا دىمەيمىز.
مەن بىلەن مۇنازىرە قىلغۇڭىز بولسا ئۆپكىڭىزنى بېسىۋېلىپ مۇنازىرە قىلىڭ!
مېنىڭ نېمە قىلىش-قىلماسلىقىمنى ئۆگۈتىشىڭىز كەتمەيدۇ. شۇنچە ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن مۇنازىرە قىلىپ كېلىۋاتسام سىزنىڭ تېتىقسىز ئىنكاسلىرىڭىز مېنى ئۆزۈمنىڭ مۇنازىرە ئەخلاقىغا زىت ھالدا ئىنكاس يازغۇزدى.
مەن ئەشۇنداق لاۋزا ئەرگە ئۇچراپ قالمىغىنىمغا ئاللاھقا مىڭلارچە شۈكرى ئېيتىمەن. ئۇنداق لاۋزا ئەرگە ئۇچراپ قالىدىغان كۈنلەر مەندىن بەكلا يىراق.
يەنە بىر گەپ. يەنە مۇشۇنداق ئادەم ھاقارەتلەيدىغان سۆزلەر بىلەن ئىنكاس يازىدىغان بولسىڭىز يۈز-خاتىرە قىلمايمەن. تېتىقسىز ئىنكاسلىرىڭىزنى ئۆزىڭىزگە كۆتۈرگۈزۈپ قويىمەن.


ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
838

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 20:29:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلنىڭ كۆزيېشى
ھىكايە
(رىسالەت نۇسخىسى )
يولنڭ ئىككى قىرغىقىدىكى سېرىق سەگۈنىڭ يۇپۇرماقلىرى كۈزنىڭ شامىلىدا توختىماي تۈكۈلىۋاتاتتى. ئادىل ئۆزىنىڭ توڭغانلىقىنى ھېس قىلدى. دىمىسىمۇ ئۆيدىن چىققاندا ھاۋا ئۇچۇق ئىدى.قۇياشنىڭ پېتىشىغا ئەگىشىپ تىزلا شامال پەيدا بۇلۇپ قالدى. ئادىل چاپىنىنىڭ تۈگمىسىنى ئىتىپ ياقىسىنى كۆتۈرۈپ بوينىنى ئىتىپ ماڭدى.
يانفۇن توختىماي سايراۋاتاتتى. يانفۇنغا قارىمىسىمۇ كىمنڭ ئۇرۋاتقانلىقى ئايان ئىدى.
قانداق قىلىش كىرەك ؟ ئۇ مەسئۇلىيەت بىلەن مۇھەببەت ئوتتۇرسىدا ئېغىرتەڭلىكتە قېلىۋاتاتتى. بىر تەرەپكە قاراپ ئۈزىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان بىرئاجىزەنىڭ كۆزيېشىنى كۆرگەندە، يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئوخچۇپ چىقىۋاتقان مۇھەببەت، ھېسداشلىقىنى سىزەتتى.
يەنە بىر تەرەپكە قاراپ تۇلا جىدەل-ماجرا سەۋەبىدىن يۈرىكىنىڭ قات-قېتىغا تىكەن سانچىۋەتكەن، نىكاھىدىكى ئايالنى كۆرگىنىدە شۇ ئايال بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەن بىرئائىلە، سۈيۈملۈك پەرزەنتلەر، ھەم شۇلارغا بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەرلىك مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلاتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى ئىككى تەرەپكىلا سوقاتتى، لېكىن ئىككى تەرەپنىلا سىغدۇرۇشنى گەرچە ئۇ ئۆزى قوبۇل قىلسىمۇ، ھازىرقى ئۇ ياشاۋاتقان جەمىيئەت، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئادەملەر، ئۇنىڭ ئالدىدىكى ئىككى ئايال قوبۇل قىلالمايتتى. ئۇنىڭ قېچىپ كەتكۈسى كەلدى، لېكىن نەگە قاچىدۇ؟ كىمنىڭ قېشىغا بارىدۇ؟ ئۇ قانداقلا تاللىمىسۇن ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ بىر پارچىسى ھامان سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كىتەتتى. ئۇ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەرگە باغلانغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ نەرسىلەردىن ۋاز كىچەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ھايات ئۇنى مەجبۇر قىلىۋاتاتتى، ئۇنى كۆز ئالدىدىكى بەزەن نەرسىلەردىن ۋاز كەچمىسە بولمايدىغانلىقى ھېس قىلدى....
ئۇ بىر دەم تۇردى، يۈرىكى سوقۇپ كىتىۋاتاتتى، يۈرىكى نىمىگە قىيمايۋاتىدۇ؟ مۇھەببەتلىك قەلىبكىمۇ؟ ياكى ئۆزىنىڭ پۇشتىدىن بولغان بالىلىرىغىمۇ ؟ ئۇنىڭ كاللىسىدا مەسئولىيەت دىگەن بىر سۆز يالىتتىدە چاقناپ ئۆتكەندەك بولۇپ، ئاخىرى بىر قارارغا كەلدى-دە يانفۇننى ئېلىپ 38 قېتىم ئۇرۇلۇپ ئېلىنمىغان يانفۇنغا قايتۇردى.
ئاشخانىنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئىككى كىشىلىك ئۇرۇنغا ئۇرۇنلاشقاندىن كىيىن تاماق چاي قاتارلىقلارنى بۇيرۇتىۋېتىپ ئادىل ئاۋۋال گەپ باشلىدى.
-        ئادىلە مىنى راستىنلا ياخشى كۆرەمسىز؟
-        بۇگەپنى يەنە سورايسىزغۇ ؟
-        ياق بۈگۈنكىسى ئوخشىمايدۇ، چۇقۇم سەمىمى جاۋاپ بىرىڭ!
-        ھەئە !
-        ياق ئۇچۇق جاۋاپ بىرىڭ !
-        ياخشى كۆرىمەن،  اللە گۇۋاھ بولسۇن ! بۇ ئۆمۈرۈمدە سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنى قىلىپ ئۈلۈپ كىتىشتىن باشقا ئارزۇيۇم يوق- ئادىلە يىغلاپ كەتتى.
ئۇنىڭ يىغىسى شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق ئىدىكى ياندىكى ئادەمنىڭ يۈرىكى تاشتىن پۈتكەن تەقدىردىمۇ سەبىر قىلالمايتتى. ئادىلنىڭ يۈرۈكى پارە-پارە بۇلۇپ كەتتى. ئۈزىنىڭ كوچىلىماسلىققا تىگىشلىك بولغان بىرگەپنى سوراپ سالغىنىدىن ئويىلىپ قالدى. ئادىلە ياخشى كۆرسە كۆرسە ئادىل ياخشى كۆرمەمدۇ ؟ ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر ئادىلنىڭ خىزمىتىنى قىلغۇسى بارئىكەن، ئەجەبا ئالدىلنىڭ ئادىلەنىڭ قۇلىدىن چاي ئىچكۈسى، ئۇ تەڭشەپ بەرگەن سۇدا تاھارەت ئالغۇسى يوقمۇ ؟ شۇ تاپتا ئادىل ھەممىنى ئۇنۇتۇپ ئادىلەنىڭ تىتىرەپ تۇرغان تىنىنى باغرىغا باسقۇسى كەلدى. لېكىن ھېسيات باريەردە ئەقىلنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايتتى. بۈگۈن ئادىل ئادىلەگە تەسەللى بىرىش ئۈچۈن ئەمەس مۇناسىۋەتنى ئۇچۇق ئۈزۈۋېتىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.
-        ماڭا بىر ئىشنى قىلىپ بىرەمسىز ؟
-        نىمە ئىش ؟
-        چۇقۇم قىلىپ بىرىمەن دەڭ ! ئاندى دەيمەن .
-        ماقۇل قىلىپ بىرەي !
-        ۋەدە بىرىڭ !   
-        ماقۇل چۇقۇم قىلىپ بىرىمەن .
-        سىز مىنىڭ ھېسياتنىڭلا قۇلى بۇلۇپ ياشايدىغان، مۇھەببەت دىسە ھەممە نەرسىدىن جۈملىدىن ۋىجدان-غۇرۇر، مەسئۇلىيەت-مەجبۇرىيەتتىنمۇ كىچىدىغان ئادەم بۇلۇپ قېلىشىمنى خالىمايسىز-شۇنداقمۇ ؟
-        نىمە دىمەكچىسىز ؟ ئۇدۇللا دەۋىرىڭ !
-        ئادىلە، سىزگە نىمە دىسەم بولار، مېنىڭ سىز بىلەن ئۆتكۈم بار ئىدى، بۇ مەن ئۈچۈن بەخىت، مېنىڭ بۇ قارارنى چىقارغۇم يوق ئىدى. بولسا رىئاللىقتىن قېچىپ، سىز بىلەن جاھاننىڭ چېتىگە كەتكۈم بار ئىدى، لېكىن ئىككى نارسىدە كۆز ئالدىمدا تۇرىۋالدى. ئۇلار كىمنىڭ ئالدىدا خار بولار....شۇڭا ...
ئادىل گېپىنى تۇختىتىۋالدى. ئۇنىڭ لەۋلىرى تىتىرەپ كەتتى، بۇنى كۆرگەن قىزنىڭ كۆزىگە لىق ياش تولدى.
-شۇڭا، سىزدىن ئۆتۈنۈشۈم، مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، سىز بىلەن ئۆتسەم بەخىتلىك بولۇشۇم ئېنىق، لېكىن مەن ئاشۇ بالىلىرىمنى بەخىتسىز قىلىش ھېسابىغا بەخىتلىك بولسام بولمايدىكەن. مېنى كەچۈرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. سىز چوقۇم بەخىتلىك بولالايسىز، چۈنكى سىز بەك ياخشى قىز. سىزنى بەخىتلىك قىلالايدىغان ئادەمنىڭ چىقىشى ئېنىق....
ئادىلە بېشىنى تۆۋەن قىلىپ تۇرۇپ كەتتى. ئۇ ھامان بىركۈنى بۇگەپنى ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويغانمۇ بولغان ئىدى. لېكىن، ئەمىلىيەتتە ئاڭلانغاندا بۇنچىلىك قورقۇنۇشلۇق گەپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىغان ئىدى. ئۇنى يەنە يىغا بېسىشقا باشلىدى. شۇ تاپتا ئەتىراپىدا ئادەم بولمىغىنىدا بارلىق ئاۋازى بىلەن ۋارقىراپ، بىريەرلەرگە ئۈسسۈپ، ھاياتلىقتا ئازاپ-ئۇقۇبەتتىن باشقىغا دۇچارقىلمايدىغان بېشىنى يېرىۋالغان بۇلاتتى. لېكىن بۇيەردە ئۈزىنى تۇتۇۋالمىسا ئۈزىگىمۇ ئادىلغىمۇ سەت ئىدى.
-ماقۇل، مەن سىزنى ئىزلىمەي، باشتا ئىككىمىز تونۇشقاندا بۇنداق بولارىنى بىلگەن بولسام، ئاشۇ چاغدا كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۆتۈپ كىتەركەنمەن.

ئادىلەنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش تەڭلا سىرىلىپ چۈشتى ! لەۋلىرى تىتىرەيتتى، بىرنىمىلەرنى دىگۈسى بارئىدىيۇ ئېغىزىدىن چىقمايتتى.
ئۇلار تاسادىپىي تونۇشۇپ قالغان، ئۇ چاغلاردا ئادىلنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم ئىدى.
داۋامى بار

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
394

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:06:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايې تېخىمۇ تۇلۇقلىنىۋاتىدۇ .
Aydar ھەدەمنىڭ ئېغىر كۆرمەي داۋامىنى  تۇلۇقلىۋېتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

Rank: 8Rank: 8

توردا
212 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
394

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:08:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 17:38
گەپ چۈشۈنەمسىز يا؟
يازغان ئىنكاسىمنى توغرا ھەزىم قىل ...

ئېسىل ئايالكەنسىز . . . بەختىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rohqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:11  


Rank: 8Rank: 8

توردا
550 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
838

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى 21:13:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتتىق يازىمەنغۇ
ئەتە پۈتكۈزىۋىتىمەن

ۋاي پۇتۇم!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى 21:39 , Processed in 0.047714 second(s), 19 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش