ئىككى ئاي بۇرۇن مۇشۇ خىل مەزمۇندىكى تىمىغا مۇنداق ئىنكاس يازغان ئىدىم
تىما ئادېرسى:
http://7qiz.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1756
ئوقۇغۇچى ۋاقتىمىزدا «xx سىنىپتىكى xx غا تىگىدۇ» دەپ ئەۋەتىلىدىغان ئاللىقانداق خەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئالاتتۇق. ئۇ خەتلەردە «بۇ خەتنى xx كىشىگە تارقاتمىساڭ ئۇنداق بولىسەن، مۇنداق بولىسەن، پالانى يەردىكى پالانى بۇ خەتنى تارقاتماي باسۇرۇپ قويغان. xx كۈندىن بالا-قازاغا ئۇچرىغان » دىگەندەك گەپلەر بولاتتى.
يېقىندى بېرى qq توپلىرىدا «مەن سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكى پالانى مەسچىتنىڭ ئىمامى پالانى بولىمەن، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشۈمدە كۈردۈم ............ بۇ خەتنى تارقاتمىغانلار ئۇ بولغاي، بۇ بولغاي» دىگەن مەزمۇدىكى بىر خەت ئېقىپ يۈرۈۋاتىدۇ.
بۈگۈن بۇ تېمىنى كۆرۈپ، ئۈستىدە دەپ ئۆتكەن خەتلەردىن ماھىيەتلىك پەرقىنى سىزەلمىدىم. بۇ تېمىنىڭ ئاقماس تېما ئىكەنلىكىگە ئاساسىم تۆۋەندىكىچە:
1. تېمىدا بىرمۇ پاكىت يوق:
(1) Titanic نىڭ 1912-يىلى چۆكۈپ كەتكەنلىكى ھەممىگە ئايان. تېما ئىگىسى بۇنى ئاللاھنىڭ غەزىپى كېلىپ چۆكتۈرۈۋەتتى، دېگەن. پاراخوت كاپىتانىنىڭ بىر ئېغىز گېپى فىرئەۋىننىڭ گېپىدىن ئېغىر ئەمەستۇ؟ قادىر ئاللاھ ئۆزىنى ئىلاھ دەپ جاكارلىغان فىرئەۋىننىمۇ شەرمىسار قىلمىغان. ئۇنىڭ ئالدىدا Titanic نېمىتى؟
مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرىنى بۇ دۇنيادا رەسۋا قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ھەدىس كۆرگەن. مۇنبەردە دىنى بىلىم يۇقىرىراق بالىلار بولسا چۈشەنچە بەرسەڭلار، مەن ئۇ-بۇ دەپ ئۆزۈمگە بىھۇدە گۇناھ ئارتىۋالماي.
(2) بىز مارىلىن مونرونىڭ 60-يىللاردا سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇنىڭ سىرلىق ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى تېخى تەلتۆكۈس ئېچىلغىنى يوق. يەنە كېلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپاتىدىن كېيىن، ئاللاھ ھېچقانداق بەندىنى ئىنسانلار ئارىسىغا ئەۋەتكەن ئەمەس. مۇشۇنداق پاكىتلىق ئەھۋالدا مارىلىن مونروغا «مېنى ئاللاھ ئەۋەتتى» دېگەن ئايال زادى كىم؟ قېنى بۇنىڭ ئېنىق پاكىتى؟
(3) بىرازىلىيە رەئىسى Tancredo Nevesتانكىرىدو نىۋىس
بۇ كىم ئەمدى، پارلامېنت تۈزۈمىدىكى پىرېزدېنت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ئەلدە نەدىن كەلگەن رەئىس بۇ ؟
2. بۇ يازمىدا ئىسلام دىنى خۇنۇكلەشتۈرۈلگەن.
تىما مەزمۇنىنى ئوقۇساق تېنىمىز شۈركۈنىدۇ، كامىل مۇسۇلمان بولمىساق شۇ كۈنلەرگە بىز قالىدىغاندەك ھىس قىلىمىز. مۇشۇنى مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەر كۆرسە، سىزچە ئىسلامغا كىرەرمۇ؟
سىز بىراۋنى «مۇسۇلمان بولمىساڭ، سەن چىققان پاراخوت چۆكەپ كىتىدۇ، مۇسۇلمان بولمىساڭ ماشىناڭ داۋاندىن چۈشۈپ كىتىدۇ، دەرھال مۇسۇلمان بول» دەپ، ئىسلامغا دەۋەت قىلماقچىمۇ؟
مېنىڭ بىلىشىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنى قانداقتۇر تەھدىت ئارىلاش ۋەقە، يازمىلار بىلەن ئەمەس، ئىسلامنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئىمانغا چاقىرغان.
بىز ھىسياتنىڭ كەينىگە كىرىپ، زىياننى ئاز تارتتۇقمۇ؟ سىز ئەمدى ئىسلام، ئىمان مەسلىسىدىمۇ ھىسياتقا يول قۇيۇۋاتامسىز؟ ئاللاھ ئىنسانغا ئەقىل بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئىمان، ھىدايەت ئەۋەتتى.
سىزگە بىرسى ھېچقانداق پاكىتسىز ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر مۇنداق ئېيتتى دىسىە، سىز ئاللاھ دەپتۇ، پەيغەمبەر دەپتۇ دەپ ھەممىسىگە ئىشىنەمسىز؟ ئىش مۇنداق بولسا، ھەدىسشۇناسلارنىڭ سەھىھ ھەدىس، زەئىپ ھەدىس دەپ ئايرىشىنىڭ نىمە ئەھمىيىتى؟
ئاللاھغا قارىغۇلارچە ئەمەس، تېگىدىن چۈشىنىپ ئىشەنسەك تېخىمۇ ئوبدان بۇلارمىكىن دەيمەن...