يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: peacelife212

ياخشى سۆز ئاڭلامسىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
233 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1302

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى 23:49:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىڭلارنىڭ چىقىش نۇقتىسى بىركەنغۇ ....
peacelife212چېچىلماڭچۇ ، ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە

مەنىسىز سۆھبەتتىن تەنھا سۈرگەن خىيال ياخشى ...

Rank: 4

توردا
66 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
9
يازما
254
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى 23:59:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇشمىغۇچە تېپىشماس دەپتىكەن. سىزدىن ئەپۇ سورايمەن. بىر بىلىملىك قېرىندىشىمنى رەنجىتىپ قويغىلى تاسلا قاپتىمەن، ئوقۇشماسلىق سەۋەبىدىن، كەچۈرۈڭ، ئىنسان ئەپەندىم.

Rank: 1

توردا
35 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى
نادىر
0
يازما
89
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 00:04:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوڭۇلدىكى چىگىشلەر يېشىلدى. پىكىرلىشىپ ئۆتكەيمىز.
بىلىم ئېلىش كويىدا يۇرۇپتىمەن، لىكىن نىشاندىن تېخى يىراق. ئاللا نىشانغا يەتكۇزسۇن، رەھمەت بۇرادەر!

ئىنسانلىقىمغا گۇماندىمەن!

Rank: 4

توردا
221 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
786
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:42:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم باشلىغان بولغۇيتى ھە  تارقىتىشنى

ئاھ ، شۇنچىلىك قېيىن  مۇھەببەت ئازابى ،
ئاھ شۇنچىلىك  سالقىن كۆڭۈلنىڭ باھارى .

Rank: 1

توردا
6 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
نادىر
0
يازما
65
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى 20:43:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى سۆز بولسا ياق دېمەيلا ئاڭلىۋېتىمەن، راستىنلا بۇنداق قالايمىقان تەشۋېقاتلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس.

مۇنبەر مەسئۇلى

نازارەتچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
573 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
0
يازما
1181

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى 11:15:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تىنىچ تۇرمۇش بىلەن ئىنساننى قاراڭلار، ئەرلەر ئىچىدىمۇ مانا بۇنداق ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، سوغۇققانلىق بىلەن بىراقلا دوستلىشىپ كېتىدىغانلىرى بولىدىكەن. ھېلىمۇ «نېمە دىمەكچىسىلە؟ نەرىڭلىگە دەز كەتتى؟ تېمامنى، يازمامنى قالايمىقان چۈشنىۋېلىپ...» دېيىشپ كەتكەن بولسا بىزمۇ بەك بىئارام بولغان بولاتتۇق، ھەر ئىككىيلەن ئۇقۇمۇشلۇق بالىلار بولغاچقا، بىردەمدىلا چۈشىنىشىۋالدى مانا!
   ئەمدى بۇ خەت مەزمۇنىغا كەلسەك، ئالدىنقى كۈنلىرى بۇنىڭدەك خەتلەر كىيۇ-كيۇدا تارقىتىلىپ كەتتى زادى، مەنمۇ كارىم بولماي قايتۇرماي ئولتۇردۇم، ئەمما راستىنى دېگەندە ئازراق كۆڭلۈم گۈدرەتلەنگەندەكمۇ بولدى... زامان ئاخىرى بولىدۇ، دەپ بۇ خەقلەر تىنىچ تۇرمۇشىنى كەچۈرمەي، ھەر خىل ئۆسەكلەرنى تارقىتىشىپ مۇشۇنداق، ئادەمنى ياشىغىلى قويمايدىكەن...تېما ئىگىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرغىنىغا رەھمەت!

    1994-يىلى 10- ئاي مەزگىلى، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. بىر كۈنى تۇيۇقسىز ناتۇنۇش بىر كىشىدىن خەت تاپشۇرىۋالدىم، ئېچىپ كۆرسەم مەزمۇنى يۇقىرىدىكىگە ئوخشاپ قالىدىكەن. بۇ خەتنى تاپشۇرىۋالغان كىشى 10 كىشىگە تارقىتىشى كېرەك، ئۇنداق ئامەت كېلىدۇ، بۇنداق باي بولىدۇ، دېگەندەكمۇ ئەيتاۋۇر، مەزمۇنى تازا ئېسىمدە قالماپتۇ. شۇنداق قىلىپ نېمىشقىدۇر خەت قايتۇرۇشنى ئويلاپ قالدىم، ئانچە-مۇنچە غەيرى ئىشلارنىمۇ قىلىپ باققۇم كېلىدىچۇ بەزىدە. ئۇياننىڭ ئورنىدا قايتۇرۇپ باقاي، دەپ 10 كىشىنىڭ ئادرېسىنى ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن سوراپ يۈرۈپ يازدىم. شۇ چاغلاردا بىر پارچىسى بۆرىتالاغا كېتىپ قاپتىكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي  جىڭ ناھىيىلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپتىن گۈلىستان ئىسملىك بىرەيلەندىن خەت تاپشۇرىۋالدىم، خېتىدە  مېنىڭ بۇنداق خەتلەرگە ئىشەنمەسلىكىمنى، ئەۋەتكۈچىلەرگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكىمنى ئېيتىپ، بىر مۇنچە سۆزلەپتۇ، مەنمۇ ئۆز ئويلىغىنىم توغرىسىدا  يېزىپ خەت قايتۇردۇم. شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن بەكلا چىقىشىپ كەتتۇق، ھەر ئىككىيلەن ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلىدكەنمىز، ئويلىغانلىرىمىز بىر يەردىن چىقىپ دېگەندەك داۋاملىق ئالاقە قىلىشىپ يۈردۇق. شۇنداق قىلىپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى. كېيىن ھەممەيلەن قولىمىزغا كەلگەن چاقىرىقىلىرىمىز بويىچە ئالىي مەكتەپكە كەتتۇق. 1998-يىلى يازلىق تەتىلگە كەلگەندە مالىيە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيدىغان دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، بىر قاراردىن بارغان قىزلارنىڭ ئىچىدە جىڭلىق گۈلستان دەپ بىرىنىڭ بارلىقىنى، باشقا كەسىپتە ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدىم. شۇنداق قىلىپ چوقۇم شۇ قىزكەندە، دەپ ئويلىدىم. دوستۇمغا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپ، قايتقاندىن كېيىن ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشنى تاپىلاپ قويدۇم. شۇنداق قىلىپ 1999-يىلى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەنئەت بايرىمىغا بىز مەكتەپ ئۆمىكىدىن 46 بالا شۇ مۇسابىقىگە قاتناشماقچى بولۇپ، مالىيە ئىنىستىتۇتېغا كەلدۇق. ئورۇنلىشىپ بولۇپ دوستۇم بىلەن كۆرەشتۇق، ئۇ مېنى گۈلىستاننىڭ ياتىقىغا باشلاپ كىردى، كىرىپلا ھەر ئىككىيلەن بىر-بىرىمىزنى تونۇۋالدۇق(خەتلىرىمىزدە رەسىم ئەۋەتىشىپ يۈرگەن) ، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، سىردىشىپلا كەتتۇق. شۇ پېتى ئالاقىمىز قايتىدىن باشلىنىپ كەتتى. كېيىن جىڭلىق مەكتەپدىشىم ئارقىلىق نەرسە-كېرەك ئەۋەتىشىپ يۈرۈشتۇق، ئۇلار تونۇشىدىكەن ياخىشى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۆز يۇرتلىرىمىزغا قايتتۇق. تېلغۇن ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ يۈرۈپ، ئارىلىقتا  قانداق بولدى ئىشقىلىپ ئۈزۈلۈپ قالدى، كېيىن بىر تېل قىلسام ئاپىسى ئېلىپ، ئۆز ئۆيىدە، توي قىلدى دېدى، ئاپىسىمۇ شۇنداق ئوچۇق ئايالكەندۇق. گۈلىستاننىڭ نومۇرىنى بىلىۋېلىپ تېل قىلدىم، سۆزلەشتۇق. شۇ تەرىقىدە 2004-يىلىغا كەلگەندە يەنە ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇ يىلى 8- ئايدا ساياھەت بىلەن شۇ تەرەپكە ئۆتەپ قېلىپ، ناھىيە بازىرىدا تۇرۇش ۋاقتىمىز قىسقا بولغانلىقتىن، ئىزدەش مۇمكىن بولماي قالدى. مانا ھازىرغىچە بىلىشمەيمىز. ئۆتكەن يىل جىڭلىق مەكتەپدىشىمنى 组织, 人事 تارماقلىرىدىن ئىزدەپ يۈرۈپ  مىڭ تەسلىكتە تاپتىم، ئۇنىڭدىن گۈلىستاننىڭ خەۋىرىنى بېرىشنى سورىدىم، تا ھازىرغىچە خەۋىرى يوق.....  
   مەن خەت تاپشۇرىۋالغان ھېلىقى خەت ئىگىسى تۇرپان شەھەر ئايدىڭكۆل ئىتتىپاق ئوتتۇرا مەكتىۋى 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى روزى(فامىلىسىنى چورتلا ئۇنتۇپتىمەن) ئىكەندۇق، ئۇ بالا بىلەنمۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ئالاقىلىشپ يۈرۈپ، كېيىن ئۈزۈلۈپ قالدۇق.
  بۈگۈن يۇقىرىدىكى تېمىنى كۆرۈۋېتىپ 10 نەچچە يىل بۇرۇنقى شۇ ئىشلار ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئاشۇ خەت سەۋەبىدىن بىر دوستقا ئېرىشىپتىكەنمەن، زىيانمۇ قىلمىغان بولمىسا. بۈگۈن ئۆزۈمچە بۇنى يازغۇم كەلدى. شۇ بالىلارنى ئەسلەپ قالدىم.




ھەر بىر كۈن يېڭى بىر ھايات!

Rank: 1

توردا
20 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
0
يازما
137
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:44:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا مەنمۇ قەھۋە قىزنى دوراپ بولمىغاندا بەش ئادەمگە ئەۋەتىپ باقسام بىرەر دوستقا ئېرىشىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس، بولسىغۇ كېلىشكەن ئوغۇل دوستقا ئېرىشىپ قالغان بولسام

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى 05:29 , Processed in 0.040737 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش