يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 773 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: Erkman

تارىم دادخاھ ھەققىدە ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 16:22:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىچارە تارىم دادخاھ

ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەندىكى بىر يەكشەنبە كۈنى بارلاسنىڭ ياتاققا سالپىيىپ كىرىپ كەلگىنىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم. تارىم دادخاھنىڭ دادىسى دادخاھ دەرۋىش بىلەن دادام بىر ئۆمۈر قوشنا بولغان ئىكەن، ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بوۋام دەرۋىش دۈمچەك ( زىيادە ئېگىز ئادەم بولغىنىدىن سەل ئېڭىشىپ ماڭغاچقا دۈمچەكتەك كۆرۈنىدىكەنمىش )بىلەن بىر ئۆمۈر قوشنا بولغان ئىكەنمىش، يەنە نېرىسىنى سۈرۈشتۈرسەم دەرۋىش دۈمچەكنىڭ دادىسى يۈسۈف دورغا بىزنىڭ ئەجدادقا قوشنا ئىكەنمىش، ئۇنىڭدىن نېرىسىنى دېسەم بەلكىم گەپ ئۇزىراپ كېتىشى مۇمكىن ، شۇنداقتىمۇ دەپ ئۆتەي، يۈسۈپ دورغىنىڭ دادىسى ئېلى قالماق تۈتۈنبېگى بىزنىڭ ئەجداد بىلەن ئوخشاشلا قوشنا ئولتۇرغان ئىكەن. دادام تەقۋادار ھەم ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن مەككە مۇكەررەمەگە ھەج تاۋاپ قىلىپ كەلگەن كىشى بولغاچقا، دادخاھ دەرۋىشكە چىن ئىخلاسى بىلەن ياشايتتى، چۈنكى مەھەللىمىزدىكى ئاددىي مەسچىت دادخاھ دەرۋىشنىڭ ئىمامەتچىلىكىدە مەھەللىنى ئېجىل – ئىناقلىققا باشلايتتى. دادام بۇ جەمەتنىڭ كېلەچىكى بىلەن بىزنىڭ جەمەتنىڭ كېلەچىكىنى بىر يىپقا باغلىۋالغان بولسا كېرەك، دائىم «ئادەم بولساڭ بارلاستەك بول» دېگەننى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى ھەم مېنى بارلاستىن ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىپ تۇراتتى. «بىزدىن يىراقتىكى ئۈرۈمچىدە بولساڭلارمۇ چوقۇم يېقىن قوشنا بولۇپ ئۆتۈڭلار » دەيتتى. بۇ چوڭ شەھەردە نەدىمۇ ئۇنداق ئىش بولسۇن دەيسىلەر، ئالىي مەكتەبتە بىر سىنىپتا ئوقۇدۇق، بىر ياتاقتا ياتتۇق، ئەمما خىزمەتكە چىققاندا بىر ئىدارىدە ئىشلىگىلى، ئۆي-ئوچاقلىق بولغاندا يەنە قوشنا بولۇپ ئۆتكىلى بولاتتىمۇ؟ ئەمما بىز يەنىلا شۇنداق بولدۇق...

ۋاي ئاللاھ، نېمىلەرنى يېزىۋاتىمەن ؟ تارىم دادخاھنىڭ سىرتتىن سالپىيىپ كىرىپ كەلگەن ھالىتىنى كۆرۈپ بۇلارنى ئويلاپ كەتكىنىمنى كۆرۈڭ ! جەمەت تارىخى سۆزلەشكە كىرىشىپ كېتىپتىمەن ئەمەسمۇ ؟ شۇنداق قىلىپ تارىم دادخاھ سىرتتىن سالپايغان ھالەتتە كىرىپ كەلدى. ئەزەلدىن جىددىي، ئەستايىدىل قىياپەتتە خۇشال-خۇرام يۈرىدىغان بارلاسنىڭ چىرايىدا تاتارغىنىدىن قان دىدارى قالمىغان ئىدى.

«جۈرە ئاداش، قىزىلتاغ بازىرىدىكى تۇرسۇن قۇچقاچنىڭ ئاشخانىسىغا بېرىپ بىرنى ئىچىپ كېلىلى» دېدى ماڭا. مەن لىككىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. 1-يول ئاپتوبۇسى بىردەمدىلا بىزنى «قىزىلتاغ» بېكىتىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇ «خامىداچۈ» دېگەن ھاراقتىن بىر بوتۇلكا ئالدى. بۇ قۇمۇلنىڭ ئىچىش بەك قىيىن بولغان يۇقىرى گىرادۇسلۇق ئاق ھارىقى ئىدى. ھاراقنى كۆرۈپ ئىچىمدە قورقۇپ قالدىم. ئىككىمىز بۇنىڭدىن بىرنى ئىچسەك نېمە بولۇپ كېتەرمىز-ھە ؟ دەپ ئويلىدىم. ئەمما بىرنەرسە دېيەلمىدىم. 7 موچەندىن ئىككى تەخسە لەڭمەن يەپ يەنە 5كويلۇق قورۇما بۇيرۇتتۇق. مەن ئۇنىڭ تۇنجى رۇمكىنى چىرايىنى پۈرۈشتۈرمەي تۇرۇپ «غۇرتتىدە» يۇتۇۋەتكىنىگە قاراپ شۈركۈنۈپ كەتتىم. ماڭا نۆۋەت كەلگەندە بىر رومكا ھاراقنى يىلاندەك تولغىنىپ يۈرۈپ،چىرايىمنى يۈزۈمگە قونغان چىۋىننى مىجىۋەتكىدەك پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ ئاران يۇتتۇم.

«بۈگۈن گۆھەرنىڭ ياتىقىغا ئىزدەپ سىرتقا تەكلىپ قىلسام بوسۇغىدىلاقولۇمغا ماۋۇ خەتنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ ‹بۇنىڭدىن كېيىن مېنى ئىزدىمەڭ› دەپ ياتىقىغا كىرىپ كەتتى. خەتنى كۆرۈشكە زادىلا جۈرئەت قىلالمىدىم، يۈزۈمگە ئىشىك ياپقىنىچۇ تېخى؟» ئۇ بېلىق كۆزى تولدۇرۇپ يەنە بىر رومكا ئىچتى ۋە يانچۇقىدىن ھېلىقى خەتنى ماڭا تەڭلەپ« سەن كۆرۈپ باققىن، نېمە دەپ يازدىكى؟» دېدى. خەتنى ئېلىپ ئاچسام « تارىم دادخاھ ، سىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت، ئەمما مەن سىزدىن چوڭ ، بىزنىڭ نەلەرگە كېتىشىمىزنى ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ، باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، ياش پەرقىمىزلا بىزنى مەڭگۈ بىر يەرگە ئېلىپ كېلەلمەيدۇ ، سىزگە بەخت تىلەپ: گۆھەر» دەپ يېزىلغان ئىكەن. خەتنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەردىم، ئۇمۇ كۆردى. بىر چاغلارغىچە ئۈندىمەي تۇرۇپ كەتتى. ھېچ نەرسە دېمىدى، ئىككىمىز ئەنە شۇنداق جىمجىتلا بىر بوتۇلكىنى بوشاتتۇق. ئىچىمدە بۇمۇ ياخشى بولغىنى، دېمىسىمۇ گۆھەر ئۇنىڭدىن 2~3ياش چوڭ تۇرسا ؟ دەپ ئويلىدىم. قادىر يولۋاس بىلەن بولغان ئىش چىرايلىقچە تۈگەپ ، مەندىن ئەپۇ سورىغان ھەم بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزئارا سەن-پەن دېيىشمەي ئۆتۈشىدىغان بولغان...

شۇنىڭدىن كېيىن تارىم دادخاھ ئادەم بىلەن ئارىلاشمايدىغان، مەن بىلەن ئانچە-مۇنچە يۇرتتىكىلەر ھەققىدە سۆزلىشىپ قويغاندىن باشقا ھېچكىمگە گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. دەرس ۋاقتىدا تارتمىسىدىكى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»نى كۆرۈپ ئولتۇراتتى. بىر پارتىدا بولغاچقا مۇئەللىم بىز تەرەپكە نەزىرىنى ئاغدۇرغاندا يېنىك نوقۇپ قوياتتىم. ئۇنىڭ تامىقىمۇ ئازلاپ خېلىلا ياداپ قالدى. مەن ئۇنىڭدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كىچىكلىك قىلىپ دادامغا خەت يازغاندا يېزىپ ساپتىمەن، كېيىنكى ئىشلاردا بىرمۇنچە كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ ئۆتتى.

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 16:22:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تويدا تويۇپ ئاش يېگەن رەھىمسىز تارىم دادخاھ
تارىم دادخاھنىڭ ئۆمرىدە ئۇنتۇلماس بىر ئىش قالغىنى ئۈچۈن شۇ ئىشىغا ھېلىمۇ ئۆكۈنۈپ يۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنبەردىكىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتەي دەپ قالغان ھېلىقى « توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم » دېگەن ئۇلۇغبېكنىڭ شېئىرىنى ئالايىتەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ مۇشۇ مۇنبەرگە يوللىغان. بۇ شېئىرنى تېخى كۆرمىگەن مۇنبەرداشلارنىڭ ئېسىگە سېلىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇ شېئىرنى بۇ ھېكايىگە قىستۇرما قىلدىم :

توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم

ئۇلۇغبېك ( ئۆزبېكىستان)

توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم ،

(نېمە قىلاي ، قارنىم ئاچ ئىدى ؟ )

بەختىمنىڭ كەتكىنى ھەم راست ئىدى،

دەرد-پىغانغا تويۇب ئاش يېدىم.

ئېرىڭنىڭ نەزىرى توختىغان مەندە ،

(بىچارەنىڭ قارنى ھەم ئاچ ئىكەندە؟)

مېنىڭ ئەس-ھوشۇم لېگەندە،

ئالەمنىمۇ ئالىمەن شۇندىن،

توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم.

ئۈچ لېگەننى بوشاتتىم تەنھا ،

(توي بولاتتىمۇ ھەر كۈندە ؟)

ئەمدى چاينى بېرىشسۇن ساماۋاردا،

توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم،

پۇخادىن چىقتىم -_ تويۇپ ئاش يېدىم.

ساھىبخانا دەرھال مەن تامان كەلدى،

(ئاش يەپ بولغىنىمنى ئۇ بەلكىم بىلدى)

شۇندا ماڭا ھەم ئىنساپ كىردى ،

دۇئاغا قول كۆتۈردۈم مەنمۇ شۇندا

(توي بولامتى ھەربىر كۈندە؟)

ئامىن! ئىككى ياش بەختىنى تاپسۇن!

ۋەدەسىگە ۋاپا قىلىشسۇن!

توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم.

ئاشنى يېدىم ھەم چاينى ھەم ئىچتىم،

ئىززىتىمنىڭ بارىدا ئۆيۈمگە يۈردۈم ،

شۇنداق قارىسام ئۆيدە بىر ئۆزۈم ،

ۋاي ئاللاھ ، دوختۇر سىزدە بارمىكىن داۋا؟

توي كۈنۈڭدە تويۇپ ئاش يېدىم !

توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم،

ئەلەمگە پايلىماي ئوپقاندەك يېدىم،

قارنىم يېرىلىپ ئۆلەي مەن دېدىم!


ئەمدى گەپنى چارەك ئەسىرچە ئىلگىرىكى چاغلارغا قايتۇراي .

شۇ كۈنلەردە تارىم دادخاھ مەندىن خېلىلا خاپا ئىدى . بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق بولغان : دادام ھەر قېتىم ماڭا يازغان خېتىدە « ئادەم بولساڭ تارىم دادخاھتەك بول ، ھە ، ئۇچۇ ، ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ ؟ قوشنا بولغاندىكىن ئوبدان ئۆتۈۋاتقانسىلەر ؟ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەردىن ۋە مەندىن ئىسمىمنى ئاتاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا سالام دەپ قوي » دەپ يېزىشنى زادىلا ئۇنتۇپ قالمايتتى. مەن كەم ئەقىل كېلىپ مەكتەبتە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ۋە تارىم دادخاھنىڭ مىجەزىدە كۆرۈلگەن يېقىندىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆيگە خەت يازغاندا ئۆيدىكىلەرگە دەپ بەرگەن ئىدىم . بۇ ئىش دادخاھ دەرۋىشنىڭ قۇلىقىغا يەتمەي قالمايدىغانلىقىنى مەن نەدىن بىلەي ؟

بىر كۈنى كەچتە ئەمدى ياتايلى دەپ تۇرساق ياتاق ئىشىكى قاتتىق چېكىلدى ، مەن بېرىپ ئىشىكنى ئېچىشىمغا ياتاققا تامدەك بىر گەۋدە كىرىپ كەلدى ۋە :

_ تارىم دادخاھ دېگەن گالۋاڭ مۇشۇ ياتاقتا تۇرامدۇ ؟ _ دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى. بۇ دەل مېنىڭ يۇرتىمىزدىكى قوشنام ، تارىم دادخاھنىڭ دادىسى دادخاھ دەرۋىشنىڭ نەق ئۆزى ئىدى .

_ ھوي ، سەن ھىجرانغۇ ؟ سەمرىپ توپتەكلا بوپقاپسەن ، ياخشى تۇرۇۋېتىپسەن-ھە ؟ _ دېدى ماڭا قول بېرىپ ، _ تارىم دادخاھ قېنى ؟ كۆرۈنمەيدىغۇ ؟

_ مەن چاقىرىپ كىرەي ، سىنىپتا قالغان ئىدى ، _ دېدىم ۋە چاپىنىمنى كىيىپ سىرتقا چىقتىم. مەن بۇ ئاچچىقى يامان چۇس مىجەزلىك قوشنامدىن بەك قورقاتتىم . شۇ تاپتا تالا بەكلا سوغۇق ئىدى . تارىم دادخاھنىڭ بارىدىغان يېرى ماڭا ئايان ئىدى . ئۇ گۆھەر ئىسىملىك شۇ قىز بىلەن « بېيجىڭ يولى» نى قار - شىۋىرغانغا قارىماي بىللە چىڭدايتتى . ھە راست ، ئەمدى دېمىسەم بولمىدى ، « تۇرسۇن قۇچقاچ »نىڭ ئاشخانىسىدا چىرايىمنى چىرايىمغا قونغان چىۋىننى مىجىۋەتكىدەك پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ بىر بوتۇلكا ئىچىپ چىققاندىن كېيىنكى كۈنلەرنىڭ بىر مەزگىلىدە تارىم دادخاھ ئادەملەر بىلەن ناھايىتى ئاز ئارىلىشىدىغان بولۇۋالدى، مەن بىلەن ئانچە-مۇنچە ئەھۋاللاشقاندىن باشقا ھېچكىم بىلەن بېرىش-كېلىش قىلماي « قىزىل راۋاقتىكى چۈش »بىلەن بولۇپ كەتتى. ئەمما بىرەر ئاي ئۆتە - ئۆتمەيلا ھېلىقى چىرايلىق قىز گۆھەرنى قانداق ئۈندەككە كەلتۈردىكىن، ئىككىسى ئايرىلمايدىغان بولۇۋالدى، كەچلىك ئۆگىنىشتىن قايتقاندا ئۇ ئىككىسى مانا مۇشۇ «بېيجىڭ يولى »نى چىڭداپ ھارمايتتى. ئۈرۈمچىنىڭ بەكلا سوغۇق كۈنلىرى بولغاچقا مەن شۇتاپتا بەكلا توڭلىغان ئىدىم. ئەمما ئاۋۇ ئىككىسى قولتۇقلىشىپ ھېچ توڭلىغاندەك قىلمايتتى. ئۇلارمۇ مەكتەپ تەرەپكە قايرىلدى. مەن دەرۋازا قېشىدا ساقلاپ ئۇلارنىڭ كېلىشىنى كۈتتۈم.

_ داداڭ كەپتۇ ! _ دېدىم مەن ئۇلار كەلگەندە ، دېمىسىمۇ مېنىڭ دەرۋازا تۈۋىدە تۇرغىنىمنى كۆرگەن تارىم دادخاھ ھەيران بولۇۋاتاتتى.

تارىم دادخاھ گۆھەرنى ياتىقىغا ئاپىرىپ قويۇپ ياتاققا كەلدى . ئۇ دادىسىنى كۆرۈپ بەكمۇ قورققان ئىدى.

_ ھاي ، ئادەم ئۇرغان نوچى سەن شۇما ؟ بىزنىڭ جەددى-جەمەتىمىزدىن سەندەك نائەھلىي چىققان ئەمەس ، سېنى ئوقۇسۇن، ياخشى ئادەم بولسۇن ، ئاتا-بوۋىلىرىدەك ، مانا مەندەك كەتمەننىڭ قۇلى بولۇپ قالمىسۇن ، دەپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتسەم ئەمدى نېمە قىلىق بۇ ؟ بالامنىڭ چوڭىكەن، دەپ ئەنسىرەپ بۇ شەگە كەلگۈچە نى كۈنلەرنى كۆرمىدىم ؟ بىلەمسەن ؟ بەش كېچە - كۈندۈزدە كەلدىم مەن بۇ يەرگە ...... _ دادخاھ دەرۋىشنىڭ چىشلىرى ئاچچىقتىن كىرىشىپ كەتتى ، مۇشتلىرى تۈگۈلۈپ ھېلى ئوغلىنى ئۇرىدىغاندەك قىلاتتى ، مەن بولسام نېمە قىلىشىمنى بىلمەي بىر چەتتە ھاڭۋېقىپ تۇراتتىم .
تارىم دادخاھ ئىككىمىز ئەتىسىدىن باشلاپ دادخاھ دەرۋىشنى ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىنى ئىككى كۈن ئايلاندۇرۇپ خۇشامەت قىلدۇق. توۋا دەيمەن ، ھەربىر قەدەم بېسىشلىرىدىن مەن «دىر» تىترىگەن دادىسىدىن تارىم دادخاھ قورقۇپمۇ قويمىدى.

ھېلىقى كۈنى كەچتە «دادا...» دەپ چىرايلىق سۆزدىن بىر تىزىق تىزىۋېتىۋىدى، مەن كىچىكىمدىن چۆچۈپ يۈرىدىغان بۇ ئاچچىقى يامان قېرى بىردىنلا كۈلگۈنچەك يولۋاسنىڭ ئۆزىلا بولۇپ قالدى. مېنىمۇ «ۋاي بالام، ئوغلۇمنىڭ سەندەك ياخشى قۇردىشى بولۇپ قاپتىكەن، بولمىسا قانداق قىلار بولغىيدىم بۇ تەنتەكنى » دەپ ماختاپمۇ قويدى. شۇنىڭدىن باشلاپ مەن بۇ قېرىدىن قورقماس بولۇۋالدىم،ئۇ ماڭا ئۇنچە سىرلىق-سۈرلۈكمۇ تۇيۇلماس بولۇپ قالدى. شۇغىنىسى تارىم دادخاھ يامان ئۆگىنىۋالدى. ھەتتا گۆھەرگە دادىسىنى مېھمان قىلدۇردى، مەن ئارقىلىق بۇ قىزنى كەلگۈسىدە ئەمرىگە ئالىدىغانلىقىنى دېگۈزدى. مەن بۇ قېرى چالۋاقاپ كېتىدىغان بولدى، ئەپ ئويلىغان ئىدىم، نەدىكىنى ، « ما بالىنى ، چوڭ بوپتۇ ، بوپتۇ ، ياخشى ئىشكەنغۇ، تەتىللەردە مەھەللىگە بارغاندا تىرگەنمۇ-تىرگەن، قوناقلىقمۇ-قوناقلىق مۆكۈپ-چېپىپ يۈرمەيدىغان بولدى...» دەپ قويدى. مەن بۇ گەپنى زادىلا چۈشەنمىدىم. كېيىن بۇ گەپنى تارىم دادخاھقا دەپ بېرىۋېدىم، بۇ ئاغىنەم ناھايىتى قاتتىق كۈلۈپ كەتىئى، شۇ كەمگىچە تارىم دادخاھنىڭ بۇنداق كۈلۈپ باققىنىنى زادىلا كۆرمىگەن ئىدىم.
ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتتى، گۆھەر مەكتەپ پۈتتۈرۈپ دوختۇرخانىدا قالدى، بۇ مەزگىلدە تارىم دادخاھنىڭ كۈنى بىراقلا ياخشىلىنىپ كەتتى، ئەلۋەتتە بۇغداينىڭ باھانىسىدە قارىمۇق سۇ ئىچكەندەك مەنمۇ بۇ ئاغىنەمنىڭ پايدىسىنى جىق كۆردۈم. بىزمۇ يېتىشىپ ئوقۇش پۈتتۈردۇق. دەسلىپىدە ئېيتقىنىمدەك ھەرقايسىمىز ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىمىزغا كېتىشتۇق. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە تارىم دادخاھ نېمە بولدىكىن بىلمىدىم، گۆھەرنى قاڭغىر قاقشىتىپ ئايرىلىپ كەتتى، گۆھەر مېنى ئارىغا سالدى. ئاغىنەمگە كۆپ يېلىنىپ تۇرۇپ خىزمەت ئىشلىدىم، گۆھەرنىڭ قىلغان ياخشىلىقلىرىنى، ئىككىسىنىڭ ئارىلىرىدا بولۇنغان نۇرغۇن دېگىلى بولمايدىغان ئىشلارنى يۈزىگە سېلىپ خىزمەت ئىشلىدىم، ئۇ زادىلا پەرۋا قىلمىدى. بىچارە گۆھەر يىغلاپ-قاقشاپ جىمىپ قالدى. ئارىدىن يېرىم يىلچە ئۆتكەن بىر چاغدا ھەر ئىككىمىز گۆھەر بىلەن قادىر يولۋاسنىڭ توي بارغىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. مەن ئۇنى تېخى بارمايدۇ ھەرقاچان ، دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما نەدىكىنى ، ئۇ گۆھەر خېلى قىممەت پۇلغا ئېلىپ بەرگەن،ئۆزىگە تولىمۇ يارىشىدىغان ئېسىل كاستۇم-بۇرۇلكىسىنى كىيىپ، چاچلىرىنى پارقىرىتىپ مايلاپ، ئاپئاق ياقا-يەڭلىك كۆينەكلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ، ئاق-قىزىل ئارىلاش رەڭدىكى مودا ئايىغىنى مايلىتىپ پارقىرىتىپ ( شۇ زاماندا بىر مەھەل شۇنداق بىر ئاياق مودا بولغان ئىدى ) تېببىي ئىنستىتۇتنىڭ مەرىكە زالىغا مەندىن بۇرۇن كىرىپ ، تويى بولۇۋاتقان قىز-يىگىتنىڭ ئۇدۇلىغا يېقىن بىر شىرەگە كېلىپ ئورۇن ئاپتۇ. بۇ تويدا يىگىت قادىر يولۋاس ئەمەس بەلكى تارىم دادخاھ بولۇپ قالغاندەك سېلىشتۇرما بولۇپ قالغان ئىدى. يىگىتنىڭ تويلۇق ياسىنىشى بەكمۇ ئاددىي-ساددا ئىدى، تويغا كەلگۈچىلەرمۇ تارىم دادخاھتەك پۇزۇر بولۇپ كېتىشمىگەن ئىدى. ئەمما توي باشلانغاندا يېنىمدىكى تارىم دادخاھنىڭ ئۇدۇلىدىكى گۆھەردىن كۆزىنى ئۈزمەي بىر نەرسە يەپ-ئىچىۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئولتۇردۇم. گۆھەرمۇ پات-پات ئوت چاقنىغان گۈزەل كۆزلىرى بىلەن تارىم دادخاھقا تىكىلەتتى. شۇ تاپتا بۇنداق ھالەتنى سەزگەن قادىر يولۋاسنىڭ ئىچى نېمە بولۇۋاتقاندۇ-ھە؟ بارلاس چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپمۇ قويماي ئىچەتتى ۋە چوكىلىرىنى بىردەم دەم ئالدۇرماي قورۇما-تائام يەيتتى. شۇنداق بولسىغۇ مەيلىتى، شىرەنىڭ ساقىيلىقىنى قىلىپ ئادەمگە ھاراقنى بولۇشىچە زورلاپ « ھەي ، تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچكەن ئوغا بالىدەك ئىچمەمسەن» دەپ قوياتتى. بىز ئولتۇرغان شىرەدىكىلەر مەست-ئەلەس بولۇشقان بولسىمۇ تارىم دادخاھ مىت قىلماي تىك ئولتۇرۇپ يەپ-ئىچىشىنى داۋام قىلاتتى، مەنمۇ ئاران-ئاران ئولتۇراتتىم. توي ئاخىرلاشقاندا بىز يۇرتلۇق بالىلار قىز-يىگىتنى ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ قويۇشتۇق. ئەلۋەتتە تارىم دادخاھمۇ بىللە ئىدى، بەلكى ۋەزخانىلىقنى يەنە كېلىپ شۇ ھۇجرىدىمۇ بىر بوتۇلكىنى بوشاتتى، ئۇنىڭ ھەربىر رومكا كۆتۈرگەن چاغدىكى كۆزلىرى يەر تېگىدىن گۆھەردىن ئۈزۈلمەيتتى. بەك ئوڭايسىزلىنىپ كېتىۋاتقان گۆھەرگە ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. قادىر يولۋاس بولسا بۇلارنى سەزمەسكە سالغان بولسا كېرەك، ھېچ ئىش بولمىغاندەك تارىم دادخاھنىڭ قولىدىن بەخت تىلەنگەن رۇمكىنى ئېلىپ ئىچتى...


قايتىپ چىققان چاغدا تارىم دادخاھنى ياتىقىمغا باشلىدىم. ئۇ ياتىقىمغا كىرگەندە مېنى بىر بوتۇلكا ئەكىرىشكە بۇيرۇدى، بىر بوتۇلكا ھاراق بىلەن بىر توخۇنىڭ گۆشىنى ئېلىپ كىرسەم، تارىم دادخاھ :
توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم ،

(نېمە قىلاي ، قارنىم ئاچ ئىدى ؟ )

بەختىمنىڭ كەتكىنى ھەم راست ئىدى،

دەرد-پىغانغا تويۇب ئاش يېدىم.



ئېرىڭنىڭ نەزىرى توختىغان مەندە ،

(بىچارەنىڭ قارنى ھەم ئاچ ئىكەندە؟)

مېنىڭ ئەس-ھوشۇم لېگەندە،

ئالەمنىمۇ ئالىمەن شۇندىن،

توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم.


ئۈچ لېگەننى بوشاتتىم تەنھا ،

(توي بولاتتىمۇ ھەر كۈندە ؟)

ئەمدى چاينى بېرىشسۇن ساماۋاردا،

توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم،

پۇخادىن چىقتىم -_ تويۇپ ئاش يېدىم.



ساھىبخانا دەرھال مەن تامان كەلدى،

(ئاش يەپ بولغىنىمنى ئۇ بەلكىم بىلدى)

شۇندا ماڭا ھەم ئىنساپ كىردى ،

دۇئاغا قول كۆتۈردۈم مەنمۇ شۇندا

(توي بولامتى ھەربىر كۈندە؟)



ئامىن! ئىككى ياش بەختىنى تاپسۇن!

ۋەدەسىگە ۋاپا قىلىشسۇن!

توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم.


ئاشنى يېدىم ھەم چاينى ھەم ئىچتىم،

ئىززىتىمنىڭ بارىدا ئۆيۈمگە يۈردۈم ،

شۇنداق قارىسام ئۆيدە بىر ئۆزۈم ،

ۋاي ئاللاھ ، دوختۇر سىزدە بارمىكىن داۋا؟

توي كۈنۈڭدە تويۇپ ئاش يېدىم !




توي كۈنىڭدە تويۇپ ئاش يېدىم،


ئەلەمگە پايلىماي ئوپقاندەك يېدىم،


قارنىم يېرىلىپ ئۆلەي مەن دېدىم!


دېگىنىچە مەن ئۆگىنەي دەپ ئەكەلدۈرگەن دۇتارنى بىر خەلق ئاھاڭىغا سېلىپ چالغاچ ناخشا قىلىپ ئېيتىۋاتقان ئىكەن.


--- بۈگۈن تازا ياخشى قىلمىدىڭ !---- دېدىم مەن. ئۇ مەغرۇرلارچە كۈلۈپ قويدى ، ئەمما ھېچنەرسە دېمىدى.

مۇشۇ مۇنبەرگە كىرىپ تارىم دادخاھنىڭ بارلىق تېمىلىرىنى كۆرۈپ باقتىم. شۇنىڭ ئىچىدە ئۇ 20يىللار ئىلگىرى دۇتاردا ناخشا قىلىپ ئېيتقان ئۆزبېك شائىرى ئۇلۇغبېكنىڭ بۇ شېئىرى ئۇنىڭ تېمىسى ئارىسىدا تولىمۇ بىچارە ھالدا تۈزۈكرەك ئىنكاسسىز تۇرۇپتۇ. قايسى كۈنى ئىككىيلەن بىللە تاماق يېگەن چاغدا ئۇنىڭغا بۇ شېئىرنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەسلەتسەم ، ئۇ قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقىنى، گۆھەردىن بەك رەھىمسىزلىك بىلەن ئۆچ ئالغانلىقىغا ئۆكۈنۈپ يوشۇرۇن ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى، مۇمكىن بولسا ھازىر تۇل قالغان گۆھەردىن تىزلىنىپ ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى ئېيتتى. چۈنكى تويدىن ئىككى يىل ئۆتمەيلا تۇغمىدى، دېگەن باھانە بىلەن قادىر يولۋاس گۆھەر بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپ باشقا بىرى بىلەن توي قىلغان بولسىمۇ يەنىلا پەرزەنتلىك بولالماي ھازىر ئۈچىنچىسى بىلەنمۇ پەرزەنتسىز ئاجرىشىپ كەتكەن ئىدى. ئاڭلىسام گۆھەر ئۆزىنىڭ تارىم دادخاھنىڭ يۈزىگە ئىشىك يېپىپ ئۇنى تاشلىۋەتكىنىدىن قاتتىق ئۆكۈنۈپ يۈرگەنمىش.!

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 16:23:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارماڭ !
ھىجران فىرانسوۋا ئاكىمىزنىڭ قەلمىگىمۇ بەركەتلەر تىلەيمىز، ئۇ ئاكىمىزنىڭ يەنە بىر نەچچە ئەسەرلىرى بولىدىغانغۇ، ئىسمىنى ئېسىمگە ئالالمىدىم، فىرانسىيە تۇرمۇشى تەسۋېرلەنگەن بولسا شۇنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ سۆيۈنگەن بولاتتۇق.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 16:23:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تامام ۋەسسالام !

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 16:47:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىگە خاتىمە ئورنىدا
(تارىم دادخاھ بىلەن گۆھەربانۇمنىڭ ھەقىقىي ھېكايىسى)
ھىجران فرانسوۋا

تارىم دادخاھ مىلادى 1900-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى خوتەننىڭ  كېرىيە ناھىيىسىدە بىر تۈگمەنچى ئاىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن (بۇ يىل توپ-توغرا 108 ياشقا كىرىدۇ). ئەسلى ئىسمى تارىم، دادخاھ دېگىنى تارىم دادخاھنىڭ دادىسى ھاشىم تۈگمەنچىدىن نەچچە ئەۋلاد ئىلگىرىلا ئۇلارنىڭ جەمەتىگە سىڭىپ قالغان ئاتالغۇ ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا دادخاھ دېگەن بۇ ئىسىمنى بەزىلەر "لەقەم" دەپ چۈشەندۈردى، يەنە بەسىلەر "نەسەب نامى" دېگەن بولدى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، "دادخاھ" دېگەن بۇ سۆز بۇ جەمەتكە نەچچە ئەسىر ھەمراھ بولۇپ كەلدى. سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا، تارىم دادخاھنىڭ گوھەربانۇم بىلەن تونۇشىشىمۇ دەل مۇشۇ "دادخاھ"نىڭ خاسىيىتىدىن بولغان ئىدى. بۇنىڭدىن ئالاھازەل ئازغىنا كەم بىر ئەسەر ئىلگىرىكى ھاۋا ئوچۇق كۈنلەرنىڭ بىرى ئىدى. تارىم دادخاھنىڭ كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان قىران چاغلىرى بولسا كېرەك، بۈگۈنمۇ ئىلگىرىكى ئادىتى بويىچە بېلىگە ئىككى زاغرىنى تۈگۈپ دولىسىغا كەتمىنىنى سالغىنىچە قۇم سايدىكى يەرگە سۇ ئېچىش ئۈچۈن گوھەربانۇملارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى يولدىن ئۆتۈپ قالدى. گۆھەربانۇم رېسىدە بولۇپ تولغان چاغلىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك ئىككى مەڭزى، سەدەپتەك چىشلىرى، ياشلىق ئۇچقۇنى چاناپ تۇرغان سېھىرلىك كۆزلىرىنى كۆرگەن  ئەركەك زاتىنىڭ خېلى كۈنلەرگىچە ئۇيقۇسى ھارام ئىدى. ئۇنىڭغا نى-نى يىگىتلەر ئىچ-پەش تارتىپ باققان بولسىمۇ، بىراق ھەممىسىلا ئۈمىدسىز قېلىشقان ئىدى. بىراق تارىم دادخاھچۇ؟ گۆھەربانۇمنىڭ تارىم دادخاھنىڭ بۇ يولدىن ئۆتىشىنى ساقلاپ تۇرغىنىغا ئىلگىرىكىدەكلا خېلى كۈنلەر بولۇپ قالغان ئىدى. مانا بۈگۈن تارىم دادخاھ بۇ ئالدى تەرەپتىن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ تۇرقى خۇددى گۆھەربانۇم ئىلگىرىكى قېتىملاردا ئوغرىلىقچە كۆزەتكەنگە ئوپمۇ-ئوخشاش، شۇ قەدەر بىپەرۋا ئەمما ئاجايىپ مەردانە، ئۇ نىمىلەرنىدۇ غىڭشىپ ئېيتىۋاتقاندەك ئىدى، ئەمما ئۇنى گۆھەربانۇم زادىلا ئېنىق ئاڭلىيالمىدى.
-- بىر ئەسىر داۋام قىلغان مۇھەببەت! -- بۇ گۆھەربانۇمنىڭ ئاۋازى ئىدى. تارىم دادخاھ ئۇنىڭغا يېقىنلاپلا قالغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە گۆھەربانۇمغا بۇ سۆزنى ئېغىزدىن چىقىرىش ئۈچۈن كەلگەن كۈچ-قۇدرەتنىڭ نەدىن پەيدا بولغانلىقىنى بىر ياراتقان ئىگەم بىلمىسە، بۇنىڭغا گوھەربانۇمنىڭ ئۆزىمۇ جاۋاب بېرەلمەيتتى.
-- ھوي، گوھەرخانكەنغۇ بۇ! مەندە بىرەر ئىشىڭ بارمىتتى، گۆھەر! -- دېدى تارىم دادخاھ پەرۋاسىزلا.
-- ياق! ...ياق!... -- گۆھەر ھولۇققىنىدىن ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي قېلىپ ئاران دېگەندە -- "دادخاھ" دېگەن نېمە گەپ بۇ؟-- دېگەننىلا ئېغىزىدىن چىقىرالىدى.
-- ھەي گۆھەر!.. ھەي گۆھەر!... مېنى يولۇمغا ماڭغىلى قويماي، ئەجەب بىر سوئالنى سورىدىڭ-يا ئادەمدىن، ھە راست بۇ سوئالغا تاغام كەنجى دادخاھ جاۋاب بېرەلەيدۇ. مەن تاغامدىن سوراپ ساڭا جاۋاب بېرەي گۆھەر! -- تارىم دادخاھ سۆزىنى تۈگىتىپلا خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك يولىغا راۋان بولدى. گۆھەر تۇرغان يېرىدە ھاڭۋېقىپ خېلى ئۇزۇنغىچە مىدىر-سىدىر قىلماي تۇردى. تارىم دادخاھ گەرچە ئۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئۇ ئېسىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن ھېلىلا بولۇپ ئۆتكەن ئىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نەقەدەر قەيسەرلىك كۆرسەتكەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ يۈردى. ئۇنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ، چىشلىرى تامامەن تۆكۈلۈپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىر ئەسىر بولاي دېگەن ئاشۇ ئىش ئۇنىڭ ھېلىھەم خۇددى تۈنۈگۈنكى ئىشتەكلا ئېسىدە، مۇشۇ قىش-ياز، باھار-كۈز، قار-يامغۇر بوران-چاپقۇن بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتكەن بىر ئەسىرگە يېقىن ئۆمرىدە ئۇنىڭغا بىردىن-بىر تەسەللى بولۇپ كەلگەن، ھەتتا بۇ ئۇنىڭغا ئۆزىدىن پەخىرلىنىدىغان بىردىن-بىر روھىي ئوزۇق ئېلىپ كەلگەن ئىدى. كۈنلەر ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى، گوھەربانۇم بولۇپ ئۆتكەن نۇرغۇن ئىشلارنى ئەسلىيەلمەيدۇ. بىراق تارىم دادخاھنىڭ "ھەي گۆھەر!... ھەي گۆھەر!" دېگىنى ھېلىمۇ ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇرۇپتۇ.
شۇ ئىش بولۇپ نەچچە كۈندىن كېيىن تارىم دادخاھ گۆھەربانۇمنى ئىزدەپ كەلدى. كېيىنكى خاسىيەتلىك كۈنلەر توغرىلىق جىق توختالغۇم يوق، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي تارىم دادخاھمۇ سۆيگۈنىڭ سىرىتمىقىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى (خۇدا ئۇنداق كۈننى بەندىسىگە كۆرسەتمىسۇن!...)، شۇ كۈنلەردە بۇلارنىڭ ئىشىنىڭ شەپىسىنى بىلىپ قالغان گۆھەربانۇمنىڭ دادىسى سەلىم ياپسا گۆھەربانۇمنى قورۇغا سولىۋېلىپ سىرتقا چىقارمايدىغان بولدى. بىچارە تارىم دادخاھ ئۇلارنىڭ قورۇسىغا سۇ كىرىدىغان سۈڭغۈچتىن قىسىلىپ كىرىمەن دەپ سوقۇما تامنىڭ ئارىسىغا قاپسىلىپ قېلىپ يا ئالدىغا يا كەينىگە ماڭالماي 2 سائەت تامىنىڭ ئارىسىدا تۇرغاننى دېمەيلا قوياي، مىڭ بىر مۇشەققەتتە تامدىن ئۆتۈپ گۆھەربانۇمنىڭ قورۇسىغا كىرىشىگە ھويلىدا باغلاقلىق تۇرغان ئۆكۈزدەك كېلىدىغان كۆتمەك قۇيرۇق ئىت باغلاقلىق ئارغامچىنى ئۈزۈۋېتىپ، تارىم دادخاھنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىنى تالاپ نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا ئۇنىڭ بىرمۇ ساق يېرىنى قويمىدى. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك، دېگەندەك ئىتنىڭ قاۋىشىدىن ئويغىنىپ كەتكەن سەلىم ياپسا قولىدا كۆتۈرۈپ چىققان كالتەك بىلەن تارىم دادخاھنى ئۇرۇپ يېرىم جان قىلىپ قويدى. كېچىدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئېنىق كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، گۆھەربانۇم ھۇجرىسىنىڭ دېرىزىسى ئالدىدا تۇرۇپ ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇردى، دادىسىنىڭ تارىم دادخاھنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن گۆھەربانۇم جاننى ئالقانغا ئېلىپ ھۇجرىسىدىن چاچراپ چىقىپ دادىسىنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ نالە قىلدى.
-- دادا!.. بولدى ئۇرماڭ! مەن نېمە دېسىڭىز شۇنىڭغا كۆنەي!...
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ سەلىم ياپسا قىزى گۆھەربانۇمنى يۇقىرىقى مەھەللىدىكى يېزا ئاقساقىلىنىڭ ئوغلىغا ياتلىق قىلدى. " يىغلىماڭ قىز!  يىغلىماڭ! تويىڭىز بولدى...ئالتۇن تۆشۈك، ئالتۇن بۆشۈك ئۆيىڭىز بولدى...
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يېزا ئاقساقىلى يىراق بىر جايغا پۈتۈن جەمەتى بىلەنلا كۆچۈپ كەتتى. تارىم دادخاھ شۇ قاباھەتلىك كۈندىن باشلاپ گۆھەربانۇمنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىدى.
يىللار ساقلاپ تۇرمايدۇ، ئارىدىن 60،70-يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى.
ئالدىنقى يىلى كېرىيىگە "قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بېرىشى" ناملىق فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى كەلدى. بۇ يۇرتتا قۇربان تۇلۇمنى بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپ بىلىدىغان بىردىن-بىر شاھىدتىن تارىم دادخاھلا قالغاچقا فىلىم گۇرۇپپىسى ئانچە كۈچىمەيلا تارىمدادخاھنى تېپىۋالدى. فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭ گۈزەل سەنئەت يېتەكچىسى داڭلىق رەسسام بولغاچقا ئۇنىڭ ھازىرقى سۈرىتىدىن بىر پارچە سىزىپ ئۇنىڭغا سوغا قىلدى، رەسسام سوغا قىلغان بۇ رەسىمنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنى تارىم دادخاھ شىنجاڭ لىنىيىسىدە باش سۈرەت قىلىپ ئىشلەتكەن بولسا، ئەسلى نۇسخىسىنى ھۇجرىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان بىر يېرىگە ئېسىپ قويدى. سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى قايتىدىغان چاغدا ئۆزلىرى ئىشلەتكەنگە خېلى بولغان قول كومپيۇتېرىدىن بىرنى تارىم دادخاھقا خاتىرە سۈپىتىدە ھەدىيە قىلدى. بېشىدا تارىم دادخاھ بۇ ئوقەتكە قاراپمۇ قويمىغان ئىدى، كېيىن نەۋرىسى قۇتلۇق دادخاھنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ نەرسىنى ئۆيىگە جايلاشتۇرۇپ كۇنۇپكىلىرىنى بېسىشقا قىزىقىپ قالدى.
-- بالام، بۇ نەرسە بىلەن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى كۆرگىلى بولامدۇ؟
-- شۇنداق بوۋا! نېمە دېسەڭ شۇنى تاپالايسەن!
-- شۇنداقمۇ؟ گۆھەرنىمۇ تاپالامدىمەن؟
بوۋاي نەۋرىسىنىڭ ئالدىدا گۆھەرنىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ تاشلىغىنىدىن ئوڭايسىزلىنىپ كەتتى.
-- بوۋا گۆھەر دېگەن نېمە ئۇ؟
-- ھاي بالام مۇنداقلا دەپ قويدۇم!
بوۋايغا نەۋرىسى نەچچە ئايغىچە ھاردىن-تالدىم دېمەي ئۆگەتتى. ھەتتا شىنجاڭ لىنىيىسىگىمۇ "تارىم دادخاھ" دېگەن نام بىلەن تىزىملىتىپ بەردى.
مانا مۆجىزە دېسە مۇشۇنى دېسە بولىدۇ، بوۋاي كۈنلەرنىڭ بىرىدە شىنجاڭ لىنىيىسىدىن گۆھەربانۇم ئۆز قولى بىلەن يازغان قۇرلارنى ئوقۇدى. گۆھەربانۇم تارىم دادخاھقا ئاتاپ يازغان خېتىگە تۆۋەندىكىدەك تېما بەرگەن ئىدى: "تارىم دادخاھقا ئۆچ بولدۇم!"
تارىم دادخاھ بوۋاي، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
553 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
846

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 09:50:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى كۆرەيلى، گۆھەر بانۇمنىڭ يازمىسىنىمۇ يوللاڭ ئەمدى.

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 11:24:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Aydar بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 09:50 دە يوللىغان
داۋامىنى كۆرەيلى، گۆھەر بانۇمنىڭ يازمىسىنىمۇ يوللاڭ ئەمدى.

ھىجران فرانسوۋا "خاتىمە ئورنىدا" دەپ يازغاندىكىن تۈگىدى ئەمدى ! بۇنى يا مەن يازمىسام؟

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:35:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىم ئاكىمىزنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى جىق ئىكەن. بەزى يەرلىرى ئادەمنى كۈلدۈرسە يەنە بەزى يەرلىرى ئادەمنى يىغلىتىۋەتتى.
تارىم دادخاھ نىمىشقا گۆھەردىن ئايرىلىپ كېتىدۇ؟

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:48:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالىق بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:35 دە يوللىغان
تارىم ئاكىمىزنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى جىق ئىكەن. بەزى يەرلىرى ئادەمنى كۈلدۈرسە يەنە بەزى يەرلىرى ئادەمنى يىغلىتىۋ ...

چوڭ ئەركەكچىلىك ، ھاكاۋۇرلۇق ، مەن-مەنچىلىك تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك ، چۈنكى ھىجران فرانسوۋانىڭ قەلىمىدە بۇ پېرسۇناژ شۇنداق ھاكاۋۇر ، مەن-مەنچى قىلىپ تەسۋىرلىنىپتۇ ئەمەسمۇ ؟

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى 16:57:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىڭىزنى بىر ئوقۇغانچە شۇنداق بېرىلىپ كەتتىم، بەزى يەرلىرىدە تارىم دادخاھنىڭ باتۇرلۇقىغا قول قويدۇم. گۆھەرنى شۇنچە ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئايرىلىپ كەتكىنى، ئاندىن تويىغا بېرىپ ئازاپلانغانلىقلىرىنى ئوقۇۋېتىپ شۇ سورۇندىكى كەيپىيات كۆز ئالدىمغا كەلدى. تارىم دادخاھ ۋە گۆھەر ئۈچۈن ئازابلاندىم.
ھەر ئىككىسىگە بەخت تىلەيمەن!

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 03:26 , Processed in 0.042736 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش