ئىلگىرى مۇنبەرلەردە كۈلكە-ھەزلگە تۇترۇق بولۇپ بەرگەن كونا يازمىدىن <<تارىم دادخاھ ھەققىدە ھېكايە>> نى ساقلىۋالغان ئىكەنمەن ، شۇنى يوللاپ قويغۇم كەلدى!
ئاپتوردىن سۆز
جانابىي تارىم دادخاھ بىلەن ئىككىمىز ئۇزۇن يىللىق قان -قېرىنداشلاردىن بولىمىز. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندىمۇ دۇنيادا تارىم دادخاھ ھەزرەتنى ھەممىدىن بەك چۈشىنىدىغان ئادەم مەن بولسام كېرەك، دېمەك شۇ دەرىجىدە چۈشەنگەن - كەنمەن ئۇ توغرىلىق ھېكايە يازسام پەمىمچە ئاغىنەم باشقىچە كۆز قاراشتا بولۇپ ئولتۇرماس، ناۋادا قاملاشمىغۇدەك بولسا، بۇ تېمىدا يېزىشنى دەرھال توختىتىمەن.
دادخاھ = ئەرز-داد ئېيتقۇچى، شىكايەت قىلغۇچى!
مىسال :
دادخاھنىڭ دەردىگە دەرمان تېپىلماس ھېچقاچان ،
دادگاھ ئەھلى ئۆزى دەردنى چۈشەنگەن بولماسا!
مىسال :
دادگاھ =ئەرز-شىكايەت ۋە جىنايى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇن!
دادلىسام دادگاھقا سۆزۈم ئۆتمەي ، يۇرتۇمدا ساق قېلىشقا كۆزۈم يەتمەي، پاناھ تىلەپ كەلدىم مانا قۇچاقىڭغا !
--------------------------------------------
يۇقىرىقى بۇ ئىزاھ تارىم دادخاھنىڭ ئۆز ئىزاھى ، مەنىسىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس . بىز يۇرتىمىزدىكى چاغدا بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسىنى بىلىپ كەتمەيتتۇق ، تارىم ئاغىنىمىز كېيىنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر تىلىغا قىزىقىپ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدىن تاپقان ئىكەن .
— ھىجران فرانسوۋا
فرانسىيىدە باشلانغان ھېكايە
+++++
تارىم دادخاھ ھەققىدە ھېكايە
ئادەم بولساڭ تارىم دادخاھتەك بول!
ئەقلىمنى بىلسەم دادام "ئادەم بولساڭ تارىم دادخاھتەك بول!" دېگەن سۆزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىكەندۇق. بىر كۈنى دادام ماڭا ئورۇنسىزلا كايىپ كەتتى:
-- قوشنىمىز دادخاھ دەرۋىشنىڭ ئوغلى تارىمنى كۆردۈڭمۇ؟! ئۇنىڭدا بار ئەقىلنىڭ 10 دەن بىرى سەندە بولسىچۇ كاشكى! نان يە دېسە ئاق نانغا يۈگرەيسەن، ئىشقا كەلگەندە بۇ دۇنيادا سەندەك بوشاڭدىن يەنە بىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ...
-- دادا شۇ... ھېلىمۇ ھەپتىدىن بېرى يېرىم كېچىدىن ئاشقىچە ئۇخلىماي سەۋزە كۆكلەۋاتىمەنغۇ؟!... -_ دېدىم مەن، دادامنىڭ غەزىۋىنىڭ يەنە قاتتىق تۇتۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ تۇرۇپ...
-- ھەي! كۆزۈڭنى ئېچىپ تارىمغا ئوبدانراق قاراپ باق! مەكتەپكە بېلىگە زاغرا ناندىن 2-3نى تۈگۈپ بېرىپ چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ئۇ ناننى ئۆستەڭ سۈيى بىلەن 10 مىنۇتقا قالماي يەپ بولىدۇ. قارا! شۇڭا ئۇنىڭ كۈچتۈڭگۈرلۈكىنى، بىر تۈپ دەرەخنى يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلىغۇدەك كۈچى بار ئۇنىڭ -_ دېدى دادام دوق قىلىپ.
-- 5 قول تەڭ بولمايدۇ دادا! مېنىڭ ئۇنىڭدەك كۈچۈم بولمىغىنى بىلەن غەيرىتىم خېلى بار! -_ دېدىم مەن ئۆزۈمنى ئاقلاپ - خەتنى تارىمدىن چىرايلىق يازىمەن!
"خەتنى چىرايلىق يازىمەن!" دېيىشىم بىلەن دادامنىڭ ئەرۋايى يەنە 40 گەز ئۆرلەپ كەتتى:
-- خەتنى چىرايلىق يازساڭ، ئاغدۇرۇشنى كۈتۈپ ياتقان ئېتىز ئۆزلۈكىدىن ئاغدۇرۇلۇپ قالاتتىما؟! خەتنى چىرايلىق يازساڭ، نان ئاسماندىن ئۆزى چۈشەمدا؟!...
دادامنىڭ ئەلپازى پەسىيىدىغاندەك قىلمايتتى. كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭ سۆزىگە ئانچە ئىرەڭ قىلمىغاندەك قىلغىنىم بىلەن ئىچىمدە "خەپ! مەنمۇ تارىمدەك بولمىسام!" دېگەننى خىيال قىلىپ، ئۇنىڭ چىشىغا داۋاملىق تېگىۋېرىشتىن ئۆزۈمنى تارتىپ ئېغىز ئاچماي جىم تۇردۇم. بۇ ئارىدا دادام يەنە شۇ كونا گەپ "ئادەم بولساڭ تارىمدەك بول!" نى دەلىللەشكە تىرىشىپ ئۇنى خېلى كۆپ مىساللاپ ئۇزۇنغىچە "پەندى-نەسىيەت" تىن توختىمىدى.
بۇ ئىش ئۆتۈپ نەچچە كۈندىن كېيىن دادام يوغان بىر كەتمەننى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ:"بۇ يەرنى ئاغدۇرۇپ بولۇش چۈشكىچە ۋەزىپەڭ بولىدۇ!" دېگەننى قايتا -قايتا جېكىلەپ قاياققىدۇر كېتىپ قالدى.
مېنىڭ ھېلىقى "خەپ، مەنمۇ تارىمدەك بولمىسام!" دېگەن ۋەدەمنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلگەنتى. تونۇردەك قىزدۇرۇپ تۇرغان قۇياش ماڭا خۇددى مەندىن بىر نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتە ئېسىلىپ تۇرغاندەك بىلىنەتتى. سېغىز ئارىلاش قېتىپ كەتكەن تۇپراققا كەتمەننى ئېگىز كۆتۈرۈپ سالغىنىمدا ھېلىلا مۈدۈرۈپ يىقىلىپ چۈشۈدىغاندەك قىلاتتىم. "ھەي، تارىمدەك بولۇش ئوڭاي ئەمەسكەنغۇ؟!" ھەر بىر قېتىم كەتمەن ئۇرغاندا كۇكىلامدىن ئېقىۋاتقان تەر مېنى ھېلىلا يامغۇردا قالغان ئادەمگە ئوخشىتىپ قويغانتى. مەن توختاپ قالماستىن قېتىپ كەتكەن يەرگە كەتمەن ئۇرۇشنى داۋام قىلىۋاتاتتىم، كاللامدىن دادامنىڭ "ئادەم بولساڭ تارىم دادخاھتەك بول!" دېگەن سۆزى نېرى كەتمەيتتى...
ھەممە قىزنىڭ كۆزى تارىم دادخاھتا
تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان چاغلىرىم ئىدى. ئۆيمىز ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە ناھايىتى يىراق بولغاچقا ھەر كۈنى مەكتەپكە بېرىپ-كېلىشتە نەچچە چاقىرىم يولنى پىيادە يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. بىراق مۇشۇ تارىم دادخاھنى دەيمەن، ئۇنىڭ ھەممە ئىشى ئوڭ دېسە! دادامنىڭغۇ ئۇنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي كۈندە ماختاپ يۈرۈرۈشىنى دېمەيلا قوياي، ئەمما كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭمۇ ھەدىسىلا ئۇنى تۆرگە چىقىرىپ قويۇشلىرى ئىدى.
-- سەنلەرمۇ تارىم دادخاھقا ئوخشاش قولۇڭنى يۇيۇپ نان يىيىشىدىغان بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭدەك بولۇشساڭ بولمامدۇ؟! ھەي ھىجران ! قارا سېنىڭ ئەپتىڭگە! خۇددى يەڭگىگەن كېلىندەك دەرسكە كېچىكىپ كېلىشىڭ... -_ بۇ سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ ئاۋازى ئىدى.
سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ سۆز تېمىسىنى تارىم دادخاھتىن باشلاپ قۇمدەك تۆكۈشىدىن جېنىم چىقاتتى. بىراق نېمە ئامال بار دەيسىز؟! ئۇ دېگەن سىنىپ مەسئۇلى تۇرسا ئۇنىڭغا قارشى چىققىلى ھەددىممىتى.
ھەر قېتىم مۇئەلىمىمىز تارىم دادىئاھنى ماختاۋاتقاندا چاندۇرماستىن ئەتراپىمغا قارىغۇدەك بولسام سىنىپىمىزدىكى قىزلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىم دادخاھقا ئاجايىپ ئىشتىياق بىلەن بېقىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. بۇ ھەرگىزمۇ بىرەر قېتىم تاسادىپىي بوپ قالىدىغان ئىش ئەمەس، دائىملا شۇنداق. "نېمە ئاساسىڭ بار؟!" دىدىڭىزما؟ بوپتۇ سىنىپ مەسئۇلىمىز سىنىپ يىغىنى ئېچىۋاتقاندا قىزلارنىڭ ئۇنىڭغا قىيا بېقىشلىرىنىغۇ ھېسابقا ئالمايلى، يامىنى دەرس ئارىلىقىدىكى تەنەببۇس. ھەممىنى مانا مەن دەپ كۆرىسىز. قىزلار قەستەن بانا تېپىپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشاتتى. " تارىم دادخاھ ! پارتامنىڭ تارتمىسىنى ئاچالمىدىم، ئېچىپ بېرىڭچۇ!" " تارىم دادخاھ ! كەچتە مەكتەپتىن بىللە قايتايلىچۇ! تۈنۈگۈن يولدا بىر ئىشت ئالدىمغا ئېتىلىپ چىقىپ جېنىم چىقاي دېدى. جېنىم دەپ كېتەي! ماقۇل دەڭچۇ! كەچتە بىللە ماڭايلى!"... قىزلارنىڭ بۇنداق ئويۇنلىرىنى ساناپ كېلىدىغان بولسام، ساناپ تۈگۈتەلمەيمەن. شۇ زامانلاردا قىزلار ئۆز قولى بىلەن توقۇپ ياقىلىق قىلىۋالىدىغان بىر نەرسە بولىدىغان، بىر كۈنى سىنىپ تازىلاۋېتىپ تارىم دادخاھنىڭ پارتىسىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. "ئاللە شەھىرىڭنى!..." ئۆمرۇمدە بۇنداق جىق ياقىلىقنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، خۇددى مەكتەپتىكى نەچچە يۈز قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرى 10 دىن توقۇپ بىرلا ۋاقىتتا ھەممىسىنى تارىم دادخاھقا سوغا قىلغاندەك كۆپ ئىدى.
سىنىپىمىزدا بىر قىز بار ئىدى. بىر كۈنى توساتتىن مەندىن كىتابىنى مۇقاۋىلاپ بېرىشنى سوراپ قالدى. بۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ يۈرگىنىمگە ئۇزۇن بولغانتى. مەن بىر ئولتۇرۇشتىلا ئۇنىڭ پارتىسىدىكى بارلىق ماتېرىياللىرىنى مۇقاۋىلاپ تۈگەتتىم. شۇ كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىۋېتىپ قانداق شېرىن خىياللارنى سۈرۈپ ماڭغىنىم ھازىرمۇ ئېسىمدە. بىراق-زە، يامان يېرى ئەتىسى مەكتەپكە ھەممىدىن بۇرۇن كېلىپ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرسام ئۇ قىز تارىم دادخاھ بىلەن قول تۇتۇشۇپ كېلىۋېتىپتۇ... ھەي!... بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىنى دەيمەن، ئۇ قىزنىڭ كىتابلىرىنى مەن مۇقاۋىلىسام قولىنى تارىم دادخاھ تۇتۇپتۇ ئەمەسما؟!...
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدى-كەينىدىكى تارىم دادخاھ
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان يىلى تولۇقسىزدىن ئوقۇغۇچى تاللاپ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى قايتا تەشكىللەش ئىشىدا تەلىيىمگە تارىم دادخاھ بىلەن يەنە بىر سىنىپقا كىرىپ قالدىم. ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەچكە تارىم دادخاھ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەندەك قىلاتتى. تارىم دادخاھنى چۆرگىلەپ كېتەلمەيدىغان قىزلار كۆپەيگەنسىرى ئۇ ئۆزىنى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ سالاپەتلىك تۇتىدىغان بولىۋالغاندەك قىلاتتى. بۇ ئىشتا ھەممە گۇناھنى تارىم دادخاھقا قويۇش توغرا ئەمەس. ناۋادا تارىم دادخاھنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولساممۇ تارىم دادخاھقا ئوخشاش بولغان ھەتتا ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋەتكەن بولار ئىدىم. ئوبدانراق ئويلاپ بېقىڭ، ئەتراپىڭىزدا سىزنى ياخشى كۆرىدىغان، سىزنى چوڭ بىلىپ بېشىگە ئېلىپ كۆتۈرۈشكە تەييار تۇرىدىغان كىشىلەر پەرۋانە بوپ يۈرسە، ئەلۋەتتە سىزمۇ باشقىچە بىر ئادەم بوپ قالىسىز-دە! تېخى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئەپەندىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېغىزىدىن تارىم دادخاھتىن باشقا گەپ چىقمايدىغانلىقىنى دېمەيلا قوياي. تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى مەلۇم بىر ئوقۇغۇچىنى قاغىغاندا«ھەي كالۋا، توپ دېگەننى تارىم دادخاھتەك ئۇرمامسەن؟! قارا ئەپتىڭگە! خۇددى بېلىگە سۇيقاش بارمىغان مېشچان خېنىمنىڭ ئۆزى!» دېسە، يەنە بىر ئوقۇتقۇچى قوپۇپ: "«ئۆگىنىش ئۈلگىسى تارىم دادخاھتىن ئۆگىنىش تەسىرات ماقالىسى» نى ئەتىدىن قالدۇرماي ئىشخانامغا ئەكىرىپ بېرىسىلەر!" دەيتتى. ھەي!...خۇددى ھەممە نەرسە تارىم دادخاھ ئۈچۈن پىقىراۋاتقاندەكلا.
بىراق ھەر نېمە دېگەن بىلەن تارىم دادخاھ يۇقىرىقى شانشەرەپلەرنىڭ ھەممىسىگە ھەقلىق ئىدى. توساتتىنلا تارىم دادخاھنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرگىلى تۇردۇڭغۇ؟ دەپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. بىراق قول قويماي بولمايدۇ، ئۇ ھەر قانداق بىر پەندىن ئېلىنغان ئىمتىھاندا 100 دىن باشقا نومۇر ئالمىسا، ئۇنىڭغا قايىل بولماي مۈمكىنمۇ؟! بىر كۈنى كەچتە بىر ئىش بىلەن سىنىپ مەسۇلىمىزنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ قالدىم. قارىسامتارىم دادخاھ ئىشخانىدا مەشكە ئوتنى بولۇشىغا قالاپ قويۇپ يوغان بىر دەپتەرگە قايسى يەردىندۇر تېپىپ كەلگەن ماتېماتىكا كىتاۋىدىكى كۈنۈكمىلەرنى بىر-بىرلەپ يېشىپ ئىشلەپ ئۇلارنى چىرايلىق رەتلەپ چىقىۋېتىپتۇ.« ئۇ زادى قانداق نەرسىنى ئىشلىدىكىن؟» قىزىقىش بىلەن ئۇنىڭ دەپتىرىگە قارىدىم. توۋا! چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان قىيىن كۆنۈكمىلەر.
شۇ چاغلار شۇنداق بىر زامان ئىدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى قىستاپ كەلگەنسىرى مۇئەللىمىمىزنىڭ « ئىمتىھانغا يەنە مانچە كۈن قالدىيەي» دېگەنگە ئوخشاش گەپلىرى ھەممەيلەننى سۈر باستۇراتتى. ياستۇقنى قىرلاپ ياتقان بىلەن ئىش تاڭاتمايدۇ-دە!. شۇ كۈنلەردە ئۆستەڭ بويىغا بېرىپ سائەت-سائەتلەپ تەكرار قىلىدىغان ئىش بەك مودا ئىدى. مەن گەرچە تارىم دادخاھتەك بولالمىساممۇ ئۆستەڭ بويىغا بېرىپ كىتابنى قولۇمغا ئېلىۋېلىپ نەچچە بەت نەچچە بەت مەزمۇننىڭ پەش-چېكىتىنىمۇ قويماي قۇيۇپ ئىچىۋالىدىغانلىقىم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. بىر كۈنى بىر قىز بىلەن تەكرار قىلىۋاتقان ئىدىم . ئۇ قىز توساتتىن مەندىن ماتېماتىكىغا ئايىت بىر كۆنۈكمىنى سوراپ قالدى. قارىسام تەرەت بوش، ئۇ مەسىلىنى ئۇياققا ئۆرۈپمۇ ، بۇياققا ئۆرۈپمۇ كاللامنى پەقەت ئۆتكۈزەلمىدىم. ئىچىمدە « مانا ئەمدى تۈگەشتىم!» دېگەننى خىيال قىلىپ تۇرسام، توساتتىن يېنىمىزدىن تارىم دادخاھ ئۆتۈپ قالدى. « ماۋۇ كۆنۈكمىنى ئىشلەپ بېرىڭا تارىم دادخاھ » دېدى ئۇتارىم دادخاھقا ئەركىلەپ . ھېلىقى مېنىڭ كاللامنى پىقىرتىۋەتكەن كۆنۈكمە تارىم دادخاھنىڭ قولىغا چىقىۋېدى ئۇنىڭغا بىر مىنۇتقىمۇ پايلىمىدى. ئۇنىڭ كۆنۈكمە يېشىش سۈرىتى شۇنداق تېز، ئۇنى چۈشەندۈرۈشىمۇ بىزنىڭ 30 يىللىق ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىزدىن ئېشىپ چۈشەتتى.
ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇ قىز تارىم دادخاھ بىلەن بىللە ئۆگىنىش قىلىدىغان بولىۋالدى. « خەپ! ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈۋالسام كېيىنكى ئۆمرۈمدە ماتېماتىكا دېگەن نەرسىگە يېقىن يولىماسمىنا! » دەيىتتىم ئىچىمدە، دەردىمنى ئۆزۈم بىلىپ.
ئىمتىھان كۈنىمۇ يېتىپ كەلدى. مەيدانغا كىرىپ قارىسام ئۇ قىز تارىم دادخاھنىڭ كەينىدىلا ئولتۇرۇپتۇ. « ھەي!.. بولدىلا! ئىمتىھان بېرىدىغان چاغدا...» ناھايىتى دىققەت بىلەن جاۋاب يېزىۋاتتاتتىم، بىر چاغدا بىرى« قارا» دېگەندەك بولدى. قارىسام ھېلىقى قىز تارىم دادخاھنىڭ قەغىزىنى شۇنداق چاققانلىق بىلەن ئالدىغا ئېلىپ ئەتراپقا ئەنسىز قارىۋەتكەندىن كېيىن، بېشىنى چۆكۈرۈپ ئۇنىڭ قەغىزىدىكىنى ئۆزىنىڭ قەغىزىگە كۆچۈرۈشكە كىرىشتى.« ھەي!... بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى...»
ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. تەلەيىمگە ئالىي مەكتەپتىمۇ تارىم دادخاھ بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان بوپتىمەن.
تارىم دادخاھنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىشى
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ ئۇنىڭ ئالدى -كەينىدە بولىدىغان چاپ -چاپ ئىشلار بېسىققاندىن كېيىن ماڭا ئالەم -جاھان بىردىنلا جىمىپ كەتكەندەك بىلىنىپ كەتتى. تارىم دادخاھقا قارىسام، ئۇنىڭ جىسمىدىكى ئۇزۇن يىل داۋام قىلغان سەلتەنەتنىڭ ئورنىنى قانداقتۇر بىر نەرسە ئىگىلىگەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋەنە بولۇپ پىقىرايدىغان ئاشۇ چىرايلىق قىزلارمۇ توپ -توپى بىلەن باشقا پلانېتىغا كۆچۈپ كەتكەندەك قىلاتتى. بىر كۈنى ئۈرۈمچىگە سەپەر قىلىش ئىشى توغرىلىق تارىم دادخاھنى ئىزدەپ بارسام ئۇ ئۆيىدە يوق. « ھەي، شۇ بىلسەم - بىلمىسەم، مەھەلىنىڭ دوقۇسىدىكى قېرى سۆگەتنىڭ ئاسىتىدا شاھمات ئويناۋاتقاندۇ؟!» قىياسىم توغرا چىقتى. ئۇ مېنى كۆرۈپ:
-- جىندەك تۇرۇپ تۇر! بۇ قولنى ئوينىۋېتەي! - دېدى.
تارىم دادخاھ ئويناۋاتقان شاخمىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا مەخسىدىمنى چۈشەندۈردۈم:
-- قارا تارىم دادخاھ ! داخېيەنگە ماي توشۇيدىغان شىرەم تۇققۇنۇم بار ئىدى. ناۋادا قوشۇلساڭ ئۇ ئىككىمىزنى ماشىنىسىدا داخېيەنگىچە ئېلىۋالىدىغان بولدى، يەنە كېلىپ ھەقسىز دېگىنە! قالغان قىسمىنى پويىزدا ماڭىمىز! دېمىسىمۇ قاتناش ئاپتوبۇسى 5 -6كۈندە ئاران يېتىپ بارىدىغان ئۈرۈمچىگە ئاپتوبۇسقا بېلەت ئېلىشنىڭ ئۆزىلا قىيىن بىر ئىش ئىدى.
گېپىم تارىم دادخاھقا بەكلا ياقتى بولغاي، ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇشاللىقتىن چاقناپ كەتتى. گەرچە ھېلىلا «تارىم دادخاھتىكى سەلتەنەت ئىمتىھان ئاخىرلىشىپ بىراقلا يوقىدى» دېگىنىم بىلەن، ئۇ يەنىلا تارىم دادخاھ -دە! ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدۋارلىق ئۇنىڭدا تارىم دادخاھقا خاس خاراكتېر بىلەن مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرۇپتۇ.
-- ھەي!... ئىمتىھان ئاخىرلىشىپ ھەجەپ جىم -جىتلىق بوپكەتتىيا! - دېدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ.
-- ئالدىرىما! ئىش تېخى ئالدىمىزدا! - دېدى تارىم دادخاھ .
ئۇنىڭ «ئىش تېخى ئالدىمىزدا» دېگەن سۆزىنىڭ تېگىگە يېتىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ دېگىنى ئەمەلىيەتتە « مەن يەنىلا تارىم دادخاھ !» دېگىنى ئىدى.
ئۇ زامانلاردا ئالىي مەكتەپكە ماڭغانلار يوتقان -كۆرپىلىرىگىچە بىللە ئېلىپ باراتتى. ئىمتىھاندىن ئۆتكەن پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئانىلارنىڭ چەكسىز مېھرى -مۇھەببىتىنى سىڭدۈرۈپ يېڭى يوتقان - كۆپە تىكىشى ئاشۇ مېھرىبان ئانىلار ئۈچۈن پەخىرلىك ئىشتى، بەزىلەر ھەتتا يوتقان -كۆپىلەرنى بىرەر يىل بۇرۇن تىكىپ تەييارلاپ ئۇنى ئەتىۋارلاپ ساقلىشاتتى. ئۇ زامانلاردا ئاللا كىملەرنىڭدۇر باشقىلار ئالدىدا ماختىنىپ: «پەرىزات خېنىمغا خاڭجونىڭ شىپىڭ دۇخاۋىسىدا يوتقان تىكىپ قويدۇم...» دېگەندەك سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قېلىش ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس ئىدى.
يۇرت بىلەن خوشلۇشۇپ يولغا چىقىدىغان كۈنمۇ يېتىپ كەلدى. بۇنداق ئۇزۇن يولغا سەپەر قىلىشىم تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى. بىز يولغا چىقىپ نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن گىياسىز تاغ ئارىسىدىكى تاش يولدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ماي ماشىنىسى ماڭا خۇددى ئۆمىلەپ مېڭىۋاتقاندەك ئاستا بىلىنىشكە باشلىدى. قۇياشنىڭ قىزدۇرۇپ تۇرغان ھارارىتىدىن تاش يولنىڭ ئالدىمىزدىكى ئەنچە ئىياق بولمىغان قىسمى خۇددى ھور ئاستىغا كىرىپ كەتكەندەك كۆرۈنەتتى. مەن تۇنجى كۆرۈۋاتقان ئېگىز تاغلاردىن كۆزۈمنى ئۈزمەستىن بىز بارىدىغان زامانىۋى شەھەر ئۈرۈمچى، ئالىي تېببىي يۇرتى تېببىي ئىنستىتۇت ھەققىدە خىيال سۈرۈپ ماڭاتتىم. "شۇنداق ئاجايىپ بىر شەھەر بولسا كېرەك... تېخى تېببىي ئىنستىتۇتنى دېمەيسىز، ئۇزۇنغا بارماي مەنمۇ ئاپئاق خالات كىيىمەن -ھە!... ھەي... ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ! چۈشۈم بوپ قالمىسا بولاتتىغۇ!..." خىياللىرىم شېرىن ئىدى. بىر چاغدا تارىم دادخاھقا قارىسام كىنو لىنتىسىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان يولدىن كۆزىنى ئۈزمەي جۇشقۇن ئولتۇرۇپتۇ.
ئەتىگەندىن بېرى ماشىنا ھەيدىگەن شوپۇر چارچىغان بولسا كېرەك ، كەچ سائەت 10 ئەتراپىدا چۆلنىڭ ئوتتۇرسىلا بىر جايدا توختاپ، ئىككىمىزگە قاراپ:
- بۈگۈن كەچ مۇشۇ جايدا تۈنەپ ئەتە تاڭ يورىغاندا يولغا چىقىمىز! مەن كەپىنگىدە ئۇخلايمەن، ئىككىڭلار ماي تۇڭى بىلەن كوزۇپ ئارىلىقىدىكى بوش كاۋاكچىغا ئورۇن سېلىپ ئىككى تەرەپتە بىردىن ئۇخلايسىلەر! - دېگەندىن كېيىن شىڭلىرىمىزنى يېشىپ ئورۇن تەييارلاشقا ياردەملەشتى.
مەن يولنىڭ چېتىدىكى سايدا يۇلتۇزلارغا قاراپ ئۇزۇن تۇرغاندىن كېيىن ئورنۇمغا كېلىپ ئۇخلىدىم.
ئەتىسى تارىم دادخاھنىڭ ئويغۇتىشى بىلەن كۆزۈمنى ئاچسام كۈن نەيزە بويى ئۆرلەپ بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن نەرسە -كېرەكلىرىمىزنى يىغۇشتۇرۇپ يەنە يولغا چىقتۇق. بۇ يولنى مۇشۇ ھالەتتە يەنە 4 كۈن مېڭىش كېرەكتى. بىر چاغدا يول بويىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان تاۋۇزنى كۆرۈپ شوپۇر ماشىنىسى توختاتتى. پاھ!... ئۆمرۈمدە بۇنداق تاتلىق تاۋۇزنى يەپ باقمىغانكەنمەن! تېخى ئۇنىڭ چۈرۈك سۇلۇقلىقىنى دېمەيسىز! شۇ قېتىم يېگەن تاۋۇزنىڭ تەمى ھازىرمۇ ئېغىزىمدا تۇرۇپتۇ.
سەپەرنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 لاردا داخېيەن گە يېتىپ كەلدۇق. ۋاي -ۋۇي!... نېمە دېگەن بوران -بۇ! بۇنداق بوراننى ئۆمرۈمدە ئاز كۆرگەنتىم. ئىلگىرى مەن كۆرگەن بوران بۇ دەرىجىدە چىققاندىمۇ تېزلا بېسىقىپ قالاتتى. شۇ كۈنى پويىزغا بېلەت ئېلىپ پويىز كۈتۈپ ئۆتكەن نەچچە سائەتتە بۇ بوران تەپسە تەۋرىمەسنىڭ ئۆزىدەك شۇ پېتى تۇرۇۋەردى.
مانا ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم پويىزغا چىقتىم، تارىم دادخاھمۇ شۇنداقتى. ئۇنىڭغا قارىسام يۇرتتىن يولغا چىققاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ھەممە ئىشنى شۇدەقەر تەرتىپلىك ئېلىپ كېتىۋاتاتتى (خۇددى بۇنداق ئىشنى ئىلگىرى تالاي قېتىم بېشىدىن كەچۈرگەندەكلا). ئۇ ھەتتا پويىز ئىستانسىسىدىن 2 -يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ تېببىي ئىنىستىتۇتقا بارغىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ ئالدىن بىلىۋالغان ئىدى.
ھەممە ئىش تارىم دادخاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولۇپ تېببىي ئىنستىتۇت قوراسىغىمۇ ئامان -ئېسەن كېلىۋالدۇق. ئۇ جايدا بىزنى باشقا بىر ھايات كۈتۈپ تۇرغانتى.
داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى 08:15