يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 775 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: Erkman

تارىم دادخاھ ھەققىدە ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 10:04:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرۋەرى بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 23:26 دە يوللىغان
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركمان ئاكا:
بۇ ئەسىرىڭىزنى بىر نەچچە قىسىمغا بۆلۈپ يوللىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن!
بۇنداق ب ...

ئىلگىرى ھىجران فرانسوۋا يوللىغان ئىدى، ھازىر مەن يوللاپ قويدۇم! چۈنكى ئاڭلىشىمچە ھىجران فرانسوۋا بۇ ئاي بۇ يىللاردا فرانسۇز تىلى دەرسى ئۆتۈپ پۇلخورلۇققا بېرىلىپ كەتكەنمىش، ئۆزى بولسا مەيسە-كالاچ، جايناماز قولتۇقلاپ ئىمان قوينىدا بەختلىك كۈنلىرىنى باشلىغانمىش، ئۇنىڭ پېرسۇناژى بولمىش تارىم دادخاھ دەھرىيلىكتىن قول ئۈزەلمەي ، جان-تەنلىرىنى ۋەيلۇن دەۋزىخىگە سوۋغا قىلماقتىمىش ... بۇلارنى ئاڭلىغىنىمدا تەنلىرىم شۈركىنىدۇ ، ئۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى ، ئاخىرەت سەپىرىنى ئويلاپ كېتىمەن !

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
553 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
846

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 10:06:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ، تارىم بوۋامنى بىلىمەن، بەك ياخشى ئادەم ئۇ....

ۋاي پۇتۇم!!!!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 10:54:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ پېرسۇناژى بولمىش تارىم دادخاھ دەھرىيلىكتىن قول ئۈزەلمەي ، جان-تەنلىرىنى ۋەيلۇن دەۋزىخىگە سوۋغا قىلماقتىمىش ... بۇلارنى ئاڭلىغىنىمدا تەنلىرىم شۈركىنىدۇ ، ئۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى ، ئاخىرەت سەپىرىنى ئويلاپ كېتىمەن !
ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ ئەركمان ئاكا، بۇ تارىم بوۋاينى بىز خېلى ئوبدان بىلىشىمىزغۇ

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 10:58:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭغا قېرىلىق سۈپەتلىرى ياراشمايدىغان بوپ قاپتىمىش، ئۆيىدە غى غا تى نى قىسىپ سىڭگەن نېنىنى يەپ ئولتۇرماي ناھايىتى ئېغىر ئەقلىي-جىسمانىي ئەمگەكنى قولىغا ئېلىۋېلىپ كۈننى تۈنگە ئۇلاپ ئىشلەش ئاز كەلگەندەك جېنىغا ئىكەك سېلىپ ئىچىپمۇ قويىدىكەن  ، دەپ ئاڭلايمەن!

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
744 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
2191

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 11:27:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 10:58 دە يوللىغان
ئۇنىڭغا قېرىلىق سۈپەتلىرى ياراشمايدىغان بوپ قاپتىمىش، ئۆيىدە غى غا تى نى قىسىپ سىڭگەن نېنىنى يەپ ئولتۇرماي ن ...

ھىم~ ئۇ زات مەن تونۇغاندىمۇ ئەشۇنداق ئالدىراشلا ئىشلەپ يۈرەتتى، ھازىرمۇ شۇ پېتىكەندە

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 11:33:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى قېرىغىندا جىسمانىي ئەمگەكنى خوتۇنىدىن تارتىۋېلىپ نېمە قىلىدۇ دەيمەن ؟ بەلكىم خوتۇنى كېسەلمەندۇر ... دېمىسىمىغۇ ئۆزىنى بىر قېتىم، ئىككى ئوغلىنى بىر قېتىمدىن ئوپېراتسىيە قىلغاندا يوقلاپ بارغان ئىدۈك ، تېخى يېقىندىلا خوتۇنىنىمۇ ئوپېراتسىيە قىلىپتۇ، دەپ ئاڭلىدۇق ! ناۋادا گۆھەربانۇ بولغان بولسا ئۇنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرەتتىمىكىن ھېچ ئىش قىلدۇرماي

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 11:43:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاقۋاش تارىم دادخاھ


يېقىندا يوچۇن بىرسىدىن خەت تاپشۇرۇپ ئالدىم. بىرىنچى پارچە خەتنىڭ نەچچە جۈملىسىنى ئوقۇپلا، بۇ ناتونۇش ئەپەندىنىڭ ئەمەلىيەتتە جانابىي تارىم دادخاھنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇ «نىقابلانغان ئەپەندى» نىڭ تارىم دادخاھ ھەققىدە ماڭا بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغانلىرىدىن مېنىڭ بەش قولدەك خەۋىرىم بار ئىدى. ئۇ ئەپەندى يەنە ئۆزى تەمىنلىگەن بۇ تەپسىلاتلارنى مەندىن«تارىم دادخاھ ھەققىدە ھېكايە» گە كىرگۈزۈپ قويۇشنى سوراپتۇ. ئويلىسام بۇ ئىش تەخىرسىزدەك قىلىدۇ، شۇڭا بۈگۈن ئۇ ئەپەندى تەمىنلىگەن تارىم دادخاھ ھەققىدىكى ئۇچۇرغا«قاقۋاش تارىم دادخاھ» دەپ تېما قويۇپ، ئۇنى بۇ يەرگە قىستۇردۇم. «تارىم دادخاھ ھەققىدە ھېكايە» نىڭ داۋامىنى كېيىن يەنە ئۆز تەرتىپى بويىچە داۋاملاشتۇرىمەن.


بىرىنچى پارچە خەت :

ھىجران ئەپەندى، «تارىم دادخاھ ھەققىدىكى ھېكايە بەلەن چىقىۋاتىدۇ، بىر چاغدا ماڭا يازغان خەتنە توي ھەققىدىكى يازمىڭىز تارىم دادخاھتا ھىجران ئەپەندى مېنى بىلىدىغان بىرى ئوخشايدۇ، دېگەن گۇمانلارنى پايدا قىلمايمۇ قويمىدى. بۇ يەردە قىزىقچىلىق بولسۇن ئۈچۈن بەزى گەپلەرنى يازدىم، ئەگەر تارىم دادخاھ ھەققىدىكى ھېكايىنىڭ داۋامىدا ئاز-تولا پۇرىتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز بىر قىزىقچىلىق بولارمىدىكىن دەيمەن:

تارىم دادخاھ شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شىپاخانىسىدا ئىشلەشنى خالىماي، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسى شىپاخانىسىغا كېلىپ ئىشلىگەن، ئۇ بۇ جەرياندا پىراكتىكانت ۋراچ، ۋراچ، مۇدىر ۋراچ بولغان، كېيىن يەنە باشقا گېزىتخانا شىپاخانىسىغا يۆتكىلىپ مۇدىر ۋراچ، كەسپىي بۆلۈم باشلىقى، مۇئاۋىن شىپاخانا باشلىقى بولغان. ھازىر مەلۇم بىر گېزىتخانا شىپاخانىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدە. ئايدا بىرەر-ئىككى قېتىم ئاغىنىلەر بىرلىشىپ سوقا-سۆھبەتتە بولۇپ تۇرىدۇ، ئانچە-مۇنچە ئىچىپ قويىدۇ.


ئامان بولۇڭ. »


ئىككىنچى پارچە خەت :

ئەسسالامۇئەلەيكۇم !

تارىم دادخاھ ھېكايىنى بەك قىزىقىپ ئوقۇۋاتىدۇ، مۇبالىغىلىق چاقچاقلار بولۇپ كەتسىمۇ كۆتۈرگۈچىلىكى بار، بىمالال يېزىڭ. بۇ ھىجران بەك قىزىقكەن دېدى. ئۇ تېخى«مېنىڭ داخېيەن ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە كەلگىنىم راست، تېببىي ئىنستىتۇتقا قانداق بېرىشنى بىلمەي ئۈرۈمچى ۋوگىزالىدا 5 كۈن ياتقانتىم، ئاخىرى قانداق چىقاركىن، دېدى.

مېنىڭ بۇ يەردە قوشۇمچە قىلىدىغىنىم، ئىچىشمەك سورۇنلىرى، ئېرسا تۇڭگاننىڭ ئاشخانىسىدىكى قورۇمىلار، قىش بويى «ئالمائاتا»دا قېزىنى كۆپ يەپ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىپ، مىجەزىدە ئۆزگىرىش بولسا ھاراقتىن كۆردى، دېگەن گەپلەرمۇ بولۇپ قالىدۇ.


سالامەت بولۇڭ.»

بىر يىلدىن بۇيان فرانسىيىدىن قايتىپ كېلىپ ئۆزۈم توغرا تاپقان ئىشقا كىرىشىپلا كەتتىم . نەچچە كۈندىن بېرى تارىم دادخاھ بۇرادەر مېنى بۇ يەرگە كىرىشكە دەۋەت قىلىپ تۇرۇۋالدى ھەمدە قارىسام مېنىڭ فرانسىيىدىكى ئىچ پۇشۇقۇم تۇتقان تەنھا كۈنلىرىمدە يازغان پارچە - پۇرات نەرسىلىرىمنى بۇ مۇنبەرگە ئېلىپ كىرىپتۇ . ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆزۈم بۇ يەرگە تىزىملىتىپ كىرىپ يازغانلىرىمنى چاپلاپ قويسام ياخشى ئەمەسمۇ ؟ دەپ ئويلاپ تىزىملىتىپ كىرەي دېسەم ئىسمىمنى باشقىلار بۇ مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىۋاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن فرانسىيىگە ئوقۇشقا چىققان تۇنجى كۈنى ماڭا يېتەكچى بولغان ھەم خۇددى مېنى ئوغلىدەك كۆرگەن مۇئەللىم ژۆغىژ ژۆمنېي ئەپەندى ماڭا قويۇپ قويغان فرانسۇزچە ئىسىمنى ئەسلىي ئىسمىمغا قوشۇپ تىزىملىتىپ كىردىم . بۇ يەرگە كىرگەندىن كېيىن نېمىمۇ يازارمەن ؟ كۆپ ئويلاپ ئاخىر دوستۇم ھەم قوشنام تارىم دادخاھ ھەققىدىكى بىر يازمىشلىرىمنى چاپلاپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم . بۇمۇ ھەرقايسىڭىزلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشىمغا يېتەر ، دەپ ئويلايمەن .

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 12:23:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىم دادخاھنىڭ قىز تالىشىشى

قايسى كۈنى بۇرادەر تارىم دادخاھ جامائەتنى ئوغلىنىڭ "سۈننەت توي مەرىكىسى" گە تەكلىپ ئېتىپ، بىر نەچچە كۈن دەككە-دۈككىدە يۈردى. ھەي، يەنىلا دىلكەش ئاغىنىدىن بىر-ئىككىسىنىڭ بولغۇنى تۈززۈككەن، ئۇنىڭغا يەنىلا مەن ئەسقاتتىم. ئەمدى مەن سىلەرگە تارىم دادخاھنىڭ دەككە - دۈككىسى ھەققىدە ئازراق بېشارەت بېرەي. ئۇنى "نېمە دەيدۇ دېمەيسىلەر؟" "ئەسلىدە بىر زال لىق توشقۇدەك مېھماننى تەكلىپ ئېتىپ قويۇپتىكەنمەن، سېنىڭ كۈشكۈرتۈشۈڭ بىلەن "بىلىۋال" ئەھلىنىمۇ تەكلىپ ئەتتىم، كېيىن ئويلاپ باقسام بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. بىلىۋالدىكى قولانچىلار ئاشۇ كاتتا بېزەلگەن "زىياپەت سورۇنىغا" مەن چاقىرغان ئەزىز مېھمانلارنىڭ ئۈستىگىلا بېسىپ كىرسە... ھەي، ھەي... بۇ نېمە كارامەت ئەمدى!... گېپىمگە قوشۇق سالىمەن دېمەي، ئۆپكەڭنى بېسىۋېلىپ تۇر... "سەن ئۈجمە سايىسىنى ساتقان باي" نىڭ ھېكايىسىنى بىلەمسەن؟ باي ئەپچىلەمنىڭ ھېلىسىگە ئالدىنىپ "ئۈجمىسىنىڭ سايىسى" نى ئاشۇ يالاڭتۆشلەرگە سېتىۋېدى، ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ قوشۇق سالما! ئەدەبىياتتا ئوقۇغان ئادەمدەك گەپ قىلە!... ناۋادا كاللاڭغا ئالالمىغان بولساڭ، مەن ساڭا دەپ بېرەي! ئاخىرىدا يالاڭ-تۆشلەر ئەسكى-تۈسكىلىرى بىلەن باينىڭ ئۆيىنىڭ ھەممە يېرىنى بېسىپ كەتتى!..."
قارىسام تارىم دادخاھنىڭ ھاياجىنى پەقەتلا بېسىلىدىغاندەك ئەمەس، ئەسلىدىمۇ بۇ ئىشنى مەن تاپقاندىن كېيىن (بىراق تەكلىپنى ئۆزى قىلغان) ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ تەخىر قىلىپ تۇرۇشۇم كېرەك، مۇشۇنداق چاغدا ئۇنىڭ يېنىدا بولماي ئۇنى تاشلاپ كېتىش تېخىمۇ بىمەنىلىك. مەن خېلى ئۇزۇنغىچە لام-جىم دېمەي سۈكۈت قىلىپ تۇردۇم. بۇ دۇنيادا تارىم دادخاھنى يەنىلا مەندەك چۈشىنىدىغان ئادەم يوق. ئۇنىڭدا كۆرۈلىدىغان بۈگۈنكىدەك كەيپىيات كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ. مەن ئۇنى چۈشىنىمەن، ئۇ ھازىرچە بۇنداق قاينىغىنى بىلەن ھېلىلا بۇ ئىشىغا پۇشايمان قىلىشقا ئۆتىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ ئاق كۆڭۈل ئەمەسمۇ؟!
ئىش دېگىنىمدەك بولدى. بايامقى ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ باشقىچىلا بىر تارىم دادخاھقا ئايلاندى. ئۇنى نېمە دەيدۇ دېمەيسىلەر؟! "توردەك بىر مەۋھۇم دۇنيادا مېھمان چاقىرغانغا ئادەم كېلەتتىمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق ئىشى بار تۇرسا، شۇ كۈنى بىلىۋال جامائىتىنىڭ ھەممىسىنىڭ بېجىرىدىغان جىددىي ئىشى چىقىپ قالسىچۇ؟!" ئۇنىڭ چىرايى بايامقىدىن خېلى ئوڭشۇلۇپ قالغاندەك ئىدى. ھەي، بەزى جايدا ئاغىنە دېگەنمۇ مۇھىم جۇمۇ بۇرادەرلەر! (گەرچە ھىجران ئەپەندى "ئاغىنە" ئاتالغۇسىغا شەيتان ئىجات قىلغان ئاتالغۇ، دەپ تەبىر بەرگەن بولسىمۇ). مەن ئۇنىڭغا ئىككى ئېغىز تەسەللى بېرىشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلگىنىگە كۆزۈم يېتىپ، ئۇنىڭغا قاراپ سۆز ئالدىم (ماڭا كىملەردىن يۇققان ئادەتكىن تاڭ، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالسىمۇ ئاسماننى تېرىۋالىدىغانلار چىقىپ قالىدۇ، دەپ يۈرىدىغانلاردىن ئىدىم).
مەن ئۇنىڭغا بۇ ئىش توغرىلىق باش قاتۇرۇشنىڭ پەقەتلا ھاجەت ئەمەسلىكىنى بەك يوغان داۋلىلار بىلەن خېلى ئۇزۇنغىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. مەن ھەتتا "مېھمان دېگەننىڭ مەنىسى بەرىكەت دېگەن بىلەن ئوخشاش، مېھماننى بەرگەن خۇدايىم ئۇنىڭ رىسقىنىمۇ قوشۇپ بېرىدۇ. نەچچە كۈندىن كېيىن بولىدىغان ئىش ئۈچۈن نەچچە كۈن غەم يەپ ئولتۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟!" دېگەندەك گەپلەرنىمۇ قىلغان بولدۇم. بىر چاغدا مېنىڭ گېپىم تارىم دادخاھقا تەسىر كۆرسەتتىمۇ ياكى ئاغىنىدارچىلىقنىڭ يۈزىمۇ بىلمىدىم، ئۇنىڭ چىرايى خېلىلا نۇرلىنىپ قالدى. ئاغىنە دېگەن شۇ ئەمەسمۇ؟! ھەقىقىي ئاغىنە دېگەن مانا مەندەك ھەم تارىم دادخاھتەك بولسا، ئاندىن ئۇنى ئاغىنە دېسە بولىدۇ. ئۇ دۇنيا - بۇ دۇنيالىق ئاغىنە-دە! (نېمە ئۇ؟! ھىجران دېگەن ئەبلەخنىڭ ئاغىنە دېگەن شەيتانىڭ گېپى دەيدىغان قاغا پۇتىدەك گەپلىرى). مېنىڭ تارىم دادخاھ ئاغىنەم ئوغلىنىڭ بۇ ئۆمۈرلۈك ئىشىدا مېنى ساقلاپ، ۋاقىتنى كەينىگە سوزۇمەن دەپ رەستۇران ئالماشتۇرۇپ ئارتۇقچە تۆلىگەن پۇلى ئۈچۈن خېلى چىقىمدار بولىدۇ. خۇدايىم بېرەر! ئۇ گەرچە كۆپ بەدەل تۆلىگەن بولسىمۇ، ئاغىنىدارچىلىققا داغ يېتىدىغان ئىشتىن يىراق تۇردى-دە! مانا بۇ ھەقىقىي ئەركەكلىك. (يەنىلا ئاشۇ ھىجران دېگەن نېمىگە ئۆچلۈكۈم كېلىدۇ، ئاغىنە دېگەن شەيتان دېگەن گەپ! مۇشۇمۇ گەپمۇ ئەمدى!).
"سۈننەت توي" نىڭ گېپىنى قىلماي. كارامەت قىزىپ كەتتى. بۇ ئىشنى ئورۇنلاشتۇرغۇچە ئالدى-كەينى بولۇپ تارىم دادخاھ خېلىلا جاپا تارىتتى. تۈنۈگۈن قارىسام ئۇنىڭ ھاردۇقى چىقىپ قالغاندەك. تۇرۇپ ئۆزىچىلا "ئايشەمخان تۇڭگاننىڭ ئاخشانىسىغا بېرىپ ئىچىپ كەلمەمدۇق؟!" دەپ قالدى. مايدەك خوش ياق. ئىككىمىز نەچچە قورۇمىنى قورۇتۇپ بىر بوتۇلكىنى تىكلەپ ئولتۇردۇق. ئۇنىڭ گەپلىرىنى دەيمەن، ئېغىزىدىن ساپلا ھېكمەت دۇردانىلىرى تۆكۈلىدۇ. شۇڭىمۇ ئۇنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرۈشنى ئۆز رازىلىقىم بىلەن تاللىۋالغانتىم. يەنە تېخى ئۇنىڭغا بېغىشلانغان ئەسىرىم "تارىم دادخاھ ھەققىدە ھېكايە" توغۇرسىدىمۇ گەپ بولدى. ئۇنىڭ كەسپى دوختۇر بولسىمۇ نېمىلا دېگەن بىلەن گېزىتخانا شىپاخانىسىدا ئىشلەيدۇ-دە! ئۇ ھازىرغىچە نى نى داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ كېسىلىنى كۆرگەن، مەندەك چالا يازىدىغان يازغۇچىغا قارىغاندا ئۇنىڭ داڭلىقلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ يۈرۈپ بىلىۋالىدىغانلىرى كۆپ.
بىز ئادىتىمىز بويىچە خېلى كېچىگىچە پاراڭ سوقۇپ ئولتۇردۇق. ئۇ ئاخىرىدا ماڭا "راستىمنى دېسەم، سەن يازغان جىق نەرسىلىرىڭ ماڭا پەقەت تېتىمايدىغان، بىراق بۇ قېتىم مەن توغرىلىق يېزىۋاتقان بۇ ھېكايەڭ خېلى قاملىشىۋاتىدۇ" دېدى.
ئۆيگە قايتىپ كېلىۋېتىپ تارىم دادخاھ ھېلىلا دەپ ئۆتكەن "بۇ قېتىم قاملىشىۋاتىدۇ" دىن سۆيۈنۈپ ماڭدىم. بىلمىدىم، مەندە پەيدا بولغان بۇ سېزىم ئىچكەن بىر بوتۇلكا ھاراقنىڭ كۈچىمۇ تېخى! نىمىلا بولمىسۇن (گەرچە مەست ھالەتتە بولسىمۇ) تارىم دادخاھ مېنى ماختىدى. ئۇنىڭغا يارىشا مېنىڭمۇ شىجائەتلىك بولغۇنۇم تۈززۈك. شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ تارىم دادخاھقا بېغىشلانغان ھېكايىنىڭ داۋامىنى تۆۋەندىكىدەك يازدىم.

شۇ قېتىم تارىم دادخاھ يۇرۇتلۇق كونا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سورۇنىدا خۇددى "ھەممىڭلارنى بۈگۈن ئاخشام ئۆيۈمگە زىياپەتكە تەكلىپ قىلدىم!" دېگەندەك سەلتەنەت بىلەن "ھەممىڭلارنى يۇرۇتلۇق يېڭىلار نامىدىم كېلەر قېتىم زىياپەتكە تەكلىپ قىلدىم!" دېگەندىن بېرى، نۇرغۇن جەۋرى-جاۋالاردا تاڭسىنىمۇ ئوبدانلا ئويناشنى ئۆگەندى. يەنە تېخى بېكىتىلگەن ۋاقىت يېتىپ كەلگۈچە ھەممە ئىشنى جايى-جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپمۇ ئۈلگۈردى. "ئولتۇرۇش" دېگەننىمۇ بولىدىغان نەرسىكەن دەپ ئويلۇغۇم كېلىدۇ. نېمىشقا دېسىڭىز، تارىم دادخاھ ئۇ خەۋەرنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئۇ ئوتتۇرمەكتەپنى تۈگىتىپ يوقىتىپ قويغان سەلتەنەت ئۇنىڭغا قايتىدىن كۈلۈپ بېقىش ئالدىدا تۇرغاندەك قىلاتتى. بۇ جەرياندا ئۇ تېخى كونا ئوقۇغۇچىلار بۇ ھەقتە ساۋاق ئېلىپمۇ ئۈلگۈردى. مانا ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ ئولتۇرۇشنىڭ ۋاقىت-سائېتىمۇ بولدى. تارىم دادخاھ شۇ كۈنى ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ئاتاپ تەييارلاپ بەرگەن يارىشىملىق كاستۇم بۇرۇلكىسىنى كىيىۋېدى، ئەينى ۋاقىتتا ئەتراپىدا قىزلار پەرۋانە بولۇپ كېتەلمەيدىغان تارىم دادخاھ كۆز ئالدىمدا نەق ئۆزىلا پەيدا بولدى. شۇ كۈنى بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ ئاجايىپ قىززىۋاتقان سورۇندىكى ۋالىۋاشقىلىقلار ئارىسىدا قىزلارنىڭ بارلاستىن كۆزىنى ئۈزمەي قېلىشىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. بۇنى كۆرۈپ تارىم دادخاھنىڭ بىر چاغلاردا "مەن يېنىلا تارىم دادخاھ" دېگەن گېپى ئېسىمگە چۈشتى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ بەرھەق ئىدى. قاراڭلار ئۇنىڭ تاڭسا ئويناشلىرىغا، بەيئەينى كەسپىي خادىمنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ يارىشىملىق كاستۇم-بۇرۇلكىسى بىلەن...
ئىشلارنىڭ بۇنداق داۋام قىلىدىغىنىنى تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىكەنمەن. ھەممە ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش قىزغىنلىقى بىلەن ھەلەك بولۇپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا كۆزگە كۆرۈنمەس بىر نەرسە ئۆزىگە باغلاپ تۇرۇۋاتقان ياخشىلىق ھەلەكچىلىكلىرىمۇ داۋام قىلىۋاتاتتى.
"ئولتۇرۇشلار" داۋام قىلاتتى. كونا-يېڭى ساۋاقداشلار ئارا؛ يۇرۇتلۇقلار ئارا؛ مەكتەپ ئاتلاپ يۇرۇتلۇقلار ئارا؛ كەسىپلەر ئارا... ئىشقىلىپ جىق. تارىم دادخاھتەكلەر بۇنداق سورۇنلار بىلەن يۈز - ئابوروي تېپىپ يۈرسە، ماڭا ئوخھساش سانغا ھېساب بولۇپ قولاشماي بىر چەتتە ئولتۇرىدىغانلارمۇ بار ئىدى. قىزلارنىڭ ھالىمۇ ئوغۇللاردىن قېلىشمايىتتى.
شۇ قېتىملىق سورۇن كەسىپلەر ئارا كونا-يېڭى يىللىقلار ئوتتۇرىسىدا بولىۋاتتاتتى. تارىم دادخاھ بۇ كۈنى بۇ سورۇنغا ئالاھىدە تەييارلىق كۆرگەندەك قىلاتتى. دېمىسىمۇ نەھچە كۈندىن بېرى ئۇنى ئەگىپ كېتەلمەيدىغان بىر قىز پەيدا بوپ قالغانتى. تارىم دادخاھقا قارىسام ئۇمۇ بىزدىن ئىككى قارار يۇقىرى بۇ قىزنى ياقتۇرۇپ قالغاندەك ئىدى. ئۇنىڭ تېتىك شوخلۇقىنى دېمەيسىز، خۇددى ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىپ جاڭگالدا قويغۇدەكلا. تارىم دادخاھ بىرىنچى بولۇپ دەل شۇ قىزنى تاڭسىغا تارىتتى. ئۇ ئىككىسى چىقىۋاتقان ۋالىس مۇزىكىسىغا خۇددى كۆك ئاسماندا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان لەرزان قۇشتەك پىرقىرايىتتى. شۇ كۈنى قويۇلغان ناخشا ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ: "ۋەتەندە باھار، قەلبىمدە باھار..."
كۆزۈم توساتتىن ئۇ قىزنىڭ سىنىپىدىكى بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىغا چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ شۇنداق چۈچۈپ كەتتىم. ئۇ تاڭسا ئويناۋاتقان ئىككىسىگە چىرايىدا قان دىدارى يوق ھالەتتە زەردە بىلەن تىكىلىپ ئولتۇراتتى. ھەي! بۇ بىر شۇملۇقنىڭ بېشارىتى. ئۇ كۈنى تارىم دادخاھمۇ قېيىشقاندەك سورۇن تۈگۈگىچە ھەر قېتىملىق تاڭسىنى شۇ قىز بىلەنلا ئويناپ چىقتى. سورۇن تارىغاندا خېئىلا كەچ بوپ قالغان ئىدى. بارلاسقا قارىسام ناھايىتى بەختلىك كۆرۈنەتتى.
بىز ياتاقتىكى نەچچىمىز خېلى كەمگىچە سورۇندىكى قىزلارنىڭ پارىڭىزنى قىلىپ بىر چاغلاردا ئۇخلاپ قالغان ئىدۇق. ياتاق ئىشىكىنىڭ زەربە بىلەن ئەنسىز ئۇرۇلۇشىدىن ھەممىمىز چۆچۈپ ئويغاندۇق. بىرى جان-جەھلى بىلەن ۋارقىرايىتتى: "تارىم دادخاھ دېگەن، نوچى بولساڭ چىقە مەيدانغا، بۈگۈن ساڭا ئۆزۈمنىڭ قادىر Ýئولۋاسلىقىمنى بىر كۆرسىتىپ قويمايدىغان بولسام. خەقنىڭ سۆيگىنىگە ئىچ-پەش تارىتقىنىڭنى بۇرنۇڭدىن چىقىرىمەن، گۇي، چىقە قېنى..." ئۇ ئىشىكنى ھېلىلا ئۆرۈۋېتىدىغاندەك قىلاتتى. ئارىدىن دەقىقە ئۆتمەي زالدىن باشقا ياتاقتىكىلەرنىڭمۇ ئاۋازى ئاڭلاندى. دېمەك ئۇ ئاشۇ ئەپتى بىلەن پۈتۈن بىر بىنانى ئويغۇتىۋەتكەنتى. مەن ئۇنىڭ توختىماي كاكىراۋاتقان ئاۋازىغا قۇلاق سالدىم. ئۇ بايىقى سورۇندا تارىم دادخاھقا قەھرى بىلەن تىكىلىپ ئولتۇرغان ھېلىقى ئەبلەخ ئىدى...

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1862

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 15:56:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تارىم ئاكىمىزنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى ۋاقتىدا ئوقۇيالماپتىمەن، ئورۇن ئېلىپ قوياي. ئوقۇپ بولۇپ پىكىرلىرىمنى يازىمەن.

ھايات خۇددى بىر تاغقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ساڭا ئاتا قىلغىنى سېنىڭ ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىغاندىن كېيىنكى ئەكس سادايىڭدىن ئىبارەت.
يەتتە قىزلىرىم توپ نومۇرى: 83426537

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 16:20:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرد تارىم دادخاھ
ئەتىسى تارىم دادخاھنىڭ ئۆزىدىن يۇقىرى يىللىقتىكى بىر قىز ئۈچۈن ئادەم ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانلىقى مەكتەبكە پۇر كەتتى. يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار ياتاققا كىرىپ ئۇنى زىيارەت قىلىشقانلار بولدى. ھەممىسى دېگۈدەك «يارايسەن ئاداش، كىچىك بولساڭمۇ جىگىرىڭ باركەن، ئوغۇل بالا دېگەن مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك» دېيىشتى. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە «پور» لەقەملىك ھېلىقى قادىر يولۋاس مەكتەپنىڭ زوراۋانى ئىكەن، ھېلىقى قىزنىمۇ مۇشتۇمزورلۇقى بىلەن قورقۇتۇپ بويسۇندۇرۇۋالغان ئىكەن.

شۇ ئاخشىمى قادىر يولۋاس ياتاق ئىشىكىنى ئۇرۇپ-تېپىپ ئېچىپ بولغۇچە تارىم دادخاھ دېرىزىدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى. مەن ئىشىكنىڭ چېقىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ئىشىكنى ئېچىپ بېرەي دەپ تۇرۇشۇمغا ئىشىك پەشۋانىڭ زەربىسىدىن ياتاقنىڭ ئوتتۇرىسىغىلا ئۆرۈلۈپ چۈشتى. قادىر يولۋاس بىلەن بىللە كىرگەنلەر ئىچىدە يەنە ئىككىيلەن بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەپتىدىن بىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدىغاندەكلا قىلاتتى.

«قېنى تارىم دادخاھ دېگەن نامەرد!» دېدى قادىر يولۋاس خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن يولۋاستەك ھۆركىرەپ. قانداق ئېغىزىم باردىكىن، قورققىنىمدىن « ھېلىقى قىزنى ياتىقىغا ئاپىرىپ قويغىلى كەتكەن» دەپ ساپتىمەن، شۇ گەپ ئاغزىمدىن چىقىپ بولغۇچە بىر شاپىلاق كۆزلىرىمدىن ئۇچقۇن چىقىرىۋەتتى، ياتاقتىكى باشقىلار بولسا يوتقاننى بېشىغا پۈركەپ باچكىدەك تىترىشەتتى. شۇ تاپتا ئۆزۈمنىڭ نېمە بولۇپ كېتىدىغانلىقىمنى ئويلاپ مەنمۇ تىترەشكە باشلىدىم، قېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ مېنى بىر شاپىلاق سېلىۋەتكەندىن كېيىن يوتقانغا پۈركىنىۋېلىشقان ياتاقداشلىرىمنىڭ يوتقانلىرىنى يۇلۇپ ئېلىپ يەرگە تاشلاپ، تۈگۈلۈپ ياتقانلارنى تارتىپ ئۆرۈپ مۇشت-تېپىككە كۆمۈۋەتتى، ئۇنىڭ ئىككى ئەگەشكۈچىسىمۇ ياردەملەشكىلى تۇردى. دەل شۇ چاغدا « نوچى بولساڭ مانا مېنى ئۇر!» دېگەن ئاۋاز ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى توختاتتى. ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىشىكنى دەسسەپ بارلاس تىك تۇراتتى. ئۇ بىگۇناھ ياتاقداشلىرىنىڭ مۇشت-تېپىككە قالغىنىنى كۆرۈپ چىداپ تۇرالماي قايتىپ كىرگەن ئىدى. « نوچى بولساڭ مانا مېنى ئۇر ! ئۇلاردا نېمە گۇناھ؟» دېدى ئۇ ئىشىك تۈۋىدە زەبەردەس دىۋىدەك تۇرۇپ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ تۇرقى ھەقىقەتەن ماڭا دىۋە بولۇپ كۆرۈندى. ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىر نۇر كۆزلىرىدىن ئۇچقۇنداپ تۇراتتى. شۇندىلا دادمنىڭ « ئادەم بولساڭ تارىم دادخاھتەك بول» دېگىنى يادىمدىن كەچتى، دادام بۇ قوشنىمىزنىڭ بالىسىدىكى بىر يوشۇرۇن كۈچنى سەزگەن گەپ، بولمىسا ئۇ گەپنى دېيىش قانداقمۇ يادىغا كەلسۇن ؟

قادىر يولۋاس ئۇچقاندەك بېرىپ تارىم دادخاھنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى، ئېسىلدى-يۇ ئۇنىڭ قوللىرى تارىم دادخاھنىڭ بىر سىلكىشى بىلەن ھاۋادا لەيلەپ باشقا ياققا ئۇچۇپ كەتتى. « ئوغۇل بالا بولساڭ ياقامغا ئېسىلما ، مۇشت-پەشۋايىڭ بولسا ئات» دېدى تارىم دادخاھ. شۇ چاغدا قادىر يولۋاسنىڭ ئىككى ئەگەشكۈچىسىمۇ قاپلاندەك تارىم دادخاھقا تاشلاندى، تاشلاندى-يۇ بىرى ياتاق بۇلۇڭىغا، يەنە بىرى ئارقىغا ئۇچۇپ چۈشتى. تارىم دادخاھنىڭ ھەرىكەتلىرى شۇنداق چاققان ئىدى، ئۆزىنى ئەپچىلگىنە بىرىنچى ئېتىلىپ كەلگىنىدىن چەتكە ئېلىۋېدى، گەۋدىسى ئارقىدىن ئېتىلىپ كەلگىنىگە قاتتىق تەگكەن چېغى، ئۇ ئارقىسىغا سەنتۈرۈلۈپ تامغا ئۈسۈۋالدى-دە بېشىنى چاڭگاللىغانچە يېتىپلا قالدى. بۇلۇڭدىكىسىنىڭ بۇرنىدىن قان ئاقماقتا ئىدى. بۇ ئوساللىقنى كۆرگەن قادىر يولۋاسنىڭ ئەرۋايى ئۇچتىمۇ، ئۇمۇ چاقماقتەك ئېتىلىپ كېلىپ تارىم دادخاھنىڭ يۈزىگە بىر مۇشت ئاتتى، تارىم دادخاھ ئۆزىنى چەتكا ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالدى، مۇشت ئۇنىڭ ئوڭ قاپىقىنى يېرىۋەتكەن ئىدى، ئۇنىڭدىنمۇ قان ئېقىشقا باشلىدى. ئارقىدىن ئاتقان مۇشتمۇ ئۇنىڭ سول قاپىقىغا تەگدى، سول قاپاقتىنمۇ قان كەتتى ، ئەمما تارىم دادخاھ ئۆزىنى چەتكە ئالماي تۇرۇۋەردى. ئۇ ئۈچىنچى قېتىم پەشۋاغا دۇچ كەلگەن ئىدى، بىر قولىدا قادىر يولۋاسنىڭ پۇتىنى كاپپىدە تۇتۇپ بىر سىلكىۋېدى، قادىر يولۋاسنىڭ سەنتۈرۈلگەن گەۋدىسى يان تەرەپتىكى كاراۋاتقا تېگىپ يىقىلدى. بۇ ئارىلىققىچە قوشنا ياتاقلاردىن، باشقا قەۋەتتىكىلەردىن كېلىپ ئولاشقانلار ئىشىك ئالدىنى توسۇۋېلىشقانتى. مەن دەرھال كىيىمىمنى كىيىپ تارىم دادخاھنى تارتىپ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ كەتتىم. قالغانلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشالمايۋاتقان ئۈچەيلەننى ئېلىپ مېڭىشتى.

تارىم دادخاھنىڭ قاپاقلىرى تازىلىنىپ تىكىلدى. قادىر يولۋاسنىڭ بېشى كارىۋاتقا تېگىپ يېرىلغان ، يەنە بىرىنىڭ تامغا ئۈسۈپ پېشانىسى يېرىلغان، يەنە بىرىنىڭ مېڭىسى يېنىك دەرىجىدە سىلكىنگەن ئىدى.

بۇ ئىش مەكتەبكە پۇر كەتكەندىن كېيىن بايا دېگىنىمدەك يۇقىرى يىللىقتىكىلەر تارىم دادخاھنى يوقلاپ كىرىشتى. مەكتەبتىكى بۇ ئىشنى بىلگەنلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىش شۇ بولدىكى، تارىم دادخاھ مېنى باشلاپ ئىككى كىلودىن ئۈزۈم، بىردىن قوغۇن ئېلىپ بالنىستا يېتىپ قالغان ئۇ ئۈچەيلەننى يوقلىماقچى بولدى. مەن قوشۇلمىغان بولساممۇ ئەمما « ئاداش، بىز قىيامەتلىك ئاغىنە تۇرساق ، بۇنىڭدىن كېيىن نېمە بولسا تەڭ كۆرىمىز» دەپ دولامنى تۇتۇپ ياتاقتىن چىقتى. بىز ئۇلارنى يوقلاپ كىرسەك، خۇددى شاڭگەنلىڭدە يارىلانغاندەك يېتىشقان ئۇ ئۈچى ئىككىمىزنى كۆرۈپ تەمتىرەپ قېلىشتى. « بولدى قوزغالماڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى ئۆتەيلى، ئەمما قادىر ئاداش ، دوستۇم ھىجراننى بىر شاپىلاق ئۇرغىنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىشىڭ كېرەك! بۇ ئەپۇنى ھازىرلا سورا، دېمەيمەن، ھازىرچە ياخشى ئارام ئېلىڭلار، بۇ ئىشنى مەكتەبكە داۋراڭ قىلىپ يۈرمەي ئۆز ئىچىمىزدىلا تۈگىتىۋېتەيلى، قالغان گەپلەرنى سىلەر ساقايغاندا چىرايلىقچە دېيىشەيلى» دېدى، ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىنى ئىلغا قىلالمىدىم، بىرەرسى لام-جىم دېمىدى، بىزمۇ يېنىپ چىقتۇق.

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 20:46 , Processed in 0.044215 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش