يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 775 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: Erkman

تارىم دادخاھ ھەققىدە ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى 22:36:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالچىن بۇرادەرنىڭ باھاسىغا قوشۇلىمەن !

نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 13:23:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈمدە تارىم دادخاھنى كۆرۈپتىمەن، ئۇ بىر راۋابنى مۇنۇ قوشاققا چېلىپ جەندە كېپەن بىلەن شاھ مەشرەپ كەبى دەشتى چۆللەردە يۈرگىدەك :

مەن يۈرەرمەن يەنە-يەنە،
ئىشق بويىدى مېنى قانغە.
نە  يولچىمەن، نە دىۋانە،
كەل، كۆر، مېنى ئىشق نەيلەدى.

گاھ ماڭارمەن يىللار كەبى،
گاھ توزارمەن غازاڭ كەبى.
گاھ ئاقارمەن سەللەر كەبى،
كەل، كۆر، مېنى ئىشق نەيلەدى.

قىيانلاردەك ئاقارمەن،
دەردلىك يۈرەگىم ياقارمەن.
يارنى ئويلاپ مۇڭلىنارمەن،
كەل، كۆر، مېنى ئىشق نەيلەدى.

يا قەلبىڭدىن قالدۇر مېنى،
يا ۋەسلىڭگە قاندۇر مېنى.
كۆپ مۇڭلاتتىڭ، كۈلدۈر مېنى،
كەل، كۆر، مېنى ئىشق نەيلەدى.

مەن يۈرەرمەن يۇرتتىن يۇرتقا،
دوست ئىستەرمەن تىلدىن تىلغا.
غۇربەت ھالىمنى كىملەر بىلەر،
كەل، كۆر، مېنى ئىشق نەيلەدى.

مەجنۇن كەبى ھەم يۈرەرمەن،
لەيلىنى چۈشتە كۆرەرمەن.
ئويغىنىپ مۇڭ-مۇڭ بولارمەن،
كەل، كۆر، مېنى ئىشق نەيلەدى.

رەڭگىم سېرىق، كۆزلەرىم ياش،
باغرىم پارە، جىگەرىم تاش.
ھالىم بىلگىل دەردمەن ئاداش،
كەل، كۆر، مېنى ئىشق نەيلەدى.

ئىشقىڭ مېنى مەست ئەيلەدى،
دىلنى چەيلەپ خەست ئەيلەدى.
ئۆلتۈرمەككە قەست ئەيلەدى،
كەل، كۆر، مېنى ئىشق نەيلەدى.

مىسكىن ھىجران بىچارەمەن،
جانىم تەندە، دىل يارامەن.
ئاشقلىقتا ئاۋارەمەن،
كەل، كۆر، مېنى ئىشق نەيلەدى.


نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:45:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇستا جەنۇبتىن كېلىۋېتىپ چۈشۈمدە تارىم دادخاھنىڭ تەمبۇر چېلىپ مۇنۇ تېكستنى ناخشا قىلىپ ئېيتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم!


نېمىشقا  قېرىماي تۇرىسەن ياپياش؟
نە خىسلەت بار سەندە ئېيتقىنا قۇياش؟
بىر شېرىن چۈش كۆرۈپ ئويغىنىپ باقسام __
سەن يەنە ئۆز پېتىڭ، مەن بولسام ئاقۋاش!



تاش دەريا تەكتىدە، كۆپۈكلەر لەيلەر،
ئالتۇن يەر تەكتىدە دىلنى رام ئەيلەر.
ئالتۇندەك ئىنسان بار، كۆپۈكتەكلەر ھەم،
بىرى باغ كۆتۈرسە، بىرى كېپ چەيلەر.



توققۇزى تەلنىڭمۇ باردۇر بىر غېمى،
ئاچ كۆزگە بىلىنەر تەلنىڭمۇ كېمى.
نەپسىڭنى تىزگىنلەپ سالمىساڭ يۈگەن،
سەن ئۈچۈن تەيياردۇر ھالاكەت ھېڭى.



ئانىلار بابىدىن سۆز ئاچما ئاداش،
بالا بوپ بىر قاچا سۇنغانمىدىڭ ئاش؟
ھالىغا يەتمەستىن تىرىكلىكىدە،
ھەي، ئەمدى نە ھاجەت، قەبرىسىن ياساش؟



ئۆلۈمنىڭ ياش بىرلە نە كارى - ئىشى ؟
ئاخىرى تۇپراققا يەم بولۇر كىشى.
ھەر نەرسە تاپقىنكى مېنىڭلا دېمە،
سۇ كەتسە قالىدۇ ئۆستەڭنىڭ تېشى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى 20:47  


نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى 20:48:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا، بۈگۈن چۈشتە ئۇخلاپ قېلىپ چۈشۈمدە يەنە تارىم دادخاھنى «ئاق مەسچىد» ئالدىدا راۋاب چېلىپ مۇنۇ كۈينى ياڭرىتىپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ھالەتتە كۆردۈم:

ئالتۇندىن ئەۋزەل سىز، زەرلەردىن ئەلا،
سىز دۇرلار ئىچىدە دۇردانىلەردىن.
سەنەملەر ئىز بېسىپ تىزىلسا ئەگەر،
سىز يەتتە ئىقلىمدا يىگانىلەردىن.

بىز بولساق قەددىڭىزنىڭ قۇربانى بولۇپ،
ئاھ ئۇرغان ۋالەيۇ ھەيرانىلەردىن.
ساقلىنىپ قالساق -دە زىنھار ئىلتىپات،
كۆرمىدۇق سىز كۆزى جەيرانىلەردىن.

سىز لەيلى، مەن تەلۋە قەيىسىڭىز بولۇپ،
چىقىپ كەلدىم كونا ئەپسانىلەردىن.
ۋەسلىڭىز مۇددەتى كۈتمەكتىن بۇ كۈن،
بولدى ئول يۈزلىرىم زەردانىلەردىن.

سۆيۈپ سالسىڭىز ھەم كىرىپ بارغۇم بار،
سىز كامال تاپقان ئول ئاستانىلەردىن.
ئاھلىرىم يەتمىسە سىزگە، ئاخۇنجان،
باش ئېلىپ كېتىدۇ پەرغانىلەردىن.




نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.

Rank: 8Rank: 8

توردا
113 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى
نادىر
6
يازما
499

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى 14:27:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا، چۈشۈمدە يەنە دادخاھنىڭ راۋاب چېلىپ ئېيتقان كۈيلىرىنى زېھىن قويۇپ ئاڭلاپتىمىشمەن، ئويغانسام تېكىستى ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، دەرھال خاتىرىلىۋالدىم، ئاھاڭىمۇ شۇ قەدەر يېقىملىق قەدىمىي ئۇيغۇر ئاھاڭلىرىدىن ئىكەندۇق، نوتا بىلگەن بولسام ئۇنىمۇ دەپتەرگە ئالغان بولاتتىم!

فەريادكى، ھىجرى ئايرىدى جانانىمدىن،
ئەفسۇسكى تەن بولدى جۇدا جانانىمدىن.
بىدار فىراق خانۇ-مانىمنى بۇزۇپ،
ھەم جانىمدىن ئايرىدى، ھەم سۇلتانىمدىن.

شاھىنشاھلار جاھاندىن ئۆتتى بارى،
ئۆتەر دۇنيا، قالۇر ئات يادىگارى.

ھەر كوچا-كوي ئارا گاھىدا بىز،
بىر كۆرگەلى زارۇ-مۇفتەلا بىز.
كەلدى باشىمىزغە ياۋ ھالاكەتى،
ياۋ ئىلكىدە زارۇ-بىنەۋا بىز.

ئىشقىڭ ئارا زارمەن-كۆيۈكمەن،
ھىجرىڭدە نىگار دۇئاگۇيۇڭمەن.
كۆزدىن نېرى دەب بىزنى ئۇنۇتما شاھ،
ھەرقايدا بار بىز، دۇئاگۇيۇڭمەن.

بۇلبۇل قەپەزدە ئەسىرۇ، قۇزغۇنلار باغدا،
سۇمرۇغ غېرىب، قاغالار ئول ۋەتەندە.
كىيىكلار ۋەيرانەدە، ئىتلار بىنادا،
ياتلار دوست يولىندا، مەن سەرگەردانلىقتا.
ھەق ئەزىز ئەتكەن كىشىنى خار ئېتەلمەس ھېچ كىشى،
كىمنى ئول خار ئەيلەسە ھەر يەردە بولسە خار كىشى.

شاھ ساڭا ھەق تابارەك يار بولسۇن،
ئەل ئۈزرە ئىزىڭ تاج تارىك بولسۇن.
لۇتف ئەتتى خۇدا، بەردى ساڭا تەخت ئىلە بەخت،
بۇ بەخت ئىلە تەختىڭىز بولسۇن مۇبارەك.

دۇنياغە بەرمە كۆڭۈل بىۋافالىق ئەبەد ئېرمەس،
بۇ رەباتى كوھىندۇر، بىزگە راۋانى ئەبەد ئېرمەس.
تەڭرىلىك دەۋاسى قىلدى نەمرۇد قەتل ئەتكۈچى،
ئەبەدى زارۇ-زەئىب، نەتاۋانى ئەبەد ئېرمەس.
سەلتەنەت ئەھلىگە لازىم بار ئاۋام سۆزىن يېمەك،
بىر ئېغىل قويدۇر ئاۋام، شاھلارغا چوپان ئەبەد ئېرمەس.

سەنىڭ ئاتىڭ دۇلدۇل ئېرۇر، ئىگەرىڭ گەۋھەر،
مەغرۇر ئولما ئانىڭغا، ئەقلىڭ بولسە گەر.
بۈگۈن سۇنسا ئالتۇن كاسا-قەدەھلەر،
ئەرتە ياغاچ ئاياق، ساپال كوزا سۇنەر.

گەر سۆزۈم كىتابقا لايىق ئېرمەس،
جەھان ئىچرە پاراۋان گۈل ۋە ھەم خەس.
دېمەدىم بولسۇن سۆزۈم ئەتىبارى،
دېدىم قالسۇن جەھاندە يادىگارى.

ئەھلى ئالەم بىرلە ئالەمدىن ۋەفا تاپماس كىشى،
ئىچى خۇش ئول ئارادە كىم ئالەم بىرلە يوقتۇر ئىشى.

ھەر كىمكى قازار بىراۋگە ئورا،
ئول ئوراغە سالۇر ئانى گۇناھى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى 14:28  


نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
بىزنى بۇ ھالغا سەن گىرىفتار قىلدىڭ ئەي كۆڭۈل.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 11-كۈنى 17:11 , Processed in 0.042836 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش