يەتتە يىگىتنىڭ چۇۋۇپ قويغان نېمىسىگە ھەجەپ قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن.
كۈندىلىك خاتىرىگە بىر نېمە تىزمىغىلى نەچچە كۈنلەر بولۇپ كەتتى. بۇ ئالدىراشچىلىق كۈنلەرنىڭ قاچان ئاخىرى چىقار، دەپ ئويلايمەن. شەنبە-يەكشەنبە كۈنى بىردەم-يېرىمدەم ئارامچىلىق يوق. يولدۇشۇم ئىشلەپلا، ئىشلەپلا. ئۇ بالىلار يا تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا مېڭىپ كەتكىنى يوق. مۇشۇ بىر بالامنىڭ ھۆددىسدىن چىقىپ بولالماي ھېرىپلا كېتىمەن. جۈمە كۈنى كەچتە بىر كىرىپ كەتسەم (ئالاھىدە ئىشلار بولمىسلا)دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن چىقىمەن ئۆيدىن. تۈنۈگۈنمۇ بىر كۈن ئۆي ئىشى بىلەن بوپتىمەن، بىردەم بىكار بولغىنىمنى بىلمەيمەن. نېمە دېگەن تۈگىمىگەن ئىش بۇ دەپ كەتتىم. بۇلۇڭ-بۇلۇڭنى قېزىپ قىلسىڭىزمۇ تۈگىمەيدىكەن، بەكلا ھاردىم.

ياخىشى يولدۇشۇم ھەمكارلاشتى. شاھزادەمنىڭ يۆتىلى ساقايماي، بىچارىگە ئۇرمىغان ئوكۇل قالمىدى. باغچىغا بىر كۈن بارسا بەش كۈن ئارام. خىزمەتدىشىم سوۋغا قىلغان كونا بىر كىتاپ بولىدىغان، شۇنىڭدىكى رېتىسپ بويىچە يەرلىك توخۇنىڭ ئۆتىنى يىگۈزۈپ باقايلى دەپ يېرىم كۈن شۇ نېمە بىلەن ھەپىلەشتۇق.

بالا ئاغرىسا با جاپا ئاپامغىلا بولغان. قېيىنئانام دېگەن ئايال ھەي...ئويلىساملا بەك ئاچچىقىم كېلىدۇ. بوپتىلا ياشنىپ قالدى، دەپلا ئۆزەمنى بەزلەيمەن. 平方 بولغاندىكىن ئەكىلىڭلار، يەتتە بالىنى باققان مەن، بىر دورا قىلىپ قوياي، دەپ يەرلىك دورا قىلىپمۇ قويمىدى. ئاغزىدا كۆيسىلا ھېسابمۇ؟ (قەشقەرلىق دېگەنگە يولۇقامدىغان)...

بۇنداق گەپلەرنى ئاممىۋى سورۇندا پەقەت دېمەيتىم مەن، ئەمما كۈندىلىك خاتىرە بولغاچقا ئىچىمنى بوشىتاي، دەپ تۆككۈم كەلدى.
خۇدايىم، شاھزادەمگە بالدۇرراق شىپا ئاتا قىلغاي.