ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكرو بىلوگ 2736 پارچە  

مىكرو بىلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 59033|ئىنكاس: 1141

[7يىگىت]يەتتە قىز كۈندىلىك خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تېما
33
يازما
274
نادىر
3
جۇغلانما
1176

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 20:47:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





يەتتە قىز مۇنبىرى كۈندىلىك خاتىرىسى.




ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم يەتتە قىز مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلار.ھەممىڭلارنىڭ نەۋرۈز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

پىقىر  يەتتە قىزغا كىرىۋاتقىلى گەرچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ بۇ يەردىكى كونا تورداشلار بىلەن خېلى كۆپ يىللاردىن بۇيان بىر-بىرىمىزگە ئۇلىشىپ ھازىرغا كەلدۇق.ھەر قايسى تورداشلار بىلەنمۇ ئىناق-ئېجىل ياخشى كېتىپ بارىمىز....

ئەمدىكى مەقسەت :

ئۈشبۇ تېما مۇنداق.بۇرۇن بىر يوللىغان ئىدىم. كونا تېمىلارنى ساقلىۋالمىغانلىق سەۋەپتىن ئۇ تېمىنى يوقىتىپ قويدۇق.شۇنۈڭ ئۈچۈن بۈگۈن يەنە باشلىماقچى.

ھەركىم كۈندە نۇرغۇن ئويلىمىغان ئىشلارغا يولۇقىدۇ.مەيلى قىزىقارلىق ياكى ئاچچىق كەلگەن ئىش بولسۇن،ياكى ئاتا-ئانا،مۇھەببەت جەھەتتە سېغىنىشلار بولسۇن.ۋە ياكى باشقا رومانتىك تۇيغۇڭىز بولسۇن.مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس سۈپىتىدە قالدۇرۇپ ماڭسىڭىز بارلىق تورداشلارنىڭ ھەمدە يەتتە قىزغا كىرىدىغان تور ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ( كۈندىلىك خاتىرىسى ) بوپ قالغۇسى...

بىر كۈنلەردە تېما ياكى ئىنكاس ھېچنىمە خالىمىسىڭىز مۇشۇ تېمىدىكى ئىنكاسلارنى ئوقۇسىڭىزمۇ ئۆزى بىر ئەسلىمە بوپ قالغۇسى...


2011\03\19....



[ 7YIGIT بۇ يازمىنى  2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 21:34  دە تەھرىرلىگەن. ]

بىلىپ ‹ قىل › ئاخىرى ئېچىنما ،
- بىلىپ ‹ تاشلا › ئاخىرى سېغىنما .
                                               « سۇلتان » ...

Rank: 8Rank: 8

تېما
27
يازما
2443
نادىر
0
جۇغلانما
2534

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 21:08:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت 7 يىگىت ...بۇرۇندىن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تېمام مۇشۇ ئىدى ، بىر مەزگىل داۋالىنىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ تېمىدا تورداشلارنىڭ سەمىمىي تىلەكلىرىنى كۆرۈپ تەسىرلىنىپ كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلگىنى ھىلھەممۇ ئېسىمدە :loveliness: بىزگە يەنەبىر قېتىم ئۇشبۇ سورۇننى ھازىرلاپ بەرگىنىڭىزدىن كۆپ مىننەتدارمەن :hug:

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 8Rank: 8

تېما
33
يازما
274
نادىر
3
جۇغلانما
1176

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 21:39:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
--- ئەزەلدىن مېھىر-شەپقەتنى كۆرۈپ باقمىغان بىچارە كىشىلەر،بۈگۈنكى كۈنلۈكتە يول-يوللاردا كۆرسىڭىز سىز ۋە مەننىڭ ئىچىنى ئاغرىتماي قالمايدۇ.
----------------------------------------------------------
مەن تىلغا ئالغان سەن ۋە مەندىكى باش پىرسۇناژ بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ماڭا تولىمۇ كۆيۈمچان كۆرۈنىۋاتىدۇ.ئۇنۇڭ دىيىشىچە بىز ئەڭ نازۇك نەرسىنىمۇ ئاسراشنى بىلمەيۋاتقانمىز...
دۇنيا بىزنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ ، كىشىلەر بىزنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ ، كۆپكۆك دېڭىز سۈيى ئۆز شاۋقۇنى بىلەن بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزگە سۈرەن سېلىۋاتىدۇ ...
ماڭا قارا  Darara ، ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا ...

[ 7YIGIT بۇ يازمىنى  2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 21:47  دە تەھرىرلىگەن. ]

بىلىپ ‹ قىل › ئاخىرى ئېچىنما ،
- بىلىپ ‹ تاشلا › ئاخىرى سېغىنما .
                                               « سۇلتان » ...

Rank: 3Rank: 3

تېما
73
يازما
922
نادىر
0
جۇغلانما
643

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 22:42:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن چۈشكىچە ئىشلەپ قايىتپ كەلسەم ئۆيدە  ئاچىللىرىم يولداشلىرى بالىلىرى ئاكام جەم بولۇپ قاپتۇ قارىسام بىر دادام يوق شۇنچىلىك  كۆزلىرىمگە ياشلار كەلسىمۇ چىقارماي چىقىپ كەتتىم ياندىكى ئۆيگە ```
چۈشتىن كيىن ئاكاملا بىلەن كومپىيۇتىر  شەھەرچىللىرىنى پىقىراپ بىردەم كەچ بولۇپ قاپتۇ  باھا ئۆسۈپ قاپتۇ ئازراق بۇنىڭ

ھاياتلىق - زىددىيەت ، كېلىشمەسلىك ، شادلىق ۋە قايغۇلارنىڭ مۇجەسسىمىدۇر !!!

Rank: 8Rank: 8

تېما
27
يازما
2443
نادىر
0
جۇغلانما
2534

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 23:22:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرۇپلائويلاپ قالدىم ، زىيادە ئېھتىياتچانلىق نورمال مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزەمدۇ قانداق ؟....بەزى چاغلاردا قارشى تەرەپنىڭ ئادەتتىكى بىرئېغىز گېپىمۇ سىزنىڭ نازۇك يارىلىرىڭىزنى ئېچىپ قويىدىكەن ، ئاندىن بىر- بىرىگە ئازار بەرمەسلىك ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىشقا باشلايدىكەن ، ئەمما بۇ كۆرۈنمەس تام بارغانسېرى بىزنى يىراقلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلالارمىزمۇ  .......

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

تېما
33
يازما
580
نادىر
0
جۇغلانما
1233
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 00:47:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارغىن قەدەملىرىم بىلەن كومپيۇتېر ئالدىغا كەلدىم، ئويلاپ باقسام نەچچە كۈنلەر بوپتىكەن دوستلار بىلەن دىدارلاشمىغىلى، شۇڭا ئۇدۇللا يەتتە قىزلىرىمغا كىرىپ تېمىلارنى بىر-بىرلەپ ككرۈشكە باشلىدىم، بۇ تېمىنى كۆرۈپ شۇنداق خۇش بولدۇم، مەنمۇ ھازىرقى ھېسياتىم ۋە ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ قويۇش مەقسىتىدە قولۇمنى كۇنۇپكا تاختىسىغا ئۇزاتتىم.
ئۆزۈمنى شۇنچىلىك ھارغىن ھېس قىلۋاتقىلى خېلى كۈنلەر بولدى، يەلكەمنى بىر يوغان تاش بېسىۋالغاندەك ئېچىلىپ كۈلۈشمۇ خۇش ياقمايدۇ، كاللامدا نۇرغۇن خىياللار، ئالدىمدا نۇرغۇن ئىشلار،  ئادەملەر مېنىڭ كۆيىنىشىمگە، مېنىڭ ئاسرىشىمغا مۇھتاج، شۇ سەۋەپلىك مەن تىرىشۋاتىمەن، تىرىشىمەن، مەڭگۈ ئارقىمغا قارىماستىن ئالدىمغا قاراپ ئىلگىرلەيمەن!!
تەشەككۈر يەتتە يىگىت!

Rank: 3Rank: 3

تېما
61
يازما
472
نادىر
9
جۇغلانما
830
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:06:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئىشلەپ بەك چارچىدىم، ھېلىمۇ ھىندىستانچە ناخشىلارنى تىڭشاپ تۇرۇپ ئىشلىدىم، شۇنىڭغا بەك زىرىكشىلىك بىلىنمىدى. لېكىن ، بوينۇم شۇنداق ئاغرىپتۇ. ھازىر ئاخشىمى 9-قانالدا بېرىۋاتقان قەيسەر ئايال دىگەن فىلىمنى توردىن خەنزۇچىسىنى كۈرۈۋاتىمەن. بۇ فىلىم شۇنداق تەسىر قىلدى، ئادەم قىينچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەسلىك ئىكەن. ئەتە نورۇز بايرىمى، كىملەر ماڭا ئاۋال ئۇچۇر ئەۋەتەر بايرىمىمنى تەبرىكلەپ ؟ ھاھاھ....مەنمۇ ئەۋەتىمەن. جىق ئۇچۇرلارنى...

Rank: 3Rank: 3

تېما
37
يازما
1416
نادىر
0
جۇغلانما
700
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:28:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېل نومۇرنى دەۋېتىڭە، مەنلا ئەۋەتەي بىرىنچى بولۇپ!:P

  يەتتە يىگىت مۇنبەرگە كىرگىلى ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ، ئىزچىل ئەڭ ئالقىشىلىق تېما يوللاۋاتىدۇ، دەپ قارايمەن!

راستىنى دېسەم  يېقىندىن بۇيان كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس. شۇنچىلىك بىر مۇرەككەپ ھېسسىيات كىرزىسىگە دۇچ كەلدىم. ئادەم بولىدىكەن ھەر خىل ئىش ۋە ئادەملەرگە ئۇچرايدىكەنمىز............كېيىنچە ئاخىرىنى يازارمەن، چۈنكى كۈندىلىك خاتىرە بىلەن مۇڭدىشىش مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشىم.

ئاخىرىدا: ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

[ Coffee بۇ يازمىنى  2011-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:36  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 6Rank: 6

تېما
7
يازما
514
نادىر
1
جۇغلانما
1349
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 22:46:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاخىرقى سامسىنى قومۇرۇپ قولۇمغا ئېلىپ تۇرسام، مەھەللە كوممىتېتىدىكى پاتىگۈل ھەدىمىز تونۇر بېشىدا پەيدا بولدى... ئۆزىمۇ قىززىقچى ئايال ئىدى.
ئاغزىم قىچىشىپ گەپ تاشلاپ باقتىم:
ــــ پاتىگۈل ھەدە، يىلدا مەھەلىلەردە نورۇز پائالىيىتى بولۇۋاتاتتى... بۇ يىل جىمغۇ؟ خۇدايىم بۇيرىسا دەپ، ئىككى قوينى تۇتۇپ قويغانىدىم نورۇزغا ئاتاپ...
ــــ پارتىيە بۇيرىسا بوپ قالار~! ئاغزىمنى تاتىلىماي ئەكىلە  سامساڭنى...
  "ئىم~" دەپلا قالدىم ئىچىمدە... بۈگۈن پاتىگۈل ھەدەمنىڭ مىجەزى قوداڭشىپ قالغان چېغى... گەپ قىلماي سامسىدىن 10 نى خالتىلاپ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدۇم...
......
قىززىق... "خۇدايىم بۇيرىسا " دېمەمدۇ ئىش دېگەننى؟ پارتىيەدە نېمە گۇناھ...؟

مەدەنىيەتلىك سامسىپەز

Rank: 3Rank: 3

تېما
0
يازما
255
نادىر
1
جۇغلانما
305
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 23:20:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈنلەر بەكمۇ مەنىسىز ...
ئۆزەمنى بۇ دۇنياغا ئارتۇقچە تۇغۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش