يەتتە قىز مۇنبىرى كۈندىلىك خاتىرىسى.

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم يەتتە قىز مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلار.ھەممىڭلارنىڭ نەۋرۈز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.
پىقىر يەتتە قىزغا كىرىۋاتقىلى گەرچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ بۇ يەردىكى كونا تورداشلار بىلەن خېلى كۆپ يىللاردىن بۇيان بىر-بىرىمىزگە ئۇلىشىپ ھازىرغا كەلدۇق.ھەر قايسى تورداشلار بىلەنمۇ ئىناق-ئېجىل ياخشى كېتىپ بارىمىز....
ئەمدىكى مەقسەت :
ئۈشبۇ تېما مۇنداق.بۇرۇن بىر يوللىغان ئىدىم. كونا تېمىلارنى ساقلىۋالمىغانلىق سەۋەپتىن ئۇ تېمىنى يوقىتىپ قويدۇق.شۇنۈڭ ئۈچۈن بۈگۈن يەنە باشلىماقچى.
ھەركىم كۈندە نۇرغۇن ئويلىمىغان ئىشلارغا يولۇقىدۇ.مەيلى قىزىقارلىق ياكى ئاچچىق كەلگەن ئىش بولسۇن،ياكى ئاتا-ئانا،مۇھەببەت جەھەتتە سېغىنىشلار بولسۇن.ۋە ياكى باشقا رومانتىك تۇيغۇڭىز بولسۇن.مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس سۈپىتىدە قالدۇرۇپ ماڭسىڭىز بارلىق تورداشلارنىڭ ھەمدە يەتتە قىزغا كىرىدىغان تور ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ( كۈندىلىك خاتىرىسى ) بوپ قالغۇسى...
بىر كۈنلەردە تېما ياكى ئىنكاس ھېچنىمە خالىمىسىڭىز مۇشۇ تېمىدىكى ئىنكاسلارنى ئوقۇسىڭىزمۇ ئۆزى بىر ئەسلىمە بوپ قالغۇسى...

2011\03\19....
[
7YIGIT بۇ يازمىنى 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى 21:34 دە تەھرىرلىگەن. ]