Coffee بۇ يازمىنى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 17:28 دە يوللىغان 
يەتتە يىگىتنىڭ چۇۋۇپ قويغان نېمىسىگە ھەجەپ قىزىقىپ قېلىۋاتىمەن.
كۈندىلىك خاتىرىگە بىر نېمە تىزمىغىلى نە ...
بۇ ئىنكاس بىلەن يۇقۇردىكى دىلەيسەمنىڭ ئىنكاسىدا ھەقىقى چىنلىقنى كۆردۇم.
ئاياللاردىكى ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق مانا مۇشۇ يەردە، قىيىن ئانا مۇناسىۋىتى بىلەن ھەمرايىنىڭ سۆيگۈسىگە بولغان ئىدىيىۋى دالۋالغۇشى.
قەھۋەنىڭ دەردىگە يېتىمەن، دىمىسىمۇ جەمىيىتىمىزدە ئايال تەراپنىڭ ئانىسى ئەر تەرەپنىڭكىدىن بەكەرەك كۆچەيدۇ، تۇغۇتىنى باققاندىن تارتىپ تاكى نەررىسىنىڭ تويى بولغىچە پۇتۇن چىقىمدىن مانا مۇشۇ بالا بېقىشقىچە. بۇنى ئوغۇل تەرەپنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئويلۇشۇپ قويسا بولاتتى. بىر دوستۇم مۇنداق دەيدۇ، بالامنى قىيىن ئانام باقسا ئاغرىتىپ قويىدۇ دەپ. بۇ يە يات ئادەمنىڭ بالىسى بولمىسا ئۆز سۇڭەك ئىگىسى تۇرۇپ قىز بىلەن ئوغۇلنىڭ بالىسىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلمىسا بۇنى كىمدىن كۆرۈمىز؟
دىلەيسەمنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ، مەن ئۈچۈن يېزىلغان، مېنىڭ سىرىمنى دەۋەتكەندەك خوش بولۇپ كەتتىم. ئەرلەرگە سۇركۇشۇپ يۇرۇدىغان ئاياللار، نىمىشقا بىزدەك شۇ ئەرنىڭ ئايالى قانداق ئازاپلىنار دىگەن سۇئالنى كۆڭلىگە ئەكەلمەيدىغاندۇ؟
بەزىدە مەس بولۇپ قاپتۇ دەپ تىلفۇنلىرىغا ئۇچۇرلار كېلىدۇ. ئەر تەرەپ مەس بولۇپ يوللىسا بۇ نورمالدەك تۇراتتى، ئەمدى ئايال كىشى مەس بولۇپ . ئەرگە ئۇچۇر يوللىسا . توۋە ....
تۇرۇپ يولدۇشۇمنى شۇنچىلىك قىزلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزەمگە تەۋە قىلغىنىمغا شۇنداق بەخت ھىس قىلىمەن، يەنە تۇرۇپ بۇ بەختتىمنى باشقىلار تارتىۋالسا دەپ شۇنداق قوقۇنۇش باسىدۇ.
دىلەيسەمنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىنى مەن نەچچە قېتىم، نەچچە قېتىم بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن.
ھازىر سىزدەك، مەندەك باخت ئىگىسى يوق بەلكىم .