يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

كۆرۈش: 18546|نەقىل: 92

سىزمۇ ئاجراشقانمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
1
يازما
11
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 22:04:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم ئىسمىمغا قاراپ ئېسىڭلارغا دەرھال تۈركىيەنىڭ قايسى بىر يازغۇچىسىنىڭ <ئۆكسۈش> نامىلىق ئەسىرى ۋە شۇ ئەسەردىكى <خەندان>،<نالەن>،<كامرانبەي> لەرنىڭ قىسمەتلىرى كۆز ئالدىڭلاردا نامايەن بولۇشى مۆمكىن ،ئەپسۇس بۇ قانداقتۇر بىر يازغۇچىنىڭ ھېكايىسىدىكى پېرسۇناژنىڭ قىسمىتى ئەمەس ياكى قانداقتۇر شۇ ئەسەرلەردىكى پېرسۇناژلارنىڭ ئۆكسۈشلىرى ئەمەس بەلكى ئۆزۈمنىڭ قىسقىغىنە ھايات سەپىرىمدىكى ئۆكسۈشلىرىمدۇر .سىزمۇ ئاجراشقانمۇ ؟
قانداق سوئال بۇ ،كىشىنىڭ شەخسىيىتىنى بۇ يەردە سوراپ  دەپ رەنجىپمۇ كەتمەڭ ، تىمامنى ئوقۇپلا ئىچىڭىزدە ئۆز- ئۆزىڭىزگە جاۋاپ بەرسىڭىزلا بولدى .
ئەگەر ئاجراشمىغان بولسىڭىز ھەرگىز ئاجراشماڭ ،نىمىشقا دەمسىز نىمىشقىلىغىنى بۇ ئەسىرىمنى ئالدىرىماي ئەستەيدىل ئوقۇسىڭىز ئاندىن بىلىسىز، ئەگەر ئاجراشقان بولسىڭىز ،نىمىشقا ئاجراشقان،سەۋەنلىك كىمدىن ئۆتكەن، ھازىر سىز قايتا تۇرمۇشلۇق بولدىڭىزمۇ يوق ، ئۇچۇ؟ تۇرمۇشۇڭلارنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولامدۇ يوق ، بۇ توغرىسىدا سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىشىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
مەنمۇ خۇددى سىزدەك ۋە باشقىلاردەك ئىڭەلەپ يىغلاپ بۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان.
--قىزكەن، بۇ بالىمىز راستلا قىزكەن، تەڭرىگە مىڭ رەھمەت ،ئاخىرى قىزىمىز بار بولدى ،-دەپ ئاتا- ئانام كۆز ياشلىرى قىلىشقان بىر قىز ئىدىم .
تەڭرىم بەش ئوغۇلنىڭ ئىچىدە مېنى يالغۇز قىز قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئاتا- ئانامنىڭ دۇئاسىغا لايىق ئەقىلنىمۇ ئاتا قىلغان ئىدى ، مەن مەكتەپ يېشىغا توشماي تۇرۇپلا دادامنىڭ يېقىن دوستنىڭ ياردىمىدە مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش شەرىپىگە ئىگە بولدۇم.
يېشىمنىڭ كىچىكلىكىنى باھانە قىلىپ باشتا ئالغۇسى كەلمىگەن مۇئەللىمىم بولسا ئاز كۈن ئۆتمەيلا مېنى ماختايدىغان، بالىلارغا :
--قاراڭلارچۇ نەفىسەگە ئۆزىنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي ھەم ئەقىللىق ھەم تىرىشچان ،سىلەر مۇشۇ كىچىك قىزدىن ئۈگىنىڭلار دەپ ۋارقىراپ كېتەتتى، بۇنداق ۋاقىتتا مەن بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان بىر نەچچە قىز- ئوغۇل ساۋاقداشلىرىم ماڭا ھەۋەس بىلەن قاراشسا يەنە بەزىلىرى خۇددى <ھېلى تەنەپۇستا كۆرىسەن> دەۋاتقاندەك ئالىيىشىپ قاراپ كېتەتتى.
مانا مۇشۇنداق ماختاش ۋە ماختىنىشلار ئىچىدە كىچىككىنە تۇرۇپلا باشلانغۇچ مەكتەپنى تاماملاپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتتۈم بۇ قىسقىغىنە مەكتەپ ھاياتىمنىمۇ خۇددى باشلانغۇچ مەكتەپتىكىگە ئوخشاش ئەلا نەتىجىلار بىلەن پۈتتۈرۈپ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى بېرىپ نەتىجىمىزىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان كۈنلەردە قولۇمغا مەلۇم بىر سىفەن مەكتىپىنىڭ ئىمتىھانسىز ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئوقتۇرۇش قەغىزى كەلدى ، بۇ پەقەت نەتىجىسى ئالاھىدە ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلدىغان بىر ئىمتىياز ئىدى ،بۇ ئۇقتۇرۇشنى كۆرۈپ ئاتا- ئانام شۇنچىلىك خۇشال بولدىكىن ئەيھاناس مەھەلىدە كۆرگەن ئادەمگە:
--قىزىمىز ئىمتىھانسىز ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى ، دىيىشىپ ھىجىيىپ كېتىشەتتى،مەن بولسام ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىدىم چۈنكى مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنىمۇ ياخشى نەتىجىلىرىم بىلەن پۈتتۈرۈپ ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان مەكتەپلەردە ئوقۇغۇم ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن كەسپنى قىلغۇم بار ئىدى، ئەمما ئاتا - ئانامنىڭ  دائىم :<چوڭ بولساڭ چوقۇم ئوقۇتقۇچى بولىسەن قىزىم > دىگەن گەپلىرى ۋە ھازىرقى بۇ خۇشاللىقىغا قاراپ ئۆز ئارزۇيۇمدىن ۋاز كېچىپ ئاتا - ئانام ئارزۇ قىلغان بۇ كەسىپتە ئوقۇش قارارىغا كەلدىم -دە، تەييارلىقىمنى قىلىپ يۇرتتىن ، ئاتا - ئانامدىن تۇنجى قېتىم ئايرىلىپ يىراق يۇرتقا قاراپ يول ئالدىم ، بۇ يۇرتلاردا مېنى نىمە قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ ،قىزىقسىڭىز داۋاملىق يەتتە قىزلىرىمغا كىرىپ بۇ تىمىنى ئوقۇشنى ئۇنۇتماڭ .

Rank: 8Rank: 8

توردا
813 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
5
يازما
1384

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى 23:10:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى قېنى؟ ياخشى چىقىپتۇ.

ئۆي بەكلا ئىسسىپ كەتتى، تالا بەكلا سوغۇق

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى 17:18:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ھەر بىر سىتۇدىنىتنىڭ نەچچە يىللىق مەكتەپ ھاياتى شۇنچىلىك قىيىن ئۆتكەللەرنى بېسىپ ئۆتەمدىغاندۇ؟
تېمىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامەن........

Rank: 3Rank: 3

توردا
64 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
1
يازما
253
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 12:20:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى قاچان يازىسىز ئۆكسۈش ؟

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 12:29:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىنىڭ ھاياتى بىر ئۇسۇل سەھنىسىگە ئوخشايدىكەن. ھەممە كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ئۇسۇل سەھنىسىدە ئۆزىنى نامايەندە قىلىدىكەن. بەزىلەر باش پىرسۇناژ بولىدىكەن بەزىلەر مەڭگۈ قوشۇمچە پىرسۇناژ بولىدىكەن. نەفىسەنىڭ بۇ قەلب سەھنىسىدىكى رولى زادى قانداق بولار؟ ئاخىرىغىچە قانداق ئوينايدۇ؟ داۋامىنى ئۆكسۈشنىڭ قەلىمى بىلەن بىلىمىز ئەلۋەتتە.

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
1
يازما
11
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 12:56:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ بۇ يات شەھەردە يىغلاپ قاقشاپ يۈرۈپ ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ناھيىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشتۈم،
ئۆزۈمنىڭ يېزىقچىلىق قابىلىيىتىم ، ھۆسنىخەت يېزىشتىكى ئالاھىدىلىكىم ۋە ناخشا ئېيتىشتىكى ئالاھىدىلىكلىرىم بىلەن مەكتەپتە تېزلا كۆزگە كۆرۈندۈم ، مەكتەپنىڭ ھەرقانداق پائاليىتىدە مەن كەم بولسام بولمايتتى، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنمىكىن ئەتتىراپىمىنى ئەگىيدىغان ئەر خىزمەتداشلىرىممۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. نىمىشقىكىن تاڭ بۇ خىزمەتداشلىرىمنىڭ بىرسىنىمۇ ئۆزۈمگە نامزاتلىققا كۆرسۈتۈشنى خالىمايتىم .مانا مۇشۇنداق تاللىق باغدا يۈرگەن مەزگىللەردە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق ناھيىمىزدىكى ئەڭ چوڭ رېستۇران‹گۈلدىيار رېستۇرانى›دا تەبرىكلەش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى.
پائالىيەت ئاۋال مەكتىپىمىزدىكى ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلىدى، ئارقىدىن مەكتەپ ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەيارلىغان نومۇرلىرىنى كۆرسۈتۈش بويىچە ئېلىپ بېرىلدى .
-تۆۋەندە مەكتىپىمىزنىڭ ياش ھەم چىرايلىق ئوقۇتقۇچىسى نەفىسەنىڭ بۈگۈنكى بايرامغا ئېلىپ كەلگەن تۆۋەندىكى نەخشىسىدىن بىرلىكتە ھوزۇرلىنايلى، رىياسەتچىنىڭ ئارتۇقچە داڭلىشىدىن خىجىلىقتا سەھنىگە ئارانلا چىقىۋالدىم.
-نىمە ناخشا ئېيتىسىز سىڭلىم؟
بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈرسەم قارماققا مەندىن نەچچە ياش چوڭلىقى چىقىپ تۇرىدىغان سېمىزراق بىر ئادەم ماڭا ھىجىيىپ قاراپ ئولتۇراتتى ، ئەزەلدىنلا بىر ئادەمنى ئالدىراپ ئاكا- ئاچا دىمەيدىغان خۇيۇم بولغاچقىمۇ ئۇنىڭ سوئالىغا تولىمۇ پەرۋاسىز ھالدا جاۋاپ بەردىم:
-پاشا ئېشاننىڭ ‹ئانا مېھرى›دېگەن ناخشىسىنى .
-چاقچاق قىلمىڭە سىڭلىم ، بۇ ئادەتتىكى ناخشىچىلار ئېيتىدىغان ناخشا ئەمەس ، خىزمەتداشلىرىڭىز ئالدىدا سەت تۇرمىسۇن يەنە.
-مەن ئۆزۈمگە ئىشەنچ قىلغان يەردە سىز نىمىگە قورقاتتىڭىز، ئارتۇق گەپ قىلماي چېلىڭە.
ئۆزۈمنىڭ بۇ بالىغا نىمىشقا بۇنچە قوپال تەگكىنىمنى بىلمەيمەن ، بۇ بالىمۇ ئۆزىنىڭ ماڭا ئارتۇق گەپ قىلىپ قويغىنىدىن خىجىللىق ھېس قىلدى بولغاي ئاستا مۇزىكىنى تەڭشەشكە باشلىدى.
مۇزىكىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تۆۋەندىكىلەر گۈررىدە يېنىك ۋالىسقا چۈشتى، مېنىڭ ھۇدۇقماي ، تەمتىرىمەي تولىمۇ ئەركىن ئېيتىۋاتقىنىمنى كۆرگەن مۇزىكانت بالا خۇددى ‹بايامقى گېپىمگە كەچۈرۈڭ!›دەۋاتقاندەك قاراپ -قاراپ قوياتتى.
شۇنداق قىلىپ تۆۋەندىكى خىزمەتداشلىرىمنىڭ قايتا- قايتا تەلەپ قىلىشى بىلەن يەنە ئىككى ناخشىنى ئېيتىپ بولۇپ ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇرشىمغا بىر مۇلازىمەتچى قىز سىزنى رېستۇرانىمىزنىڭ دېرىكتورى چاقىرىدۇ-،دىدى.
مەن سەل ھەيرانلىق ھېس قىلدىم-دە، ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ مۇلازىم قىزنىڭ باشلىشى بىلەن بىر ئايرىمخانىغا كىردىم ، ئۇ يەردە بايىقى مۇزىكانت بىلەن بىر سېمىزراق ئادەم ئولتۇراتتى.
-بۇياق بىزنىڭ دېرىكتۇر نەفىسە سىڭلىم ،- دېدى ، مۇزىكانت بالا تونۇشتۇرۇپ، -ياخشىمۇسىز دېدىممەن، بوش ئاۋازدا . -ئولتۇرۇڭ سىڭلىم ، دېدى ،-ھېلىقى دېىكتۇر .
-ئۇ سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ، ناخشا ئېيتقاندىكى سەنئەتچىلەرگە خاس تۇرقلىرىڭىزنى بەكلا ياقتۇرۇپ قاپتۇ، ئۇ سىزنى خالىسا رېستۇرانىمىزغا كېلىپ ناخشا ئېيتىپ بەرگە يۇقۇرى مۇئاش بەرسەك دەيدۇ.
-نىمە؟!چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم ، ياق بولمايدۇ، مەن بۇنداق يەردە ئىشلىسەم بولمايدۇ، مەن دېگەن بىر خەلىق ئوقۇتقۇچىسى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادام ئاڭلىسا چوقۇم مېنى ئۆلتۈرۋېتىدۇ، رەھمەت كۆڭلىڭلارغا ، بۇ گەپ مۇشۇ يەردىلا قالسۇن دېگىنىمچە ئايرىمخانىدىن يۈگۈرگەن پېتى تازلىق كىرىپ كەتتىم ، خۇددى ئوغۇرلۇق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان ئادەمدەك تازلىق ئۆيىنىڭ ئىچىدە ئۇياق - بۇياققا قورقۇپ قارايتتىم.
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن تاڭ سىرتتىن تازلىق ئۆيىگە قاراپ كېلىۋاتقان بىر نەچچە ئايال كىشىنىڭ كۈلكە ئاۋازىدىن خىيالدىن ئويغۇنۇپ يالغاندىن قولۇمنى يۇيغاندەك بولۋالدىم.
-ۋاي نەفىسە بۇ يەردە ئىكەنسەنغۇ ئاداش، رېستۇراندىكى باشقا مېھمانلارمۇ ناخشاڭغا كۆيۈپلا قاپتۇ ، ئۇلار سېنى يەنە بىر نەچچە ناخشا ئېيتىپ بەرسۇن دەپ تەلەپ قىپتىكەن سېنى ئىزدەپ تاپالماي يۈرەتتى ھېلىق مۇزىكانت ھى ھى ھى ھى .
- بۇ كۈلكە گەرچە شۇنداق تەبئىي چىققان بولسىمۇ ئەمما، ماڭا خۇددى مەسخىرلىك كۈلكىدەك ئاڭلاندى، ئارتۇقچە گەپمۇ قىلماستىن زالغا چىقتىم ، ۋە مىجەزىم يوق تۇرىدۇ دېگەننى باھانە قىلىپ رېستۇراندىن قايتىپ چىقتىم، يول بويى ھېلىق مۇزىكانت ۋە دېرىكتۇر كۆز ئالدىمدا ماڭا قاراپ تۇرغاندەكلا تۇيۇلاتتى ، تولىمۇ روھسىز ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەلدىمدە ياتاق ئۆيۈمنىڭ ئىشگىنى تاقاپ تورۇسقا قاراپ خىيال سۈرۈشكە باشلىدىم.
كىم بىلسۇن مۇشۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مېنىڭ پۈتۈن ھاياتىمنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقىنى......

داۋامىغا قىزىقسىڭىز يەتتە قىزلىرىم خانىم-قىزلار تور بېتىگە كىرىپ بۇ تېمىنى چېكىشنى ئۇنۇتماڭ~!!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
1429 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
نادىر
4
يازما
3556

Medal No.1 Medal No.2 Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 13:04:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئىدارىنىڭ پائالىيىتدە ناخشا ئېيتىڭ دىسە جېنىم چىقىدىغانلا بولدى مېنىڭ، ئادەم ئۆزىنىڭ خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايۋاتقاندا، ئۆتكەندە مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق تاس قالدىم باشلىق بىلەن ئۇرۇشۇپ خالات-پالاتنى تاشلاپ كېتىپ قالغىلى :lol :lol

مۇنبەرنىڭ يېڭى توپ نومۇرى 241987568

Rank: 5Rank: 5

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
2
يازما
57
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 14:27:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى داۋامى ئۆكسۈش خانقىز :handshake

Rank: 8Rank: 8

توردا
170 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
نادىر
2
يازما
983

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 17:18:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىدىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز تېمىغا. ئاخىرىنى ئۈزۈپ قويمىغايسىز.ئۆكسۈش .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
495 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى
نادىر
0
يازما
1893

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 20:04:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىملىق ئاۋازىڭىز بىلەن ئوقۇپلا بەرسىڭىز تېخىمۇ ئوبدان بولاتتى جۇمۇ

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېقىتىپ ماڭدى سورىدىم :مېنى قايەرگە ئېلىپ بارىسەن
ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭزىغا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 09:10 , Processed in 0.177653 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش