يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1920 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: ئۆكسۈش

سىزمۇ ئاجراشقانمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

توردا
64 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
1
يازما
253
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 22:38:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بۇرۇنقى لىنىيەدىكى ئۆسۈش شۇمۇ ؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
175 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
2
يازما
516
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 02:08:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈكسۈپ قىلىۋاتىدۇ تىمىلىرىڭىز ئۆكسۈش خىنىم

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ ~

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
579

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 21:24:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام سىزگە ئۆكسۈش ، مەنسىزنىڭ تىمىڭىزغا بەكلا قىزىقىپ قېلىپ نەچچە كۈندىن بىرى ساقلاۋاتقان ئىدىم ، قارىسام توختاپلا قالدىڭىز ،نىمە ئىش بولدى ؟

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
1
يازما
11
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:52:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ ئىشتىن كېيىن خېلى ۋاقىتلارغىچە <<گۈلدىيار رېستۇرانى>>غا بارالمىدىم، كۆز ئالدىمدا ھېلىقى قورسىقى يوغان دېرىكتۇر بىلەن ھېلىقى مۇزىكانتنىڭ چىرايى پەيدا بولسىلا تېنىم شۈركىنىپ كېتەتتى، ئۇلارنىڭ مېنى ماختاپ ئۇچرۇشلىرى خۇددى ماڭا قىلىنغان ھاقارەتتەك بىلىنىپ يىغلىغۇم كېلىپ كېتەتتى.
ئارىدىن خېلى ۋاقىتلار ئۆتتى، بۇ ئىشلارنىمۇ ئاستا- ئاستا ئۇنتۇلۇپ بۇرۇنقىدەك جىددى ئىشلەپ يۈرىۋەردىم.
-ئاداش بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم كەچتە نەۋرە ئاكام <<گۈلدىيار رېستۇرانى>>دا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بولدى، سەن دىگەن دوستلىرىمنىڭ سەر خىلى جۇمۇ كەلمىسەڭ قاتتىق رەنجىيمەن، بەي بەي كەچتە ساقلايمەن، راست دەپ قوياي شەرەپ تاختىسىدىكى گاداي مۇئەللىم ماڭا سوۋغا ئالىمەن دەپ ئاۋارە بولما ، ئۆزۈڭنىڭ كېلىپ بەرگىنى مەن ئۈچۈن چوڭ سوۋغا جۇمۇ ھى ھى ھى ھى...
مېنىڭ چۈشەندۈرۈشىمگە پۈرسەتمۇ بەرمەي تېلىفۇننى قويۋەتتى، بۇ دوستۇم مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم ھەم يېقىن دوستۇم بولۇپ، ھازىر ئۆز ئالدىغا شىركەتلەرنى ئېچىپ ناھيىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ياش كارخانىچى بولۇپ قالغان ئىدى.
تېلىفۇننى قويۇپ كاللامغا يەنە ھېلىقى ئىش كىرۋالدى بارماي دېسەم دوستۇمنىڭ بايامقى گەپلىرى، باراي دېسەم ھېلىقى دېرىكتۇر بىلەن مۇزىكانت بالا، زادى قانداق قىلارمەن؟
-ئولتۇرۇپ كېتىپلىغۇ ئۇز خېنىم؟!
بۇ تونۇش ئاۋازدىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام مەن بىلەن تەڭ كەلگەن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئەلى شوخلۇق بىلەن كۆزۈمگە قاراپ تۇراتتى.
-ھە شۇ بۈگۈن بىر دوستۇمىىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، كەچتە بېرىش بارماسلىق توغرىسىدا ئويلىنىپ ئولتۇردۇم.
-ۋۇي ياخشى ئىشكەنغۇ، ھەقىچان شۇ يالغۇز قانداق بارارمەن دەپ غەم قىلىپ ئولتۇرغانسىز ، مانا مەندەك ئاق ئاتلىق شاھزادىڭىز تۇرغان يەردە نىمىگە ئەنسىرەيسىز، قېنى قانداق بۇيرۇقلىرى بولسا مەن بەجا كەلتۈرەي.
-ھاھاھاھاھا... بەك قىزىق جۇمۇ سىز ئەلى، مەسىلە يالغۇز بېرىشتا ئەمەس، شۇ....
-ھە، بىلدىم سوۋغا ئالىدىغانغا دوللار كەم دەڭە، بولدى پېقىر ئۆز ئۈستۈمگە ئالاي، قانداق سوۋغا ئالماقچى ئىدىڭىز مەن ئەكىلىپ بېرەي.
-ۋاي ياقەي......نىمە دىسەم بولار.
-ۋاي ئاللا بىر تۇغۇلغان كۈنگە بېرىش ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك ئويلىشىش كېتەمدۇ ئەمدى، گاچچىدە بىر نىمە دەڭە زادى نىمىش بولدى؟
-ئۆتكەندە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدىكى پائالىيەتنى شۇ رېستۇراندا قىلغانغۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟
-ھە، ئېسىمدە قانداق مەكتەپ يەپ ئىچىپ بولۇپ ھېساۋاتنى سىزگە ئارتىپ قويۇپتىمۇ يا دېرىكتۇرىنىڭ سىزگە كۆزى چۈشۈپ ئەلچى كىرگۈزۈپتىمۇ؟
-ئۇنىڭ شوخلۇق بىلەن قىلغان بۇ قىزىق گېپىنى ئاڭلاپ يەنە بىر قېتىم ئۆزۈمنى بېسۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم، ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ھەممىنى دەپ بەردىم.
-ۋاي مۇشۇنچىلىك ئىشمىدى، ئۇلارنىڭ سىزنى تەكلىپ قىلغىنى ئۇلارنىڭ كۆڭلى ، رەت قىلىش سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز، ئاراڭلاردا ھېچقانداق ئىش قالماتىغۇ ، نىمىگە قورقاتتىڭىز، بۈگۈن ھەقاچان يەنە ناخشا ئېيتىپ بېرىڭ دەپ تۇرۋالار دوستىڭىز؟
-شۇ مېنىڭمۇ ئەنسىرەۋاتقىنىم مۇشۇ ئىش.
-ۋاي ئەنسىرگىدەك ئىش يوقكەن، ئېيتىپ بېرىڭ دىسە ئېيتىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە ئوتنى سېلۋېتىپ، تەكلىپ قىلسا چىرايلىق رەت قىلىپ يېنىپ كېلىۋەرمەمسىز.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم خېلى جايىغا چۈشكەندەك بولدى ۋە نەچچە ۋاقىتتىن خۇددى نۇمۇسلۇق ئىش قىلىپ قويغاندەك ھېچكىمگە دىيەلمەي يۈرگىچە بىرەرسىگە دەپ باقمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم
-رەھمەت ئەلى.
-پېقىر ئۇنداق قۇرۇق رەھمەتكە ئالدانمايدۇ جۇمۇ!
-ئەمسە؟!
-كەچتە مېنى ئوغۇل دوستۇم دەپ ئۇ تۇغۇلغان كۈنىگە بىللە ئاپىرىسىز ھاھاھاھاھا...
-ۋاي ساراڭ نىمە دەيدىكىن دەپتىمەن ئۇنى يېنىك مۇشتلاپ قويدۇم، ئۇ دەرھاللا قولۇمنى تۇتۋالدى ۋە نەفىسە مەن سىزنىڭ ئوغۇل دوستىڭىز بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن .
-قولۇمنى قويۋېتىڭ ئىشخانىدىكىلەر كىرىپ قالسا سەت تۇرىدۇ ئەلى، مەن بۇنداق ياۋايى يىگىتلەرنى ياقتۇرمايمەن، ئىلمىيرەك بولسىڭىز قانداق دىگىنىمچە ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋېتىپ تالاغا ماڭدىم.
كەچتە رېستۇران ئالدىغا كېلىپ بىر دەم تۇرۋالغاندىن كېيىن ئاستا ئىشىك تەرەپكە ماڭدىم، قېرىشقاندەك ئىشىك ئالدىدا ھېلىقى موزىكانت بالىغا ئۈسۈشۈپ كەتتىم.
-كەچۈرۈڭ خان!
-ھې ھېچقىسى يوق ، سىز مېنى كەچۈرۈڭ قارىمايلا مېڭىپتىمەن.
-ۋۇي بۇ ھېلىقى چولپان قىزكەنغۇ، دىدار غەنىيمەت، قەدىمىڭىز يەنە يېتىپ قاپتۇ، قارىشى ئالىمىز، بۈگۈن رېستۇرانىمىز يەنە قىزىپ كېتىدىغان بولدى-دە، ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتتىڭىزغۇ؟ مېھمانلار تېخى بىر نەچچە قېتىم ئاشۇ قىزنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلايتتۇق دەپ خاپا سېلىپ ئىزدەپ بېرىشنىڭ ئورنى يوق يا.
-نىمانچە جىق گەپ بۇ، دىدىم ئىچىمدە.
-رەھمەت، مەن كىرىپ كېتەي.
-ھىم، بولىدۇ ھېلىغىچە مۇبارەك ئاۋازىڭىزنى يەنە ئاڭلارمىز خوش.
-يائاللا ئاداش بۇ نەۋرە ئاكام بىلەن قاچانلاردا تونۇشىۋالغان ئىدىڭ، سېنى بەك يۇۋاش دەپ كەتكىلىمۇ بولمىغىدەك، قارا مېنىڭ قاملاشقان بۇ ئاكامنى ئالدىڭدا قۇچقاچتەك سايرىتىۋېتىپسەن.
ئىشىكتىن ئەمدىلا قەدەم ئېلىشىمغا ۋاتىلداپلا كەلگەن بۇ دوستۇمنىڭ گېپى مېنى گاڭگىرتىپ قويدى.
-نىمىلەرنى دەۋاتىسەن، قايسى نەۋرە ئاكاڭنى تونۇيدىكەنمەن؟
-مانا مۇشۇ ئالدىڭدا تۇرغان كېلىشكەن يىگىت مېنىڭ بۈگۈنكى تۇغۇلغان كۈنۈمنى بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن نەۋرە ئاكام پەخىردىن بولىدۇ.
-ھە مۇنداق دىگىن، ياخشىمۇسىز، ئەدەپ يۈزىسىدىن يەنە بىر قېتىم ئەھۋال سورۇدۇم بۇ كوت- كوتتىن.
-ۋاي ياخشى ما ئىشنى كۆرۈڭ، ئەسلى ئىككىڭلار يېقىن دوست ئىكەنسىلەردە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خەۋىرىڭىزنى ئالالماي يۈرگەن ئىدىم بالدۇراق بىلسەم سىڭلىمدىنلا سوراركەنمەن.
خەۋىرىمنى ئېلىپ نىمە قىلار ئىدىڭ كوت- كوت دىدىم ئىچىمدە ئۆز -ئۆزۈمگە غۇدراپ ۋە بۇ يەردىن تېزراق كېتىشكە ئالدىرايتىم.
-ئىككىڭلار نەلەردە يۈرۈپ تونۇشۇپ قالغان جاھان ئەجەپ تار جۇمۇ؟!
-مەن...
-بىز...
-سىز دەڭە بولدى.
-بولدى قىز بالا بولغاندىن كېيىن سىزدىن كەلسۇن.
-مەكتەپنىڭ پائالىيىتىدە مەن ناخشا ئېيتىقان بۇ بالا مۇزىكا چالغان شۇ .
-ھە، بۇلبۇلدەك ئاۋازىڭ بىلەن ئاكامنى ئۆزۈڭگە رام قىلۋاپسەندە، قارا ئۇنىڭ ئالدىڭدا تەمتىرەپ كەتكىنىنى ، مەن ئۇنىڭ مۇشۇ كەمگىچە قىزلارنىڭ ئالدىدا بۇنچىلىك قىلىپ كەتكىنىنى كۆرۈپمۇ باقماپتىكەنمەن.
-بولدىلا ئاداش مەن ئىشتىن چۈشۈپ كەلگەن بەك چارچاپ كەتتىم.
-ۋاي ئېسىم قۇرىسۇن ، ماقۇل ئاداش يۈر ئۇ مېنى قولۇمدىن تۇتقىنىچە رېستۇراننىڭ تۆرىدە مول راسلانغان بىر ئۈستەلگە باشلاپ كەلدى، ئولتۇرغانلار ئىچىدە مەن تونۇيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى، مەن قورۇنۇپقىنە چەتتىكى بىر ئورۇندۇقنى تارتىپ ئولتۇردۇم.
تاماقلار تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن رېستۇراننىڭ كۈندىلىك تەرتىپى بويىچە ناخشا- مۇزىكىلىرى باشلاندى.
-تۆۋەندە رېستۇرانىمىزنىڭ 2-ئۈستەلدە ئولتۇرۇشلۇق ئەزىز مېھمانلىرىمىزدىن نەفىسە قىزنى بىر نەچچە ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ ئېتىمىز، قېنى قىزغىن چاۋاك.
بۇ دوستۇمنىڭ ھېلىقى كوت- كوت ئاكىسىنىڭ ئاۋازى ئىدى، ئەتتىراپتىكىلەرنىڭ چاۋاكلىرى ئارىسىدا تارتىنىپقىنە ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە سەھنىگە چىقىپ ھېلىقى كوت-كوتقا قارىمايلا ئۆتكەنكى ئۇسۇللۇق ناخشىغا چېلىڭە دىدىمدە، دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ بىر نەچچە ئېغىز تەبرىك سۆزى قىلۋېتىپ ناخشامنى باشلىۋەتتىم.
ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ ناخشىنى ئېيتىپ بولۇپ ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇردۇم.
سەھنىدە ياش بىر يىگىت يېنىڭ ۋالىس ئېيتىشقا باشلىدى، خەپ مۇشۇ ۋالىس دىگەننى كۆڭۈلدىكى يىگىتى بىلەن بىر- بىرىگە قارىشىپ ئوينىسا مەيداندا ئادەم ئاز بولسا لەرزان پىقىرىسا نىمە دىگەن رومانتىك ھە..
-تۇرىڭە ۋالىس ئوينايلى!
-مەن....
-تۇرە ئاداش ئاكامنى خىجىل قىلماي.
-مەن ئامالسىز بۇ كوت - كوت بىلەن مەيدانغا چۈشتۈم، ۋاھ..نىمانچە يېنىك ئويناش بۇ، بۇ كوت- كوت مۇزىكىنىمۇ خېلى جايىدا چېلىپ، ناخشىنىمۇ خېلى ياخشى ئېيتقاننى ئاز دەپ تاڭسىنىمۇ چىرايلىق ئوينايدىكەن دىسە.
-ئۇزۇن بولدى يوقاپ كەتتىڭىز، بۇ تەرەپلەرگە ئۆتمىدىڭىز؟
-ھە..چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم، شۇ ئالدىراش ئىشلەپ يەنە يەرگە قارىدىم.
-خىزمەت، خىزمەت دەپ ئۆزىڭىزنى ئالدۇرۇپ قويماڭ دوستلىرىڭىزنى ئېلىپ كېلىپ ئانچە -مۇنچە ھاردۇق چىقىرىپ كېتىڭلار مەن خىزمىتىڭلاردا بولىمەن.
- رەھمەت، ھاردۇق چىقارغۇمىز كەلسە رېستۇران بۇ بىرلا ئەمەسقۇ؟
-ئۇغۇ شۇ، بىراق ھەر- جەھەتتىن رېستۇرانىمىز باشقا رېستۇرانلارنىڭ ئالدى، ئۇنداق ئەمەسمۇ يا ؟
-شۇنداق، بىراق كۆڭۈل قەيەرنى تارتسا شۇ يەر ياخشىدە.
-ناخشا تۈگەپ قاپتۇ، سەل تۇرۇپ يەنە پاراڭلىشايلى!
شۇنداق قىلىپ تۇغۇلغان كۈن ئاخىرلاشقۇچە بۇ كوت- كوت مېنى بىر نەچچە مەيدان تاڭسىغا تەكلىپ ئەتكەن بولدى شۇ جەريانىدا ئۆزىنى بىر قۇر تونۇشتۇرغانمۇ بولدى، مەن ئارتۇقچە ئىپادە بىلدۈرمىدىم چۈنكى بۇ بالىغا نىسبەتەن مەندە قىلچە قىزىقىش يوق ئىدى.
-ئاداش بەك كەچ بوپ كەتتى، سېنى ئاكام ئاپىرىپ قويسۇنمىكىن.
-ياق..ياق چۆچۈپ كەتتىم.
-ھاھاھاھاھا...نىمانچە چۆچىيسەن جېنىم دوستۇم، ئاكام ئادەم يىمەيدۇ جۇمۇ، رېستۇراننىڭ مۇزىكانتى ئىكەن دەپ ياراتمايۋاتامسەن يا؟ ئۇنىڭ كەينىدە يۈرگەن قىزلار ئاز ئەمەس جۇمۇ؟
-ۋاي نىمىلەرنى دەپ كەتتىڭ ئۇنداق ئەمەس، ئاۋارە قىلماي دىدىم شۇ.
-سىز ئۈچۈن ئاۋارە بولسام ئەرزىيدۇ.
يائاللا بۇ كوت-كوت نەلەردە ماراپ تۇرغان بولغۇيتتى، ئىچىمدە سانىيەنى مىڭنى تىللىدىم.
ئۇنداقتا ماڭايلى.

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
1
يازما
11
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 00:54:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغرىم بۇ يازمىنى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى 22:38 دە يوللىغان
سىز بۇرۇنقى لىنىيەدىكى ئۆسۈش شۇمۇ ؟

كەچۈرۈڭ!
مەن لىنىيەدىكى ئۆكسۈش ئەمەس~

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
579

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 04:52:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى داۋاملاشتۇرىۋاتىسىز ، مۇمكىن بولسا ئادەمنى تەقەززا قىلماي كوپرەك يازسىڭىز بولامدۇ ؟ بۇ دوستانە ئۈتۈنۈش جۇمۇ .

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى 16:32:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆكسۈش خانقىز، پىخسىقلىق قىلماي تېمىنىڭ ئاخىرىنى يوللىۋېتىڭە؟

Rank: 3Rank: 3

توردا
80 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
0
يازما
372
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 22:56:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى قىنى ؟

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
96 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
نادىر
5
يازما
579

Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 16:43:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇقىزغا نىمە بولغاندۇ ؟ يوقاپلا كەتتا ...

Rank: 2

توردا
7 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى
نادىر
0
يازما
37
يوللىغان ۋاقتى: 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى 17:36:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا يەڭگىلى دوختۇرخانىغا كىرىپ يېتىپ قالدىمۇ قانداق....
:P

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 14:50 , Processed in 0.045573 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش