يەتتە قىزلىرىم مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئىزدەش تەۋسىيەسى: قىزئايالئائىلەئانا
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1919 تال  

مىكروبلوگ تەرمىلىرى

ئىگىسى: ئۆكسۈش

سىزمۇ ئاجراشقانمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
1 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى
نادىر
1
يازما
11
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:33:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتىپ كىرىپ خېلى بىر چاغلارغىچە ئۇنى ۋە ئۇنىڭ مېنىڭ ئالدىمدىكى ھېلىقى بىچارە ھالىتىنى ۋە ئۇنىڭ ئېيتقان گەپلىرىنى ئويلىدىم.
تۇرۇپلا ئۆز- ئۆزۈمگە:
-نەفىسە، سەن نىمىلەرنى ئويلاۋاتىسەن، قېنى سېنىڭ بايامقى مەردانىلىقىڭ، سەن ئۇنداق خىيالدا بولما، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ يا خىزمەت ئورنى بولمىسا، ئۇ پەقەت ئەشۇ ئاۋازىغا تاينىپ جان باقىدىغان تۇرسا، كېيىنى قانداق بولىدۇ؟؟؟
توۋا...ئۇنىڭ بايامقى گېپى ماڭا تەسىر قىلىپ مۇشۇنداق ئويغا كېلىپ قالدىممۇ ياكى ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىممۇ بىلمەيمەن، خېلى بىر چاغقىچە ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن تارتىپ تاز بۈگۈنگە قەدەر بولغان ئىشلارنى گەپ- سۆزلەرنى ئويلاپ قاچانلاردىدۇر ئۇخلاپ قاپتىمەن.
شۇ كۈندىن باشلاپ پەخىردىن مېنى ئىزدەشنى توختاتمىدى، تۇرۇپلا ئىشخانىغا گۈلدەستىلەرنى ئەۋەتسە، تۇرۇپلا تېلىفۇنلىرىمغا تولىمۇ تەسىرلىك قىسقا ئۇچۇرلارنى يوللاپ قوياتتى، ئەمما خېلى ۋاقىتلارغىچە ئۆزىنى كۆرسەتمەي يۈردى.
بۇ ئىشلارنى كۆرگەن ئەلى خۇددى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئولتۇرالمايلا قالدى، ئۇ دەرىستىن چۈشسىلا ئىشخانىغا كىرۋالاتتى، ئىشخانىدا ئادەم يوق بولدىمۇ ئۇنىڭ ئېغزى ئېچىلىپ توختىماي سۆزلەيتتى:
-مەن دىدىمغۇ شۇ كۈنكى تۇغۇلغان كۈنگە مېنى ئوغۇل دوستۇم دەپ ئېلىۋالغان بولسىڭىز مۇشۇ ئىش يوق، قارىڭە بۇ ئاداش بۇ مەكتەپنى نىمىگە ئوخشىتىپ قالدى، مۇشۇنداق قىلىۋەرسە سىزنىڭ ئىناۋېتىڭىزگە تەسىر يەتمەمدۇ؟ ھېلىمۇ كەينىڭىزدىن سۆز- چۆچەك قىلىۋاتقانلار ئازمۇ؟ سىز بۇلارنى ئاڭلاپ كارىڭىز بولمىغان بىلەن چىدىمايدىكەنمەن.
-سىز نېمىگە چىدىمايتىڭىز، خەق گەپ تاپسا مېنىڭ كەينىمدىن تېپىپتۇ، مېنىڭچۇ قورسۇقۇمنىڭ ئاغرىقى يوق خەقنىڭ گېپىدىن قورۇقمايمەن، پەرۋايىم پەلەك.
-شۇنداقمۇ، ئۇ ئاق ئاتلىق شاھزادىڭىزگە دەپ قويۇڭ،بۈگۈندىن باشلاپ مەكتەپنىڭ ئالدىغا كېلىپ سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويسۇن، بولسا كىنۇلاردىكىدەك مەكتەپ ئالدىغا قىزىل ئەتتىرگۈللەرنى تىزىپ، قولىغا بېرلىيات كۆزلۈك ئۈزۈك بىلەن تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ سىزگە توي تەكلىۋى قويسۇن.
ئەلىنىڭ ئاۋازلىرى تىترەپ كەتتى، ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ئىشىكنى زەردە بىلەن يېپىپ چىقىپ كەتتى.
مەن نىمە قىلىشىمنى، نىمە دىيىشىمنى بىلمەي جايىمدا ئولتۇرۇپلا قالدىم، دەل شۇ چاغدا تېلىفۇنۇم سايرىدى، مەن نومۇرغىمۇ قارىماستىن تېلىفۇننى ئالدىم.
-ۋەي،ھە مەن شۇ نەفىسە سىز كىم؟
-پەخىردىن....
-نىمە بولدى نەفىسە، سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ ئادەمنى ئەنسىرەتمەڭ، مەن بارايمۇ يېنىڭىزغا؟
-ھە، ماقۇل. بۇ گەپنىڭ قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەپتىمەن، ئېسىمگە كېلىپ تېلىفۇننى قايتۇرۇپ ئۇرسام زادىلا ئېلىنمىدى.
چۈشتىن كېيىنكى بۇ نەچچە سائەت ماڭا خۇددى نەچچە يىلدەك بىلىندى، ئەلىنىڭ قىلغانلىرىنى ئويلىسام تۇرۇپ ئاچچىقىم كەلسە، تۇرۇپ كۈلگۈم كېلەتتى، ئۇنىڭ پەخىردىن بىلەن سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئۇ ھەر جەھەتتىن ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇراتتى.لېكىن مەندە بۇ ئىككىسىگە نىسبەتەن قىلچە قىزىقىش يوق ئىدى.

ئىشخاندىكىلەرنىڭ:
-نەفىسە ئىشتىن چۈشمەمسىز بىرەرسىنى ساقلامسىز يا؟
-ھە،ياقەي مانا ھازىرلا، ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدىم.
-نەفىسە، تەڭلا چىققان بۇ ئاۋازدىن قاياققا قارىشىمنى بىلمەيلا قالدىم.
ئالدىمدا پەخىردىن تۇراتتى، ئارقىمدا بولسا ئەلى، ۋاي خۇدا ما ئىشنى كۆرۈڭ، ئەلى ئەمدى راستىنلا خاتا چۈشىنىپ قالىدىغان بولدى-دە.
مەن كەينىمگە قارىدىم، قانداقلا بولمىسۇن ئۇ مېنىڭ خىزمەتدىشىم تۇرسا.
-بولدى، ئالدىڭىزغا قاراپ كېتىۋېرىڭ، ئاق ئاتلىق شاھزادىڭىز سىزنى ئالغىلى كەپتۇ، ھەرنىمە بولسا دېگەنلىرىمنى ئورۇنداپسىز، ئۆزىڭىزنى كۆرسەتكەن يېرىڭىزما بۇ، سىزگە قول قويدۇم، ئۇ مەن ۋە ئۆزى ئاڭلىغىدەك ئاۋاز بىلەن بۇ گەپلەرنى قىلىپ ئاندىن ناھايتى يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن:
-خوش خىزمەتداش، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشىڭىز كۆڭۈللۈك بولسۇن، دېگەچ پەخىردىنگە بېشىنى بوشقىنە لىڭشىتىپ قويۇپ كېتىپ قالدى.
مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇرۇپلا قالدىم.
-نەفىسە، مەن بىئەپ ۋاقتىدا كېلىپ قالدىممۇ قانداق؟
-ياق، ئۇنداق ئەمەس،يۈرۈڭ ماڭايلى.
مېنىڭ بۇ رايىشلىقىم ۋە تۆۋەن ئاۋازدا گەپ قىلىشىمدىن ئەجەپلەنگەن پەخىردىن خۇددى ئانىسىغا ئەگەشكەن كىچىك بالىدەك ئارقىمدىن تولىمۇ رايىشلىق بىلەن ماڭاتتى، بۇرۇندىنلا مېنى كۆردە تەمتىرەپ گېپىنى تاپالمايدىغان بۇ كوت-كوت بۈگۈن مېنىڭ كەيپىياتىمغا قاراپ تېخىمۇ گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى.
-گەپ قىلىڭە، زەردە بىلەن ۋاقىرىدىم، گەپ قىلمامسىز، سىز گەپ قىلغىلى كەلگەنسىز ياكى مېنىڭ دىدارىمنى تاماشا قىلغىلى ياكى بايامقى ئويۇنۇمنى كۆرگىلى كەلگەنمۇ ؟
-نە..نەفىسە، سىزگە بۈگۈن زادى نىمشى بولدى، سىز ئۆزىڭىز مېنى كېلىڭ دېگەچكە كەلگەن، مەنمۇ شۇ نىمىش بولغانلىقىنى بىلمەيلا قالدىم،
مەن ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇ تولىمۇ ئوڭايسىز قىياپەتتە ماڭا قاراپ تۇراتتى.
-كەچۈرۈڭ، پەخىردىن مېنى كەچۈرۈڭ، بۈگۈن خىزمەتداشلىرىم ئارىسىدا ئازراق ئۇقۇشماسلىق بولۇپ كۆڭلۈم بەك پاراكەندە بولغاچ سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭقىرالماستىن <ھەئە> دەپ ساپتىمەن، كەچۈرۈڭ!
-ئۇنداقتا مەن بۈگۈن سىزگە ھەمرا بولاي، قانداق گېپىڭىز بولسا  دەۋېلىڭ، ئىچىڭىز بوشايدىغان ئىش بولسا مەن ئاڭلاپ ئولتۇرۇشقا رازى.
-بولدى، پەخىردىن بۈگۈن مېنىڭ راستىنلا ھېچقانداق ئادەم بىلەن پاراڭلاشقۇم يوق، شۇڭا سىز كېتىڭ باشقا كۈنى پاراڭلىشايلى بولامدۇ؟
-ئەمسە سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي.
-بولدى پەخىردىن بۇنداق قىلىۋەرسىڭىز مەن سىزدىن تېخىمۇ بىزار بولۇشۇم مۆمكىن، كېتىڭ!

داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ!



[ ئۆكسۈش بۇ يازمىنى  2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 09:38  دە تەھرىرلىگەن. ]

Rank: 8Rank: 8

توردا
251 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
تىزىملاتقان
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى
نادىر
1
يازما
1938

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 11:21:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەفىسە، تۇنجى مۇھەببەت باسقۇچىدا ئارىسالدى بولۇپ ئۆزىگە خېلى كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋاپتۇ.
پەخىردىنمۇ ئۇنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئەلىگە ئۇۋال بولدىغان بولدىدە.
داۋامىنى كۈتىمىز...................

Rank: 2

توردا
33 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى
نادىر
0
يازما
104
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 19:21:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى كۈتىمەن!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

توردا
260 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
919

Medal No.3 Medal No.4 Medal No.5 Medal No.6

يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى 22:41:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىلۋاتقان ئىشىمنى قويۇپلا قويۇپتىمەنغۇ  بۇ ھەدەمنىڭ كەچۇرمىشىنى ئوقۇيمەن دەپ  ئەمدى يەنە كىچىچە ئىش قىلىدىغان بولدۇم ھاڭ ۋىقىپ قىلىپ :lol ```  باشقىلارغا ئوخشاش داۋامىنى كۈتىمەن ``

ھاياتلىق - زىددىيەت ، كېلىشمەسلىك ، شادلىق ۋە قايغۇلارنىڭ مۇجەسسىمىدۇر !!!

Rank: 3Rank: 3

توردا
75 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى
نادىر
0
يازما
162
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى 18:23:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى ئۇقۇشنى ھەردائىم ئويلايمەن

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
8
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 21:07:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى قاچان ئوقۇيمىز؟

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
8
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 22:12:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى يازمىدىڭىزمۇ ياكى مەن تاپالمىدىممۇ؟بەك تەقەززا بۇلۋاتىمەن.

Rank: 3Rank: 3

توردا
8 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى
تىزىملاتقان
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى
نادىر
0
يازما
96
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 22:19:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zulala يوللانغان ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 22:12
داۋامىنى يازمىدىڭىزمۇ ياكى مەن تاپالمىدىممۇ؟بەك تەقە ...

داۋامى چىقماي قالدىغۇ تاڭ بۇ يازمىنىڭ، ئۆكسۈش قىزدىن قاتتىق ئەنسىرەپ قېلۋاتىمىز بىزمۇ:( بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى 22:20  


Rank: 1

توردا
29 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى
نادىر
0
يازما
230
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى 21:15:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى كۇتىمەن

يىغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى ،
پىقسىق بايدىن قە

Rank: 1

توردا
2 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى
تىزىملاتقان
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى
نادىر
0
يازما
8
يوللىغان ۋاقتى: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى 20:24:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە يوققۇ؟سىزگە زادى نېمە بولدى ئۆكسۈش؟ داۋامىنى نىمىشقا تاپالمايمەن؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئۇلىنىش ئىلتىماسى|رەسىمسىز ھالەت|يانفون نۇسخىسى|يەتتە قىزلىرىم تورى ( 新ICP备10004358号 )

GMT+6.103, 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى 03:24 , Processed in 1.284416 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش