-
كۆپ ئىقتىدارلىق ئېكراندىن رەسىم تۇتۇش يۇمشاق دىتالى - [يۇمشاق دىتال ۋە ئىشلىتىش]
2008/06/28
بۇ دىتالنىڭ پۈتۈن ئىكران ھالەتتە رەسىم تۇتۇش، كۆزنەكنى تۇتۇش، بەلگىلەپ بەرگەن دائىرىدىن رەسىم تۇتۇش، نىشان تاللاپ تۇتۇش ،ھەرخىل ئۇسلۇبتا(تەتۈر، رەڭسىز،سۇ باسما.......)بىزەش ھەمدە مۇشۇ تۇتقان رەسىملەرنى JPG, BMP, GIF, PNG, TIFF , TIF قاتارلىق شەكىللەردە ساقلىۋېلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار ،رەسىمنىڭ سۈزۈكلىكى ۋە سىغىمىنى ئۆز ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن تەڭشەپ ، بەلگىلىۋالغىلى بولىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كومپيوتېرىمىزدا ئەسلىدە بار بولغان رەسىملەرنى ئۆز ئېھتىياجىمىز بۇيىچە ئېچىپ JPG, BMP, GIF, PNG, TIFF , TIF قاتارلىق شەكىللەر ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا بولىدۇ .
http://yolyar.113.tofor.com/UWinSnap/1.jpg
http://yolyar.113.tofor.com/UWinSnap/2.jpghttp://yolyar.113.tofor.com/UWinSnap/3.jpghttp://yolyar.113.tofor.com/UWinSnap/4.jpg بۇ دىتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە سىناشقا باشتىن – ئاخىر سەينايىمىزدىكى كۈلكە يېقىندىن ياردەمدە بولدى، ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .بۇ دىتالنى قايتا-قايتا ئىملا تەكشۈرۈش سىناش قاتارلىق مەشخۇلاتلارنى ئېلىپ بارغان بولساقمۇ يەنە بەزى كەمچىلىك ۋە نۇقسانلار ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن ، شۇڭا تورداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن . http://yolyar.113.tofor.com/UWinSnap/UWinSnap.rar
دىتال سىغىمى 500Kb بولۇپ، بىر يىلغىچە مۇقىم تۇرىدىغان بوشلۇققا يوللاندى .
تورداشلار مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ھەر قايسى ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرگە يوللاپ قويسا بولىدۇ .
ئەسكەرتىش: كومپيۇتېرىڭىزدا خەت نورمال كۆرۈنمىسە تۆۋەندىكى دىگەن ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ، پىرىستىن يېشىپ ئىجرا قىلغاندىن كىيىن، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ، سېستىما خەت نۇسخىسىنى ھەممىسىگە Ukij Tuz Tom غا تەڭشىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
http://www.intil.cn/bbs/UpFile/UpAttachment/2008-4/20084270846.rar
ئەسكەرتىش: بۇ دىتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا خەت نۇسخىسىنىڭ چىرايلىق چىقىشى ئۈچۈن ئىجرا ھۆججىتىنى PASSOLO دىتالىدا تەھرىرلەش ئېلىپ بارغان ، لېكىن بەزى تورداشلارنىڭ كومپيوتېرىدا خەتنىڭ ئورنىغا سىزىق چىقىۋېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئىكەن، شۇڭلاشقا نورمال كۆرۈنمەي خەت ئورنىغا سىزىقچە چىقىۋالغانلار تۆۋەندىكى ئىجرا ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ ئەسلىدىكى ئىجرا ھۆججىتى بىلەن ئالماشتۇرىۋەتسەڭلار بولىدۇ، ئۇيغۇرچە خەت نورمال كۆرۈنىدۇ . نورمال كۆرۈنگەنلەر بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرمىسىمۇ بولىدۇ
http://yolyar.113.tofor.com/UWinSnap/WinSnap.rar随机文章:
[ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان]«开始»نى ئۆزگەرتىش دىتالى 2008/06/28ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندە بولىدىغان ئالامەتلەر 2008/06/23پىسخىكا جەھەتتىن قېرىشنىڭ ئالامەتلىرى 2008/06/23نېمە ئۈچۈن يۇلتۇزلار پارتلايدۇ؟ 2008/06/23