نەۋائىي غەزەللىرىدىكى «مەي» ۋە ئۇنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى

نەۋائىي غەزەللىرىدىكى «مەي»  ۋە ئۇنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى


ئاپتور: بۈمەريە ئابدۇغېنى،

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتى 2013-يىللىق ئوقۇغۇچىسى 


قىسقىچە مەزمۇنى: مەزكۇر ماقالىدە ئەلشىر نەۋائىينىڭ شېئىرلىرىدىكى «مەي» ئوبرازى ۋە ئۇنىڭ سىمۋوللۇق مەنىسى تەھلىل قىلىنىدۇ ھەمدە 12 مۇقام تېكىستلىرىدىكى بىر قىسىم «مەي» ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن بېيىتلار مىسال قىلىنىدۇ . ئەلشىر نەۋائىينىڭ غەزەللىرىدىكى «مەي» ئوبرازى ۋە ئۇنىڭدىكى سىمۋوللۇق مەنىلەر ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش مەقسىتىدە بۇ ماقالە يېزىلدى.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:  ئەلىشىر نەۋائىي، مەي، سىمۋول

 

ئەلىشىر نەۋائىي 15-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان شائىر ۋە ئەدىب. ئۇنىڭ شېئىرلىرى  شىئرىي تىلنىڭ گۈزەللىكى، ئىپادىلەنگەن مەزمۇننىڭ توغرىلىقى، ھەمدە  مەزمۇننى ئىپادىلەشتە ئىشلەتكەن سۆزلەرنىڭ دەل جايىغا چۈشۈشتەك خاسلىقى بىلەن ئۆزگىچە جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.

ئەلىشىر نەۋائىينىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇيدىغان بولساق، شېئىرلاردا نۇرغۇن سىمۋوللۇق ئوبرازلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىپىك بولغىنى

15- ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئاللىبۇرۇن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان. شۇنداق تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئەلىشىر نەۋائىي غەزەللىرىدە « مەي» سۆزىنى كۆپ قوللىنىلىدۇ؟

نەۋائىي غەزەللىرىدە مەي تەسىۋىرى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتقان، ئۇ ئاساسلىق مەدھىيە ئوبيېكتى بولۇپ، شائىر ئىدېئالدا (غايە، غايىۋى) ناھايىتى يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ، لىرىك قەھرىمان كۆپ ھاللاردا مەيخور ئاشىق سىياقىدا پەيدا بولىدۇ. راسىتنلا نەۋائىي مەيخورلارنى، مەينى يەنى ھاراقنى مەدھىيلەمدۇ دېگەندە، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. بۇ يەردىكى مەي سىمۋللۇق مەنىگە ئىگىدۇر. ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئەسلىي مەنىسى نېمىگە تەققاسلانغان؟  تەسەۋۇپچى شائىرلارنىڭ قەلىمىدىكى مەي ماھىيەتتە ئىشىقنىڭ، مۇھەببەتنىڭ سىمۋولىدۇر. نەۋائىينىڭ ئۇيغۇر 12 مۇقام تېكىسىتى يەنى راك مۇقامىنىڭ بىرىنچى تەئەززەگە كىرگۈزۈلگەن شېئىرلىرىدا مۇنداق دېيىلگەن :

      

اشرقت من عكس شمس الكاس انوارالھدا،

يار  عكسين مى دا كور ديب جامدين چيقتى صدا.

 

 بۇنىڭ مەنىسى:  قەدەھتىكى ( شارابقا چۈشكەن ) قۇياش شولىسىدىن ھىدايەت نۇرى چاقنىدى، جامدىن :« يارنىڭ شولىسىنى شارابتا كۆرگىن » دېگەن سادا چىقتى.

بۇ بېيتتىكى « قۇياشتەك يورۇپ تۇرغان قەدەھ» ۋە  قۇياش شولىسىدىن  چاقناپ تۇرغان «ھىدايەت نۇرى» ، قەدەھتىن « يارنىڭ ئەكسىنى مەيدىن كۆر!»دېگەن سۆزلەردە سىمۋللۇق مەنىلەر  يوشۇرۇنغان . بۇ يەردىكى قۇياش شولىسىدىن چاقناپ تۇرغان « ھىدايەت نۇرى »نى شۇ دەۋردىكى جەمئىيەت، خەلقنىڭ تىنچ _ خاتىرجەملىكىگە،  ئاسايىشلىققا سىمۋول قىلىنغان. بۇ يەردىكى « يار ئەكسىن مەيدە كۆر » دېگەن مىسرادا ئىشىق – مۇھەببەت يەنى شائىرنىڭ كۈچلۈك مۇھەببىتى ، يارىغا بولغان سېغىنىشىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

ئابدۇراخمان جامى ئۆزىنىڭ «لاۋامى» ناملىق ئەسىرىدە ئىشىق بىلەن مەينىڭ ئوخشاشلىقىنى مۇنداق بايان قىلغان : «بىرىنچىسى ، مەي ئۆزىنىڭ ئەسلى ئورنى بولغان كوزا ئىچىدىن ئۆزگىنىڭ تەسىرىسىز ئۆزلۈكىدىن قايناپ، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ھەرىكەت قىلغاندەك، ئاشىقلار كۆڭلىدىكى يوشۇرۇن ئىشىقمۇ غەليان كۆتۈرۈپ، ئۆزىنى ئاشكارىلاشقا ئىنتىلىدۇ. ئىككىنچىسى، مەي ئۆز زاتى يەنى ئۆز ماھىيتىدە مۇئەييەن بىر شەكىلگە ئىگە ئەمەس. ئۇ قايسى ئىدىشقا چۈشسە شۇ ئىدىشنىڭ ئىچكى شەكلىنى ئالىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ئىشىق ئەسلىدىن مۇتلەق بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاشكارىلىنىشى مۇھەببەت ئەھلىنىڭ قابىليىتى ۋە ئىستىداتىغا يارىشا سادىر بولىدۇ. ئاشىقلار ئارىسىدىكى تاپاۋۇت (ھال) ئىشقنىڭ  زاتى خۇسۇسىيىتىگە ( ماھىيەتلىك خۇسۇسىيتىگە) ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئىدىشىغا باغلىقتۇر. ئۈچىنچىسى، مەينىڭمۇ، ئىشىقنىڭمۇ سىرى – سېھرىي كۈچ جەريانىدىن ئىبارەتتۇر . مەي كىشىنىڭ ھەممە ئەزاسىغا تەسىر قىلغىنىدەك، ئىشىقمۇ ئاشىقنىڭ قان ، جېنىغا كىرىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئىگىلەپ ئالىدۇ. تۆتىنچىسى،  مەي ئۆزىنىڭ ئىچكۈچىسىنى، ئىشق بولسا سۆيگۈچىنى يەنى ئاشىقنى مەرد ھەم سىخىىي قىلىپ قويىدۇ. خۇددى مەيخور مەست بولغاندا سېخىيلىقىدىن پۇلىنى ئايىمىغاندەك ، ئىشقتا مەست بولغۇچىمۇ  ئاشىقلىق يولىدا جان – جاھاننى، بار – يوقىنى بەخشەندە قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. بەشىنچىسى، مەيمۇ،ئىشقمۇ كىشىنى قورقماس، باتۇر قىلىپ قويىدۇ. لېكىن مەي باتۇرلۇقنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگۈچى ئەقىلنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىن بولسا، ئىشق شىجائىتى ھەقىقەت نۇرىنىڭ غالىبلىقىدىندۇر. ئالدىنقىسى شەخىسنى پالاكەت ۋە ھالاكەتكە باشلايدۇ. كېيىنكىسى ئەبەدىي ھاياتىي سائادەتكە ئېلىپ بارىدۇ. ئالتىنچىسى، مەيمۇ، ئىشقمۇ كىشىنىڭ بېشىدىن كىبىرنى يەنى تەكەببۇرلۇقنى ئۆچىرىدۇ ۋە كەمتەر ، سېخىيلىققا چۈشۈرىدۇ. بىراق ئىچكۈلۈكنىڭ ئاقىۋىتى خارلىق ۋە زالالەتتۇر. پاك ئىشق نەتىجىسى بولسا ئىززەت ۋە شاراپەتتۇر. يەتتىنچىسى، مەيمۇ ، ئىشقمۇ سىرنى پاش قىلىدۇ. ئەسىرلەر داۋامىدا ئايان بولغان ھەقىقەت ۋە مەرىپەت سىرلىرىنى ئىشىق مەيدانىغا چىقارغان.سەككىزىنچىسى، مەيمۇ، ئىشقمۇ كىشىنى بىھۇش قىلىدۇ. ئەمما مەي بىھۇشلۇقى نادانلىق ۋە غەپلەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن نەتىجىسىدۇر. ئىشق بىھۇشلۇقى بولسا سەزگۈرلۈك ۋە ئاگاھلىقنىڭ ئەڭ ئالىي مەرتىۋىسىدۇر. توققۇزىنچىسى، مەيخور مەينى ئېچكەنسىرى كۆپرەك ئىچكۈسى كېلىدۇ. ئىشقپەرەسمۇ ئىشق دەردىگە مۇپتىلا بولغانسىرى يەنە ئارتۇقراق بېرىلىدىغان بولىدۇ.  لېكىن ئىچكۈچى بارغانچە ئادىمىيلىك قىياپىتىنى يوقىتىپ بارىدۇ. سۆيگۈچىنىڭ بولسا ئىنسانىي پەزىلەتلىرى ئارتىپ بارىدۇ. ئونىنچىسى، مەيمۇ ، ئىشىقمۇ نومۇس ، ھايا پەردىسىنى كۆتۈرىدۇ. بىراق مەيخور ئۆزىدىن باشقىلارنى ھاقارەت قىلىپ، خەلققە ئازار بېرىشتىن ئۇيالمايدۇ. ئىشقپەرەس بولسا ئۆزەىلەر ئۈچۈن ئۆزىنى خار - زار قىلىشتىن نومۇس قىلمايدۇ» .

 يۇقىرىقى بايانلاردىن بىز « مەي » ھەققىدە كونكرېت ئۇقۇمغا ئىگە بولىمىز.  

ھەرقانداق بىر يازغۇچى ۋە شائىر ئۆز دەۋرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ھەمدە بۇ تەسىر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ، شېئىرلىرىدا ئەكىس ئېتىدۇ.  مەسىلەن :

 

   ساقيا مين يوتماغان خوناب ھجران قالدى مو،

   برماسانك مى امدى قان يوتماقغە امكان قالدى مو.

 

 مەنىسى :  ئەي ساقىي، مەن يۇتمىغان  ھىجرانلىقنىڭ قانلىق ياشلىرى قالدىمۇ؟ مەي بەرمىسەڭ ، ئەمدى پەقەت قانلا يۇتۇش كېرەك بولۇپ قالدىمۇ ؟

بۇ بېيتتىكى « ساقىيا، مەن يۇتماغان خۇنابىي ھىجران قالدىمۇ ؟ » دېگەن مىسرادا شائىرنىڭ پەلەكتىن ، بېشىغا كېلىۋاتقان شۇ ئازاب – ئوقۇبەتلەردىن قېچىشقا ئامالسىز قالغانلىقىدەك ھېسسىياتى ئەكىس ئەتسە، « بەرمىسەڭ مەي، ئەمدى قان يۇتماققا ئىمكان قالدىمۇ ؟» دېگەن مىسرادا شائىر ئەگەر بۇ دەردلىرىمگە بىرەر داۋا بەرمىسەڭ، ئازابلىرىمنى يەڭگىللەتمىسەڭ قان يۇتماقتىن باشقا يول يوق، دېگەندەك ئوي – پىكىرنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.  يەنى بۇ يەردىكى « مەي» ئازاب – ئوقۇبەتنى يەڭگىللىتىدىغان ، كۆڭۈل يارىسىنى داۋالايدىغان  « مەلھەم دورا» غا سىمۋول قىلىنغان. يەنە:

 

 بزمى ايجرە نوائى كوب يغلار ايسە اى ساقى،

ھوش ايليتكوچى دارونى جاميغە آنينك چايقات.

 

 مەنىسى:  ئەي ساقىي، بەزمىدە نەۋائىي كۆپ يىغلاپ كەتسە، ئۇنىڭ قەدىھىگە ھۇشسىزلاندۇرغۇچى دورىنى سېلىپ چايقىۋەتكىن.

 ئەلىشىر نەۋائىينىڭ غەزەللىرىدە يەنە  ساقىي ،جام، قەدەھ  قاتارلىقلار ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. گەرچە  « جام »، « قەدەھ » سۆزى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئوخشاش بىر مەنىنى يەنى مەي ( ھاراق ) قۇيىدىغان قاچىنى بىلدۈرسىمۇ، بىراق نەۋائىي بۇنىڭ مەنىداش شەكىللىرىنى كۆپ قوللانغان. « ساقىي » دېگەن سۆزگە كەلسەك بۇ سۆز ئەسلى ئەرەبچىدىن كىرگەن بولۇپ ، ھاراق – شاراب قۇيغۇچى دېگەن مەنىدە. ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئۇيغۇر 12 مۇقامىغا كىرگۈزۈلگەن بىر قانچە غەزەللىرىدە « ساقىي» دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:

 

جام جم بيرلە خضر سويى نصيبەمدور مدام،

ساقيا تا ترك جاە ايلاب گدا بولدوم سىنكا.

 

مەنىسى: ئەي ساقىي، مەنسىپىمنى تاشلاپ، ساڭا تىلەمچى بولۇپ كەلگەندىن بېرى، جەمشىد جامى بىلەن خىزىر سۈيى ( ئابىھايات) دائىملىق نېسىۋەم بولدى.  

 بۇ بېيىتتىكى «ساقىي» دېگەن سۆز ھاراق – شاراب قۇيغۇچى  دېگەن مەنىدە كەلمىگەن.

 ئۇنىڭدىن باشقا ، كلاسسىك شائىرلاردىن بىرى بولغان مەشرەپنىڭمۇ بىر بېيىتىنى نەقىل كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.

 

ساقى قدحنى قيلغيل مھيا،

وحدت مييدين ايچكالى كيلديم.

 

مەنىسى: ساقىي ، قەدەھنى تەييارلا، بىرلىك (ۋەھدەت ) شارابىدىن ئىچكەلى كەلدىم.

بۇ بېيىتتىكى "ساقىي " ئەسلى مەنىسىدە كەلگەن.

 ئۇنىڭدىن باشقا ، ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ چەببەيات مۇقامىغا كىرگۈزۈلگەن بىرىنچى مەشرەپ بۆلىكىدىكى يەنە بىر بېيىتىدا مۇنداق دېيىلگەن: 

توكمە جامين كيم بلاء سيلى جھان نى بوزماسون،

مست كورسەنك زاھدا دير فنا خمارينى.

 

مەنىسى:  ئەي زاھىت،  ئۆزلۈكنى يوقىتىش مەيخانىسىنىڭ خۇشتارلىرىنى مەسىت ھالەتتە كۆرگىنىڭدە ، ئۇلارنىڭ جامىنى ئۆرىۋەتمە، ئۇنىڭ تاشقىنى بۇ جاھاننى خاراب قىلمىسۇن يەنە.

يۇقىرىقى بېيىتتا ، تەركىي دۇنيا بولغان بىر كىشىنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە باشقىلارنى چەتكە قېقىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىدەك بىر ئىدىيە يورۇتۇلغان بولۇپ ، بۇ بېيتتىكى «مەيخانا»، «جام» ، «تاشقىن» قاتارلىق سۆزلەر سىمۋول مەنىسىدە كەلگەن.

بۇ بېيىتلاردىكى  «مەي» ئىشق ياكى ھەقىقەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارالسا، « مەي » قاچىسى بولغان «جام»_ كۆڭۈلگە، ئىنسان قەلبىگە تەڭلەشتۈرۈلگەن بىر سىمۋوللۇق بەدىئىي ۋاستە.

 

خرقە جنسين رھن اوجون اى شيخ آلماس پېي دير،

بادە برماس تاكى اوزلوك جنسى مرھون بولماسا.

 

 مەنىسى: ئەي شەيىخ، مەيخانا خوجايىنى سوپىلىق پەرىجىسىنى  گۆرۈگە  ئالمايدۇ  ، تاكى شەخسىيەت ( ئۆزلۈك ) گۆرۈگە  قويۇلمىغۇچە  شاراب  بەرمەيدۇ. 

بۇ بېيتىلاردىكى ئىسيانكار مەيخور قەلبى ئىشق بىلەن تولغان، ئىشق ئارقىلىق ئۆزىنى يوقاتقان ئاشىقتۇر. ئۇ ئىشق مەستخۇشلۇقى بىلەن ئىنسانىي يۈكسەكلىكنىڭ پەللىسىگە كۆتۈرۈلگەن. ساختا پەرھىزكارلىقتىن ، مەنمەنلىك (ئۆزلۈك ، شەخسىيەت)، ماختانچاقلىقتىن قۇتۇلغان. ئۇ ساختا، رىياكار خانىقا سوپىلىرىدىن چەك ئاجرىتىپ، ئۇلارنى تونۇماس ھالەتكە يەتكەن . دېمەك، «مەي» سىمۋوللۇق بەدىئىي ئوبراز بولۇپ، ھەقىقەت ئىشقى ۋە ئۇنىڭ مەسىتخۇشلۇقى مەنىسدە ئىستېمال قىلىنغان. نەۋائىينىڭ ئېستېتىك غايىسىدە ھەقىقەت ئىشقى ئىنسان ئىنتىلگەن ئەڭ ئالىي مەقسەت دەپ قارالغاچقا، ئىشق سىمۋولى بولغان مەي يۈكسەك دەرىجىدە مەدھىيلىنىدۇ ۋە ناھايىتى كەڭ قوللىنىلىدۇ.

 

پايدىلانمىلار:

ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي: « ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2005 – يىللىق 5- سان ، بېيجىڭ

مەھمۇتجان مۇھەممەت : « نەۋائىي لىرىكىلىرىنىڭ مەنە قاتلىمى ۋە ئوبراز قۇرۇلمىلىرى »، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى 2005 – يىللىق 5- سان



     





341 قېتىم كۆرۈلدى bumerye ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-27 1:41:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ