«ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، مۇقىملىق ئاساسىدا تەرەققىى قىلىپ ئىناق شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئاداققىچە تىرىشىپ كۆرەش قىلايلى!
گۈلقىز مەمەت
«ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، مۇقىملىق ئاساسىدا تەرەققىى قىلىپ ئىناق شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئاداققىچە تىرىشىپ كۆرەش قىلايلى!
ۋەتىنىمىز جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك دۆلەت، شىنجاڭ بولسا ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسمى،ۋەتىنىمىز ئازاتلىقتىن كىيىن كۇنسىرى تەرەققى قىلىپ گۇللەپ ياشنىدى، خەلىق تۇرمۇشى پەيدىن-پەي ياخشىلىنىپ ئاچ-يالاڭاچلىقتا ئۆتىدغىغان غۇربەت تۇرمىشىمىزغا ئەبەدى خاتىمە بىرىلىپ، بۇگۇنكىدەك قولىمىزنى قەيەرگە سۇنساق يەتكۈدەك باي-باياشات تۇرمۇشقا ئىرىشتۇق. بىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمىزنى ئەجداتلىرىمىز چۇشىدىمۇ كۆرمىگەن بولغىيدى، مائارىپقا زور كۆلەمدە مەبلەغ سلىنىپ بۇرۇنقى كونا لاي تاملىق قورو ئىچىدىكى تاملىرى تۆكۇلۇپ تۇرىدىغان ياغاچ قۇرۇلمىلىق زەي، سىنىپ ياتاقلارنىڭ ئورنىنى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۇرۇپ تۇرىدىغان رەت-رەت ئىگىز بىنالار ئىچىدىكى يورۇق ئازادە دەرىسخانا ۋە يۇرۇشلەشكەن ياتاقلار ئىگىلىدى. بۇرۇنقى توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان مەيدانلارنىڭ ئورنىنى زامانىۋى تىخنىكا بىلەن قاتتىقلاشتۇرۇلغان زامانغا خاس تەنتەربىيە مەيدانلىرى ئىگىلىدى. مەكتەپلەر يىشىللاشتۇرۇلۇپ، جەننەتتەك گۇزەل تۇسكە كىردى. بۇرۇنقى قالاق ئىپتىدائى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئىسلاھ قىلىنىپ، نۇرغۇن مەبلەغ سىلىنىپ، ھازىرقىدەك زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى بارلىققا كەلدى. ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش ماتىرىياللىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، ئازادە غەمسىز ئوقۇيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.
مەن بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادام مەن يىشىمغا توشماستىنلا ئۆلۈپ كىتىپتىكەن، ھازىرقىدەك ئىسىمدە تۇرۇپتۇ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان چاغلىرىمدا تۇرمىشىمىز غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى، ئانام يالغۇز مائاش ئىلىپ بىز تۆت جاننى قامدايتتى، ھەر ھالدا يەنە باشقىلاردىن بىر قەدەر ياخشى ئىدۇق، شۇنداقتىمۇ ئۆيىمىزدە ھەپتىدە ئىككى- ئۈچ كۈن توك ئۇزۇلۇپ قالاتتى.شۇنداق چاغلاردا تاپشۇرۇقلىرىمنى كىرسىن چىراغنىڭ يورۇقىدا ئىشلەيىتتىم. ئەتىسى چىراقنىڭ ئىسدا يۇز-كۆزۇم قارا-قۇرا خۇددى مۇشۇكئيىققا ئوخشاپ قالاتتىم،مەھەللىمىزدە پەقەت بىرلا خوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە رادىئو بار ئىدى. شۇ خوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرىپ رادىئو ئاڭلىساق خۇش بولۇپ كىتەتتۇق. مەكتەپتە دەپتەر-قەلەمنى تىجەپ يەرگە-توپىغا خەت يىزىپ ئۆگىنەتتۇق، دەرىسلىك كىتاپلارنى پۇل خەجلەپ سىتىۋالاتتۇق، كىتاپ پۇلىنى بىرەلمەي ئوقۇتقۇچىلاردىن دەشنەم ئاڭلايتتۇق...... دەپ كەلسەم قىينچىلىق بەك تولا ئىدى.
ئىسلاھات ئىچىۋىتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كىيىن تۇرمىشىمىز بارا-بارا ياخشىلىنىپ، بۇگۇنگە كەلگەندە بالىلىرىمىزغا ئازادە ئۆگىنىش قىلىدىغان ئايرىم ھوجىرلارنى تەييارلاپ بىرەلەيمىز، كىتاپ ماتىريال ھەقسىز،ئائىلىلەردە تېلىۋىزور ئىككىدىن كەم ئەمەس، توك، ئىچىملىك سۇ، يىقىلغۇ گازلىرىمىز 24 سائەت راۋان، پاكىزە-ئازادە يورۇق ئۆيلەردە ئولتۇرمىز، يول قاتناشلىرىمىز راۋان، شەخسەن ئۆزۇمنى ئىلىپ ئىيىتسام، تولۈقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپكە بىرىپ بولغىچە پوسكام بازار ئىچى (مەن تۇغۇلغان جاي) دىن باشقا يەرگە بىرىپ باقمىغان. ھازىر بولسا بالىلىرىمىزنى مەنزىرلىك ساياھەت نۇقتىلىرىغا ئاپىرىپ ئوينىتالايمىز.... ۋەزىيەت شۇ قەدەر ياخشى، پارتىيەنىڭ سىياسىتى شۇ قەدەر ياخشى، توي قىلساقمۇ،بالىلىق بولساقمۇ، ئۆلۇم-يىتىمدىمۇ، ھۆكۈمەت پۈل بىرىۋاتىدۇ. ھىچنىمىدىن غىمىمىز يوق،ئاددىسى مەن كىچىك چاغلاردا، ئانام خىزمەتتىن چۇشۇپ ئۆيگە كىلپ تاماققا تۇتۇش قىلسا، ئىككى سائەتسىز تاماق پىشمايتتى، شۇنىڭغىمۇ مەن كۆرەك باسمىسام ئوت كۆيمەيىتتى. ھازىر بولسا يىقىلغۇ گاز شۇنداق قۇلايلىق، كىچىككەندىمۇ يىرىم سائەتلەردە تاماق تەييار بولىدۇ. ئىشقىلىپ پارتىيەنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا ھەر جەھەتتىن قىسىلمايمىز
جەمىيەت ئۈچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، تەرەققىياتنىڭ سۇرئىتى بەك تىز، بالىلىرىمىز بىز بىلمىگەن بىلىملەرنى بىلىدۇ، دىمەك مۇشۇنداق كەم كۈتكىسىز ياخشى زاماندا بەختىيار تۇرمۇشىمىزغا كۆز قىزارىتقان بەزى بىر ئوچۇم دۇشمەن كۈچلەر يا پەننى بىلىمدىن ياكى دىننى بىلىمدىن خەۋىرى يوق بەزى بىر قىسىم قارا قورساق نادان داشقاللارنى ئاستىرىتتىن قۇتۇرتۇپ گۇزەل تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۈرنىۋاتىدۇ، تۇزنىى يەپ تۇزلۈقنى چاقىدىغان بىر قىسىم تۇز كورلار، ئۇلار چالغان داپقا كەلسە كەلمەس ئۈسۇل ئويناپ ،ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ نەپرىتگە قالدى، ئاخىرىدا ئۆزىنىمۇ، ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ ھالاكەت يولىغا باشلاپ قويىۋاتىدۇ، ئۇلار نىمىسىگە نىمە يەتمەي كومپارتىيەگە ئاسيلىق قىلدۇ، ھۆكۈمىتىمىز ھەر مىللەت پۇقرالىرى ئۈچۇن يەنە نىمە قىلىپ بەرسە بولاتتى، پەقەت ناننى چايناپ ئاغزىمىزغا سەپ قويۇشلا قالدى. ئۇلار نىمە دىگەن دۆت، نىمە دىگەن ئەخماق. چىگرا ئىچى ۋە سىرتىىدىكى قىزىل كۆزلەرگە ئالدىنىپ، ئاش بەرگەن قازاننى چاققىلى خىررىس قىلىپ، ئاخىرىدا ئۆزلىرى ھالاك بولىۋاتىدۇ. ئۇلار مەڭگۇ لەنەت تامغىسى ئاستىدا، ئۇلارنىڭ ھىچقايسىىسنىڭ يا پەندىن، ياكى دىندىن خەۋىرى يوق، شۇڭا ئۇلار نىجاسەتنى يە دەپ ئالدىغا قويسا ئايانماي يەپ، تىنىچ ئىناق بولغان ياخشى ۋەزىيتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق سىلىپ، يۇرت خەلىقىنىڭ، جۇملىدىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يۇزىنى تۆكۈپ، بىزگە ھەر جەھەتتىن قۇلايسىزلىقلارنى ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئىتنڭ كۈنىنى كۆرسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ، ئۇلار بىزنىڭ ئەشەددى دۇشمىنىمىز، ئۇلار پارتىمىزگە يۇز كىلەلمەيدۇ،ۋەتىنىمىزگە ئاسىيلىق قىلدى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئابرويىنى تۆكتى، ئۇلار بىر ئۇچۇم ئەخلەت، ئۇلارنى سۈپۈرۇپ ئەخلەت ئۆرىكىگە تىقىۋىتشىمىز كىرەك. ۋەتىنىمىزنى پارچىلاشقا، جەمئىيتىمىزنىڭ تىنىچ مۇقىملىقىغا ۋە مىللەتلەر ئىتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان بىر تۇركۈم زوراۋان تىرورچىلارغا بايرىقىمىز روشەن، ئىددىيمىز مۇستەھكەم ھالدا قارشى تۇرۇپ جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيسىنى ھىمايە قىلىپ دۆلىتىمىزگە، پارتىيمىزگە جۇملىدىن ئۆزىنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە بىزگە بۇگۇنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشنى يارىتىپ بەرگەن، دۇشمەن بىلەن قان كېچىپ كۆرەش قىلىپ بىزنى ئازاتلىققا ئىرىشتۇرگەن ئىنقىلاپچىلارغا يۈز كىلەلىگىدەك ياشىشىمىز كىرەك. كومپارتىيەنى چىن ئىتقادىمىز بىلەن ھىمايە قىلىپ ۋە ئەگىشىپ بىر ئوچۈم بۇزغۇنچى چۇپرەندىلەرگە، دۆلىتىمىزنىڭ نە قەدەر كۈچلۈك، قۇدىرەتلىك دۆلەت ئىكەنلىگىنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيۇلتاشتەك بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى، كومپارتىيەنى مەڭگۇ سۇلماس قەيسىرانە روھ بىلەن ئاداققىچە ھىمايە قىلىدىغىنىمىزنى نامايەن قىلىشىمىز كىرەك، شۇندىلا ئانا ۋەتىنىمىزگە، ئىنقىلابچى ئەجداتلىرىمىزغا، كومپارتىيەگە يۈز كىلەلەيمىز.
مەنمۇ جۇڭخۇا پەرزەنتى، كومپارتىيە ئەزاسسى، بىر ئۇيغۇر قىزى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئائىلەمگە ۋە ئۆزۈمگە مەسئۇل بولۇپ، پارتىيە نىزامنامنامىسىنى قىبلە نامە قىلىپ، كومپارتىيەنى ھىمايە قىلىپ، « ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن جان تىكىپ كۆرەش قىلىپ، ئاخىرقى نەپسىمگىچە جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيسىنى چىن دىلىمدىن سۆيۈپ، چىن ئىخلاسىم،ئىتقادىم بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ، ۋەتەننىڭ بىرلكىنى،مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى، جەمىيتىمىزنىڭ تىنىچ ئىتتىپاق بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيتىنى قوغداش ئۈچۈن ئاداققىچە بوشاشماي كۆرەش قىلمەن. بۇ ۋەدە نامەمنى ئەمەلدە ۋەدەمگە ۋاپا قىلىش بىلەن ئىپادىلەيمەن.
دەپ ئەھدە قىلغۇچى:
پوسكام ناھىيە ئىككىسۇ يىزىلىق شىپاخانىدىن: گۈلقىز مەمەت
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
292 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2017-6-18 23:35:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|