ئۇقتۇرۇش

ئۇقتۇرۇش

يازغۇچىلار تورىغا ئەسەر يوللاۋاتقان بارلىق  يازغۇچى ، ھەۋەسكارلارغا :


  كۈندىن – كۈنگە ئىشىپ بىرىۋاتقان مەنىۋىيەت ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ ، كەڭ يىزىقچىلىق ھەۋەسكارلىرىغا قارتا ياخشى بىر سەھنە ، ئوقۇرمەنلەرگە قارتا ياخشى بولغان مەنىۋىيەت ئىھتىياجىنى قاندۇرىدىغان سەھنە يارتىپ كەڭ خەلق ئامىسىغا مۇلازىمەت قىلىپ كېلىۋاتقان يازغۇچىلار تورىمىز قۇرۇلغاندىن باشلاپ قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق تورداشلارغا چوڭقۇر رەھمىتىمىزنى بۈلدۈرىمىز .

  يىقىندىن بۇيانقى مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ بىخەتەرلىك ، مۇقۇملۇق خىزمەت يىغىنىنىڭ روھى شۇنداقلا 2017- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان « تور ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنىڭ روھى شۇنداقلا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ بىر قىسىم قانۇن – نىزاملىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن ساغلام ، بىخەتەر تور مۇھىيتى يارىتىش ، يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ ئۈنىمدارلىقىنى ئاشۇرۇش ، كەڭ يىزىقچىلىق ھەۋەسكارلىرىغا قارتا ياخشى بولغان مۇلازىمەت سەھنىسى يارىتىش ئۈچۈن «يازغۇچىلار تورى ئەسەر تەھرىرلەش ئىشخانىسى » مەسئۇل بولۇپ تورىمىزغا ئەسەر يوللاۋاتقان بارلىق ھەۋەسكارلارغا قارتا بۇ ئۇقتۇرۇشنى چىقاردۇق 

1-  مەركەز ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ بىخەتەرلىك ، مۇقۇملۇق خىزمەت يىغىنىنىڭ روھى شۇنداقلا 2017- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان « تور ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى » نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنىڭ روھى شۇنداقلا ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ بىرقىسىم قانۇن – نىزاملىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن يازغۇچىلار تورىمىزغا ئەسەر يوللاۋاتقان بارلىق يازغۇچىلار ، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى چوقۇم ئەسەر مەزمۇنىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ، يوللىغان ئەسەرلىرى تەركىبىدە مىللەتلەر ئىتپاقلىقى ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ، ۋە ئىجتىماھىي مۇقۇملىققا زىت بولىدىغان ھەرقانداق مەزمۇنلارنى قوشۇشىغا ، ئەسەر تەركىبىدە ئۆتكۈر پىكىرلىك سۆز – ئىبارىلەرنى قوللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋال بايقالسا شۇنداق ئەسەر يوللۇغىچىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بىرىلىدۇ.

2- يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ مەقسىدى كەڭ يازغۇچىلار ، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا قارتا ياخشى بىر سەھنە يارىتىش ، بۇ ئارقىلىق كەڭ خەلق ئامىسىنىڭ مەنىۋىي ئىھتىياجىنى مەلۇم نىسپەتتە قاندۇرۇش ، شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئاپتۇنۇم رايۇننىىڭ « ئومومىي خەلق مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش » ھەركىتىگە پائال ماسلىشىش .  شۇڭا بۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ تورىمىزغا ئەسەر يوللىماقچى بولغان ھەرقانداق تورداشنىڭ ئەسەر سۈپىتى ۋە قۇرۇلمىسىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىنى ، يولىغان ئەسىرىنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى ئىنىق ، پىكىرى رۇشەن بولىشى ، ئىملا توغرا ، سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ياخشى بولىشى كېرەك.

3- يوللانغان ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇن ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تورىمىزنىڭ ئەسەر تۈرلىرىگە مۇۋاپىق كىلىدىغان تۈرلەرنى تاللاپ يولىشى ، ئەسەرنىڭ تىلى ۋە مەزمۇنىغا ئالاھىدە ئىتىبار بىرىشى كېرەك.

4- يازغۇچىلار تورىمىزغا ئەسەر يوللايدىغانلار ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ يوللىشى ، بىر كۈندە بىر ئادەمنىڭ يوللىغان ئەسەر سانى بىر پارچىدىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . ئەگەر ئەسەردە ئىملا خاتالىقى ، مەزمۇن زىتلىقى ، تەكرارلىنىش ئەھۋالى ، قىتىم سانى ئىشىپ كىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار سادىر بولسا بۇنداق ئەسەرلەر تەستىقلانمايدۇ . بۇنداق ئەسەرلەرنى ھەرقايسى مۇھەرىرلەر يۇيۇپ چىقىرۋىتىشكە ھوقوقلۇق.

5- بارلىق يازغۇچىلار ۋە ھەۋەسكارلار يوللىغان ئەسەرلىرىنىڭ خارەكتىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى شۇنداقلا ، ئاكتىپ ئىنىرگىيەلىك يازمىلىلار ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىغا ئائىت ئەسەرلەرنى يوللاشقا ئەھمىيەت بىرىشى كېرەك.

6- بۇ ئۇقتۇرۇش ئىلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويلىدۇ .تورىمىزغا ئەسەر يوللايدىغان  بارلىق يازغۇچى ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىشىنى بۇنىڭدىن كېيىن تورىمىزغا ئەسەر يوللىغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ، ھەرقايسى تورداشلارنىڭ تور بوشلىقىدىن ساغلام ، ئىلىي پايدىلىنىشىنى ئالاھىدە ئۇقتۇرىمىز .


 

مەسئۇل مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇنجان ئابدۇسادىرى

تلفۇن  : 18599029748

ئۈندىدار : 2041420589

 

تورىمىزغا قارتا تەكلىپ – پىكىر قوبۇل قىلىمىز

يازغۇچىلار تورى ئەسەر تەھرىرلەش ئىشخانىسى

2017-يىلى 6- ئاينىڭ 3- كۈنى 


     





299 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-3 23:43:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ