ھونلار توغرىسىدا - ئەكبەر زەھەر

ھونلار توغرىسىدا 

      شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ھون ئاقسۆڭەكلىرى ئارىسىدا خەن سۇلالىسىگە قارشى كۈچلەر قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، ھونلار يەنە بىر قېتىم بۆلۈنۈپ كەتتى. جەنۇبىي ھونلار خەن سۇلالىسىگە بەيئەت قىلدى. شىمالىي ھونلار خەن سۇلالىسى بىلەن داۋاملىق تىركىشىپ، جەنۇبىي ھونلار ۋە خەن سۇلالىسى پۇقرالىرىنى تالان-تاراج قىلدى. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ مېڭدى، خېدى يىللىرىدا خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرى ھونلار بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلدى. جىنۋېي تېغى(بۈگۈنكى ئالتاي تېغى) دا شىمالىي ھونلار قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، غەرىبكە قاراپ قاچتى. ئۇلار ئالدى بىلەن ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۇيسۇنلارنىڭ ئېلىگە بېرىپ ئۇ يەردە قەددىنى رۇسلىۋالغاندىن كېيىن، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا تالان-تاراج قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.

      تەخمىنەن مىلادىيە 160-يىلى ئەتىراپىدا شىمالىي ھونلارنىڭ بىر قىسمى يەنە غەرىبكە كۆچۈشكە باشلاپ، سىر دەرياسى بويىدىكى كانكىيىگە باردى ۋە ئەڭ ئاخىر ياۋروپا چېگرىسىدىكى ئالانلارنىڭ زىمىنىدا تۇرۇپ قالدى. ئالانلار تۈركىي سېستىمىسىدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولۇپ، ۋولگا دەرياسى بىلەن دون دەرياسى ئارىلىقىدا كۈچلىك خانلىق قۇرغانىدى. مىلادىيە 360-يىلى ھۇنلار تەدىرجى كۈچىيىپ ئالانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، دون دەرياسى بويىدا ئالانلارنى مەغلۇپ قىلدى، ئالانلارنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرۈپ، قوشۇنىنى ئۆزىگە قېتىۋالدى. ئۇلار ئالدى بىلەن ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۇيسۇنلارنىڭ ئېلىگە بېرىپ ئۇ يەردە قەددىنى رۇسلىۋالغاندىن كېيىن، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا تالان-تاراج قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.

     تەخمىنەن مىلادىيە 160-يىلى ئەتىراپىدا شىمالىي ھونلارنىڭ بىر قىسمى يەنە غەرىبكە كۆچۈشكە باشلاپ، سىر دەرياسى بويىدىكى كانكىيىگە باردى ۋە ئەڭ ئاخىر ياۋروپا چېگرىسىدىكى ئالانلارنىڭ زىمىنىدا تۇرۇپ قالدى. ئالانلار تۈركىي سېستىمىسىدىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت بولۇپ، ۋولگا دەرياسى بىلەن دون دەرياسى ئارىلىقىدا كۈچلىك خانلىق قۇرغانىدى. مىلادىيە 360-يىلى ھۇنلار تەدىرجى كۈچىيىپ ئالانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، دون دەرياسى بويىدا ئالانلارنى مەغلۇپ قىلدى، ئالانلارنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرۈپ، قوشۇنىنى ئۆزىگە قېتىۋالدى. گېرمانلارنى ئورمانلىقتىن قوغلاپ چىقىرىش بىر مەزگىل دېمىنىڭ ئېلىپ ئۆزىنى رۇسلاپ، كۈچىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۋالغان شىمالىي ھونلار قىسقىلا ۋاقىت ئىچىدە دون دەرياسى بويىدىكى بىرتۈركۈم يايلاقلارنى قولغا كىرگۈزىۋالدى.

     ئەينى دەۋىردە ھونلارنىڭ غەربىدە ئىككى گېرمان قەبىلىسى بولۇپ، بىرى دىنىپىر دەرياسىنىڭ غەربى، دىننىتىس دەرياسىنىڭ شەرقىدە ئولتۇراقلاشقان شەرقىي گوتلار، يەنە بىرى دىننىتىس دەرياسىنىڭ غەربى، قارباچەن تاغلىرىدا ئولتۇراقلاشقان غەربىي گوتلار ئىدى. غەربىي گوتلارنىڭ غەربىي جەنۇبىي تەرىپى رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ زېمىنى ئىدى. گېرمانلار مەدەنىيەت جەھەتتە قالاق بولغاچقا، بەدەۋىيلەر دەپ ئاتىلاتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورمانلاردا ئوۋچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. يېزىقى-قائىدە-يوسۇنلىرى يوقىدى، يۇيۇنمايتى، كىشىلەر ئۇلارنى ئۇچۇرتۇپ قالغان ھامانلا بەدەر قېچىشاتتى، رىملىقلار دائىم «.ئەي تەڭرىم، ماڭا ھەرگىزمۇ گېرمانلارنى يولۇقتۇرمىغايسەن!» دەپ ئىلتىجا قىلىشاتتى. گېرمانلارنىڭ تەشكىلى ئىپتىدائىي ھەربىي شەكىلدە بولۇپ، قەبىلە باشلىقى ئەڭ ئالىي ھەربىي ئەمەلدار ئىدى. ھونلارنىڭ كۆزى دون دەرياسى بويىدىكى شەرقىي-غەربىي گوتلار كونتۇرۇل قىلىۋاتقان يايلاققا چۈشتى.

      مىلادىيە 374-يىلى ھونلار دون دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شەرقىي گوتلارغا ھۇجۇم قىلدى. شەرقىي گوتلار ئەزەلدىن ئاتلىق ئۇرۇش ۋە تېز سۈرئەتتە قىلىنغان ھۇجۇمنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. ھونلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىدا شەرقىي گوت پادىشاھى يۇرتنى قوغداپ قېلىشقا ئىلاجىسىز قېلىپ، ئۆزلىكىدىن تەسلىم بولدى. بىرقىسىم شەرقىي گوتلار دىننىتىس دەرياسىدىن ئۆتۈپ غەرىبكە قېچىپ، غەربىي گوتلارنىڭ قېشىغا بېرىۋالدى. ھونلار ئارقىدىنلا غەربىي گوتلارنىڭ زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى. غەربىي گوتلار دىننىتىس دەرياسى بويىغا بارىگاھ تىكىپ ھونلارغا زەربە بېرىشكە ھازىرلاندى، ئەمما ھونلار دىننىتىس دەرياسىدىن كېچىسى ئۆتۈپ، غەربىي گوتلارنىڭ بارىگاھىغا ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدى. غەربىي گوتلار ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ، دوناي دەرياسى تەرەپكە قاراپ قاچتى. ھونلارنىڭ ھۇجۇمى پۈتكۈل گېرمان قەبىلىلىرىنى تىرىپېرەن قىلىۋەتتى. رىم ئېمپىريىسىنىڭ تارىخچىسى ماسىلناس «تارخ» ناملىق ئەسىرىدە، بۇ ئىشلار توغرىسىدا «ئەزەلدىن نامىنى ئاڭلاپ باقمىغان، ئالەمنىڭ قەيىرىدىن كېلىپ قالغانلىقى نامەلۇم بىر خىل كىشىلەر چاقماقتەك باستۇرۇپ كېلىپ، ئۇچۇراتقانلا نەرسىنىڭ بىرىنىمۇ ئامان قويمىدى» دەپ يازىدۇ. ئاتتىلانىڭ شەرقىي رىم ئېمپىريىسىنى ئىتېلا قىلىشى ھونلارنىڭ ھەقىقىي كۈچەيگەن ۋاقتى تەڭرىقۇت ئاتتىلانىڭ دەۋرىدۇر.

مىلادىيە 433-يىلى 27ياشلىق قېرىندىشى بىلىدا بىلەن بىرلىكتە تاغىسى لۇئاستىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى. ئۇلار تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي شەرقىي رىم ئېمپىرىيىسىگە ئۇرۇش قوزغاپ، شەرقىي رىم ئېمپىرىيىسى تۆلەيدىغان تۆلەمنى 350قاداق ئالتۇندىن 700قاداق ئالتۇنغا ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. شەرقىي رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ خاقانى ئىلاجىسىزلىقتىن ماقۇل بولدى. مىلادىيە 445-يىلى ئاتتىلا بىلىدانى قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ، تەڭرىقۇتلىقنى ئوڭچە ئىگىلىدى. ئۇ ئەجداتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا قەيسەر ھەم تەدبىرلىك ئىدى. ئاتتىلا دەۋرىدىكى ھون ئېمپىرىيىسى ھونلار تارىخىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ شانلىق بىر سەھىپە بولۇپ قالدى. ئۇ رىملىقلارغا ۋەھىمە سېلىپ، گېرمانلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇۋەتتى. غەرىبلىكلەر ئۇنىڭ كۈچىدىن تەشۋىشلىنىپ ئامال ئىزدەشتى. ئۇلار ئاتتىلا ۋە ئۇنىڭ چەۋەندازلىرىنى « تەڭرى قامچىسى» دەپ ئاتىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەھىمىسى ۋە ئىلاجىسىزلىقىنى ئىپادىلىدى. ئاتتىلا تەڭرىقۇتلۇق ھوقۇقىنى مۇستەققىل ئىگىلىگەندىن كېيىن دەرھاللا كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قوزغاپ، نىشاننى شىمالىي ياۋروپا ۋە شەرقىي ياۋروپاغا قاراتتى. شىمالىي ياۋروپا ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى ئانگلو-ساكسونلار ھۇنلاردىن قېچىپ ئېلونسان ئارىلىغا بېرىۋالدى. نۇرغۇن گېرمان ۋە سلاۋىيان قەبىلىلىرى ھونلارغا ئەل بولدى. ئاتتىلا شەرقى ۋە شىمالىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن 447-يىلى شەرقىي رىم ئېمپىرىيىسىگە بېسىپ كىرىپ، شەرقىي رىم قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ، ھون چەۋەندازلىرى دادانىل بوغۇزى ۋە گرېتسىيىدىكى ئارىشاڭ ئۆتكىلىگىچە قىستاپ بېرىپ، شەرقىي رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى كونستانتىنوپولغا ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈردى. شەرقىي رىم پادىشاھىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىككى تەرەپ مىلادىيە 448-يىلى كېلىشىم تۈزدى، شەرقىي رىم ئۇرۇش چىقىمى ئۈچۈن ھونلارغا 600قاداق ئالتۇن تۆلىگەندىن باشقا، يىللىق تۆلەم 700قاداق ئالتۇندىن 2100 قاداق ئالتۇنغا ئۆستۈرىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ، ھون ئېمپىرىيىسىنىڭ چېگىرىسى شەرىقتە ئۆلۈك دېڭىزغىچە، شىمالدا شىمالىي دېڭىزغىچە، غەرىبتە رېين دەرياسىغىچە، جەنۇبتا ئالپىس تېغىغىچە كېڭەيدى. ھونلارنىڭ توختىماي تالان-تاراج قىلشى ۋە تۆلەيدىغان تۆلەمنىڭ ئېغىرلىشىشى بىلەن شەرقىي رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ بايلىقى ئاساسەن خورىدى. بۇنىڭ بىلەن ئاتتىلانىڭ كۆزى غەربىي رىم ئېمپىرىيىسىگە چۈشتى. ھون ئېمپىرىيىسىنىڭ ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ تارىخىنى ئۆزگەرتىشى مىلادىيە 450-يىلى ئاتتىلا رىمغا ئەلچى ئەۋەتىپ، غەربىي رىم پادىشاھىنىڭ سىڭلىسى، مەلىكە ھىنورىيەنى توقاللىققا بېرىشنى، قىز مېلى سۈپىتىدە رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ يېرىمىنى بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇنداق يولسىز تەلەپنى غەربىي رىم پادىشاھى رەت قىلدى. ئاتتىلا بۇنى باھانە قىلىپ، غەربىي رىم ئېمپىرىيىسىگە ئۇرۇش قوزغىدى.

     مىلادىيە 451-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاتتىلا قوشۇنلىرى ۋە غەربىي رىم ئېمپىرىيىسى بىلەن غەربىي گوتلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى بۈگۈنكى فرانسىيە تەۋەسىدىكى مائېن دەرياسىغا يېقىن جايدا ئۇرۇش قىلدى. دەسلەپكى ۋەسىقىلەردە خاتىرلىنىشچە، ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 165مىڭغا يەتكەن (بەزى ماتىرياللاردا 300مىڭ ئىدى دىيىلىدۇ). ئۇرۇش بەش سائەتچە داۋام قىلغان، سائىتىگە 6مىڭدىن 10مىڭغىچە ئادەم ئۆلۈشتەك بۇنداق ئەھۋال ھازىرقى، يېقىنقى دەۋىر ئۇرۇشلىرىدا ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ. نەتىجىدە، غەربىي گوتلارنىڭ پادىشاھى ئۇرۇشتا ئۆلدى، ئەسكەرلىرىمۇ جەڭ مەيدانىدىكى تەرتىپىنى يوقۇتۇپ قويدى. ھونلارمۇ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچۇراپ، يەنە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچى يەتمەي، رېين دەرياسى بويىغا قايتىپ، يېڭىۋاشتىن كۈچ توپلاشقا كىرىشتى. مىلادىيە 452-يىلى دېمىنى ئېلىۋالغان ھونلار غەربىي رىم ئېمپىرىيىسىگە يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش قوزغىدى، ئاتتىلانىڭ قوماندانلىقىدا ھون قوشۇنلىرى ئالپىس تېغىدىن ئۆتۈپ ئىتالىيىگە باستۇرۇپ كىردى. ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى رايونلار ھونلارنىڭ تەلۋىلەرچە ھۇجۇمىغا ئۇچۇراپ، پۈتۈن شەھەرلەر ۋەيران بولدى. ئارقىدىنلا ھونلار ئېمپىرىيە پايتەختى رىمغا قىستاپ كەلدى.

غەربىي رىم پادىشاھى رىم پاپىسى رېئو 1نى ھونلار بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئەۋەتتى، بۇ چاغدا ھون قوشۇنلىرى ئارىسىدا ئۇشتۇمتۇت ۋابا تارقالدى ۋە شەرقىي رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ قوشۇنلىرىمۇ تېز سۈرئەتتە رىمغا يېتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاتتىلا سۆھبەتلىشىشكە ماقۇل بولدى، ئەمما قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشتىن بۇرۇن، ئەگەر غەربىي رىم شاھى سىڭلىسى ھىنورىيەنى بەرمىسە، يەنە غەربىي رىمغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، نۇرغۇن دەپنى-دۇنيالارنى ئېلىپ قايتىپ كەتتى.

مىلادىيە 453-يىلى ئاتتىلا مەلىكە ئىردىككە ئۆيلەندى. نىكاھ ئىنتايىن كەچتە ئوقۇلغاچقا، خىزمەتچىلەر ئەتىسى ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرالمىدى. چۈش بولاي دېگەندىمۇ ئاتتىلا ھۇجۇرىسىدىن چىقمىغاندىن كېيىن، قول ئاستىدىكىلەر ئۇنىڭ ھۇجۇرىسىغا كىرىپ، ئىردىكنىڭ يىغلامسىراپ تۇرغانلىقىنى، ئاتتىلانىڭ ئاغزىدىن قان ئاققان پېتى كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى كۆردى، ئەسلىدە ئاتتىلا ئۆلگەنىدى. كىشىلەر ئاتتىلانىڭ ئۆلىمىنى كېسەلگە باغلاشقان بولسىمۇ، بۇ مەسلە بىر ئاز گۇمان قوزغىدى، ئارىدىن 100يىل ئۆتكەندىن كېيىن بەزى كىشىلەر ئاتتىلانى ئىردىك قەستلىگەن، دېگەن قىياسلارنىئۇ ئوتتۇرغا قويۇشتى. ئاتتىلانىڭ دەپنە مۇراسىمىدا ھونلار چاچلىرىنى يۇلۇپ، يۈزلىرىنى تىلىپ، قان چىقىرىش ئارقىلى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھۆكمىرانىغا بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈشتى. ئاتتىلانىڭ تاۋۇتى ئۈچ قەۋەت بولۇپ، ئەڭ ئۈستى تۆمۈر، ئىككىنچى قەۋىتى كۈمۈش، ئۈچۈنچى قەۋىتى ئالتۇندىن ياسالغانىدى. بۇ ئۇنىڭ تۆھپىلىرىگە سىمىۋول قىلىنغانىدى. ھونلار دەريا سۈيىنى توسۇپ، ئاتتىلانى دەريا قىنىغا دەپنە قىلغاندىن كېيىن يەنە سۇنى قويۇۋەتتى ھەم قەبرە ئوغرىلىرىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يۇقىرقى ئىشلارنى بېجىرگەن بارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرىۋەتتى. شۇڭا، ئاتتىلانىڭ قەبرىسى تا بۈگۈنگىچە تېپىلغىنى يوق. ئاتتىلا ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ باللىرى تەڭرىقۇتلۇق ئورنىنى تالىشىپ، ئىچكى ئۇرۇش قوزغىدى، ھون ئېمپىرىيىسى بۆلۈنۈش گىردابىغا بېرىپ قالدى. بۇ ھونلار تەرىپىدىن ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەر ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت ئىدى.

مىلادىيە 454-يىلى شەرقىي گوتلار بىرلەشمە قوشۇن تەشكىللەپ، ۋېنگىرىيىدە ھونلارنى مەغلۇپ قىلدى، ھونلار جەنۇبىي روسيە يايلاقلىرىغا بېرىۋالدى. مىلادىيە 461-يىلى ئاتتىلانىڭ ئوغلى ماڭقۇ ھون ئېمپىرىيىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ، دون دەرياسى بويىدا شەرقىي گوتلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ مەغلۇپ بولدى، مىلادىيە 468-يىلى ئۇ يەنە شەرقىي رىم ئېمپىرىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۆزى قوزغىغان بۇ ئۇرۇشتا ھالىدىن كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ھونلار بارا-بارا ئاجىزلىشىپ، تارىخ سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقالدى. ھونلارنىڭ غەرىبكە كۆچۈشى بەدەۋىي گېرمانلارنى ئورمانلىقتىن چىقاردى. ھون چەۋەندازلىرى بىلەن بەدەۋىي گېرمانلارنىڭ كۈچىيىشى ياۋروپادا كۈچلۈك سىلكىنىش پەيدا قىلىپ، بىر مەزگىل دەۋىر سۈرگەن رىم ئېمپىرىيىسىنى ئاجىزلىتىپ يوقاتتى. نەتىجىدە، ياۋروپانى قالاق قۇلدارلىق دەۋرىدىن فېئوداللىق دەۋرىگە باشلاپ كىردى. بۇ ھال ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىنى ئۆزگەرتىپ، دۇنيا تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇردى.

مەنبە:«شىنجاڭ ياشلىرى»زھورنىلىدىن ئېلىندى

مەنبە:«شىنجاڭ ياشلىرى»زھورنىلىدىن ئېلىندىھونلار توغرىسىدا 

176 قېتىم كۆرۈلدى ئەكبەر زەھەر ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-10 2:30:11  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ

ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ