ھەر جەھەتتە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەشتە ئويلىغانلىرىم
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
ھەر جەھەتتە ئارقدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ،نۆۋەتتە ئۇستازلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان ، ئاتا - ئانىلار ئەندىش قىلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلە . بۇ خىل ئوقۇغۇچىلار دەل ۋاقتىدا يىتەكلەنمەي سەل قارىلىپ ۋاقتىدا ئۆزگەرتىلمىسە ، ئالدىنى ئالمىسا ، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار كۈنسايىن كۆپىيىپ ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار توپى شەكىللىنىدۇدە ، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ . بۇ خىل ھەر جەھەتتىن ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى دەل ۋاقتىدا ئىلمىي تەربىيلەش ئىنتايىن زۆرۈر . تۆۋەندە مەن ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىلمىي يىتەكلەش توغرىسىدا ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ، كەڭ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچىمەن :
بىرىنچىدىن ، تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ھەر قانداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئاۋال بالىلارنىڭ ، روھى ھالىتىنى ئىگەللىشى ، پىسخىكىسىنى چۈشۈنىپ ، دىئاگنوز قويۇپ ، ماس ھالدىكى تەربىيلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك .
ئىككىنچىدىن ، قايسى تەرەپلەردىن ،قايسى دەرىجىدە ئارقىدا قېلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئالدىنى ئېلىش ، دەل ۋاقتىدا بايقاش ، بىرى بايقالسا ، بىرىنى كونتۇرول قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر . شۇنىسى ئېنىقكى ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ، تۇيۇقسىزلا پەيدا بولغان ئەمەس ، ئۇلار تۈرلۈك سەۋەپلەر ، زىددىيەت ، توقۇنۇشلار ، ئوقۇتقۇچى ، ئاتا-ئانىلارنىڭ سەل قارىشى ، ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار ۋە ھەر خىل مۇھىتنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن . شۇڭا ، سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش ھەمدە ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تېپىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .
ئۈچۈنچىدىن ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار ، بىر كۈندە ، بىرلا ۋاقىتتا ، ئوخشاش سەۋەپتىن پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس . دەل ۋاقتىدا ، ئىلمىي ئۇسۇلدا ئالدىنى ئالماسلىق سەۋەبىدىن ، بىز قاخشاۋاتقان ، يىتەكلەپ ئۆزگەرتەلمەيۋاتقان ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلار توپى شەكىللەنگەن . ئوقۇتقۇچىلار دەسلەپتە بىر - ئىككى ئوقۇغۇچىغا سەل قاراپ ، دەل ۋاقتىدا ئەھمىيەت بەرمەي ، تەدبىر قوللانماي ، ئالدىنى ئالماي ، ئىلمىيلىك بىلەن يىتەكلەپ ئۆزگەرتمەي ، تېخىمۇ زىددىيەتلىك مەسىلىنى ، يىشىلمەيدىغان توقۇناقنى شەكىللەندۈرگەن . شۇڭا ، ئوقۇتقۇچىلار ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇپ ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئامال بار شەكىللەندۈرمەسلىكى كېرەك . ناۋادا شەكىللەنسە دەل ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىپ ، بۇ خىل ئوقۇغۇچىلار توپىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىشى ، ئۆزلىرىگە مېزان قىلىشى زۆرۈردۇر .
تۆتىنچىدىن ، تەلىم - تەربىيە جەريانىدا ، ئىلمىي يىتەكلەپ ئۆزگەرتىشنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ . دۇنيادا نۇقسانسىز ئادەم بولمىغاندەك ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ۋە قىزىقىشى بولىدۇ ، ئەلۋەتتە ئوقۇغۇچىلارمۇ شۇنداق . تەربىيلىگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارقىدا قىلىش سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش بىلەن بىرگە ،قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تېپىپ چىقىپ ، قىزىقىشى ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى قوللانسا ، ئۈنۈمى ئەڭ تىز بولىدۇ . كېسىپ ئېيتىشقا بولۇدۇكى ، ئارقىدا قالغان ھەر قانداق بىر ئوقۇغۇچىدا ، چوقۇم بىر ئالاھىدىلىكى ۋە قىزىقىشى بار ھەمدە سەۋەبىمۇ بولىدۇ ، ئامال بار ئۇلارنىڭ ئاشۇ خىل ئالاھىدىلكىنى تېپىپ چىقىپ ، ئالاھىدىلىكىنى جارىي قىلدۇرۇش سورۇنى ھازىرلاپ ، ئۇلارغا ئۆزىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ ، كاللىسىدا پەيدا بولغان تۈرلۈك بېسىمنى يىنىكلىتىپ ۋە تۈگىتىپ ، نەتىجىسىنى دەلىللەپ ، روھىنى ئۇرغۇتساق ،ئۇلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئۆزىدىن مەمنۇن بولۇش تۇيغۇسى يىتىلىپ ، قىزغىنلىقى ، تەشەببۇسكارلىقى ۋە مۇستەقىللىقى ئاشىدۇ ، جىمغۇرلىق ۋە ئەندىشى ئازىيدۇ . مەكتەپتىن ، ئوقۇتقۇچىلاردىن بىزار بولۇش ۋە كوللېكتىپتىن يېراق تۇرۇشتەك ھالەتلىرى تۈگەيدۇدە ، ئۆزلىگىدىن دەرسلەرگە قىزىقىدىغان يىتىلىدۇ ، بىزارلىقى يوقايدۇ ، بىسىم ھاسىل قىلماياىغان بولىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى تەربىيلەش ۋە يىتەكلەش ئاسانلىشىپ ، ئۈنۈم تىزلا قولغا كەلتۈرۈلىدۇ .
بەشىنچىدىن ، ماس ھالدىكى پائالىيەت ۋە مۇسابىقىلەرنى دائىملاشتۇرۇپ ، چېنىقتۇرۇش ۋە ئۆزىنى نامايەن قىلىش سورۇنى ھازىرلاپ ، نەتىجىسىنى دەلىللەپ ، ئىشەنچىسى ئاشۇرۇلسا ، ئۆزىنىڭ قالتىس ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدۇ ، ئۆزىدىن مەمنۇن بولىدۇ ۋە سۆيىنىدۇ ، ئۆزىنىڭ ياراملىق ، قولىدىن ئىش كىلىدىغان ، ھەممە كىشى ئىشىنىدىغان ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ سۆيىنىدۇ . بۇنىڭ بىلەن قىزىقىش دائىرسىدە ئارزۇ - ئارمانلىرى يىتىلىدۇ ، ئەقلىي بۇلىقى ئاستا - ئاستا ئېچىلىپ ، ياخشى بولغان ئەخلاق پەزىلىتى ، توغرا ئۆگىنىش ئادەتلىرى يىتىلىدۇ . بۇ جەريان ئۇستازلارنىڭ چوقۇم سەۋېرچان بولۇشىنى ، زىرىكمەسلىكى ، ئېرىنمەسلىكى تەلەپ قىلىدۇ .
دېمەك ، ئۇستازلار يۇقارقى بىر قانچە نوقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىپ ، قەتئىي سەل قارىماي ، ئىلمىي بىلەن ئەتراپلىق يىتەكچىلىك قىلىپ ، مۇستەقىللىقى ، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئاكتىپچانلىقىنى يىتىلدۈرۈلۈپ ، قىزغىنلىقى ئاشۇرۇپ ، ئىشەنچىسى تۇرغۇزۇپ ، ئالدىن ئۆگىنىش ئادىتى يىتىلدۈرۈپ ، ئارزۇلىرىنى تۇرغۇزۇپ، ھەر ۋاقىت يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىلسە ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى سىزىپ - سەزمەي ، بىلىپ - بىلمەيلا ، ئۆگىنىشكە تەبىيلا قىزىقىپلا كىرىشىپ كىتىدۇ ، تەربىيلەشنىڭ توغرا يولى ئۆزلىگىدىن پەيدا بولىدۇ . ئەكسىنچە بولسا ، قىزىقىش بولماي، روھىيتى ئۇرغۇماي ، ئىشەنچىسى تۇرغۇزۇلماي ، ئارزۇسى تىكلەنمەي ، مېھىرلەر تۇتاشماي ، ئىلمىي تەربىيلەش يولى ئېچىلمايدۇ .
بۇنىڭدىن سېرت ، ئوقۇتقۇچىلاردا كەسىپچانلىق ۋە بېغىشلاش ئىستىگى بولمىسا ، ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزگەرتىشتىن سۆز ئېچىش بەك تەس . ئوقۇتقۇچى بۇ خىل ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىيلەپ ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەن ، ئاۋال ئۆزىنى تەربىيلەش ، ھەممىدە ئۆلگە بولۇش ، مېھىرلىك بولوش ، ئۆگىنىشنى ، ۋاپادارلىقنى ، مىننەتدارلىقنى ، سەمىمىيلىكنى ، راستچىللىقنى ئۆزى ئۆلگە كۆرسىتىپ ، ئاندىن ئۇلارغا ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلسا ، مائارىپ ئەڭ ئىلمىي بولغان تەربىيلەش قانۇنىيتىگە يۈزلۈنۈپ ، ئەمەلىي سۈپەت يارىتىلىدۇ دەپ قارايمەن .
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
36 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-2 10:18:47 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|