خاتا ئۇرۇلغان تېلغۇن
( راس بولغان ۋەقە )
تەخمىنەن بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى ئىدى ، تېلغۇنىم بازاردا يامان نىيەت ئوغرى تەرپىدىن ئوغۇرلاندى .. شۇ سەۋەپلىك يېڭى تىلغۇن ئېلىپ ، تېلغۇن كارتامنى تۇلۇقلاپ بېجىردىم . نۇرغۇن دوسلۇرۇم ، خىزمەتداش ئۇرۇق - تۇققانلارنىڭ تېلغۇن نومۇرلىرى ، ئەنە ئاشۇ ئوغۇرلۇنۇپ كېتىلگەن تېلغۇن بىلەن تەڭ يوقۇغاچقا ، ئىسىمدە قالغان نومۇرلارنى قايتىدىن ساقلاشقا توغراكەلدى . شۇنداق قىلىپ ياتقا بىلىدىغان نومۇرلارنى ،كىشى ئىسىملىرى بىلەن ساقلىۋالدىم . ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۇپ كەتتى ، بىر بۇرادىرىم بىلەن ئالاقىلىشىش توغرا كەپ قالغاچقا ، ئۇنۇڭغا تېلغۇن ئۇردۇم. ئۇنىڭ تېلغۇنىنىڭ رەڭلىك قوڭغۇراق ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى ، لېكىن تېلغۇننى ئالىدىغان ئادەم يوق . مەن قايتا - قايتا بىر قانچە قېتىم ئۇرغان بولساممۇ ، زادىلا ئالمىدى. ئىچىمدە ئادەتتە تېلغۇنى ئانچە ئۇزاق سايرىمايلا ، ئالاتتىغۇ بىرەر ئىش بولغاندىمۇ ، ياكى بەكلا ئالدىراش ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم . چۇشتن كېيىن ئىشتىن چۈشۈپ ، ئەمدى ئۆيگە قايتاي دەپ تۇرۇشۇمغا ، تېلغۇنۇم سايراپ كەتتى ،تېلغۇن دەل ھېلىقى ئاغىنەمدىن كەلگەن ئىدى. تېلغۇننى ئالدىمدە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر قانداق ئەھۋالىڭ ؟ بەكلا ئالدىراشقۇ سەن ؟ دېيىشىمگە. ياخشىمۇسىز ؟ كىم بولىسىز؟ دىگەن تۆۋەن ئاۋاز ئاڭلاندى بۇ ئاۋاز ھېلىقى ئاغىنەمنىڭ ئاۋازى بولماستىن ، بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئىدى . مەن تېلغۇندىكى نومۇرغا ، ئىسىمگە قايتا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن : مەن ئابدۇقەييۇم . يۈسۇپنىڭ نومىرىغۇ بۇ ، يۈسۇپ ئۆزى قېنى؟ دەپ سورىدىم . ئۇ ماڭا ياق خاتا ئۇرۇپ قويۇپسىز بۇ مېنىڭ ئون يىلچە ئىشىلتىۋاتقان نومۇرۇم، بايام بىر قانچە قېتىم تېلغۇن ئۇرۇپتىكەنسىز ، ئەمدى قارىسام نومۇرىڭىز باركەن ، بىرەر مۇھىم ئىشى بار تونۇشۇمنى تېلغۇن ئۇردىمىكىن دەپتىمەن . دەپ جاۋاپ بەردى .مەن شۇ چاغدا ئاندىن يۈسۇپنىڭ تېلغۇن نومرىنى خاتا ساقلىۋالغانلىقىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم . كەچۇرۇڭ كەچۇرۇڭ مەن دوستۇمنىڭ تېلغۇن نومۇرىنى ، خاتا ساقلىۋالغان ئوخشايمەن .شۇنۇڭغا تېلغۇن ئۇردۇم دەپ سىزگە ئۇرۇپ ساپتىمەن دەپ ئەپۇ سورۇدۇم . ھېچقىسى يوق ئادەتتە ، ئۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ ، دېدىدە تېلغۇننى قويۇۋەتتى . ئۇنىڭ بۇ ئاۋازى بايامقىدىن يوقۇرىراق ھەم بەكلا مۇلايىم چىققان ئىدى . ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتۇپ كەتتى ،ئالاھەزەل بىرەر ئايلارغۇ دەيمەن . بىر كۇنى مەن ئالدىراش ئىشلەۋاتسام ، تېلغۇنۇم سايراپ كەتتى .كىمدۇ بۇ ئالدىراشلىقىمدا تېلغۇن ئۇرغان دەپ تېلغۇننى ئالسام : ياخشىمۇسىز ؟ مېنى تونىدىڭىزمۇ ؟ دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. ياخشى ، ئۆزىڭىزچۇ ؟ كىمدۇ تونىيالمىدىم سىزنى دېسەم . مەن ھېلىقى سىز خاتا تېلغۇن ئۇرۇپ قويغان ۋاقىتتىكى . شۇ گەپنى قىلىشىغىلا ئۇنىڭ ئاۋازى ماڭا تونۇشتەك تۇيۇلدى بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ھېلىقى ئايال ئىكەنلىكى ئېسىمگە كەلدى . ھە ئىسىمگە كەلدىڭىز ، بىرەر ئىش بىلەن تېلغۇن ئۇرغانمىتىڭىز ؟ دەپ سورىسام . ئالدىراشمۇ ؟ سىز بىلەن پاراڭلىشاي دېگەن شۇ . دەيدۇ ئۇنىڭ بۇ ئاۋازى سەل ھۇدۇققان ھالەتتە چىققان ئىدى . مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ نىمە توغۇرلۇق پاراڭلىشا ئەمدى ، يە تونىمىسام دەپ ئويلۇدۇمدە: ھە نىمە ئىش توغۇرلۇق سۆزلەشمىكچى ئىدىڭىز ؟ مەن سەل ئادىراش ئىدىم . گېپىڭىزنى قىلىڭ ئەمىسە دېيىشىمگە : ئالدىراش بولسىڭىز سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويماي ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ ، خوش ئەمىسە دەپلا تېلغۇننى قويىۋەتتى . مەن يەنىلا ئۆز ئالدىراشلىقىم بىلەن بولۇپ كەتتىم . ئىشتىن چۇشكەندە سىرتتىن تاماق يەۋېلىپلا ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تېلۋىزۇر كۆرۇپ ئولتۇردۇم مەن بىر ئاز زېرىكىش ھېس قىلدىم . چۇنكى مېنىڭ تۇرمۇشۇم كۈندە دېگىدەك ئىشقا بېرىپ - كېلىش كەچتە تېلۋۇزۇر كۆرۇش ياكى بولمىسا تېلغۇن ئويناش ئىدى. دوسلۇرۇممۇ ئالدىراش بولغاچقا بىز ناھايىتى ئاز سورۇن قۇراتتۇق . تۇيۇقسىز كۈندۇزدە تېلغۇن ئۇرغان ئايال ئېسىمگە كېلىپ قالدى . زىرىكىشىم ئازراق بولسىمۇ تۇگەپ قالا مىكىن دەپ ،ئۇنىڭغا تېلغۇن قايتۇردۇم .ئۇمۇ ناۋايىتى تېزلا، تېلغۇننى ئالغان ئىدى . ياخشىمۇسز؟ ماڭا كۈندۈزدە تېلغۇن ئۇرۇپتىكەنسىز ،ئۇ چاغدا مەن ئالدىراش ئىدىم ئەمدى تېلغۇن قايتۇرۇشۇم ، نىمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟ دېيىشىمگە ئۇ ئايال سەل ئۇھسىنىپ گېپىنى باشلىدى : شۇ شۇ بەلەكمۇ ئش يوق ، گەپ بۇ جايغا كەلگەندە ئۇنىڭ ئۈنى يوقاپ كەتتى . مەن قايتا -قايتا گەپ قىلىڭ ، قانداقلا ئىشىڭىز بولسا دەڭ ، دېيىشىمگە ئۇ يەنە گەپ قىلىشقا باشلىدى : ئۇ ماڭا ئۆزىنى تونىمىساممۇ ، مېنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇسى بارلىقىنى ،بۇ ئىشلارنى يېقىنلىرىغا دېيەلمەيدىغىنىنى ، مەن تېلغۇننى خاتا ئۇرۇپ قويغان چېغىمدا ، ساقلىنىپ قالغان نومۇرۇمغا قاراپ ماڭا تېلغۇن ئۇرغانلىقىنى چۈشەندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ توي قىلىپ بولغىنىغا ، ئون يىلغا يېقىن بولغانلىقىنى ، ئەينى چاغدا يولدىشى بىلەن ناھايىتى ياخشى كۆرۇشۇپ توي قىلغانلىقىنى ، ئىككى قىز پەرزەتلىك بولغانلىقىنى ، ئۇ چاغلاردا ئۆزىنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھېس قىلىدىغانلىقىنى . بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ شۇنچە خوشال ياشىغانلىقىنى ،ئەر ئايال ئىككىسىنىڭ خىزمەتىنىڭ ياخشىلىقىنى ھەم مۇئاشىنىڭ خېلىلا يوقۇرلىقىنى . كېيىن يولدىشىنىڭ خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىپ، ئۆز ئالىدىغا سودا قىلىپ خىلىلا كۆپ ئىقتىسادىي ئۈنۇم ياراتقانلىلىقىنى ، سۆزلەپ بەردى . مەن ئۇنۇڭغا ئۇنداقتا سىزنىڭ كۈنلىرىڭىز خوشال ئۆتىدىكەندە؟ دەپ سوئال قويغۇنۇمدا : بۇرۇن شۇنداق خوشال ئۆتكەن كۈنلۇرۇم بولغان ئىدى .بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ناھايىتى، خوشال ئوتەتتۇق . ئەر ئايال ئىككىمىز بالىلارنى سىرتلاردا تەڭ ئوينىتىپ ،تەڭ تاماق يەپ بەكمۇ كۆڭۇللۇك ئۆتەتتۇق . لېكىن بۇ كۈنلەر ئۈزۇنغا بارمىدى ،ئۇ خىزمەتتىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن ، سودا قىلىمەن دەپ ، كېچە - كېچىلەپ ئۆيگە كىرمەس بولۇۋالدى ، كەلسىمۇ ئۇزۇن ئولتۇرمايلا يەنە قىلىدىغان ئىشىم بار دەپلا چىقىپ كېتىدۇ . بەزىدە تاڭ ئاتقىچە ماجىئاڭ ئويناپ ، تاڭ ئاتقاندا كىرىدۇ ، بەزىدە قايتىپمۇ كەلمەيدۇ. كەلگەن تەغدىردىمۇ بۇ ئۆي ئەمەس, بەلكىم مېھمانخانىدەكلا يەيدۇ ،ئۇخلايدۇ ،ئۇيقۇسى قانغاندا چىقىپ كېتىدۇ . بالىلارنىڭ ئۆينىڭ ئىشى بىلەن پەقەتلا كارى يوق . ھەممىنى ئۆزەم قىلىمەن ،لېكىن پۇلنى خېلىلا تاپقان بولغاچقا ، ماڭا پۇلنى خېلىلا جىق بېرىپ كېلۋاتىدۇ . ماددى جەھەتتىن پەقەتلا قىينىلىپ باقمىدۇق ، لېكىن ئادەمدە پۇل بولسىلا بولمايدىكەن ، مېھىر -مۇھەببەت بولمىسا ئۇ پۇل كېرەكسىز قەغەز دىن باشقا نىمە ئەمەسكەن ، بۇنداق پۇل بولغىنىنىڭ نېمە پايدىسى دەپ ،بىر مۇنچە دەردىنى سۆزلەپ كەتتى . مەن ئۇنىڭغا : ئۇنۇڭمۇ ئۇنچىۋالا جاپا تارتىشى سىز ھەم بالىلار ئۈچۇن ،دەپ ئۇنۇڭغا تەسەللىي بەردىم . لېكىن مېنىڭ تەسەللىيلىرىمنى ،بۇرۇن ئۇ ئۆز ئۆزىگە دەپلا كېلىۋاتقان سۆزلەر بولغاچقا ، ئۇ ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدى ، مەن خېلى ھازا ئۇنىڭ يېغىسى ئارىسىدا ئېيتىلغان سۆزلەرگە قۇلاق سالدىم ئۇ يەنە ئۆزىنڭ شۇنچە غېرىپلىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى ،ئۆزىگە مال دۇنيا ئەمەس ،كۆيىنۈشكە مۇھتاچلىقىنى ، ئىككى قىزى ئۈچۇن چىداپ كېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى . . ئاخىرىدا بۇ سوزلەرنى ئۇزاقتىن بېرى ئىچىدە ساقلاپ كەلگەنلىكىنى ، ماڭا دەۋېلىپ خېلىلا بوشاپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ، سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بەرگىنىمگە رەخمەت ئېيتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ تېلغۇنىنى قويىۋەتتى . شۇنداق قاراپ باقسام ۋاقىت ، خېلى بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ. لېكىن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاچقا ، ئۇ كېچىدە پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم . شۇڭا بۇ تېمىنى يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم . لېكىن ئۇ چاغدا يازغىنىم بىلەن ئۆزەم بىلەنلا يۈز كۆرۇشكەن ئىدى . مانا بۈگۇن قايتىدىن يېزىپ چىقىپ سىلەرگە سۇندۇم . ئاخىرىدا ئەرلىرىمىزگە شۇنداق دېگىم كەلدى : ئەي ئەركەك ،جەمىئيەت تۇرمۇش ، يۈكى ئېغىر ئەركەك ، تۈرمۇش ئۈچۇن توختىماي ئىزدىنىۋاتقان ئەركەك ، پۇل تېپىش ئۇچۇن كېچە - كۈندۇز تىرىشىۋاتقان ئەركەك . توغرا پۇل تاپقىنىڭ ئۆزىڭگە يول ،باياشاتلىق تاپقىنىڭ. لېكىن ئاشۇ پۇل كويىغىلا چۇشمەستىن ، ئائىلىگە كۆڭۇل بۆلۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغىن ، ئايالىڭغا بالاڭغا يالغۇزلۇق - غېرىپلىق سالمىغىن . ئۇلارغا سېنىڭ مېھرىڭ ، مۇھەببەتلىك كۆيۇنىشىڭ لازىم ، پۇلغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى بولغىلى بىلەن مېھىرنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ . ئائىلە ئۈچۇنمۇ ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ قويغىن . ياشاش ئۈچۇن توغرا پۇل كېرەك ، پۇلۇڭ بولۇر يولۇڭغا تېرەك . قويما يالغۇز خوتۇن بالاڭنى ، ئۇلار ئۇچۇن مېھرىڭ بەك كېرەك.
2015.8.7
ئاپتور : مەنزىلىم -san ௸✍
1028 قېتىم كۆرۈلدى | q q::qin akida212 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-18 20:25:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-2-17 23:21:04 | فىردون |
ئاپتورى بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولارمۇ ئاۋازلىق ئەسەر قىلساق بولاتتى |
2015-10-1 22:37:59 | arzu |
bak yahxkan czga taxakkur |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|