خوتۇنۇڭنى ھۆرمەت قىل ، ئەمما...

خوتۇنۇڭنى ھۆرمەت قىل ، ئەمما...

 

خوتۇنۇڭىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پايپېتەك بولۇشى مۇھەببەت ئىزھارى ئەمەس . ئۇ پەقەت ئۆمۈر يولداشلىق يۈزسىدىن سىزنىڭ ساق ۋە خۇشال بولۇشىڭىز ئۈچۈن قايغۇرماقتا . بۇ ئىشلارنى ئۇ پەرز دەپ بىلىدۇ . ئەركەكنىڭمۇ ئائىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشى خوتۇنىنى ساغلام ئاسراشتۇر . دەيمىزغۇ ، ۋەتەن مۇقەددەس دەپ . ۋەتەننى بالا - قازادىن ھىمايە قىلىش ئەركەكنىڭ شانى ، قىيامەت قەرزى ! خوتۇنۇڭىز بولسا بالىلىرىڭىزنى ئۆز ئۈستىخانلىرى ئارا ئۈندۈرۈپ ، ئۆستۈردىغان ئىككىنچى ۋەتەندۇر! ئەمما ۋەتەننىڭ خۇنۈك-چىرايلىقى ، ياخشى - يامىنى بولماس . ئەگەر سىز بار جايدا ئۇ خاراب بولسا ، سىزنىڭ تىرىكلىڭىز يالغان ! بالىڭىزغا باغرىڭىز ئېچىشسا ، ئاتىلىقنى جايىدا قويىمەن دېسىڭىز ،ئانىسىنىڭ جېنىنى ھۆرمەت قىلىڭ !

ئەمما ، بۇ ئار- نۇمۇسنى ۋە غۇرۇرىڭنى خوتۇنۇڭغا قۇربانلىق قىل دېگەنلىك ئەمەس !«ئەركەك كىشى خوتۇندىن ئۈستۈن رەھبەردۇر» دېيلىدۇ مۇقەددەس كىتابلىرىمىزدا .
رەھبەر __ تەمىنلىگۈچى ، رەھبەر ___ ھىمايە قىلغۇچى ، رەھبەر______ ئىش تەقسىملىگۈچى ، جۈملىدىن نازارەت قىلغۇچى ! رەھبەر يەنە ھەققانىي ، ئادىل ئىش تۇتۇشى ۋە مۇلايىم ، ئوچۇق ياكى ئېغىر بېسىق قىياپەتكە كىرىشنى بىلىشى كېرەك . ياراتقۇچى ئايالنى ئۆز جۈپتى بىلەن يەنە شۇنداق قىياپەتتە تۇرۇشقا ئېھتىياجمەن ياراتقان ، بۇ ياراتقاننىڭ خاھىشى ! ئەر ئاشۇنداق بولالمىسا ، ياراتقۇچىنىڭ ئىزنىسىدىن چىققان بولىدۇ ۋە جازاسى تەيىندۇر !

ھاياتقا بىر نەزەر سالساڭ ، خوتۇنىنىڭ كۆزىگە مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇردىغان ، خوتۇنىنىڭ ئاغزىدىن چىققىنىنى دەرھال بېجىردىغان ئەرلەرمۇ باردۇر . ئەمما ، بۇ ئەرنىڭ خوتۇنى ئېرىگە نىسبەتەن نالايىقراق بولىدۇ . ئېرى كۆرسىتىۋاتقان پىدائىيلىقلارنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ ئەمەس ، ئېرنىپقىنا قوبۇل قىلىدۇ . كۆرۋاتامسىز ، ئەر ئۆز مېھرىگە يارىشا مېھىر ئالالماي تۇرۇپتۇ ۋە ئالالمايدۇ ھەم ! چۈنكى ئۇ ئەتراپتىكى باشقا قەرزلىرىنى ئۇنتۇش ھېسابىغا خوتۇنىغا ئارتۇقچە بېرىلدى . ئۇنىڭدىن تاشقىرى ، ئۆزىنىڭ ھەزرەتلىكىنى ئۇنتىدى : ئۇنىڭغا جۈپتى بىپىسەنت بولسىمۇ ، «خوپ» دەپ «ھۆرمەت» كۆرسىتىۋېردۇ ! بولۇپمۇ رەھبىرانە مەغرۇرلۇقنى ئۇنتۇپ ، خوتۇنىغا يۈركىدىكى بارىنى تۆكۈپ تاشلاۋېردۇ ! بۇنداق كۈنگە قالغان ئەر بولسا خوتۇنىنىڭ نەزىرىدە ۋىجىكلەپ ،پەسلەپ كەتكەندەك تۇيلۇشقا باشلايدۇ !

ئۇنتۇماڭكى ، ئەر-خوتۇن بىر- بىرى ئۈچۈن ھەرگىز باش ئەگدۈرۈلگەن چوققىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك . بولمىسا ، بىر - بىرىدىن زىرىكىشكە باشلايدۇ . ئەر بولغۇچى باش ئىگىپ ، ئىزھارى مۇھەببەتكە چۈشتىمۇ ، تامام ، خوتۇنىدا كىبىر ئويغىنىدۇ ۋە ئۆزى بىلمىگەن ھالدا جۈپتىدىن سوۋۇپ بارىدۇ .
ئائىلە __ ئەركىشىنى سىنايدىغان ، تاۋلايدىغان جەڭگاھ . يىگىتلەر قۇلقىڭغا قۇيۇپ ، يۈركىڭگە ئويۇپ ئېيتاي ، بازار ۋە ئۆينىڭ خوجايىنلىق ئىشلىرى پەقەت سىزدە بولسۇن . ئائىلىنىڭ كوچا بىلەن پۈتىدىغان ھەممە مەسىللىرى سىز ئارقىلىق پۈتسۇن . مىڭ كۈيگە چۈشتىڭىزمۇ ، شۇلارغا ياراڭ ! خوتۇنىڭىز بۇ ئىشلارغا خۇشتارلىقىنى بىلدۈرسىمۇ ، ئۇنىڭ مەسلەھىتىنى ئېلىڭ ، ئەمما مەيدانغا ئۆزىڭىز چۈشۈڭ . ئەركەكچە تۇرمۇش دېگەن ئەنە شۇ . ئەگەر سىز بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسىڭىز ، تۇرغان گەپكى ، بۇ يۈك خوتۇنىڭزغا قالدۇ . يۈك بىلەن كاتاڭغا چۈشسە خەتەرلىك .....

پەرمانبەردارلىق ھەمىشە ئىشنى جايىدا قىلدىغان كىشى تەرپىدىدۇر . ئەگەر سىز تۆت ئەزايىڭىز ساق تۇرۇپ ، ئەھلى خوتۇنىڭىزنى ئىسسىق - سوغاقتىن ، خىيىم - خەتەردىن ھىمايە قىلالمىسىڭىز ، قازىنىنى قاينىتىشقا شارائىت ھازىرلىمىسىڭىز ئۆز - ئۆزىدىن ئائىلىدىكى ئورنىڭىز پەسىيىپ بارىدۇ ! ئەمدى خوتۇننىڭ ئورنى ئەمرى پەرمانغا ، سىز بولسىڭىز ئىتائەتكە ئۆتىسىز ! بۇمۇ ھالاكەت ! بۇ دېگىنى خوتۇنىڭىز ئىزنىڭىزدىن چىقتى دېمەك ، سىندىڭىز ! خوتۇن ئائىلە تارتىشتا مەيداندا يالغۇز قالدى . ئەركىكى تىرىك تۇرۇپ ، ئالا خۇرجۇننى يەلكىسىگە ئالدى ، ئۆكسىدى ، غېرىپلاشتى دېگىنى ! ئىزىپ كەتسە ، ئۇنىڭ ئاھى تۇتىدۇ تېخى سىزنى !

ناۋادا ، تاپارمەن - تۇتارمەنلىكىڭىز ياخشى دەيلى ، ئەمما خوتۇنىڭىز سىزگە ئىش بۇيرۇپ تۇرسا ، كاسىلداپ تەنبىھ بەرسە ، ئۆز ئىززىتىڭىزنى ھىمايە قىلالمىسىڭىز ، ئۇنىڭ ئېغىزىنى ئىتىش ئۈچۈنلا ئېيتقىننى بېجىرۋەرسىڭىز ، بۇنداق ئائىلىمۇ خەتەرگە تۇتلىدۇ ! قىزلىرىڭىز بارغان جايلىرىدا ئەرلىرىنى خار قىلىدۇ ، كېلىنىڭىز ئوغلىڭىزنىڭ يەلكىسىدە ئولتۇردۇ ! دېمەكچى بولغۇنۇم ، قۇش ئۇۋىسىدا كۆرگەننى قىلىدۇ ......

ئەرلەرنىڭ ھەر ئۈچ خاتالىقىنىڭ ئىككىسى ئاياللار تۈپەيلىدىندۇر . خوتۇنىڭىز ھەق رازى بولدىغان ئىشلارغا يېتەكلىسە ، مەسلەھەتلىرىگە قۇلاق سىلىڭ . ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن چاي ئۇزۇتۇپ ، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزگە ماختاپ تۇرۇپ ، مال - دۇنياغا ، شان - شۆھرەتكە ھېرىس بولمايۋېتىپتىمۇ ؟ ئاكا - ئىنىلىرىڭىزغا ، ئاچا - سىڭىلغا ، قولۇم - قوشنىلارغىچە گىژ- گىژلىمايۋېتىپتىمۇ ؟ ئانىڭىزدىن زارلاشقا ، ئاتىڭىز ئۆلمەي تۇرۇپ مىراس تالىشىقا سىزنى ئوتتۇرغا چىقىرىشقا ئۈندىمەيۋېتىپتىمۇ ؟ ئەگەر شۇنداق تەسىردە بولسىڭىز ، ھالاكەت ۋە پالاكەتكە ئۇچرىغىنىڭىز شۇ ! بۇنىڭ بىلەن خۇدا بەرگەن بۈيۈك نېمەت ئار- ۋىجدان ۋە قان - قېرىنداشلاردىن جۇدا بولدىڭىز . ئەمدى سىز ياشاۋېرسىز ، يۈركىڭىز ئۇرۇۋېردۇ . ئەمما قوڭغۇرلاق توغۇرلانغان سائەتكە ئايلىنىسىز . خوتۇنىڭىز كۆرسەتكۈچنى نەچچىگە توغۇرلىسا ، ئاشۇ ۋاقىتتا خاتاسىز جىرىڭلاشنى بىلىسىز ، خالاس !

ئىسىڭىزدە بولسۇن ، تەكرەر - تەكرار ، تەكرارلاي ، مۇقەددەس كىتابتا : «ئاياللارنى ئۇلۇغ ئادەملارلا ھۆرمەت قىلىدۇ » دېيىلگەن. يەنە ئەسلەپ قىلىڭكى ، ئاياللارنى ھۆرمەت قىلغان ئادەم ئۇلۇغ ، ھۆرمەت قىلىش تەرزىنى ، قەرزىنى بىلگەن ئادەم تېخىمۇ ئۇلۇغدۇر ! جىمىي ئەركەكلەرگە ئۇلۇغلۇق تىلەيمەن .
مەنبە : ھايات سىناقلىرى





531 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-3 3:17:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-7 10:51:44 ahmatjan
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ