ئاتا  - ئانىلارغا ئوچۇق خەت ( ئاتا - ئانىلار چوقۇم كۆرۈڭ )

ئاتا  - ئانىلارغا ئوچۇق خەت

( يۇقۇرى ئۆسۈملۈك ئوقۇغۇچىلار قەرىزى توغرىسىدا )

ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

 قەدىرلىك ، مىھرىبان ، دىلكەش ئاتا – ئانىلار ، پەرزەنتىڭلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇپ قويۇڭلار ، ئىشلەۋاتىمەن ، پۇل تاپالايمەن ، مەنمۇ چوڭ بولدۇم .... دىگەندەك سۆزلەر بىلەن سىلەرنى ئەيمۈندۈرگىدەك كېيىنىپ ، سىلەر چۈشىڭلاردىمۇ كۆرۈپ باقمىغان قىمەت باھالىق تىلفۇن ، داڭلىق ماركىلىق كىيىملەر بىلەن كۆزىڭىزدىن « ئوت » چىقىرۋاتامدۇ ؟ سىلەر شۇ « تىرىشچان » پەرزەنتىڭلارنىڭ شۇ بايلىقلىرىدىن پەخىرلىنىپ يۈرۋاتامسىلەر ؟ ئۇنداقتا سىلەر ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتچى . نىمىشقا ؟ چۈنكى سەۋەبىنى بۇ خەتنى تولىقى بىلەن يۈرىكىڭىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز .....

ئاپتۇردىن             

پەرزەت – ئاتا – ئانىنىڭ قايتا دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ ئوبرازى .

مىللەتنىڭ ئۈمۈدى ، ۋەتەنىڭ كەلگۈسى . يىڭى بىر تارىخنىڭ باشلىنىشى. جاھان تارىخىنىڭ داۋامى . راست ، بۇ سۆزلەر ھەقىقەتەن توغرا ئىيتىلغان . قارايدىغان بولساق نۇرغۇن ئاتا- ئانىلارنىڭ ياخشى تەربىسىدە كۆپ ساندىكى بالىلار ئەقلىي ، ئەخلاقىي ، ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئەتراپلىق يىتىلگەن ياخشى پەرزەت بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ . بۇلار كىچىكىدىن باشلاپ مەيلى تۇرمۇش ، مەيلى ئۈگۈنۈش جەھەتىن بولمىسۇن ساغلام يىتىلىپ  چوڭ بولغانلىقى سەۋەبىدىن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ كىلۋاتىدۇ .

  دۆلىتىمىزنىڭ « مائارىپ ئوقۇتۇش پىروگىرامىسى » دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمە ۋە « مائارىپ قانۇنى » دىكى مۇناساۋەتلىك بەلگىلمىلەرگە ئاساسەن ئوقۇغۇچىلار توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى تەربىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قىزىقىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى ، ئارزۇ تاللاش ئۆلچىمى ... قاتارلىق  بىر قاتار باسقۇچلارنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۆزىگە ماس ھالدا تۈرلۈك ئالىي مەكتەپ ۋە كەسپىي تخنىكۇم مەكتەپلەردە ئۆرلەپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ . بۇ باسقۇچتا كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش سەۋەبى بىلەن ئائىلىدىن ئايرىلىپ باشقا شەھەردە يالغۇز ئوقۇغۇچىلىق تۇرمىشىنى باشلايدۇ . بۇ جەرياندا ئاتا – ئانىلار پەرزەتلىرىنىڭ بىردىن بىر ئىقدىزادىي مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . ئەلۋەتتە ، بىرقىسىم تىرىشچان ئوقۇغۇچىلار ئاقىلانىلىك بىلەن تۇرمۇش ئىشلىرىنى سىستىمىلىق ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە دەم ئىلىش كۈنلىرىدىن پايدىلنىپ يىقىن ئەتراپتىكى شىركەت ، كارخانا ، ۋە باشقا ئادەم لازىملىق ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلشىپ ئىشلەش ئارقىلىق بىرقىسىم تۇرمۇش چىقىملىرىنى ھەل قىلىدۇ . بۇ ئارقىلىق بىرقىسىم ئائىلىلەرنىڭ ئىقدىزادىي چىقىمى بەلگىلىك نىسپەتتە ئازىيدۇ ، بۇخىل ئەھۋال كۆپ قىسىم ئائىلىلەرگە پايدىلىق بولىدۇ .

لېكىن يىقىندىن بۇيان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق سالاھىتىدىن پايدىلنىپ بىرقىسىم توردىن پايدىلنىپ ئوقۇغۇچىلارنى قىزىقتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق يۇقۇرى ئۆسۈملۈك قەرىز پۇلى بېرىۋاتىدۇ . ئەسلىدە بۇ بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىق ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ بىرىلىدىغان قەرىز پۇلى بولۇپ، لېكىن بۇنىڭدىن بىرقىسىم تور ھايانكەشلىرى پايدىلىنىپ كۆپخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى قىززىقتۇرۇپ قەرىز ئىلىشقا ئۈندەش ئارقىدىن يۇقۇرى ئۆسۈم ئارقىلىق  ھايانكەشلىك قىلىشنى پىلانلايدۇ .

  بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئائىلىسىن ئايرىلغاندىن كېيىن باشقىلارغا قارغۇلاچە ئەگىشىش دىن ئىبارەت ناچار پىسخىكا ھالەتنىڭ ئىزۇقتۇرىشىغا ئۇچراپ ، زىيادە چىقىم قىلىش ، ئەتەراپتىكى ناچار مۇھىتلارغا ئۈگىنىپ قىلىش ، تۇرمۇش ئستىلى ياخشى بولمىغان بىرقىسىم بالىلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىق توغرا بولمىغان تۇرمۇش قاتلىمىغا چۆكۈپ ، ئاتا – ئانىلار ئەۋەتكەن ئايلىق خىراجەت پۇلىنى يەتكۈزەلمەيدۇ ، ئاقىۋەت بىز يۇقۇردا ئىيتقان يۇقۇرى ئۆسۈملۈك ئوقۇغۇچىلار قەرىزى ئىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ . لېكىن ئۇلارنىڭ مۇقۇم ئىقدىزادىي كىرىم مەنبەسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن قەرىزنى ۋاقتىدا قايتۇرالمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئالغان ئازغىنە قەرىز پۇلىغا كۆپلەپ ئۆسۈم قوشۇلىدۇ .

بۇ خىل قەرىز ئىلىش ئۇسۇلى مەملىكىتىمىز مىقياسىدا ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز مىقياسىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا شىدەت بىلەن يامراپ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى بىشىنى كۆتۈرەلمەس « قەرىزدارچىلىق » تۇرمىشىغا باشلاپ كىرۋاتىدۇ . تىخىمۇ ئىچىنىشلىقى بۇ « قەرىزدارچىلىق » تۇرمىشى بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلىۋىلىش گىردابىغا ئاپىرىپ ھازىرغىچە نەچچە ئونلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش ، ھاياتىنى نابۇت قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا . مەسلەن : خېنەن ئۆلكىسىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك ئوقۇغۇچىلار قەرىزى پاتقىغا پىتىپ قايتۇرۇشقا ئىمكانىيتى بولمىغانلىقتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى . 2016- يىلى 3- ئايدا جېڭجۇ شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئوقۇغۇچى باشقا بىر ساۋاقدىشىنىڭ كىملىكىنى ئىشلىتىپ ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلار قەرىز ئىلىش سۇپىسىدىن نەچچە يۈز مىڭ يۈەن ئىناۋەتلىك قەرىز ئالغان بولۇپ كېيىن بۇ قەرىزنى قايتۇرالماي بىنادىن سەكرەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى ...  بۇنداق قانلىق پائاجىيە رايۇنىمىز شىنجاڭدىمۇ يوق ئەمەس ، رايۇنىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى « يۇقۇرى ئۆسۈملۈك ئۇقۇغۇچىلار قەرىزى » دىن ئىبارەت رەزىل ئالۋاستىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قىلۋاتىدۇ .

ئۇنىڭدىن باشقا ئادەمنى ئەڭ غەزەپلەندۈرىدىغىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ئوقۇغۇچىلار قەرىزى . بۇ يەنە شۇ ئوقۇغۇچىلار قەرىزىدىن پايدىلنىپ يەنە شۇ تور ھايەنكەشلىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئادەم ئەقلىگە سىغمايدىغان رەزىل ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆپ مىقتاردا قەرىز ئىلىشقا قىززىقتۇرۋاتىدۇ . يەنى ، تور ھايانكەشلىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى يالىڭاچ ھالەتتە رەسىمگە چۈشۈش شەكلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىرقىسىم ئىناۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى تەمىللەش ئارقىلىق كۆپ مىقتاردا قەرىز بىرىۋاتىدۇ، بۇ ئادەتتە « يالىڭاچ قەرىز » دەپ ئاتىلىدۇ . 11- ئايدا توردىكى « يالىڭاچ سۈرەتلىك قەرىز ھۆجىتى » ناملىق سۈرەت ۋە ۋىدىيو تور دۇنياسىغا تارقىلىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق قەرىز ئىلىشنىڭ ھەقىيقى ئەپتى بەشىرىسىنى ئاشكارلاپ بەردى . ئۇنىڭدىن باشقا 2016- يىلى خۇنەندىكى 18 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 500مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قەرىز ئالغانلىقى ئاشكارلاندى ، يەنە شۇ يىلى بىر قىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق 300مىڭ يۈەن قەرىز ئىلىپ قايتۇرىدىغان چاغدا 500مىڭ يۈەنگە ئۆرلەپ كەتكەچكە ، ئامالسىز ئاتا – ئانىسى ئۆينى سىتىپ قەرىز تۆلەشكە مەجبۇر بولدى ، ئۇ ئىلتىماس قىلغان بۇ ئوقۇغۇچىلار قەرىزىنىڭ ھەپتىلىك ئۆسۈم نىسپىتى %30 كە يىتىدىغانلىقى ئاشكارلاندى ، بۇنداق تانلىق پاجىئە ۋە ئەمىلىي مىساللار ناھايىتى نۇرغۇن . بۇلار بىزگە شۇنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇكى ، ئەسلىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىشى ئۈچۈن تارقىتىلغان بولسا ، بۈگۈنكى كۈندە تور ھايانكەشلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قىزىقتۇرۇش ۋە رەزىل ۋاستىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ۋاستىسىگە ئايلاندى .

ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەرىز سۇپىسىدا ياخشى – يامان ئايرىيالماي ، قەرىز ئىلىپ ئورنىنى تولدۇرغۇسىز دەرىجىدە پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ قوربانىغا ئايلىنىپ قىلۋاتىدۇ . قەدىرلىك ئاتا – ئانىلار شۇ كەلگۈسىڭىز بولىمىش پەرزەتلىرىڭىزنىڭ شۇ ئوقۇغۇچىلار قەرىزىدىن ئىبارەت رەزىل ئالۋاستىنىڭ چاڭگىلىدا ئىستىقپالىنى نابۇت قىلۋىتىشكە قاراپ تۇرامسىز؟ يىقىندىن بۇيان يۇقۇرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر تىزدىن ھەركەتكە كىلىپ بۇ ئەھۋالنى ئىنقلاپ ، قانۇن بۇيىچە قاتتىق زەربە بەرمەكتە . شۇ پەرزەتلەرنىڭ ئاتا – ئانىسى بولغان سىلەرنىڭمۇتەڭ ماسلىشىپ شۇ پەرزەنتىڭلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار قەرىزىدىن ئىبارەت رەزىل ئالۋاستىنىڭ چاڭگىلىدىن تىزراق قۇتۇلىشىغا ، ئوقۇغۇچىلاردا مۇۋاپىق بولغان ، ئىلمىي چىقىم قىلىش پىلانى ۋە توغرا بولغان تۇرمۇش قارىشى يىتىلدۈرۈشكە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشىنى سورايمىز .

  ئىشىنىمىزكى ، ھەر مىللەت ئاتا – ئانىلار مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا يىقىندىن ماسلىشىپ ، شۇ پەرزەتنىڭ ئەھۋالىدىن ۋاقتى – ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ يىقىندىن ھەمدەمدە بولىدىكەن ۋەتەنىڭ كەلگۈسى ، كىلەچەكنىڭ ئىگىسى بولغان شۇ باھادىرلار ئەڭ ياخشى بولغان كىلەچەكنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولالايدۇ !

ھەممە تەڭ سەپەرۋەرلىككە كىلىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىزىقتۇرۋاتقان شۇ « قانخور ئالۋاستى » غا قاقشاتقۇچ زەربە بىرەيلى !!


ئاپتۇرى : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ئۈندىدار : 2041420589

شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى تىياتىر فاكۇلتىتىدىن

2017- يىلى 6- ئاينىڭ 11- كۈنى

 






276 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-12 19:27:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ