مانا بۇ خانىم قىزلىرىمىزنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىك ئۆلچىمى(4)
چەشمە يازمىسى
ئەمدى قوزغالمىساق گۈزەللىك خىيالىرىنىڭ تاتلىقلىقدىن بىھوش بۇلۇپ ئۆزىمىزنىڭ نىشانىدىن ئېزىپ تاكى ئاخىرغىچە ياسنش ،كىيىم -كىچەك،گىرىم ،زىببۇزىننەتتە ئورنۇپ ،ماددى مەنپەئەتنىلا ئويلىساق، روھىمىـز ئاچلىق ھالىتىدە،تىنىمىز تاماق قاچسى بۇلۇپ ،كۈن ئۆتكۈزۈشمىزگە توغرا كىلىدۇ .ئېغىرلشقاندا ، بىزدىن كىيىنلەر ناتوغرا ئستىمال ۋە خاتا كۆز قاراش ،ئويلانماي چىقىرىلغان قارار تۈپەيلى زامان سوتىدا ،ماكان شىكايەتچىلىرى تەرىپىدىن ئادىمىيلك پەزىلەت ئۆلچىمىنى يوقۇتۇپ ئتقاد ۋە ئەخلاقىنى چوڭ كوچىدا يايما قىلىپ ساتقانلار ئا لغانلار ،ھارامنى رەت قىلمىغان ،ئاقنى قارا قىلىپ ،گۇناھسزنى گۇناھلىق قىلغان زالىملارغا ۋەكىل بولۇپ،،،،،بارلىق ئەتمىش قىلمىشلار ئۈچۈن جاۋابكار ئورۇندا تۇرغۇنىدا خىجىل بولماستىن ئەكىسچە پەخىرلىنىپ ھەيۋە بىلەن مەيدە كىرىيدۇ . بەزىدە ھەيران قالىمىزكى، ھەققانىيەت ھۆكۈمرانلقىدىكى ئادىللىق تەلەپ قىلدىغان ئوچۇق سوتتا ،ئىنسانلارنىڭ ئەقل كۆزنى ھەرخىل ئۇسۇل بىلەن توسۋالغان،خاتالىققا كۈشكرتكەن،گۇناھقا ساۋابنى ئارلاشتۇرۇپ ياخشىدىن تېنىپ،يامانغا يۆلىندىغان ھالەتنىڭ بىردىنبىر سەۋەپچىسى ئبلىسنى قۇتراتقۇلىق جازاسىدىن يەنە ھۆرلۈك دۇنياسغا يولغا سالغاندا ئارىدا بىر دانىشمەن دېدى : قانائەتتىن ھاسىل بولغان شۈكرى لەززىتنى چۆرۈپ تاشلاپ نەپسى بالاسغا مۇپتىلا بولۇپ ،ئاچكۆزلۈك قىلتىقىغا قەدەم باسقاندىن تارتىپ ئىبلىس ئۇنىڭغا دوست ،پەقەت ئۆزدىكى ھەققانىيەت يولىدا تەۋرەنمەي ئىرادە ئېتدىن چۈشمىسە ھەم كەچمىسە ئبلىس باشقا ئازغۇن ئنساننى ئىزدەپ غايىپ بولىدۇ. ، مانا بۇلار ئانىلىق تاجىنى كىيىپ ،ھۆرمەت تەختىدە ئولتۇرغان ،مۆھتىرەم ئانىلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى دۇنيانىڭ شاھ ھەم گادايلىق تونىنى يەلكىسگە ئارتىدىغان باللار روھىنى تازلاش ۋە تاۋلاشتا كەم قىلسا بولمايدىغان ئەقىل-ئۈگۈتلىرىنىڭ بىرىدۇر . ھايات يولىدىكى ئەڭ ئشەنچىللك كۈچلۈك يۆلەنچۈكى يولدىشى ،باللىرنىڭ دادىسى ھالال جۈپتىگە مەڭگۈلۈك چىن ئخلاسى بىلەن ۋاپا كۈيىنى ياڭرىتپ گوياكى بۇلبۇلنى ئۆزىگە سەۋدايى ئاشق ئەتكەن قىزىلگۈلدەك قىز -ئاياللار ئشەنچ كەمرىنى بىلىگە تېڭىپ ئۆمۈرنىڭ ئاخىرغىچە ئائىلنىڭ مەنۋىي بايلقى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشنى مەجبۇريىتى ۋە مەسئۇليتى قىلغان، مىھنەتسز پىداكاردۇر .
251 قېتىم كۆرۈلدى | qaxma | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-8 23:31:50 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|