ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئابدۇقادىر ئىزچى نامىدىكى مۇنبەرداش تېچلىقمۇ سالامەت تۇرىۋاتقانسىز؟ سالامەت بولىشىڭىزنى ساق تۇرىشىڭىزنى ئۈمبد قىلىمەن .
مەن بۇ مۇنبەرنىڭ ئەزاسىمۇ ئەمەستىم ھەم بىرەر يازما يېزىپ يوللىمايتتىم ھەم قەلەم تۇتۇشنى ئۇنچە يەڭگىل ئىش دەپ ئويلىمايتتىم. چۈنكى ئۇ ـ قەلەم ۋە يەنە ئەلەم قەلەم تۇتقان كىشى ئەلەم تۇتقان كىشىگە ئوخشايدۇ.
ئەلەم دېسەم نىمىدۇ دەپ قالماڭ ئەلەم بىر مەنادا بايراق، بايراق بولسا ئۇ ئەخلاق ئىلىم ئادىمىيلىك ھەقىقانىيەت تۇيغۇسى يېتەرلىك ھەر جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن سەركە سۈپەت ئادەملەرگە خاس بولغان ئۇنىڭ ئۇچى كۆرسەتكەن تەرەپ ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان چىراقتۇر.
يەنە بىر مەنادا شۇ چىراقنى خاتا نۇقتىغا تىكىپ قويغانلىقى سەۋەبلىك ماڭىدىغان يولنى گۇڭگا قىلىپ باشقىلارنى ھالاكەتكە كىرىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىق تۈپەيلى بولدىغان دەرد ئەلەمدۇر.
شۇڭا بىرەر تېما ئۈستىدە توختالغىنىڭىزدا ھېسيات بىلەن ئەمەس ئەقلى تەپەككۇر بىلەن سەركىگە خاس ھالەتتە يازسىڭىز يېزىڭ بولمىسا سەل توختىغىنىڭىز ياخشى چۈنكى ئۇ خاتا يېزىلىپ قايتا قايتا يېزىلغاندىن توغرا يېزىپ بىر قېتىم يازغان ئەۋزەلرەك دەپ قارايمەن. شۇڭا باشقىلارنى يامان سۆز ئەسكى تىل بىلەن ھاقارەتلەپ يازماي سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلىنىپ بېقىپ باشقىلارنى ئەيمەندۈرەلىگۈدەك ئەخلاق نۇقتىسىدا تۇرۇپ يېزىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
قارىسام ئىسمىڭىز ئوخشاش ئىكەن، شۇ سەۋەبلىكمۇ بىلمىدىم ماڭا بەزى ئىنكاسلار كەلدى. ياكى مېنىڭ ئىسمىمدىن پايدىلىنىۋاتامسىز ئۇنىسى ئۆزىڭىزگە ئايدىڭ. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئويلىشىپ ئىش قىلىڭ ھەم يازمىڭىزنى تۈزىتىۋېلىڭ.
ھەم باشقا ئوقۇرمەنلەرگە تەۋسىيەم بىر ئىشقا ئالدراپ يەكۈن چىقارمىغايسلە!
ئىسمى تەخەللۇسى ئوخشاش بولسىلا ھەممىسى بىر ئادەم بولىشى ناتايىن.
كەچۈرگەيسىلە جىق سۆزلەپ قويدۇم!
286 قېتىم كۆرۈلدى | ئا:-ئىزچى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-17 10:33:26 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-16 18:00:20 | ئابدۇقادىر - |
2280305596,پىكىر بولسا ئاڭلايمەن ، |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|