ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سىياسىي- ئىدىيۋېي ئەخلاق تەربىيسى ئىلىپ بىرىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا
ئالىمجان تۇرسۇن
ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي- ئىدىيۋى ئەخلاق ساپاسىنى ياخشىلاش، سىياسىي- ئىدىيۋى ئاڭ ۋە ئەخلاققا بولغان ئىڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەكتەپ سىياسىي- ئىدىيۋىي ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنىڭ يادروسى ھەم مۇھىم نوقتىسى .شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ، ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپتىن كۈتكەن كۈچلۈك تەلىپى . پارتىيە18-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كىرەك » دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى . قانداق قىلغاندا خەلق رازى بولغان مائارىپنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ ؟ بۇ مائارىپ تارماقلىرى ۋە «بىلىم بىرىپ ئادەم تەربىيلەش»تىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنى زىممىسىگە ھەربىر مائارىپچىنىڭ جىددى ئويلىنىشقا ۋە تەڭ ھەل قىلىشقا تىگىشلىك ۋىنجدانىي بۇرچى ۋە جەمئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى .
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ، تۇرمۇش ۋە ئىستىمال سەۋىيىمىزنىڭ كۈنسىرى يۇقىرى كۆتۈرلىشىغا ئەگىشىپ بالىلىرىمىزدا راھەتپەرەسلىك، مىشچانلىق ، جاپادىن قاچىدىغان ، قىيىنچىلىقىنى كۆرسىلا باش تارتىدىغان، مۇستەقىللىق ئىدىيسى كەمچىل ، ھورۇن، پاسسىپ روھى ھالەت پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى . ئەڭ مۇھىمى - ئۆگىنىش ۋە ئوقۇشتىن ئىبارەت جاپالىق ھەم شەرەپلىك ئەمگەكمۇ باللىرىمىزغا خۇشياقمايدىغان ئىش سۈپىتىدەئۇلارنىڭ چوڭ باش قىتىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىيىتىگە ئايلىنىپ قالدى . ئائىلە ۋە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈلگەن بۇخىل پاسسىپ روھى ھالەتتىن ئەنسىرەپ نىمە قىلىشىنى ، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدى . كىشىنى ئويلاندۇردىغان بۇخىل ھالەت ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغىچە مەۋجۇت . ئۈرلۈك تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ئۈگۈنۈش ۋە جىسمانىي ئەمگەك بىلەن دائىم شۇغۇللىنىپ ، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئەتراپلىق يىتىشىپ چىققاندىلا ئاندىن ياراملىق ئىز باسارلاردىن بولغىلى بولىدۇ .
چۈنكى جىسمانىي ئەمگەك ياش ئۆسمىرلەرنىڭ ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشقا شارائىت يارىتىپ بىرىدىغان ماددىي ئاساس . ئەقلىي ئەمگەك جىسمانىي ئەمگەكنى يىتەكلەيدىغان ، تەرەققي بقىلدۇرىدىغان ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ . بىز ئىلغار بولغان مائارىپ سىستىمىسى قۇرىمىز دەيدىكەنمىز مائارىپ فاڭجىنىنىدىكى ئەقلىي ، ئەخلاقىي ، جىسمانىي جەھەتتىن ئەتراپلىق يىتىشكەن كومىنىزىم ئىز باسارلىرىنى يىتۈشتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك . ياش ئۆسمۈرلەرمۇ كەلگۈسىدىكى ئىغىر ۋەزىپە ئالدىدا ئۆزىنى جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن تەڭ يىتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك . ئەگەر جىسمانىي ئەمگەكنى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ، ئەقلىي ئەمگەكنى يادرو ، ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى يىتەكچى ئورۇنغا قويمىساق ھەقىقىي نامدىكى « خەلىق رازىي بولدىغان مائارىپ » نى قۇرۇپ چىققىلى بولسۇن؟
ئوقۇغۇچىلارنى پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەنلا قوراللاندۇرۇپلا ئۇلارنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا كىرەكلىك ياراملىق ئىزباسارلاردىن قىلىپ يىتىشتۈرگىلى بولمايدۇ . ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ، تەلىم –تەربىيە جەريانىدا سىياسىي-ئىدىيۋى ئەخلاق تەربىيسى ئىلىپ بىرىش تولىمۇ زۆرۈر ۋە كەم بولسا قەتئىي بولمايدۇ. سىياسىي- ئىدىيۋى ئەخلاق تەربىيسىنى قانات يايدۇرۇش ۋە جانلىق ، ئۈنۈملۈك ئىلىپ بىرىش ئوتتۇرا- باشلانغۇچ ۋە تولۇق ئوتتۇرا (ئوتتۇرا تىخنىكوم) مەكتەپلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مەسئۇليىتى بۇلۇپلا قالماي بەلكى يەنە يۇقىرى مەلۇماتلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەيدىغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭمۇ تەلىم – تەربىيە خىزمىتىدىكى مۇھىم خىزمەت تەركىبىنىڭ بىرى . «خەلق رازى بولغان مائارىپ» نىڭ ئەمەلىيىتى دەل جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالايدىغان ، ۋەتەن– خەلققە ياراملىق ئىزباسارلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشتا ئىپادىلىنىدۇ . بۇجەھەتتە جەمئىيەتكە چىقىپ ئۆزىنىڭ بىركىشلىك ئورنىنى تىپىش ئالدىدا تۇرغان ئالىي – مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان سىياسىي- ئىدىيۋى ئەخلاق تەربىيسى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ بۇسۇغىسىغا قەدەم قويغىچە بولغان ئارلىقتا 12يىل باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا ، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئوتتۇراتىخنىكوم تەربىيسىدە ئۆسۈپ يىتىلگەن بولىدۇ . ئۇلار بۇجەرياندا ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ ئىككى- ئۈچ مەكتەپنىڭ قوينىدا ، كۆپلىگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيسى ئاستىدا ئوخشىمىغان رايۇنلاردا ئوخشاش بولغان مائارىپ تۈزۈلمىسى ، ئوقۇتۇش تەرتىپى ئاساسىدا دۆلەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن دەرسلىك كىتاب – ماتىرىيالنى ئوقۇپ ئونۋىرسال بىلىمگە ئىگە بولغان بولىدۇ . يۇقارقى 12 يىللىق تەلىم – تەربىيە ئوقۇتۇش جەريانىدا ھەرقايسى مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلارغا ئىلىپ بارغان سىياسىي – ئىدىيۋى ، ئەخلاق- تەربىيسىنىڭ يولى ۋە ئوينىغان رولى ئوخشاش بولمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈنئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ قوينىغا قەدەم باسقاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ سىياسى- ئىدىيۋى ساپاسى ۋە ئەخلاق قارىشىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ،بۇجەھەتتىكى يىتەرسىز تەرەپلەرنى بايقاپ ۋە ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىغا بولغان سىياسى- ئىدىيۋى، ئەخلاق تەربىيسىنى يىڭىباشتىن ياخشى ئىشلەش لازىم .
1.ئىنسان دۇنياغا ياشاش ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى يارىتىش ئۈچۈنتۇغۇلىدۇ . دۇنيانى يارىتىش دىگەنلىك ئۆزىنىڭ بىركىشلىك دۇنياسىنى يارىتىش دىگەنلىك . بىر ئادەم ئۆز دۇنياسىنى چىن مەنە ۋە قىممەتكە ئىگە قىلىپ ياراتقاندىلا جەمئىيەتكە بىركىشىلىك ھەسسە قوشالىغان بولىدۇ . ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ئۆزىنىڭ كىينكى كەسپى ھاياتى ئۈچۈن ئۇل ھازىرلايدۇ . ئۇلارنىڭ كىيىن جەمئىيەتكە قەدەم قويۇپ ھەرساھە- ھەركەسىپتە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئۆزى ئۆگەنگەن كەسپى بىلىملەرلا كۇپايە قىلمايدۇ . سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ يىڭى دەۋردىكى تەلىپى ۋە ئىھتىياجى- سىياسىي-ئىدىيۋى ئاڭ ساپاسى، ئەخلاق قارىشى يۇقىرى ، بىلىملىك ، ئىخىتىساسلىق ياشلاردۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيسىدىكى ئۆزى ئوقۇۋاتقان كەسىپنىلا ئۆگەنسە ياراملىق ئىختىساس ئىگىسى بولۇشتەك بىرتەرەپلىمە كۆزقاراشنى ئۆزگەرتىش لازىم . ئوقۇغۇچىلارغا «ئەخلاق بىلەن بىرىكمىگەن بىلىمنىڭ قىلچە قىممىتى يوق » دىگەن ھىكمەتنى ھەردائىم تەكىتلەپ ئۇلارنىڭ سىياسىي- ئىدىيۋى ئەخلاق قارىشىغا تۇتقان پوزىيتسىيىسىنى ئاكتىپ قوزغىتىش لازىم .
2.سىياسىي – ئىدىيۋى ئەخلاق تەربىيسنى ھەرقايسى ئوقۇتۇش ، تەلىم– تەربىيە ھالقىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش لازىم .
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سىياسىي ئىدىيۋى ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەر،مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى باشتىن – ئاخىرى ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سىياسىي– ئىدىيۋى ئەخلاق تەربىيسنى چىڭ تۇتۇپ قانات يايدۇرۇپ دەرسلىك ۋە تۈرلۈك ئوقۇتۇش ، ئۆگىنىش ئالىيەتلىرىگە تەربىىيە مەزمۇنىنى سىڭدۈرۈش لازىم . ھەرقايسى ئاپىرات ۋە تەشكىلاتلارنى ياخشى ماسلاشتۇرۇرۇپ، فونكىسىيەلىك رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ ھەپتىلىك ، ئايلىق ، يىللىق خىزمەت پىلان كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن قاراتمىلىققا ئىگە شەكلى ھەرخىل ، ئۈنۈملۈك تەربىيە ئۇسۇللىرىنى تاللاپ ، مەكتەپ تارقىتىش ۋە ئاڭلىتىش بۆلىمى ، مەكتەپ گىزىتىنىڭ تارقىتىش ، تەشۋىقات ئۈنۈمىدىن ياخشى پايدىلىنىش بۇئارقىلىق مەكتەپ مەدەنىيتى بەرپا قىلىش ، ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانا مۇنبىرىدە، رەھبەرلەر يىغىن – پائالىيەتلەرنىڭ رەئىس سەھنىىسىدە ، سىياسىي تەربىيىچىلەر شارائىت يارىتىپ كۆپرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا سىياسىي– ئىدىيۋى ئەخلاق تەربىيسى ئىلىپ بىرىش لازىم . سىنىپ مۇدىرلىرى ، ۋە يىتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ئاتا-ئانىلاربىلەن پات-پات دىگۈدەك ئالاقە قىلىپ سۆھبەت ئىلىپ بىرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش جەھەتتىكى ئەھۋالىدىن سىىرت مەكتەپ ئىچى – سىرتىدىكى ئىش – پائالىيەتلىرىگە ياخشى كۆز قۇلاق بۇلۇش ، قانۇن – ئىنتىزام ۋە ئەخلاقسىزلىق قىلمىشىغا چىتىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ، مەسىلە يۈزبەرگەندە ئىلمىي يۇسۇندا ئائىلە ۋە مەكتەپ ئورتاق ھالدا توغرا بىرتەرەپ قىلىش لازىم .
3. سىياسىي – ئىدىيۋى ئەخلاق تەربىيسىنىڭ مەزمۇنى كەڭ دائىرىدە بولىشى لازىم .
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىلىپ بىرىلىدىغان سىياسىي – ئىدىيۋى ئەخلاق تەربىيسىدە ماركىسىزىملىق ئىلىمىي دۇنيا قارىشى ، دىن قارىشى ، تارىخ قارىشى ، مىللەت قارىشى ۋە قىممەت قارىشى ، سوتسىيالىزىمنى تونۇش قارىشى ، كوممۇنىستىك ئەخلاق ئىڭى قارىشى، ۋەتەنپەرۋەرلىك قارىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ، دىننىي ئەسەبىيلىككە زوراۋانلىق – تىرورلۇققا قارشى تۇرۇش ،زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ باشلامچىىلىرىدىن بۇلۇش ، قانۇن- تۈزۈم ئىڭى تۇرغۇزۇش قاتارلىق مەزمۇنلار كەم بولماسلىقى ۋە ئاساسىي سالماقنى ئىگەللىشى لازىم .كىشىلىك ئەخلاق قارىشىنى كۆپ تەكىتلەپ ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام بولغان روھى ھالەت ۋە پىسخىكىنى يىتىلدۈرۈش لازىم . ئوقۇغۇچىلاردا جاپا چىداپ ئۆگىنىش ، يىڭىلىق يارىتىش ، بىلىمگە ئىنتىلىش، ئائىلىدە ۋاپادار پەرزەنىت ، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغۇچى، جەمئىيەتتە مەدەنىيەتلىك پۇقرالاردىن بۇلۇش ئىڭى يىتىلدۈرۈش لازىم .
دىمەك ، ئالىي مەكتەپلەردە سىياسىي – ئىدىيۋى ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىلىپ بىرىش ، بۈگۈنكى كۈندە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيدىغان خىزمەتلەرنىڭ بىرى . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلى، مەمۇرىيەتلىرى بۇ خىزمەتنى تىخىمۇ چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ ، ھەرقايسى قۇنكىسىيىلىك تارماقلارنى ياخشى ماسلاشتۇرۇپ ، بىردەك ھەرىكەتكە كىلىپ مۇۋاپىق چارە – تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ ، مەزمۇنى مول ، ئەھمىيتى چوڭقۇر تەربىيە شەكلى ئارقىلىق بۇخىزمەتنى ياخشى ئىشلەيدىغانلا بولسا ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىياسىي ئاڭ ساپاسى ، ئەخلاق ئىڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ھەرتەرەپتىن يىتىشكەن قابىل ئىختىساس ئىگىسى ياشلارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىشىدا گەپ يوق . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جەمىيەتتىكى نازۇك قاتلاملارنىڭ بىرى شۇڭا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سىياسىي - ئىددىۋىي ، ئەخلاق تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىلپ بىرىلىش . ئىلىپ بىرىلماسلىقى شىنجاڭنىڭ ئىجتىماھىي مۇقۇملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ .
شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى تەييارلىق بۆلۈم يىتەكچىسى
تەھرىرلىگۇچى : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
| 231 قېتىم كۆرۈلدى | AHTAR | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-19 20:46:15 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|