باغۋەنلەرگە دەيدىغانلىرىم - تۇرغۇن راخمان

باغۋەنلەرگە دەيدىغانلىرىم
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)


مائارىپقا ھەقىقىي ئەقىدە باغلىمىغان،چىن دىلىدىن  مەسۇلىيەتچانلىق روھىنى يېتىلدۈرمىگەن،بارلىغىنى ئەۋلاتلارنىڭ گۈزەل كېلىچىگى ئۈچۈن بېغىشلىمىغان،  كەسىپچانلىق تۇيغۇسى شەكىللەنمىگەن،تىرىشىش نىشانى ۋە ئېرىشتۈرۈش مەقسىدى ئېنىق بولمىغان،قەلبىگە مېھرى- مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى تېرىمىىغان،ئۆزىنى ۋە ئۆزىگىنىنى سۆيمىگەن باغۋەنلەردىن،قەلبى ئاتەش،مېھرى ئېسسىق،زىھنى ئويغاق،كېلەچىگى پارلاق بەختىيار بالىلارنى تەربىيلەپ چىقىشتىن ئۈمىد كۈتۈش تولىمۇ قېيىن.
مەرىپەت بوسۇغۇسىغا،ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن،قەدەم تەشرىپ قىلغان باغۋەنلەر،ئاۋال ئۆزۈڭلارنى سۆيۈشتىن باشلاپ، پەرزەنتلەرنى مېھىرلىك قەلبىڭلارغا ئەركىن باشلاپ،بەھوزۇر نەپەسلەندۈرۈپ،قانغۇچە پەرۋازلىتىپ،مېھىردىن تېرىلغان گۆھەر كەبى مەرىپەت ئۇرۇقلىرىڭىزنى،زەپ ئوماق،ئىلىم خۇمار سەبىيلەرنىڭ،ئاپئاق دىللىرىغا چاچرىتىپ، ئۇلارنىڭ ئوتلۇق ئىشتىياقى بىلەن،شۇنچە ئۈمۈد ئىستەكتە تەلمۈرۈپ تەشنا بولۇۋاتقان ئۇسسۇزلۇقىنى،شەربەت كەبى سۇلىرىڭ بىلەن قاندۇرۇرۇپ،ئىلىم گۈلزار باغچىسىنى،ئەڭ گۈزەل،گۈللەر بىلەن بىزىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن تىلەيمەن.ئىلىم ئىزىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى،تەلىم-تەربىيەنىڭ نىشانى ئادەم تەربىيەلەش،ئادەم تەربىيەلەش دېگەن بۇ سۆز بەك ئاددى ئېيتىلغان بىلەن،ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىنتايىن جاپالىق ۋە  ئەگرى-توقايلىق بولۇپ،بۇنىڭ تۈپكى يولى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قۇراللىنىش،پۈتۈنلەي شەخسىيەتسىز بولغان بولۇش، بېغىشلاش روھى كۈچلۈك،مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغىسى بولغان، بارلىغىنى ئەۋلاتلارغا ئاتا قىلالايدىغان بولىشى كېرەك،ئۇنداق بولمايدىكەن،مائارىپقا،يەنى مەرىپەتتىن ئىبارەت گۈلزارلىققا قەدەم باسماسلىغى كېرەك،چۈنكى مائارىپ،ئادەم تەربىيلەش ئارقىلىق،مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،دۆلەتنى قۇدېرەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئورۇندايدىغان مەڭگۈلۈك بازا،گۈزەل گۈلزارلىق،مېھىرلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىللىق ماكاندۇر.
     





102 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-17 23:22:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ