مەن كىم؟
-مەن ئۆزۈم بىلەن ئىنتايىن يىقىن تۇنۇشلاردىن،لىكىن ئۆزۈمنى ئاللاھ چۈشەنگەندەك چۈشەنمەيمەن،گەرچە ئۆزۈم بىلەن تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھەمكارلاشقان بولساممۇ ،قانداق قىلسام ھەممىگە ياخشى بۇلالايدىغان ئۇسلوپنى يارىتالمىدىم ...
دائىم باشقىلارنىڭ زەربە ئۇبىكتى بۇلۇپ قالاتتىم قايتارما زەربىگە ئۈتۈشنى بىلمەيتتىم،بىلمەيتتىم ئەمەس توغۇرسى خالىمايتتىم.. زەربە يىگەن كۈڭۈل ئاجىزلاپ كەتكىنى ئۈچۈن زەربىگە ئۈتەلمىدى ئەمەس بەلكى سىناقتا سىنىلىپ تەجىرىبە كۈچى بىلەن تىخىمۇ كۈچلۈك بولدى،ئەمما ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بىر خىل كۈچ ئۇنى بىسىپ كەلدى....ئۇنىڭ ئىسمى------- سەۋىر .
مەن ئۆزۈمنى چۈشۈنىمەن لىكىن ياراتقۇچىدەك ئىنىق چۈشەنمەيمەن،شۇڭا ئۆزۈمنى توغرا چۈشنىشكە تىرىشىپ ،قەلبىمگە ئۈمۈتۋارلىق توغيانىنى تىكلەپ غەلىبە قازىنىشقا ئىمكان يارىتىشنى ئۇيلايمەن.. مىنىڭ غايەم ئەخلاق رىلىسىدىن چىقماي تۈز مىڭىش،يەنە ئۆز ئۆزۈمگە قەيسەرلىكتە مەغلۇبىيەتكە ئارزۇغا ئۈمۈتسىزلىككە جەڭ ئىلان قىلىپ خۇشال ياشاش.....
ھايات خەرىتىسى بىلەن ياشاش يۇلى ئىككىسى بىر نۇقتىغا جەملەنگەن بولسىمۇ ئىككىسى ئىككى خىل ئامىلنى شەكىللەندۈرۈپ ئىككى خىل يولدا داۋام ئەتمەكتە ....ئۆيدىكى گەپ بازارغا راس كەلمەپتۇ.... دەك خۇددى....
مەن ئۆزۈمنى سۈيىمەن،چۈنكى ئەيىپلىرىمنىڭ كىلىش مەنبىيى ماڭا ئاساسەن مەلۇم ..شۇڭا تىرىشىش بار ۋاز كىچىش يوق...تىرىشىمەن،تىرىشىۋاتىمەن ئىنسانغا چىرايلىق بۇلۇشقا ئەمەس بەلكى ئۆزۈمگە ،يارتقۇچۇمغا.....
شۇڭا مەن توغۇرلۇق پىكىر قىلغاندا دىققەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ..چۈنكى بىز راست بىر بىرىمىزگە سىر ،ھەتتا ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز...... گۇمان يالغاننىڭ بۇۋىسى.......
ئۆزۈمنىڭ قايسى يولدا قانداق ئىش ،قايسى ئويدا قانداق پىكىر يۈرگۈزۋاتقىنىم ئۆزۈمگە مەلۇم،ئۆزۈمنى .....بىلمەن....جاپالىرىم ،ئازاپلىرىم ،خۇشاللىقلىرىم.. پەقەتتىن پەقەت ئۆزۈمگە ...بەك ئايان...سىزدە بار ئازاپ سىزدە بار بەخىت ئۇخشىمىغان فورمىلادا مىنىڭ كىشلىك ھاياتىمدىمۇ مەۋجۇت .چۈنكى مەنمۇ سىزدەك ئاددى ئاجىز بىر ئىنسان .. قىياپەت بىلەن ئادەم ئاتىلىش ئاسان بولغىنى بىلەن ئادەمدەك ياشاش جەريانىنىڭ جەبرىنى پەقەت ئادەم بۇلۇپ ياشاۋاتقانلالا ھىس قىلالايدۇ...
ئات ئىشەكتىن پەرىقلىنىپ ياشىساقلا ئادەم بولمايمىز ،سەرخىل ئادەملەر دۇنياسىدا پەرىقلىنىپ ياشىساق ھىساپ.....
نۇرغۇن ئىسىل ئادەملىرىمىز بار ئۇلار ئىسىللىقنى پۇلغا سىتۋالغان ئەمەس ئىسىللىق بىلەن پۇلنى سىتۋالغان....
دۇنيا رەڭدارلاشتى ،ئادەملەر سەرخىللاشتى،پارلاندى ،مىھىر-مۇھەببەت سۇسلاشتى،ئىنساپ ئۆزىنى ھەقىقى تۈردە نامايان قىلدى... كىملەر دىگەن سۇئالغا ئاستا-ئاستا جاۋاپلار تىپىلدى،كىملەر بىلەن بولغان ئارلىقىڭ ئۆلچەندى.......مانا بۇ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئادەمگەرچىلىكنىڭ نەتىجىسى.
ھەركىم ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا قارىتا نەتىجە كۆرىدۇ ...نەتىجىسىگە قارىتا مۇۋەپپىقيەت قازىنىدۇ...
خۇشال بەخىتلىك ياشاش ئۈچۈن ،مۇشۇ نۇقتىدا نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىڭ...كەڭقۇرساقلىق،ئەپۇچانلىق ،...ئەڭ مۇھىمى توغرا چۈشنىش ئىدىيەسى سىزدە بولسۇن ئەي ساپا ئىگىسى...
پىتنىدىن يىراق تۇرۇپ ئىناق جەمىيەت قۇرۇش ھەر بىر پۇقرانىڭ مەسئۇليىتى..! (كىشى بىلەن ھەپىلەشمە مۇساپەڭ ئاۋىمايدۇ)...ۋاقىتنى قىممەت بىلىپ گۈزەل توغرا ئىدىيەدە ياشايلى....
گۈزەل ئىنسان دۇنيانىڭ ،جۈملىدىن جەمىيەتنىڭ زىننىتى،ئۈلگىسى....!!!
مەن كىم؟
-مەن شۇ دۇنياغا جۈملىدىن جەمىيەتكە زىننەت ئۈلگە بۇلۇشقا تىرىشۋاتقان تۇلىمۇ ئاددى لىكىن ئۇلۇغۋار بىر غايىنىڭ ئىگىسى...شەرمى-ھايا،غۇرور-ۋىجدان،سەمىمىيەتنڭ ئىگىسى بۇلۇپ ئىسىل ياشايلى....ئاپام ماڭا ھايالىق بۇلۇڭ ھايا قىزلارنىڭ ئەڭ چوڭ ھۆرمىتىنىڭ يارقىن نۇقتىسى دىگەن. يەنە مۇنداق دىگەن:خەختىن قورقماي ھەقتىن قورقۇڭ ،خەخنىڭ ئاغزى بۇسا سىزنىڭ تۇۋىقىڭىز بولسۇن دىگەندە ،مەن دىدىم تۇۋاق دىگەن نىمە دىسەم،ئاددى، چۈشنىشلىك قىلىپ ، توغرا يول دىدى.مەن ئاپامنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى چۈشەندىم.
~ئاق ئەتتىرگۈل
959 قېتىم كۆرۈلدى |
|
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2015-8-1 13:20:52 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-11 2:26:41 |
nazera |
bak payze yezlip tu man bak yahturdum |
2015-8-7 14:56:41 |
yultuz |
ciznig yazgan bu asrigiz minig yurkumni titratti garqa cizni tunmicammu muxundak bir asarni yezip kopqilikka cunginigizga kop rahmat
amilyatta man kim kandak yaxdim yana kandak yaxayman digan bu cual hammimiz oylinixka tigixlik bir cuall
kollirigizga dat, kalmicun harmigayciz
yanmu tirxip bizga muxunigdak yakxi acarlarni kuriximizga muyaccar kilxigizni. umut kiliman
ak atirgul |
2015-8-3 20:55:38 |
ئۆتكۈر |
بەك ياخشى يېزىپسىز كوللىرىڭىزغا دەت بەر مىسۇن |
2015-8-3 17:01:25 |
831770 |
بەك ياخشى يېزىپ سىز سىزنې قوللايمەن يەنيمۇ كۆپ يېزيشيڭېزنې ۈمۈد قىلىمەن |
2015-8-2 0:03:53 |
ئاق ئەتتىرگۈل |
رەھمەت ... |
2015-8-1 23:50:03 |
parida kax kar |
Rah mat siz ga ak atir gul bu asir giz ni korup xun dah hox bol dum haki katan kog lam di ki gap lar niyizip siz |
2015-8-1 23:20:57 |
ئۇچقۇن .15001557859 weixin |
ھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىپسىز ئاق ئەتىرگۈل ، سىزنى تەبىرىكلەيمەن ، سىزگە قول قويدۇم ئەسىرىڭىزنىڭ مەزمۇنى ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلدى ، شۇ تاپتا سىزگە مۇكاپات بەرگۈم با ، سىزگە دەيدىغىنىم مىنىڭ ۋىيشىن نۇمرۇم ، 15001557859 قۇشىۋىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ... |
ئىنكاس يېزىڭ