نومۇس ۋە ئىززەت

نومۇس ۋە ئىززەت

 

« مىكرو مۇھاكىمە »

« بۇ ماقالەمنى ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىغا بېغىشلايمەن »

 

 ئا . باغۋەن

 

 نومۇس تىلغا ئېلىنسا تارىخىمىزدا ئۆتكەن « ئىففەت پىشىۋالىرى » ئاتالغان ئىپارخان ، نۇزۇكۇم قاتارلىق تارىخى شەخىسلەر . ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەركەكلەردىنمۇ « سادىر پالۋان ، مەمتېلى ئەپەندى ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىقلار يادىمىزغا تېزلا كېلىدۇ . ئۇلارنىڭ قانداق يىتىشىپ چىققانلىقى ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىش كىشىلەرنىڭ ئەس يادىدىن تولىمۇ يىراق . ئەجەبا ھازىرقى زامان ئەھلىلىرىنىڭ نەزىرىدە نومۇس تۇيغۇسى شۇنچە تولۇقمۇ ؟ ياكى نومۇس تۇيغۇسى ئەسلا يوقمۇ ؟ نۇمۇسچانلىق پەقەت ئاياللار تەبىقىسى ئىچىدە بولۇپ ئەرلەر تەبىقىسىدە نومۇس تۇيغۇسى يوقمۇ ؟ ئىززەت - ھۆرمەت كىشىلەرگە بىر ئابرويدىن بىشارەت بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر نومۇسىنى تونۇش ئارقىلىق ئىززەت تېپىش كويىدا يۈرمەكتە ، ياخشىلىق كەينىگە يوشۇرۇنغان يامان نىيەت نېمىدىگەن قورقۇنۇچلۇق ھە ! بىر ياخشىلىق كەينىگە يوشۇرۇنغان خالىسلىق ، پىداكارلىق ، ئادالەت ، ئەپۇچانلىق ھەر زاماندا ئىززەت ئېلىپ كېلىدۇ ، ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرىدۇ . ئەكسىچە بولغاندا ھېچ نام - نىشانسىزلا ، ياكى ئەسكى نام بىلەن ئەۋلادلار شەرىپىگە داغ چۈشۈرىدۇ . مانا بىز ئەجدادلار ئىچىدىن مەلۇم شەخىسلەرنى ئايرىم ئەسلەۋاتىمىز . بۇلارنى قەلبىمىزگە باغلاۋاتقىنى ئۇلارنىڭ قەلبىدە چاقناپ تۇرغان نومۇس تۇيغۇسىدۇر . بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۈچۈن ئەجدادلار مىراسى ۋە ئەنئەنىسى ، ئۆرپ - ئادىتىدىن يىراقلىشىش نومۇسدۇر . بىر ئۇيغۇر يىگىتى ئۈچۈن ئۆز جەمئىيىتىنىڭ يېغىسغا قۇلاق سالماسلىق ، ئۆزلۈك قارىشىنىڭ بولماسلىقى ، مىللەت ئىچىدە يامرىغان پارازىتلارنى يوقىتىشقا تىرىشماسلىق ، مىللەت قىزلىرىغا ئىگە بولۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇش نومۇسدۇر . بىر ئۇيغۇر قىزى ئۈچۈن ، مىللەتنىڭ كېلەچىگى بولغان بىر ئانا ئۈچۈن زۆرۈر بولغان قىزلىق ، ئاياللىق ، ئانىلىق بىلىملىرىنى ئىگەللەپ گۈزەل ئائىلە ، گۈزەل جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ بەدىلىگە كۈنلىرىنى ئەھمىيەتسىز ھەتتا گۇناھ بىلەن ئۆتكۈزىشى نۇمۇسدۇر . ئاتا - ئانا ، قەۋم - قېرىنداشلىرىنىڭ ھەققىياتىنى ئادا قىلىش ئورنىغا ئۇلارغا تالاي - تۈرلۈك ئازاپلارنى ئېلىپ كېلىش ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۋېتىش نومۇسدۇر . دېمەك نومۇس بىلەن ئىززەت بىر- بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى ئۇقۇمدۇر . نومۇس تۇيغۇسىدىن خالى ئادەم ئىززەت تاپالماس . ئۆز نۆۋىتىدە ئىززەت تاپقان شەخىس ئۆزىدىكى ئار - نومۇس قارىشىنى تىكلىيەلىگەن ، ھەمدە ھاياتىنى شۇ قاراش بويىچە زىننەتلەشكە تىرىشقان ئادەمدۇر . خالىسلىق ئىززەتنىڭ تۇتۇرىقىدۇر. نىيەتنىڭ توغرا ، خالىس بولىشى ساھىبىغا ئويلىمىغان ئۇتۇقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ . ئىززەت تۇيغۇلىرىغا ئىگە شەخىس ئىززەتنى يىراقدىن ئەمەس ئەتراپىدىن ئىزدىسۇن . ئىخلاس قىلسۇن . چوقۇم ئىززەتلىك ھاياتقا ئېرىشىدۇ . ئىززەت ئىزدېسەڭ تاپىسەن بىر كۈن بولسىلا قەلبىڭدە ئىلاھى بىر ئۈن تىكەنلىك گۈللەردىن رەنا ئىزدىگىن ئارمانلاربولمىسۇن ئىس بىلەن تۈتۈن پەقەتلا ھاياتقا قوشقىن تەبەسسۇم ئىزدىگىن توختىماي ھاياتىڭ ئۈچۈن!

 2015.8.13 پەيشەنبە





794 قېتىم كۆرۈلدى ئا . باغۋەن ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-14 1:16:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-8 11:20:47 قادىر
ئ‍ۆگۈنۈش
2016-1-29 0:23:17 aybanu
yahx i i
2015-8-17 7:49:35 ئۈچۈن
خو ،ئىسىل ،
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ