ئەي ئوغۇل (يازمىلار) - نۇرۇم

 ئەي ئوغۇل


ئەي ئوغۇل سەن بىر ئۆينىڭ تۇۋركى ھەم ئاتا-ئاناڭنىڭ يۇرەك پارىسى بولۇش سۇپىتىڭ بىلەن ئۇلارغا كۆيۇنىشىڭ ئاسىرىشىڭ كىرەك، خۇددى ئۇلارسىنى ئاسراپ،پەپىلەپ چوڭ قىلغاندەك .ھەي...
بىراق سەن ئۇلارغا نىمىش قىپ بىرەلىدىڭ سىنىڭ قىلپ بىرەلىگىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئۇلارنى ئازاپلاش ، كۆزىدىن تارام-تارام ياش ئىلىش، خانىۋەيران قىلىش خالاس.
ئويلاپ باق ئۇلار سىنى بىقىپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشۇش يولىدا نۇرغۇن جاپا مۇشاقەت تارتىپ يىمەي يىگۇزۇپ، كىيمەي كىيگۇزۇپ قاتارغا قوشسا سەن ئۇلارنى ئاسىراشتا يوق  ئۇلارنى ئىغىر ئازاپقا دۇچار قىلىسەن ئويلاپ باق بىربالىنى بىقىپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قىتىش ئاسانمۇ...ئويلاپ باق ئاناڭ سىنى بۇدۇنياغا نىمەدەپ ئاپرىدە قىلدى بىلەمسەن؟؟
ئەي ئوغۇل سەن ئاسماندىكى بۇركۇتسەن،قارا سەندىكى جاسارەتلەرگە كۇچ قۇۋەتلەرگە، قانات ئاستىڭغا كىملەرنىڭ مۇھتاج بولىۋاتقانلىقىغا قارا،سەن تۇغۇلىشىڭدىن ياخشى بىر يىگت سەن ، لىكىن سەن ئۆزۇڭدىكى بۇخىسلەتلىرىڭنى ئاللا قاياقلارغا ئۇچۇر ۋەتتىڭ، سەن ئاشۇ بىچارە ئاناڭنىڭ يۇرەڭ پارىسى ھەم شاھزادىسى سەن، ئاناڭنىڭ سىنى جىندىن ئەزىز كۆردىغانلىقىنى بىلەمسەن؟ ئاناڭنىڭ ساڭا ھامىلدار بولغاندا نىمىلەرنى ئويلىغانلقىنى بىلەمسەن، بەلكىم ئۇسىنىڭ ئوغۇل بولىشىڭنى ئۇمۇد قىلغان بولغىيدى،
سىنى تۇغۇپ ئوغۇل ئىكەنلكىڭنى دوختۇر ئاناڭغا ئىيتقاندا قانچىلىك خۇش بولغانلىقىنى بىلەمسەن؟
شۇ خوشلىقىدا ئاناڭنىڭ تارتقان جاپاسىنىڭ قاياقلارغا غايىپ بولغانلقىنى بىلەمسەن؟ ياق سەب بۇنى ھەرگىز بىلمەيسەن ھەم مەڭگۇ ھىس قىلالمايسەن مەڭگۇ...
شۇ بىچارە ئاناڭنىڭ ساڭا ھامىلدار ۋاختىدىكى ئوي-خىياللىرىنى بىلەمسەن؟ياق بۇلارنب ساڭا        قانچە چۇشەندۇر سىمۇ بىكار بۇلارنى سەن ھەرگىز بىلمەيسەن
سىنىڭ قولۇڭدىن ئۇلارنى قىيناش ئازاپلارغا دۇچار قىلىشلا كىلەمدۇ... كونىلار مۇنداق ئىيتقان ئىكەن : قىزتۇغۇلسا قازان قومۇچ خۇش بولۇر ، ئوغۇل تۇغۇلسا يەرجاھان دەپ  بىراق سەن  شۇنداق قىىلالىدىڭمۇ يەرجاھاننى خوش قىلىش تۇرۇپ تۇرسۇن سەن ئۆمۇرۇڭدە ئاتا-ئاناڭنى خوش قىلىپ باقتىڭمۇ ...
سەن ئۇلارغا پەقەت ئاغزىڭدىلا سىلەرنى ياخشى كۆرىمەم دەپ باققان بولىشىڭ مۇمىكىن لىكىن چىن يۇرەگىڭدىن چىقىرىپ دەپ باقتىڭمۇ...  سەن ئۇلارنىڭ سىنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن ، ئۇلارنىڭ بىرئىغىز گىپى ئارتۇق كەتسە سەن ئۇلارنى كۆزۇڭگە قادالغان مىختەك كۆرىسەن لىكىن سىنىڭ ئارتۇق كەتكەن گەپلىرىڭنى ئۇلار كۆزىنى يۇمۇپلا ئۆتكۇزىۋىتىدۇ،  نىمە ئۇچۇن شۇنداق قىلىدۇ بۇنى بىلەمسەن؟ چۇنكى سەن ئۇلارنىڭ يۇرەك پارىسى، بىراق سەنچۇ  شۇنداق قىلالىدىڭمۇ ...
                                 
                                    2-  

ياق بۇنداق قىلىش سىنىڭ قولۇڭدىن ھەرگىز كەلمەيدۇ ،
كىچىك ۋاختىڭدا ئۇلارنىڭ سىنى قانداق باققىنى يادىڭدا بارمۇ؟ ئاغىرىپ قالساڭ سىنى دوختڭرغا كۆرسۇتۇپ قىلىمغىنى قالمىغىنى يادىڭدا بارمۇ؟ ئۇلارسىنى داۋالىتىش ئۇچۇن گايى نەچچە يۇز يۇەن گاھىدا  نەچچە يۇزمىڭ يۇەن سەرىپ قىلغىنى يادىڭدا بارمۇ؟؟ ئۇلارساڭا پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بە دەپ باقتىمۇ،
سىنىڭ ئۇلارغا ئون يۇەن پۇلۇڭ ئۆتۇپ قالسا ئۇلاردىن قانداق ئالغىنىڭ يادىڭدا بارمۇ ؟؟  ھەي ئوغۇل ساڭا شۇلارنى دىگۇم كىلىۋاتىدۇ بۇدۇنيادا سىنىڭ ئەڭ يقىن دوستوڭ ئاتا-ئاناڭ خالاس ئۇلار سىنىڭ يانجۇقۇڭدا پۇل بولسۇن بولمىسۇن سەندىن ھەرگىز ئايرىلىپ كەتمەيدۇ، بىراق يىللار رەھىمسىز يىللار ئاتا-ئاناڭنىڭ ئۆ
مۇرىنى ياشلىقىنى ئىلىپ كىتىدۇ، ئۇلار يىنىڭدا بار ھايات چاغدا خىزمىتىنى قىۋال ئۇلار يوق ۋاقتىدا مىڭ پۇشايمان قىلساڭمۇ ئۆتكەن كۇنلەر ئارقىغاقايىتمايدۇ  .
بۇساڭا ناھايىتى ئايان ھاياتىڭنى قەدىرلە ئۆمۇرۇڭنى تاينى يوق ئىشلارغا ئىسراپ قىلما ۋاقىت شۇنچىلىك قىسقا سەن ئىلىمگە بىرىل، ئۆمۇرۇڭنى  ئاتا-ئانىڭ بىلەن ئۆتكۇز،شەھۋەتىتن يىراق تۇر ئۇسىنى خانىۋەيران قىلىۋىتىدۇ ،بۇچاغدا ئاناڭنىڭ كۆزىدىن ياش ئىقىپ كەتسە ئۆمۇرلۇك ھەسرەتتە قالىسەن ، ئاناڭنىڭ كۆزىدىكى ياش سەنچۇ ياشلا خالاس بىراق ئاناڭ ئۇچۇن قان ياش بولىدۇ بۇنى بىلەمسەن، ئەلۋەتتە بۇ سىنىڭ خىيالىڭغا كىرىپ چىقمايدۇ،لىكن سەن شۇنى بىلگىنكى سەن ھامان دادا بولىسەن بۇئۆتنە ئالەم قازانغا نىمە سالسا چۇمۇچكە شۇ چىقىدۇ ، سەن مۇ بالاڭدىن ئاناڭغا ياق ئاتا-ئاناڭغا قىلغىنىڭنى ھەسسىلەپ كۆرىسەن، شۇڭا بۇ ئىللەتلىرىڭنى تۇزەت ، دىيانەتلىك بولغىن ، ھەرسەھەردىكى ئىللىق نۇرىنى چىچىپ پۇتۇن ئالامگە مىھرىنى بىردىغان ئاشۇ پارلاق قۇياشتەك بول ، يىقىلساڭ ئورنۇڭدىن تۇرۇشنى بىل ئۆرە تۇرۇشنى بىلمىسەڭ ئاتا-ئاناڭلا ئەمەس خوتۇن باللىرىڭ ئۇمۇدسىزلىك پاتقىقىغا پاتىدۇ، ئەخلاقىڭ بىلەن قايتا ئادەم بول، ئادەمدەك ياشا ، ئەخلاقىڭ بىلەن باشقىلارغا ئۇلگە بول،ھەم شۇنداق ئاتا-ئاناڭ بولغىنىدىن پەخىرلەن، كۇنلەر تىخى ئۇزاق ....
ئاپتۇرى : نۇرۇم
     





380 قېتىم كۆرۈلدى nurum ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-1-11 13:46:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ