بىر ئانىنىڭ يۈرەك سۆزى (ھىكايە) - مېھمانگۇل سايىم

ئانىنىڭ يۈرەك سوزى


مېھمانگۇل سايىم 


ھېلمۇ ئېسمدە ،بۈندىن ئالتە يىل بۇرۇن ،مەن   تۇنجى قېتىم قىزىمنى تەييارلىق بىرىنچى يىللىققا تىزىمغا ئالادۇرغىلى كەلگىنمدە تۇرسىنئاي روزى مۇئەللىمنىڭ  قىزىمغا سىنىپ مەسئۇلى بولدىغىنىنى ئاڭلاپ چەكسىز خۇشال بولغان ئىدىم. بۈگۈن  تۇرسىنئاي روزى مۇئەللىمنىىڭ دەرىس مۇنبىرىدىن ئايرىلىپ پىنسىيەگە چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، كوڭلۇم بەكلا يېرىم بولدى·ھەر قېتىم قىزىم تۇرسۇنئاي روزى مۇئەللىمنىڭ  دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىمۇ باللىرىغا دەرىس تەكرار قىلىپ بەرگەنلىكىنى قوشۇمچە پەن ئوقۇتقۇچىلىرغا يېلىنىپ يالۋۇرۇپ بىر سائەت ۋاقىت چىقىرىپ گەرچە  ئۆزى  ئانا تىل مۇئەللىم بولسىمۇ
باللارغا ماتىماتىكا ،خەنزۇچە دەرسلىرنى تەكرار قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغىنمدا ،قىزىمنىڭ مۇشۇنداق ياخشى مۇئەللىمگە ئۇچۇرغانلىقىدىن سۆيۇنۇپ، ئالەمچە خوشاللىققا چومگەن ئىدىم.بۈگۈن قىزىم كۆزلىرى ياشقا تولغان ھالدا تۇرسىنئاي روزى مۇئەللىمنىڭ   پىنسىيەگە چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىدا،كۇزلىرىم قاراڭغۇلشىپ خۇددى ئاسمان ئورلۇپ چۇشكەندەك بولۇپ قالدىم·گەرچە مەن قىزىمغا تۇرسۇنئاي روزى مۇئەللىمنىڭ  ئوتتۇز نەچچە يىل مۇنبەردە تۇرۇپ بالىلارغا دەرس ئۆتۈپ چارچىغانلىقىنى ، پىنسىيەگە چىقىپ دەم ئېلىش كېرەكلىكىنى  قايتا قايتا چۇشەندۇرۇپ،قىزىمغا تەسەللىي بەرگەن  بولساممۇ،ھەر بىر ئېغىزسوزنى قىلغىچە كۆزلىرىمدە ياشلار لىغىرلاپ قالغان ئىدى  ·قىزىم مەندىن: ئاپا سىز نىمىشقا يىغلايسىز ؟مەن مۇئەللىمىمگە چىدىماي يىغلىسام سىز نىمگە يىغلايسىز دەپ ،مەندىن قايتا -قايتا سورىدى، مەن ياشقا تولغان كوزلىرمنى سۈرتكەچ قىزىم،  تۇرسۇنئاي  روزى  مۇئەللىم سىزنىڭلا مۇئەللىمىڭىز بولماستىن مېنىڭمۇ مۇئەللىمىم مەن تۇرسۇنئاي روزى مۇئەللىمدىن مەسۇليەتچانلىقنىڭ نىملىگىنى ئۇگەنگەن ئىدىم،كوز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن  مارجاندەك توكۇلمەكتە  ئىدى مەن قىزىمدىن مەن شەخسىيەتچىمۇ قانداق؟ دەپ سورىدىم ،قىزىم ئاپا،بۇ ئىشتا مەنمۇ.سەخسىيەتچى بولۇشقا رازى،مۇئەللىمىمدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق دىدى. سىزنى سۆيىمەن مۇئەللىم ،سىز مەڭگۇ  مېنىڭ ۋە قىزىمنىڭ ئەڭ سۇيۇملۇك مۇئەللىمى،تېنڭىز سالامەت بولسۇن،توغراق يېشنى ياشاڭ قەدىرلىك مۇئەللىم ،خۇشاللىق سىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن.
     





613 قېتىم كۆرۈلدى مېھمانگۇل سايىم ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-27 19:37:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2017-4-6 7:23:29 گۈلقىز ،ھەسەن
بەك ياخشى يېزىپسىز،تۇرسنئاي،روزى مېنېڭمۇ مۇئەللىمىم ،ھەقىقەتەنمۇ ماختىشىغا تېگىشلىك ئېسىل مۇئەللىم!!!
2017-4-3 17:46:03 رۇشەنگۇل ھامۇت
بەك ياخشى يىزىپتۇ ،
2017-4-3 8:55:39 رۇشەنگۇل ھامۇت
نەۋرە ئ‍اچا بەك ياخشى يېزىپتۇ ،رەخمەت سىزگە
2017-4-3 8:53:12 رۇشەنگۇل ھامۇت
مىھمانگۇل ئ‍اچا ،بىز ئانىلارنىڭ قەلبىدىكى بىراق تىلىدا ئ‍ېيتالمىغانگەپلىرىنى يېزىپسىز ،رەخمەت سىزگە 🎉🎉🎉💝💝💝
2017-3-31 7:42:34 خالىدەم ئ‍ابلىز
مىھرىبان خوشنام بەك ياخشى يىزىپسىز،تەسىرلەندىم
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ