ئاياللارنى سۆيۈڭ (يازمىلار)
نۇرۇم
ئاياللار يىغلىسا بولىدۇ، كۈلسە بولىدۇ، ۋارقىراپ جارقىرىسا، ئاچچىقلانسا بولىدۇ، ئەمما ھەرگىز سۈكۈتتە قالماسلىقى كېرەك. چۈنكى سۈكۈت ئاياللارنىڭ ئەڭ ئازابلىق، ئاۋازسىز يىغىسى ھېسابلىنىدۇ.
بەزىدە ئاياللارنىڭ ئاچچىقلىمىغانلىقىنى، قانچىلىك ئىش يۈز بېرىپ كەتسىمۇ ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەستىن جىمجىت تۇرۇۋالغانلىقىنى كۆرىمىز، مانا بۇ دەل ئۇنىڭ سۈكۈت قىلغانلىقىدۇر.
لېكىن بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىلگىچە داۋاملىشىۋەرسە ئۇلارنىڭ ئىچكى روھىيىتىنى، ئىچكى ئازابىنى يېنىكلىتىشكە ئامال قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت تىنىقى بار قۇرۇق بەدەنگىلا ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئايال كىشى پەقەت بەختكە ئېرىشىشنىلا ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مال مۈلۈك، بايلىق، پۇل ھەممىسى ئەرزىمەس نەرسە.
ئايال كىشى پەقەت يالغۇز قېلىشتىن، ھەمراھسىز قېلىشتىنلا قورقىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىگە ھەمراھ بولىدىغان ئادەم بولسىلا، كۆيۈنىدىغان، ئاسرايدىغان ئادەم بولسىلا شۇنى بەخت دەپ ھېسابلايدۇ.
سۈكۈت ئاياللارنىڭ ئەڭ ئازابلىق ئاۋازسىز يىغىسى! ئاياللار قانداق ۋاقىتتا، نېمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلىدۇ؟
ئايال كىشى پەقەت ئازابلانغاندا، قارشى تەرەپتىن قاتتىق ئازار يېگەندىلا ئاندىن سۈكۈت قىلىشنى تاللايدۇ.
260 قېتىم كۆرۈلدى | nurum1997 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-23 0:53:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|