ئىنسان بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار ، ئەگەر ئۇ ياخشىلانسا ھەممە ئشلار ياخشىلىنىدۇ ، ئەگەر ئۇ بۇزۇلسا ھەممە ئشلار بۇزۇلىدۇ ھالاكەت تاپىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ يۈرەك . ئنساننى ئەزىز قىلدىغنىمۇ نىيەت ، ئنساننى خار قىلدىغىنىمۇ نىيەت ، بۇ ئەڭ ئبرەتلىك سۆزلەنىڭ بىرى ، نىيەت خالىس بولسۇن .نىيتى خالىسنىڭ يۇلى ئۇچۇق ، نىيتى بۇزۇقنىڭ يولى يولى تۇيۇق . ھەربىر قىلغان ياخشى ئشىمىزنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرمىز ، ھەربىر قىلغان يامان ئشنىڭ جازاسىنى كۆرمىز ، مانابۇ مۇتلەق ھەقىقەت .بالدۇر ئويغانغان ئادەم غەلبىگە ئىرشىدۇ . غەپلەتتە بولسا ھەسرەت نادامەتكە ئىرشىدۇ ، دۇنيادا يەنە ئككى خىل ئادەم بۇلىدۇ ، بىرى زۇلمەتتە ئويغاق ، يەنەبىرى نۇرنىڭ قوينىدا ئۇخلايدۇ .بەخىت ھەرگىز رەزىللىكتە ئەمەس بەلكى تەۋپىق يولىدا يەنى توغرا يولدا ھەقىقەت يولىدا . ھالال يولدا تاپقان پۇلنىڭ بەركىتى بار يىگەن تامىقىمىز تەملىك ، سىڭىشلىك خاتىرجەملىك بولىدۇ . پۇل ئنساننى ئەمەس ، ئنسان پۇلنى ياراتقان ، ئەمما شۇ كەشپىيات بوينىمىزدەن زەنجىر ئۆتكەزگەن ، بايلىقمۇ ، كەمبەغەللىكمۇ ھەممە ئش سىناق ئۈستىدە .پۇلغا نۇرغۇن نەرسىنى سىتىۋالغىلى بولغان بىلەن نۇرغۇن نەرسىنى سىتىۋالغىلى بولمايدۇ . مەسىلەن : پۇلغا كىتاپ ، ژورنال سېتىۋالالايسىز ئەمما بىلىم سېتىۋالالمايسىز ، پۇلغا سائەت سېېتىۋالالايسىز ئەمما ۋاقىتنى سېتىۋالالمايسىز ، پۇلغا بىنا ، ئۆي سېتىۋالالايسىز ئەمما بەخىتلىك ئائىلەنى سېتىۋالالمايسىز ، پۇلغا داۋالىنىش ئەسلىھەلىرنى سېتىۋالالايسىز ، ئەمما ساغلاملىقنى سېتىۋالالمايسىز ، پۇلغا قان سېتىۋالالايسىز ئەمما جان سېتىۋالالمايسىز ، پۇلغا ئەمەل مەنسەپ سېتىۋالالايسىز ئەمما ھۆرمەت سېتىۋالالمايسىز ، پۇلغا ساختا كۆڭۈل ئىزھارى نەرسە كىرەكلەنى سېتىۋالالايسىز ئەمما ، پاك مۇھاببەت قەلىبدە . ۋاقىت شۇ قەدەر ئۇلۇغكى ئىمپراتۇرنىڭ ئۇرشىنى ئاخىرلاشتۇردۇ ، ھەقىقەتنى روياپقا چىقىرىدۇ ، ساختىلىقنى بەربات قىلىدۇ .
يازغۇچى : ئىرپان ؛ 15001557859 ئۇچقۇن .
405 قېتىم كۆرۈلدى | ئاتۇش ئوغلانى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-2 2:00:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-5 23:31:53 | خالىدە |
بەك ياخشى يىزلىپتو |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|