« تۇرمۇش دىگەن نىمە ؟ » دىن ئوي-خىياللىرىمغىچە【1】
(مەنسۈر مۇھەممەت)
تۇرمۇش دىگەن بۇ سۆز ئېغىزدا ئاددىي تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئاجايىپ ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ جەريانلاردىن خۇلاسىلەنگەن نەتىجىنىڭ سىموۋۇلىدۇر. ھەركىمنىڭ تۇرمۇشقا بولغان كۆزقارىشى ۋە چۈشەنچىسى، باشقا ھەرقانداق كىشىلەرگە نىسبەتەن مۇئەييەن ئوخشىماسلىققا ئىگە . ھەربىر كىشىنىڭ ئۆز خىيالىدىكى تۇرمۇشقا بولغان ئاددىي ياكى مۇرەككەپ چۈشەنچىسى، ئۆزىگە مەڭگۈ توغرا ۋە بەرھەق. شۇنداق جەزىملەشتۇرۈشكە بولىدىكى ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتىن ئالىدىغىنى، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ قانداق بولىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئەلۋەتتە .
【2】 ئىناق ئائىلە
ئېنىقكى ، بىر ئائىلىدىكى بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر-بىرىگە يەتكۈزگەن مېھرىبانلىقى ۋە مۇھەببەتلىك ئاشىقلىقى بىلەن شۇ قەلبلەر ئوتتۇرسىدىكى بىر-بىرىگە نىسبەتەن چەكسىز بولغان ھەقىقىي ئىشىنىش ، چۈشىنىش ، قەدىرلەش ، ھۆرمەتلەش ، سۆيۈش-سۆيۈلۈش ، قۇربانلىق بېرىش ، بارلىقىنى ئاتاش … قاتارلىق ئىسىل خىسلەت ۋە خارەكتىرىلەرنى ئۆز-ئارا مۇجەسسەملەپ ، شۇ ئائىلىدىكى قەلبلەر رىشتىسىنى مۇستەھكەم باغلاپ تۇرۋاتقان نىكاھ-مۇھەببەتىن ئىبارەت مۇقەددەس ئارغامچىنىڭ ئۈستىگە قويالىغاندا ، ئاندىن قۇرۇلىدىغان يۈكسەك غايىدۇر !
ئۇ ئىنسان جىسمىغا كۈچ -قۇۋۋەت ،ھۇزۇر-ھالاۋەت، ئىشەنچ ۋە جاسارەت بېغىشلاپلا قالماي ، مىسكىن قەلبىگە ئىنساب-ئىمان ، ئەدەپ-ئەخلاق ، ئەقىل-پاراسەت شۇنداقلا شۈكرى ۋە سەبىر چېرىقىنى ياندۇرىدۇ . ھاياتلىقنىڭ جاپالىق ھەم مۇشكۈل سەپىرىدە ، ياراملىق ھەم چىداملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەيدىغان ، چىنىقتۇردىغان ھەقىقىي ۋە بىردىنبىر بۈيۈك سەھنە ھىسابلىنىدۇ .
ئىناق ئائىلە —
گويا مىھرى ئىللىق گۈزەل باغ ،
دىمەك ئۇبىر ئۇلۇغ ماكاندۇر !
ئىناق ئائىلە —
گويا قەددى مەزمۇت ئېگىز تاغ ،
دىمەك ئۇبىر بۈيۈك قورغاندۇر !
【3】 سەبرنىڭ ئەجرى قەدرىڭدىن قىممەت
بىر ئەر ئائىلىسىدىكى كىچىككىنە ئۇقۇشماستىن كېلىپ چىققان جىدەل-ماجرادىن ئۆزىنى تولىمۇ بەخىتسىز ھېس قىلدى . ھەم قاياقلاردىن خوشاللىق ئىزدەش نىيتىدە ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى .
《 جىق گەپ قىلىدۇ، كۈنلەيدۇ ، ھەممە ئىشىمغا ئارلىشىۋالىدۇ ، ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ 》دىگەندەك يوقىلاڭ باھانىلەر ، ئائىلىدىكى مۇھەببەتنىڭ سوۋۇشىغا ، كۆڭۈلنىڭ بۆلىنىشكە سەۋەب بولدى .
بىر ئايال يەتتە يىل يۈرگەن يىگىتى بىلەن مىڭبىر جاپادا تويىنى قىلدى . ئېرىنىڭ بۇرۇنقى گۈزەل يىقىملىق چاقىرىشلىرى ، ئەركىتىشلىرى، ئىززەت- ئېھتىراملىرى قىسقىسى سۆيۈش-كۈيۈنۈشلەر ، قىزغىنلىقلار تۇيۇقسىز يوقالغاندەك ، بارغانسىرى يۈرۈۋاتقان ۋاقىتلارغا ئوخشىماي قالدى . ئەزەلدىن يىگىتى تەرەپتىن ئالىي ھۆرمەت ۋە كۈيۈنۈشلەرگە كۆنگەن ئايال ، ئېرىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن ئېغىر ھار ھېس قىلىپ ، تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالىمىدى .
ئىككى پارچە تاش ئۆز-ئارا سۈركەلمەي مەڭگۈ جۈپلىشەلمەيدۇ .
شۇنىڭدەڭ ، سۆيگەن يارىڭ بىلەن ئەركىلەشكەن ، يىغلاشقان ، قىيداشقان ، ۋارقىراشقان ھەتتا ئۇرۇشقانلىرىڭنىڭ ئۆزىنىمۇ بىر بەخت دەپ ئويلا !
چۈنكى ، گاھى تاشتەك قاتىدىغان گاھى سۇدەك ئېرىيدىغان ئىككى قەلىب ، ئىككى تەندىكى ئىككى خىل روھ ، سۈركەلمەي ، تېگىشمەي ، قانداقمۇ بىردەك ئوي-پىكىرگە كىلەلىسۇن ، قەلىبلەر قانداقمۇ جۈپلىشەلىسۇن ،……؟! بىرنىيەت بىرمەقسەتتە گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەن يۈرەك ، ھاياتلىقتىن ئىبارەت ئەگرى-توقايلىققا تولغان سىرلىق بۇ يولنى قانداقمۇ تەڭ داۋام ئېتەلىسۇن ؟!
قىسقىسى
تۇرمۇشىڭنى بارلىقىڭ بىلەن سۆي ،ئۆز يارىڭ بىلەن ئۆتكۇزگەن ھەربىر دەقىقەڭنى قەدىرلە !
چۈنكى ئۇ ، جىسمىڭنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى تېنىقىغىچە ، سەن بىلەن ئەڭ كۆپ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرىدىغان كىشىدۇر .
2014.2.10
| 123 قېتىم كۆرۈلدى | mansur | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-16 8:23:10 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|