پەرزەنىت تەربىيىسىدە ھىس قىلغانلىرىم
باھارگۈل ئىبرايىم
دۇنيادا پەرزەنتىگە كۆيمەيدىغان، مىھرىنى بەرمەيدىغان ئاتا-ئانا بولمىسا كىرەك لىكىن كۆيۈشمۇ، مىھرىنى بېرىشمۇ مۇۋاپپىق ھالدا ئاشكارىلانسا ياخشى. پەرزەنتلەرگە بولغان كۆيۈم ۋە مېھىر-مۇھاببەتنىڭ يېرىمىنى يۇشۇرۇش بولسا پەرزەنىت تەربىيىسىدە ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق پەرزەنتلەردە كىچىكىدىن تارتىپلا ھەر قانداق ئىشتا ئۆزىگە تايىندىغان،ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، مۇستەققىل ھالدا ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزالايدىغان ئىقتىدارنى يىتىلدۈرۈشكە ئاساس سالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا پەرزەنتلەردە يۆلىنۋېلىش ئېڭى شەكىللىنىپ ، ئۇلارنىڭ مۇستەققىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپلا قالماستىن بەلكى تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ئىقتىدارىمۇ چەكلىمىگە ئۇچراپ ئۇلارنىڭ ھاياتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ قالىدۇ. بىر ئانا بولۇش سۈپۈتۈم ھەم ئەمەلىي تەجىربەمگە ئاساسەن شۇنداق دىيەلەيمەنكى پەرزەنتلەرنى يۆلىنۋېلىشتىن خالى،مۇستەققىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان ، جەمىيەتكە ماسلىشالايدىغان،كىشلىك قەدىر-قىممەتكە ئىگە قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچى ئىمكان قەدەر «يېرىم مىھىر» تەربىيىسىنى قوللۇنۇپ مىھىر-مۇھاببىتمىزنىڭ يېرىمىنى يۇشۇرۇپ قالغاندا پەرزەنتلەردە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى تەببىي ھالدا شەكىللىنىپ ئۇلارنىڭ تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە جەميەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرگىلى بولىدىكەن. بۇنداق دىسەم بەزەنلەر ئۆز پەرزەنتىگە كۆيۈم ۋە مىھىر-مۇھاببەتنىڭ يېرىمىنى يۇشۇرسا قانداقمۇ ياخشى ئانا دىگىلى بولسۇن دىيىشى مۈمكىن لىكىن بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى پەرزەنتىڭگە كۆيۈنمە،مىھىر بەرمە دىگەنلىك بولماستىن بەلكى پەرزەنتلەرنى ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىپ كەتمەي مۇھاببىتىڭىزنىڭ يېرىمىنى يۇشۇرۇپ تۇرۇپ ئەڭ ھالقىلىق پەيتە ئاندىن تولۇق ئاشكارلاڭ دىگەنلىكتۇر. بۇنداق بولغاندا پەرزەنتڭىزگە بولغان كۆيۈم ۋە مىھىرنى تېخىمۇ ياخشى ھىس قىلدۇرۇپ ئۇلارنىڭ كۆيۈمچانلىق جەھەتتىكى دىل قۇلۇپلىرى ئېچىلىشى مۈمكىن .
231 قېتىم كۆرۈلدى | باھارگۈل ئىبرايىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-2 19:29:43 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-3 11:24:18 | سەرۋىناز |
بۇ مەزمۇندا يوللانغان پىكىر ناھايتى توغرا بۇنى بالىغا ئېغىزدا كۆيمەي، يۈرەكتىن كۆيۈش دەپ ئاتساق بولغۇدەك،يەنى بالىنى ياخشى كۆردىغانلىقىمىزنى ئېغىزمىزدا بەك ئىپادىلۋەتمەي ،ئەمەليەتتە بالغا كۆپرەك ياخشى تەربىيە ئېلىپ بېرىش ۋە ئۈلگە بولۇش زۆرۈر. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|