ھاياتلىقتىكى ئاچچىق-تاتلىقلار - تۇرغۇن راخمان

 ھاياتلىقتىكى ئاچچىق-تاتلىقلار
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)


ھەممە ناخشىنىڭ مۇزىكىسى بولىۋالمىغىن،بەزىلەر يېزىپ باقسۇن،بەزىلەر ئوقۇپ باقسۇن،بەزىلەر تېڭشاپ باقسۇن، شۇندىلا مۇڭلۇق بولىدۇ .

بالىلارنى ئالداش ۋاقتىمىز،دەل ئۇلارغا ئېمىزگە ئەمدۈرگەن كۈنىدىن باشلانغان ئىكەن ئەسلىدە.

ئىلىم ھېكمەتكە قىلساڭ ئەجىر،ئەل ئىچىدە تاپىسەن مېھىر.

قۇشلارنىڭ ئۇچۇرما بولغان ۋاقتى،سايرىغان ۋاقىتىدىنمۇ گۈزەلدۇر.بالىلارنىڭ سەھنىگە چىققان ۋاقتى،ئانا بۇ دۇنياغا قايتا تۆرەلگەندەك،ئاتا خاتىرجەملىك ھېس تۇيغۇغا تويۇنغاندەك،ئۇستاز بولسا خۇشپۇراقلىق گۈللەرنى،شۇنچە زوق،ھوزۇر بىلەن پۇرىغان ۋاقتىدۇر.
 
سەبىيلەرنىڭ ئۇستازلار ئالدىدىكى قورقۇنۇشلۇق بىردەقىقىسى، دەل ئۇستاز روھىنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۆلۈك مودىھىش بولغان ھالىتىدۇر.

ئۇستازلارنىڭ ئەڭ خۇشال بولغان ۋاقتى،سەبىيلەرنىڭ چۈچۈك تىللىرىنىڭ ئويناقشىپ،بۇلبۇلدەك سايرىغان ۋاقتىدۇر.

ئەدەپ ئەخلاق بالىلارغا قانائەتچانلىقنى ئۆگەتسە،ئىلىم ھېكمەت چىدامچانلىقىنى يىتىلدۈرىدۇ.

ئەڭ قەھرىتان سوغۇق،سەبىيلەرنىڭ،ئۇستاز جىسمىدىكى ئوتلۇق مېھرىدىن،رەھىمسىزلەرچە مەھرۇم قىلىپ،مېھىر مۇھەببەتكە تەشنا بولغان،ئوتقاشتەك پاك دىلىنى،قۇياش كەبى ئىللىق مېھرلەردىن،بەھىرلىنىشى مەھرۇم قىلىنىپ،زۇلمەتلىك قاراڭغۇلۇققا باشلاپ،مېھىرلىك كۆزلەرىدىن ئازابلىق ياشلىرىنى ئاققۇزۇپ،يۈرىكىنى زىمىستان قىشتىكى چوكا مۇزلاردەك قاتۇرۇپ،قەلب دۇنياسىنى،مۇز ئوكيانغا مەڭگۈللۈك بەنت قىلىۋەتكەنكەندەك ھالىتىدۇر.

تۇرمۇش تولىمۇ رەھىمسىز،بىر قەدىمىڭنى ئالدىدا ئالساڭ، ھەسەتلىك كۆزلەرگە،كىچىكىپ ئالساڭ،غەزەپلىك سۆزلەرگە يولۇقىسەن.

باشقىلار ئۇسسۇزلۇققا تەشنا بولسا،دېڭىزلارغا ئايلىنىسەن، ئۆزۈڭگەكەلگەندە،دېڭىز تۈگۈل،ئېرىقلارمۇ قۇپقۇرۇق.ئەيتاۋۇر بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرىنى بىلەلمەيلا كىتىپ قالىسەن.

بۈگۈنكى خوشللىقىم،تۈنۈگۈنكى  قەلب يارامنىڭ ئىزناسى، ئەتىكى خۇشاللىقىمنىڭ ھەمشىرىسى،كەلگۈسىمنىڭ سوۋغىسى.

دۈشمىنىڭ قاقاقلاپ كۈلگەن ۋاقتى،ئىرادەڭنى سۇسلاشتۇرۇپ، شىجائىتىڭنى يوقۇتۇپ،كۆز نۇرىڭنى خۇنۇكلاشتۇرۇپ،قەلبىڭنى بىھۇدە ئازابلارغا تولدۇرۇپ،ئارتۇقچە رېيازەت چېكىپ، ئۈمىدسىزلىك بىلەن قەدەملىرىڭ چېكىنگەن ۋاقتىڭدۇر.

ئانىنىڭ خۇشال بولغان بولغان ۋاقتى،پەرزەنتىنى ساغلام تىمەن دۇنياغا كۆز ئاچتۇرغان ۋاقتى.يۈرەك پارىسىنىڭ كۆكتە پەرۋاز قىلىپ،ئايغا قونىۋاتقان ھالىتى،ئۇنىڭ ئەڭ سۆيۈنگەن ۋاقتى.

كۈن چىققان ۋاقىت،ھاياتلىققا ئاپىرىدە بولۇپ،قەدەملىرىڭنى رۇسلاۋاتقان،تىكلەشكەن ۋاقىت،قاناتلىرىڭ رۇسلۇنۇپ،ئۇچۇرما ھالىتىگە ئۆتۈۋاتقان،پاتقان ۋاقىت،ۋارىسىڭنى ئاپىرىدە قىلىپ، سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدا نەپەسلەندۈرۈپ،ئىزلىرىڭنى يېڭىلاۋاتقان،قۇياش قايتا چىققان ۋاقىت،ۋارىسىڭغا ئىللىق مېھرىنى بىرىپ،جىسمىنى يۇرۇتىۋاتقان ۋاقىت.دوستۇم، ھاياتلىق دەل مۇشۇنداق يېڭلىنىپ تۇردىغان،بىرسى يېقىلسا، بىرسى ئىز بېسىپ ماڭىدىغان،قايتا-قايتا دىللارنى يورۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز نۇرلاندۇرۇپ،مېھىرلەرگە يورۇقلۇق،قەلبلەرگە ئىللىقلىق،ۋۇجۇدىغا شىجائەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت،يۈرىكىگە ھارارەت بېرىپ،قەلب دۇنياسىنى يورۇتىدىغان جەريان.

بالىلارنىڭ مېھرى مۇھەببەتكە تولۇق تويۇنغان ۋاقتى، ئۇستازلارنىڭ قەلب دەرۋازىسىنىڭ ئېچىلغان ۋاقتىدۇر.

ئەرلەرنىڭ سىماسى،ۋۇجۇدىدىكى شىجائەتىدىن كۆرۈلسە، ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى،قۇندۇزدەك پارقىراپ تۇرغان،ئۇزۇن-ئۇزۇن تال-تال ئەۋرىشىم چاچلىرىدىن بىلىنىدىكەن ئەسلىدە.

ھەقنى ھەق دىمىسەڭمۇ،ناھەق ئىشلارغا چاۋاك چالما،مەن ئەڭ بىزار كىشىلەر كىم بىلەمسىز؟بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سالغان،كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسلىككە سالغان،ھەققانىيەتنى  قوللىماي،سۈكۈتتە تۇرغان ئەڭ ئاجىز غېرىپ كىشىلەردۇر.

ئۆزىگە تايىنىپ ياشايدىغان كىشىلەر،ئەزەلدىن ھېچكىمنىڭ قەھرىمانلىقىغا مۇھتاج ئەمەس،باشقىلارنىڭ قولى ئارقىلىق بەخت ئىزدەشكىمۇ مۇھتاج ئەمەس.چۈنكى ھاياتلىقتا بىرىنچى بولۇشقا تېرىشىش بىمەنىلىك،بىردىنبىر بولۇش ئاقىلانىلىقتۇر.ب  باشقىلار شان-شەرەپ،نام-ئاتاق ئۈچۈن تېرىشسا،بىرىنچى بولۇشنى ئويلاشسا،ئەكسىنچە، مەن باشقىلارغا ئاز-تولا مەنپەت يەتكۈزەلىسەملا كۇپەيە دەپ قارايمەن،بىرىنچى بولوش ئويۇم يوق،بىردىن-بىر بولۇپ ياشىيالىساملا بولىدۇ.

مۇز بىر كۈندە ئېرىسە،قېتىپ كەتكەن يۈرەك،مىڭ يىلدىمۇ ئېرىمەيدۇ.جىسمىڭنى پارە-پارە قىلىپ تاشلاپ،لەختە-لەختە قىلىۋىتىدۇ.مانا بۇ سىز سەزمىگەن،مەن بىلمىگەن،باشقىلار كۆرەلمىگەن،ھەممىگە كۆنگەن،ئاچچىق،تاتلىق دېمىگەن،تومۇز ئىسسىق، قەھرىتان سوغۇقتىمۇ ئوخشاش تۇرىۋەرگەن،قاتتىق-ژېرىك ھەممىنى سىغدۇرغان، بىلىپ تۇرۇپمۇ،ئۇنى-بۇنى دېمىگەن ئاجايىپ ئېسىل يۈرەك.

مىننەتدارلىق تۇيغۇسى يوق ھەر قانداق ئىنساندىن،ياخشىلىق كۈتۈش ھاجەتسىز.بۇنداق ئىنسان تولىمۇ شەخسىيەتچى بولۇپ،پەقەت ئۆزىنىلا ئويلايدۇ،ئۆزى ئۈچۈنلا تىرىشىدۇ،شان-شەرەپ قارىشى،كوللىكتىپنى سۆيۈش روھى،ئۆزىنى بېغىشلاش ئىستىكى بولمايدۇ،سۆيۈش-سۆيۈلۈشنىمۇ بىلمەيدۇ.

ساختا،جا مالنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتسە،ھىيلىگەر،ساختا ئادەمنىڭ رەڭگى ئۆڭىمەستىن،ئەكسىنچە رەڭ تۈزەپ،رەڭدار بولۇپ كىتىدۇ.

كىشى،ھەسەتتىن يېراق تۇرسا،قەلبى باھاردەك ئىللىيدۇ. شەخسىيەتچىلىكتىن ھالقىپ ئۆتۈپ كىتەلىسە،ئادىمىيلىك يولىغا قەدەم بېسىشقا باشلايدۇ.ئۆزىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتەلىسە،تۇرمۇشنى سۆيۈپ،مەنىلىك ياشاشنى باشلىيالايدۇ. ھەق-ناھەقنى ئېنىق پەرىقلەندۈرۈپ مېڭىش يولىنى تۇتسا، سۆيۈپ-سۆيۈلۈپ ياشاش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيدۇ.ۋاپادارلىق ۋە مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرسە،قەلبى ئىللىپ، قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرىدىن ئوزۇق ئالالايدۇ.مېھرى-مۇھەببەتكە تويۇنسا،كىشىلەر قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالالايدۇ.مەسئۇلىيەت، بېغىغلاش تۇيغۇسىنى يىتىلدۈرسە كەسىپتە ئۇتۇق قازىنالايدۇ. سەمىمىي،راستچىل بولسا،قەلبى گۈزەل ھېس تۇيغۇلارغا تويۇنغان بولىدۇ.گۈزەل ئارزۇ-ئارمان ۋە ئىستەكلىرىنى،قەلبىگە مەھكەم ئويالىسا،ھاياتنى تېخىمۇ رەڭدار قىلىپ،ھاياتلىق مۇساپىسىنى رەڭدار قىلالايدۇ.رېئاللىققا يۈزلىنەلىسە،تېنچ ۋە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.

ھەر قانداق ئادەم ئۆزىگە لايىق ياشايدۇ،پىكىر قىلىدۇ، ھەركەتلىنىدۇ،قوزغىلىدۇ،ئىپادىلەيدۇ.چۈنكى ئىنسانلار، كاللىسىدا بارنى چىقىرىدۇ،تۇيغۇسىدا بارنى ئۇرغۇتىدۇ، جىسمىدا بارنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ،دىلىدا بارنى ئىپادىلەيدۇ.

     





170 قېتىم كۆرۈلدى turhun ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-18 19:42:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ