گۈل ۋەزىپىسى
(فېليەتۇن)
مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا سىنىپنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن،بىر تەشتەكتىن گۈل ئەكىلىشنى ۋەزىپە قىلدى.بالىلار ئۆيگە قايتىپ ئاتا-ئانىلىرىغا دىگەن بولسىمۇ ،لىكىن كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار خىزمەت ۋە باشقا تىجارەت ئىشلىرىنى باھانە قىلىپ بۇ ئىشقا ئانچە ئىرەنشىپ كەتمىدى.بالىلار مەكتەپكە،مۇئەللىمنىڭ ئالدىغا گۈل ئالماي بېرىشتىن قورىقسا ،ئۆيىدىكى دەرىزىلەرگە تىزىقلىق گۈللەردىنمۇ خالىغىننى ئېلىپ بېرىشتىنمۇ قورقايىتتى. ئەمما بۇ سىنىپتىمۇ (ئالاھىدە ئىقتىدار)لىق ئوقۇچىلارمۇ يوق ئەمەسكەن.ئۇلاردىن ئىككىسى مەسلىھەت قىلشىپ ئاخشىمى كەچتە،شەھەر كۆكەرتىش ئىدارىسىدىن مەبلەغ سېلىپ شەھەرنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن يول بويىغا رەتلىك تىزىلغان تەشتەك گۈللەردىن ئەڭ چىرايلىق،ئەڭ كۆركەملىرىدىن تاللاپ ئەكىلىپ ئەتىسى مەكتەپكە ئاپىرىشتى،مۇئەللىم ماختىدى،،،، بۇ ئىككى بالا قىلغان ئىشلىرىنى باشقا ساۋاقداشلىرىغىمۇ دەپ بېرىۋىدى شۇنىڭ بىلەن گۈل تاپالمىغان ئون-نەچچە بالا ئەتىسى ئاخشىمى شەھەر يولىدىن گۈللەرنى تاللاپ ئەكىتىپ،سىنىپقا ئاپىرىشتى،،،مۇئەللىممۇ ناھايىتى خۇرسەن بولدى،سۆيۈندى. بەزى ئاتا-ئانىلارمۇ چىقىمدار بولۇپ يۈرمىدى،ئەمما شەھەر كوچىسىدىكى چىرايلىق گۈللەر بىر -ئىككى ئاخشامدىلا ۋارا-چۇرۇڭلۇق سىنىپقا يۆتكۈلۈپ قالدى.
مەخمۇتجان مەمەت تەشنائى "(ئىجادىيەت)
414 قېتىم كۆرۈلدى | مەخمۇتجان مەمەت تەشنائى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-27 15:40:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|