ئۇچ خىل كۇچكە قارشى تۇرۇپ، ئىككى يۇزلۇمچىلىككە قاخشاتقۇچ زەربە بىرەيلى

 «ئۇچ خىل كۇچ»كە قارشى تۇرۇپ،«ئىككى يۇزلۇمچىلىك»كە قاخشاتقۇچ زەربە بىرەيلى
ياسىن جان سادىق 

ئاقتۇ ناھيە جامالتىرەك يىزلىق ھوكۇمەت كادىرى  


قىرىنداشلار؛
ھەەىمىزگەئايان بىر رايۇن ئىقتىسادنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش-راۋاجلىنالماسلىقى ،ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ ئالغا بىسىش-باسالماسلىقى ،خەلىق ئاممىسنىڭ خاتىرجەم، بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۇرۇش-كەچۇرەلمەسلىكى شۇرايۇن ئىجتىمائى موھىتنىڭ موقۇملىغى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك .ئەگەر شۇ رايۇنىنىڭ ئىجتىمائى ۋەزيىتى تىنىچ،موقىم بولدىكەن  شۇ رايۇننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات ئىشلىرى پۇختا كاپالەتكە ئىگە بولغان بولدۇ.خەلىق ئاممىسمۇ بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرشەلەيدۇ.چۇنكى موقۇملىق-بەخىت،موقۇمسىزلىق-ئاپەت دىمەكتۇر.
يۇرۇتتداشلار؛مەن بىر دىھقان ئائىلسىدە تۇغۇلۇپ ،پارتىيە-ھوكۇمەتنىڭ مىىھرى-موھەببىتى ئاستىدا تەربىيەلىنىپ ئوسۇپ يىتىلگەن ،ئالىى بىلىم يۇرۇتلۇردا ئوقۇپ تەربىيەلەنگەن بىر يىزا ئاساسى قاتلام كادىرى.ئاتا-ئانام بولساجاپالىق تۇرمۇشنىڭ تەمنى تىتىغان ،پارتىيە-ھوكۇمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە ھازىرقى بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشكەنلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلى.ئاتا-ئانام ساۋاتسىز بولغانلىغى ئۇچۇن بىز بەش پەرزەنىتكە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ھەممىمىزنى مەكتەپتە ئوقۇتتى ،شۇنىڭ بىلەن بىز بەش پەرزەنىت ئىچدىن ئۇچىمىز شىنجاڭ ئىچدىكى ئوخشاش بولمىغان ئالىىمەكتەپلەرگە ئوتۇپ ياخشى ئوقۇپ ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ئورۇنلىردا ئىشلەپ  پارتىيە-ھوكۇمەت ،يۇرۇت ئالدىدىكى ئوتەشكە تىگىشلىك بۇرچىمىزنى ئوتەپ كەلمەكتىمىز.ئائىلمىزدىكى قالغان ئىككى پەرزەنىت گەرچە ئالىى بىلىم يۇرۇتلۇردا ئوقۇيالمىغان بولسىمۇ پارتىيەنىڭ غەمخورلىغى ئاستىدا جەميەتنىڭ ھەرساھە قاتلاملىردا ھەر تۇرلۇك كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ئۇزلىرنىڭ بىر كىشلىك رولنى جارى قىلدۇرۇپ كىلۋاتدۇ.مانابۇ پارتىيمىزنىڭ بىزنىڭ ئائىلگە قىلغان غەمخورلۇقنىڭ نەتىجىسى.ئەگەر پارتىيەنىڭ چەكسىز مىھرى-موھەببىتى بولمىغان بولسا بىزنىڭ ئائىلنڭ ،بىز پەرزەنىتلەرنىڭ بۇگۇنكىدەك بەخىتلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى،شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ،جۇملىدىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشدىن ئىغىز ئاچقىلى بولمايتى.
مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدىكى بولۇپمۇ تۇنجى مەكتەپ قوينىغا كىرگەن چاغلارنى ئەسكە ئالغىنىمدا يۇركۇم ئىختىيارسىز قوقاس ئوتتا پۇچلانغاندەك پۇچلۇنۇپ كىتدۇ،شۇ چاغلاردىكى مەكتەپنىڭ شارائىتنىڭ ناچارلىغى،ئوقۇيدىغان سىنىپلارنىڭ ھەممىسى خام-كىسەكلىك،سنىپلاردا جوزا-ئورۇندۇق يوق دىيەرلىك، قىش كۇنلىرى تۇززۇك ئىسىمغان،مەكتەپكە باردىغان يوللارنىڭ ناچارلىغى،بۇ مەن ئۇچۇن بىر ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئوتمۇش.
مىنىڭ يۇرتۇم ئاقتۇ ناھيە بازارلىق ھوكۇمەت ياغچاق كەنىت بولۇپ بۇرۇن مىنىڭ يۇرتۇمدا كەنىت بويچە بىر ئىغىزمۇ پىششىق قىشلىق ئويدىن ئىغىز ئىچىش ئەسلا مومكىن ئەمەس، ھەممىسى خام كىسەكتىن قۇپۇرۇلغان چامما تاملىق ئۈيلەر ئىدى،قىش كۇنلىردە ھەممە ئائىللەردە خام كىسەكتىن ئۇزى سىلۋالغان تام مەش ئوچاق  قالايدىغان كومۇر يوق ئاساسلىغى قوناق شىخى،شاخ-شۇمبۇلار يىقىلغۇ قىلناتتى.ھازىرقىدەك ئازادە ،يورۇق ،ئىسسق ئۈيلەردىن ئەسەر يوق.
قىرېنداشلار،يۇرۇتداشلار؛مەن سىللەردىن شۇنى سوراپ باقاي  بىزقاچاندىن باشلاپ كۇلۇپ ياشدۇق؟قاچاندىن باشلاپ قوسقىمىز تويدى؟كېيىممىز پۇتۇن بولدى؟قاچاندىن باشلاپ ئازادە-يۇرۇق ئۈيلەردە ئولتۇردۇق؟بىز مىڭۋاتقان يوللۇرمىز قاچاندىن باشلاپ قاتتىقلاشتۇرۇلدى؟ئىگەچاقسى يوق قىرلارنىڭ،يىتىم-يىسىرلارنىڭ تۇرمۇشى قاچاندىن باشلاپ كاپالەتكە ئىگە قىلىندى؟قاچاندىن باشلاپ ساپ سۇ ئىچەلەيدىغان بولدىڭىز؟پەرزەنىتلىرڭىز مەكتەپتە ئوقۇسا پۇل تاپشۇرۋاتامسىز؟بۇرۇن يىزا ئىگلىك زىرائەتلىرنى تىرسىڭىز ،يىزا ئىگلىك ماشىنلىرى سىتۋالسىڭىز،ئائىلە ئىلىكتىر ئۇسكۇنلىرى سڭتۋالسىڭىز،تولۇقلىما ئىلىپ باققانمىدڭىز؟ھازىرچۇ؟بۇنى سوزلىمسەممۇ ھەممىزگە بەش قولدەك ئايان.قىرىندىشىم ھازىر داۋالانسىڭىز قانداق قىلۋاتسىز؟ئالى مەكتەپتە بالا ئوقۇتسىڭىز قانداق قىلۋاتسىز؟ياشانغاندا قانداق قىلۋاتسىز؟بۇنۇڭدا جاۋاپ :--پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقغا ئىرىشتۇق ھەم ئىرشىۋاتمىز.
قىرىنداشلار؛سەگەكلىك بىلەن ئويلىنىپ باقايلى ئەگەر پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكى،ئەلگە نەپ يەتكۇزۇش سىياسەتلىرى بولمىغان بولسا ،ھەرقايسى قىرىنداش مىللەتلەرنىڭ شەخسىيەتسىز ياردىمى بولمىغان بولسا بىز ھازىرقىدەك كۇنگە ئىرشەلەيتوقمۇ؟
مانا مەن ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە يىزا ئاساسى قاتقامدا ئىشلەپ كىلۋاتقىنقمغا يىگىرمەنەچچە يىلدىن ئاشتى،مانا مۇشۇ خىزمەت ھاياتىمدا نامرات ئائىللەرگە ئايمۇ-ئاي پۇل تارقىتىۋاتقان،يىمكى تۇگەپ كەتكەنلەرگەئۇن،توڭاپ قالغانلارغا كۇمۈر تارقىتىپ كڭلۋاتقان بىرەر بايۋەچچىنى كورگۇنۇم يوق.ئەڭ ئاددى مىسال سىز ۋە مەن ئۇرۇق- تۇققىنمىز ئاغرىپ قالسا ئۇدا ئۇزۇلدۇرمەي داۋا لىتىپ باقتىقمۇ؟تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانلارنى ئايمۇ-ئاي يۇلەپ باقتىقمۇ؟ بىزنى بىقىپ چوڭ قىلغان ئاتا- ئانمىزغا قانداق قىلۋاتمىز؟بۇنى پەقەت بىزنىڭ پارتىيمىز بىزنىڭ ۋەتنىمىزلا قىلالايدۇ ۋە قىلۋاتدۇ،مۇشۇنداق بىر مىليارىت 300مىليۇندىن ئارتۇق نۇپۇسقا ئىگە ۋەتنىمىز 56 مىللەتكە ئوخشاش بىر كوزدە قاراپ  خەلقارادا باشقا دۇلەتلەر قىلىپ باقمىغان  سىياسەتلەرنى ۋۇجۇتقا چىقرىپ خەلىق تۇرمۇشنى ياخشىلاۋاتدۇ.
لىكىن پۇتكۇل جەميەت بەخىت تۇيغۇسغا چۇمگەن بۇگۇنكى كۇندە «ئۇچ خىل كۇچ»تىن ئىبارەت بىر ئۇچۇم ئاز ساندىكى مىللى مۇناپىقلار،مىللەت ،دىن بايرىقنى ئىگىز كۇتۇرۋىلىپ دىن بىلەن نىقاپلانغان  دىنى ئەسەبى ئىديە تارقىتىپ ئاز ساندكى كىشلىرمىزنى ئازدۇرۇپ ،ئۇلارنى جىھاد قىلىشقا كۇشكۇرتۇپ ،تېرورلۇق،زۇراۋانلىق،مىللى بولگۇنچىلىك ۋەقەلىرنى پەيدا قىلىپ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ياردەملەشمەك،ئىېتپاقلاشماق،ئۇيۇشماق دىگەن ناممىمزغا داغ كەلتۇردى ھەمدە ئۇزلىرنىڭ رەزىل مايتىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.ئۇلار سۇتسىيالىستىك مىللى مۇناسىۋەت،دىنى سىياسەتكە قارشى تۇرۇپ ھەر قايسى مىللەتلەر ۋە دىنلار ئارسىغا سوغاقچىلىق سىلىپ بىز ئۇيغۇرلارنى ئۇز ئىچگە ئالغان ھەر مىللەت قىرىنداشلىرغا رەھىمسىزلىك ۋە شەپقەتسىزلىك قىلدى.
قىرىنداشلار؛
«ئۇچ خىل كۇچ»لەربىزنىڭ مەڭگۇ كەچۇرۇشكە بولمايدىغان  ئەشەددى دۇشمىنمىز،بىز ئۇلار بىلەن چەك-چىگىرنى ئىنىق ئايرىپ قارشى تۇرشىمىز ئۇلار بىلەن بولغان كورەشنى قەتئى بوشاشتۇرماي ئۇلارنى بىتچىت قىلشىمىز ،ئۇلارغا قەتئى بوشلۇق قالدۇرماسلىقمىز كىرەك.«ئۇچ خىل كۇچ»نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرشىدكى ئاساسى سەۋەپ زادى نەدە؟
مىنڭچە«ئۇچ خىل كۇچ»لەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرشىدكى ئاساسى سەۋەپنى  يەنلا بىزنىڭ بىر قىسىم كادىرلىرمىز،پارتىيە ئەزالىرمىز، دىنى زاتلىرمىز ۋە خەلىق ئاممىزدىن ئىزدىشمىز كىرەك.چۇنكى ئۇلار «ئۇچ خىل كۇچ»لەرنى ئۇزنىڭ تۇققىنى ،دوستى،قىرىندىشى دەپ قاراپ ،ئۇلارنىڭ ۋەتەننى ،مىللەتنى پارچىلاش قىلمىشلىرنى كورسىمۇ كورمەسكە سىلىپ ،ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرنى يۇشۇرۇوپ چاپان يىپىپ  ئۇز ۋاختىدا تەشكىلگە مەلۇم قىمماي يۇرگەنلىكى،ئۇلارنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاپ «ئىككى يۇزلۇملىك»قىلۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.«ئۇچ خىل كۇچ»لەر نەدە «ئككى يۇزلۇم»چىلىك بولسا شۇ يەرنى ئۇزنڭ پائالىيەت مەيدانى قىلغان .«ئىككى يۇزلۇمچى» كىشلىرمىز ئارمىزدا بولغاچقا ئۇلار ئۇزلىرنىڭ ھەركەت يولنىشنى ،ھەركەت نىشاننى توختاتمايدۇ،«ئىككى يۇزلۇمچى»سوزى بىلەن ھەركىتى بىردەك بولمايدىغان ،ئالدىدا بىر خىل ،كەينىدە بىر خىل گەپ قىلدىغان،تىلى ھەسەل دىلى زەھەر،ئىچى بىلەن تىشى بىردەك بولمايدىغان،ئاغزىدا كۇلكە-چاقچاق،قوينىدا پالتا –پىچاق،ھىلگەر تۇلكىگە ئوخشاش كىشلەرنى كورسىتدىغان بولۇپ بۇنداق كىشلەر ھىلھەم مەۋجۇت.ئۇلارغا قەتئى ئىشنىشكە بولمايدۇ،ئۇلارنى تىپىپ چىقىپ  بىخ ھالتىدە بىتچىت قىلغاندىلا «ئۇچ خىل كۇچ»لەرنىڭ راك ھۇجەيرىسدەك يامراپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ رايۇنمىزنىڭ موقۇملۇقىغا ھەققى كاپالەتلىك قىلالايمىز.
قىرىنداشلار؛
بىزنىڭ تۇپرىقمىزدىن ،ئارمىزدىن،«ئككى يۇزلۇمچى»،«ئۇچ خىل كۇچ»لەر يوقمايدىكەن،رايۇنمىزدا موقۇملۇق، تىنىچلىق بولمايدۇ،تىنىچلىق موقۇملۇق تەرەققىياتنىڭ ئاساسى،بىز بۇ ئاساسقا كاپالەتلىك قىلالمىساق بىزنىڭ ئومومى نىشانىمىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ،ھىچقانداق ئىشمىز ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ،ئەڭ ئاددىسى كوچا-كويلارداخاتىرجەم ماڭالماسلىقمىز،سودا-سىتىق ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنالماسلىقمىز مومكىن.بىز بەخىتلىك تۇرمۇش موھىتى يارتىمىز دەيدىكەنمىز ئومومى نىشاننى چوردىگەن ھالدا بارلىق كۇچنى سەپەرۋەر قىلىپ بىرىكمە مۇشىت ھاسىل قىلىپ ئارمىزدىكى ،يىنمىزدىكى «ئىككى يۇزلۇمچى»كىشلەربىلەن بولغان كورەشنى قەتئى داۋاملاشتۇرۇشىمىزكىرەك.
قىرىنداشلار،يۇرۇتداشلار؛
پارتىيە ھوكۇمەت بىزدىن زور ئومۇتلەرنى كۇتمەكتە،ھازىرقى ۋاقىت پايدا-مەنپەت قوغلىشدىغان،ئابروي قوغلىشدىغان،ھوقوق تالشىدىغان ۋاقىت ئەمەس،بىز ھازىر ۋەتەنپەرۋەر بىلەن ۋەتەن خائىننى ئايرىيدىغان ھەل قىلغۇچ پەيىتتە تۇرۋاتمىز،بىز ھەممىمىز ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتپاقلىغى ئۇچۇن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ «ئۇچ خىل كۇچ »،«ئىككى يۇزلۇمچى»لەر بىلەن قەتئى ئاداققىچە كورەش قىلىپ،ئۇلارغا قاخشاتقۇچ زەربە بىرىپ  ئاپتۇنۇم رايۇنمىزنىڭ ئىجتىمائى موقۇملىغى ۋە ئەبەدى –ئەمىنلىكى ئۇچۇن بىر كىشلىك توھبە قوششىمىز كىرەك .
«ئۇچ خىل كۇچ»لەر،«ئىككى يۇزلۇمچىلەر»ئارمىزدىن مەڭگۇ يوقالسۇن.ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ ئىتپاقلىغى مەڭگۇ ياشىسۇن.
     





590 قېتىم كۆرۈلدى ياسىن جان سادىق (يادىكار) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-2 3:16:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ