ئانامغا يازغان خەت
گۈلنۇر
ئەي جاپاكەش مىھىرى ئىللىق ،قەلبىي گۈلخان ،خۇش تەبەسسۇم جان ئانا ،سىزنىڭ باغرىڭىز چەكسىز دىڭىزغا ئوخشاش شۇنچە كەڭ ، سىز تىيانشان تاغلىرىدەك شۇنچىلىك قەدىرلىك ، سىز شۇ بۇران -چاپقۇنغا پەرۋا قىلماي قەدىنى تىك تۇتۇپ مىڭ يىل ياشايدىغان شۇ توغراقدەك بەك قەيسەر .ئانا سىز بىز ئۈچۈن بىر قورغان ، ئانا سىز بىز ئۈچۈن يۇمىلاپ ئوينايدىغان بىر يايلاق ،ئانا سىز بىز ئۈچۈن بىر ئوقۇتقۇچى ،ئانا سىز بىز ئۈچۈن زىمىستان قىشتىن قوغدايدىغان بىر گۈلخان ، ئانا سىز بىز ئۈچۈن بىر پەرىشتە ، ئانا سىز بىز ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلىغۇچى ، ئانا سىزنىڭ شۇ ئىسل خىسىلەتلىرىڭىزنى تىل بىلەن تەسۋىرلىشكە تولىمۇ ئاجىزمەن ·
جىنىم ئانا سىز بىز ئۈچۈن ئوتىمىزدا كۆيۈپ سۈيىمىزدە ئىقىپ ، خوشالىقىمىزدىن بەكەرەك خاپىلىقىمىزغا ئازاب -ئوقىبىدىمىزگە ھەمراھ بولۇپ دەردىڭىزنى ئۆزىڭىز بىلىپ بىزگە خوشالىق ئاتا قىلىىش ئۈچۈن جان پىدا قىلىپ كىلۋاتقان پەردە ئارقىسىدىكى بىر قەھىرمان ، ئانا بىز سىز ئۈچۈن ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمىدۇق ، سىزنىڭ ئىغىرچىلىقىڭىزنى ،ئۈستىڭىزدىكى شۇ ئىغىر بىسىمنى يەڭگىلىتىشنىڭ ئورنىغا سىزگە ھەسىلەپ بىسىم ، غەم -قايغۇ ، ئىغىر يۈكنى ئارتىپ قويدۇق ، جىنىم ئانا دادام ھايات بولغان بولسا سىز بۇنچە قىينالماس بولغۇيتىڭىز ھەممە ئېغىر يۈك سىزگە يۈكلەنمەس ئىدى ،
بىز دادامدىن ئايرىلغاندىن بىرى سىز بىزگە ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ توقۇزىمىزنى تەل قىلىپ باشقىلار ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن بارىڭىزنى بىزگە تەقدىم قىلىپ بىزنى تۆتنىڭ بىرى قىلىپ يىمەي يىگۈزۈپ كىيمەي -كەيگۈزۈپ باياشات تۈرمۇش ھازىرلاپ بەردىڭىز بىز ئۈچۈن بەلىلىرڭىز مۇكچىيىپ ،يۈز -قولۇرىڭىزنى ئۆتكەن يىلارنىڭ ئىزلىر بىسىپ يول -يول قۇرۇقلار قاپلىدى ، سىز بۇلار ئۈچۈن ۋايسىمىدىڭىز ،سىز بىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت قەدىڭىزنى تىك تۈتۈپ بىزگە ئۈلگە بولۇپ كەلدىڭىز ، ئىچىڭىزدە لىق دەرت -ئەلەم بولسىمۇ بۇلارنى بىزگە بىلدۇرمەسلىك ئۈچۈن ئىچىڭىزدا روزا تۇتۇپ تىشىڭىزدا ھېيىت ئېيتىڭىز .جىنىم ئانا شەخسەن مەن ئۆزۈم سىزگە تۈگىمەس -پۇتمەس ئىغىر يۈكنى ئارتىپ يۈرەك باغرىڭىزنى لەختە قان قىلىپ كەلدىم ، مىنىڭ ئاجىزلىقم ، مىنىڭ مىسكىنلىكىم سىزنى ھەم بەك قىينىدى ، رەھمسىز تەقدىر قىسمەت سىزگە كۆتۈرۈپ قوپقىسىز ئازابلارنى بەردى ئەمما سىز بۇنىڭ ئۈچۈن بىر رەت ۋايسىمىدىڭىز سىز پەقەت ئۆزىڭىزگە سەبىرنى ھەمراھ قىلدىڭىز ، جىنىم ئانا سىز تارتىۋاتقان مۇشۇ قىيىن كۈنلەر باشقا ئانىلارنىڭ بىشىغا كەلمىسۇن ، سىز بىزنىڭ ئالدىمىزدا بىزگە خوشالىق ئاتا قىلىش ئۈچۈن كۈلۇپ بىزگە تەسەلىي مەدەت ھەم ئىلھام بىرىپ بىزگە خوشالىق ئاتا قىلسىڭىز بىز يوق يالغۇز قالغان ۋاقىتلاردا ئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ يىغلاپ بىزنى كۆرگەندە ھىچ ئىش بولمىغاندەك يەنە خۇش تەبەسسۇم بىلەن بىزگە چاندۇرماسلىقا تىرىشتىڭىز ، سىزنىڭ خوشال بولغان چاغلىرىڭىزدىن ئازابلانغان ۋاقىتلىرىڭىز كۆپ بولدى .
جىنىم ئانا سىز بىزنى ئۆي ئوچاقلىق قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئەمدى ئارام ئالسىڭىز بىزنىڭ دەردىمىزنى تارتمىسىڭىز بولاتتى ئەمما بىز يەنىلام سىزگە دەم ئىلىش پۇرسىتى بەرمەي يەنە سىزنى قىيناپ كەلدۇق ، جىنىم ئانا سىز ئاكا - ئاچىلىرىمنىڭ دەردىنى كىچىك ۋاقتىدا تارتقانسىز ئۇلا ئۆي -ئوچاقلىق بولۇپ ئۆز ھۆدىسىدىن چىقىدەك بولغاندا ئۇلار سىزگە ئانچە ئىغىرچىلىقنى سالمىدى بەزەن بىر ئۇشاق -چۈشەك تۈرمۇش ئىشلىرى تۈپەيلىي ئازىراق غەمگە سالسىمۇ يەنىلام ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىپ سىزنى بۇ غەملەردىن خالاس قىلىشاتتى ، سىز ئۈچۈن ئۇلار ھەر ۋاقىت تىك تۈرۈپ سىزنىڭ ئەجىرىڭىزنى قايتۇرۋاتىدۇ ، سىزنى رازى قىلىش سىزنى خوشاللىقا ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشۋاتىدۇ ، ئەمما مەن بولسام سىزگە يەنىلام يۈك بولۇپ سىزنى غام -قايغۇ ،دەرت -ئەلەمگە سىلىپ سىزگە خاتىجەملىك بەرمەي كىچىك ۋاقتىمدا دەدىمنى ئاز تارتقاندەك ھالا بۈگۈنكى كۈندە بىر بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ تۈرۇقلۇق يەنە سىزگە جاپپا سىلىپ ئۆزۈمگە قارىتىپ يۈرۋاتىمەن ، ئەسلىي مەن سىزنى نەچچە قەۋەت كۆرۈپىدە ياتقۇزۇپ ھەممە نەرسىڭىزنى تەل قىلىپ ھالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئالسام بولاتتى ئەمما مەن ئۇنداق قىلالمىدىم سىزگە يۈك بولۇپ سىزنى ئۆز ھالىمدىن خەۋەر ئىلىشىڭىزغا قاراپ تۇردۇم ، تەن ساقلق زور بايلىق دىگەن ھەقىقەتەن توغرا ئىيتىلغان ھىكىمەتلىك سۆز ئىكەن تەن ساق بولسىلا ھەممىنى رازى قىلغىلىي ھەممە ئىشىنى ئۆزى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىپ ھەمىگە خوشالىق ئىلىپ كەلگىلىي بولدىكەن ئەمما ئادەمگە بىر كىسەل چاپلىشىپ قالسا ئۇنىڭدىن قۇتۇلماق بەك تەس ئىكەن بۇنداق كىسەل كىشى يا ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا ئارامچىلىق بەرمەي ھەممىنى تەڭ قىيناپ يۈك بولىدىكەن مانا مەن شۇ يۈك ھىچكىمگە ئارامچىلىق بەرمەيدىغان ھەممىگە بىسىم ھەم دەرت -ئەلەم سالىدىغان بىر يۈك بولغاچقا بىچارە جاپاكەچ ئانام ماڭا قاراپ ھالىمدىم خەۋەر ئىلىپ كىلۋاتدۇ ئاپامغا قاراپ ئىچىم بەك ئىيتىشىپ ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئىتىپ ۋارقىراپ يىغلىغىم كىلدۇ ئەمما ئۇنداق قىلمايمەن ماڭا قاراپ كۆزلىرىدىن ياش قۇرىمايدىغان شۇ جاپاكەش ئانامنى يەنە ئازابلىسام بولمايدۇ شۇڭا مەن يىغلىماسلىقا تىرىشىمەن مەن ئانام ئالدىدا ساختا يالغان كۈلكە بىلەن ئانامغا تەسىلىي بىرىمەن ئانام مىنى ئاياپ دەردىنى ئىچىكى يۈتۈپ مەن ئۈچۈن كۈندە مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلىپ ماڭا چاندۇرماسلىقا تىرىشىپ مىنىڭ كۆزۈمگە قاراپلا يۈرىدۇ مەنمۇ شۇ جاپاكەش ئانامغا باشقا بالىلارغا ئوخشاش دۇنيانىڭ ئىللىقلىنى ھىس قىلدۇرغۇم ئۇنىڭ يۈكىنى يەڭگىلەتكىم ئۇنى تۆردە ئولتۇرغۇزۇپ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇم بار ئاننىڭ بىزگە بەرگەن شۇ ئاق سۈتى ئۈچۈن ئانىنى نەچچە رەت كۆتۈرۈپ ھەرەمگە ئاپارساقمۇ يەنىلام بالىنىڭ قەرىزى ئادا بولمايدىكەن جىنىم ئانا سىزنىڭ ماڭا سىڭدۇرگەن شۇ ئەجىرىڭىزنى قانداقمۇ قايتۇرۇپ بولامەن ، جىنىم ئانا سىزنى قانداق رازىي قىلارمەن ؟جىنىم ئانا ماڭا بەرگەن شۇ ئاق سۈتىڭىزنى قانداقمۇ ئاقلارمەن ؟ مەن سىزگە جىق قەرىزدار مەن بۇ قەرىزىمنى قانداقمۇ قايتۇرارمەن ؟ ئانا مىنى كەچۈرۈڭ سىزگە جىق جاپا سىلۋاتىمەن جىنىم ئانا مەندەك ئاجىز مىسكىن قىزىڭىزدىن رازى بولۇڭ ،جىنىم ئانا سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن !سىز مەن ئۈچۈن مىنىڭ مۇشۇنداق ئازابلىق ھاياتىن قول ئۈزمەي ھەممىگە بەرداشلىق بىرەلىشىم پەقەت سىز ئۈچۈن سىز يىنىمدا بولغاچقا مەن ھەممىگە چىدايمەن ھەم بەردرشلىق بىرىمەن.
جىنىم ئانا سىز بىز ئۈچۈن تۈگىمەس بايلىق ،سىز بىز ئۈچۈن ئەڭ قىمەتلىك ئەڭگۈشتەر، سىز بىز ئۈچۈن بىباھا گۆھەر ، بىزنىڭ بارلىقىمىز ھەم مەدەتكارىمىز جىنىم ئانا سىز ئامان ئامان بولۇڭ سىز بىز ئۈچۈن مەڭگۈ مۇشۇنداق يىنىمىزدا بولۇڭ ،جىنىم ئانا جاپا چەكتىڭىز ،ئۇلۇغ ئىگىمىز سىزنىڭ تىنىڭىزنى ساق - سالامەت ،ئۆمىرىڭىزنى ئۇزۇن ،ئالتۇن تىنىڭىزنى ئامان قىلسۇن بىزنىڭ ھاياتلىق ئەڭگۈشتەرىمىز جنىم ئانا ………سىزنى ئۇلۇغ ئىگىمىز ئامان قىلسۇن .
399 قېتىم كۆرۈلدى | گۈلنۇر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-29 4:29:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-3-31 16:21:46 | Ajim aili |
Bak yahxi yizliptu,sining izdinixngiz bizning olgimiz. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|