بىر كۈنى ....
باشلانغۇچتا ئەڭ ئەسكى ساۋاقدىشىڭىزنىڭ
جىمجىتقىنە بىر قەھۋاخانىدا تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز .
بىر كۈنى ...
تولۇقسىزدا ئەڭ ياۋاش يۈرگەن
قىزنىڭ كوچىدا تاماكا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز .
بىر كۈنى ...
تولۇقتا ئەڭ ئالا كۆڭۈل دەپ قارىلىدىغان كىشىنىڭ
كىشىنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن بالىسىنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرۋاتقانلىقنى كۆرىسىز .
بىر كۈنى ...
سىز ئەڭ مۇتەئەسسىپ دەپ قارايدىغان كىشىنىڭ
بالىسىغا ئەڭ ياخشى تەربىيە بېرىۋاتقىنىنى كۆرىسىز .
بىر كۈنى ...
دائىم ئىشخانا خىزمەتچىلىرىنى مەسخىرە
قىلىدىغان بىرسىنىڭ ئىشخانىغا بەند بولۇپ بىر
ئۆمۈر چىقالمىغانلىقنى كۆرىسىز .
بىر كۈنى ...
مەكتەپتە ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق دەيدىغان
ساۋاقدىشىڭىزنىڭ بالىسىنى ياخشى ئوقۇماپسەن
دەپ ئۇرۇۋاتقىنىنى كۆرىسىز .
بىر كۈنى ...
بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمايدىغان ئاشىق مەشۇقلارنىڭ
بىر بىرىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىز .
بىر كۈنى ...
بىز تەسەۋۋۇرىمىزىنىڭ خائىنى بولۇپ چىقىمىز .
ئەڭ لۈكچىكى ئوقۇتقۇچى
ئەڭ ياۋىشى لۈكچەك
ئەڭ ئالا كۆڭۈللىرى ياخشى ئاتا ئانا
ئەڭ نامراتلىرى خوجايىن
ئەڭ بايلىرى ئىشچى
بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
بىر كۈنى ..
سۆيگەن ئادىمىڭىزنىڭ ئاشخانىدا سىزگە تاماق توشۇپ كېلىۋاتقانلىقنى كۆرىسىز .
بىر كۈنى ...
ئەڭ يېقىن ئاغىنىڭىزنىڭ گەپ
قىلغاندا ئۆزلىرى دەپ قوشۇپ قويۇۋاتقانلىقنى كۆرىسىز .
بىر كۈنلىرى ...
بىز ياشاپ ياشاپ قانداق بوپقالارمىز…
ـــــــــ رەپقەت تۇران
| 316 قېتىم كۆرۈلدى | RapkatTuran | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-26 7:26:56 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|