ئەدەبى سالام خەت (قەبرىستانلىقتىكى ئانامغا) - باھارگۈل مەمەت

ئەدەبى  سالام  خەت (قەبرىستانلىقتىكى ئانامغا) 

 باھارگۈل مەمەت


   مېنى قولىغا قەلەم ئالدۇرغان ، قەلىب بۇلقىمدىن ئۈنچىلەرنى چاچقۇزغان ،ئانا يۇرتۇم پەيزىۋاتنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن قېنىپ-قېنىپ نەپەس ئالغان ، ئەمما قىممەتلىك ھاياتى قىسقا كېلىپ بۇ يۇرۇق دۇنيادىن خوشلاشقان مېھرىبان،سۈيۈملۈك ئانامغا ، سىزنى سېغىنىپ چىرايلىرى كەچكۈز يوپۇرماقلىرىدەك سارغايغان ، سىز ئەڭ ئامراق قىزىڭىز باھارگۈلدىن ئوتلۇق سالام !!
    ئەسسالام پەرزەنىت ئوتىدا كۆيۈپ سۈيىدە ئاققان ،ئەسسالام بارلىقىنى پەرزەنتىنىڭ بەختى ھەم تەختى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن ،ئەسسالام پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىنىڭ مېھرى ھەم چېھرى بىلەن يۇرۇتقان «بىر دانەم »ئانا ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟ بوۋا -مومىللىرىمچۇ؟ھەقاچان مەندىنمۇ ئەھۋال سورايسىز ھە ئانا؟!سىزگە دېسەم ،مەنمۇ ،ئۆيدىكلەرمۇ ،يۇرت-مەھەلىمۇ سالامەتچىلىك،لېكىن سىزنى  شۇنچە  سېغىندۇق...
بىلەمسىز ئانا ،سىز كەتكەندىن بېرى ئۆلۈم-يىتىم ،توي-تۆكۈنلەردە ،ئاشۇ مېھرىبان ئانىلار قاتارىدىن سىماسىىڭىزنى ئىزلىدىم ؛ كوچىلاردا باللىرنى ئەركىلتىپ ،پىشانىسگە سۆيۈپبىللە مېڭىۋاتقان پەرىشتىلەر قاتارىدىن سىماسىڭىزنى ئىزلىدىم ؛پەرزەنىتلىرى يىقىلغاندا قولىنى سوزغان ،پەرزەنىتلىرىنىڭ قەلبىگە مەغلۇبىيەت ئوقياسى سانجىلغاندا ،جىسمىدىكى ئىبرەت قالقىنىدا توسقان ئاشۇ قەيسەر ئانىلار قاتارىدىن سىماسىڭىزنى ئىزلىدىم ؛كېچىللىرى ئاي يۇرۇقىدا ھال-مۇڭ بۇلۇۋاتقان ،ئۆزىنىڭ كۈلكە -چاقچاقلىرى بىلەن زېمىستاننى باھارغا ئايلاندۇرۋاتقان خىزىر سۈپەت ئانىلار قاتارىدىن سىماسىڭىزنى ئىزلىدىم .
    كىم دېگەن بولغىيتى :«ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ »دەپ .بۇ ئادەم خاتا دەپتۇ ھە ئانا !؟بەلكىم ۋاقىت ھەممىنى    ئۇنتۇلدۇرۇشقا قادىردۇر،لېكىن بىر ئانىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان چىن مېھرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇلدۇرالمايدىكەن .نېمە ؟!نېمىشقا دەپ سوراۋاتامسىز ؟چۈنكى —ۋاقىت ئۆتكەنسىرى سىزنى تېخىمۇ سېغىنىۋاتىمەن ،پۈتۈن ئەسيادىمدا سىز :«بازار ئايلانسام ،سىزگە ماس كىلدىغان كىيىملەرنى كۆرسەم ئانام بولسا كىيەتتى ھە ،دەپ ئويلاپ ،كىيىملەرنى سىليلاپ كېتىمەن ؛كوچا ئابتوبوسلىرىغا چىقسام ،سىز بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئانىلارنى كۆرسەم ،ئانام بولغان بولسا ،مۇڭداشقاچ مەنزىلىمگە يەتسەم دەپ ئويلاپ كېتىمەن ؛ئۆيدە سىز ئامراق تاماقلارنى ئەتكەندە ،ئانام بولسا ،بىر پىيالە ،ياق،بىر قوشۇق بولسىمۇ  يىۋالاتتى دەپ خىيال قىلىپ كېتىمەن؛ سىز ئۆز قولىڭىز بىلەن ئۆستۈرگەن ئۇزۇن چاچلىرىمنى تارىغىنىمدا ،ئانام بولسا چېچىمنى تارىسا،مەن قۇچىقىدا دەقىقە بولسىمۇ يېتىۋالسام دەپ شېرىن خىياللارنى سۈرۈپ كېتىمەن ......»
    ئىشقىلىپ ئوتىڭىز يامان ئىكەن ،چىدىمىدىم ،قانداق قىلاي ،شۇ  ئۇنى -بۇنى خىيال قىلىپ سېغىنىش ئوتۇمنى ئازراق  بولسىمۇ ئۆچۈرەي!
    ھە راسىت ئانا ،قايسى كۈنى ئاكاملار ئىشتىن چۈشۈپ بارىمىز دېگەنىدى،مەنمۇ بالدۇرلا ئىشتىن چۈشۈپ تاماققا تەييارلىق قىلۋاتاتتىم تۇيۇقسىز ماشىنا سىگنال بەردى..چىقىپ قارىسام ،ئاق رەڭلىك ماشىنا دەرۋازىمىز ئالدىدا توختىدى،دە- ئالدىدىن ئاكامنىىڭ ئوغلى «ئاچا ،ئاچا »دەپ قۇچاق ئېچىپ كەلدى ،بۇ ھېلقى سىزگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن لېكىن سىز  كۆرەلمىگەن ئاكامنىڭ ئوغلى .ھازىر يېزىلاردىمۇ ماشىنا ئومۇملىشۋاتقان بولسىمۇ ،ئاكام مېنى ،ئېنى -سىڭىللىرىمنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتىمەن ،دادامغا ياردەملىشىپ ئۆينىڭ ئېغىر-يېنكىنى كۆتۈرمەن دەپ ماشىنا ئالمىغان ئىدى،مانا ئەمدى سىزنىڭ ھايات چېغىڭىزدىكى ئازۇيىڭىز بويىچە ئاق رەڭلىك ماشىنا ئاپتۇ .بەلكىم ئاكام سىز بۇرۇن قىلغان «بالام ،ياخشى ئوقۇپ ئەنە ئاشۇنداق ئاق رەڭلىك ماشىنا ئېلىپ ، مېنى ساياھەتكە ئېلىپ چىقىڭلار »دېگەن سۆزىڭىزنى ئىسىدە ساقلىغان بولسا كېرەك.تاماقنى يەپ بولۇپ تارقايدىغان ۋاقىتمۇ بولدى،ئاكاملار كېتىدىغان چاغدا:«ئاكا، ئاق يول بولسۇن !»دېدىم،بەلكىم سىزمۇ بولسىڭىز :«بالام ،ماشىنىنى ئاستىراق ھەيدىگىن ،ئاق يول بولسۇن ئوغلۇم  »دەپ پىشانىسگە سۆيۈپ كېتەتتىڭىز ھە ئانا!؟
    جېنىم ئانا ،سىزگە كۆڭۈل سىرلىرىمنى ئېيتىپ خېلى يىنىكلەپ قالدىم ،يەنە سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن يۈرەك سۆزلىرىم بار ئىدى، كەچتە يەنە قەلىب دۇنيارىمدا سىردىشامەن ،تەربىيەلىك ھېكمەتلىرىڭىزنى ئاڭلامەن ،گەرچە سىز بولمىسىڭىزمۇ ،قەلىب ئېتىزىمغا تېرىغان «ئەخلاق گۈلى »ڭىزنى ئاسرايمەن ،سىز مېنىڭ شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك يول باشچىمىز ،ھاياتلىق يولىمىزنى يۇرۇتىدىغان چولپان يۇلتۇزىمىز !!
    ئانا ياتقان يېرىڭىز جەننەت بولغاي !!
                       سىزنى سۆيۈپ يۈرەك پارىڭىز باھارگۈل
                                     2016.11.27
     





764 قېتىم كۆرۈلدى باھارگۈل مەمەت (14430) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-28 0:57:05  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-31 4:53:01 ئابلىكىم
ياخىشى يېزپسىز دۋاملىق تىرشىڭ 💐💐👍
2016-12-2 16:49:09 ئاقسۇلۇق كاۋا
بەك ياخشى يېزىپسىز ،قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن جېنىم دوستۇم 😊😊😊😊
2016-12-2 4:04:01 بۇزۆھرە
شۇنداق ياخشى يېزىپتۇ باشقىلار شۇ «بىر دانىسى »يېنىدا بولغاچ قەدرىنى بىلمەيدۇ قەدرىنى قىلاي دىگەندە ئۇلار بامۇ يوق ھىشكىمگە نامەلۇم ؛شۇ قەدىردانلىرىمىز شۇ ھاياتىمىزنىڭ سۇلتانلىرى ھايات چېغىدا ئۇلارنىڭ قەدرىنى قىلىيلى ئۇلارغا ئازار بەرمەيلى
2016-12-2 0:39:31 رۇقىيە
بەك ياخشى
2016-12-1 23:29:05 قەلبىنۇر
چىن ھىكايە بولغاچ يۈرىكىم يىغلىدى.ياخشى يىزىلىپتۇ.
2016-12-1 23:14:30 قەلبىنۇر
قىرىندىشىم ئاۋال سىزنى بىقىپ ئۆستۈرگەن ئانىڭىزغا تەشەككۈر ئىيتىمەن.ھەممىمىزنىڭ مىھرىبان ئانىسى ئامان بولسۇن.ئۇلارنى قەدىرلەيلى .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ