[▓] ئۆتمۈش كەلگۈسىنىڭ ئانىسى [▓]
※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※
[▓▓] ئۆتمۈش توغۇرسىدا خىياللىرىم ئۈزۈندىلىرى [▓▓]
〔 مەنسۈر مۇھەممەت 〕
※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※
ئۆتمۈش ــــــــــ ئۇ چۈش !
ئۆتمۈش ــــــــــــــ ئۇ تارىخ !
ئۆتمۈش ـــــــــــــــ ئۇ ئىبرەت !
ئۆتمۈش ـــــــــــــــــ ئۇ ئۆرنەك !
※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※
. ئۆتمۈشىڭدىكى خوشال ۋە غەمكىن كۈنلىرىڭ ساڭا مەڭگۈلۈك شېرىن ۋە تاتلىق ئەسلىمە . بەزى بىر يالغۇزلۇقتىن زېرىككەن، غەمكىنلىكتىن چۈشكۈنلەشكەن ، دەرت-ئەلەمدىن قايغۇرغان كۈنلىرىڭدە ، بۇرۇن ئۆز بىشىڭدىن ئۆتكۈزگەن خوشال كۈنلىرىڭنى ، قىلغان ساياھەتلىرىڭنى ، كىرگەن باغچىلارنى ، قىزىقارلىق پاراڭلارنى ، قىسقىسى كۈلۈپ يۈرگەن سەبىي ۋە خوشال چاغلىرىڭنى ئەسلە ، كۆزۈڭنى يۈمۈپ تۇرۇپ يۈرۈكىڭدىن ئەسلە ، ۋاھ-ۋاھ … ئۆتمۈشتىن ھۇزۇرلىنىش دېگەن ئەنە شۇ …
※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※
. يەنەبەزى بىر بىشىڭغا قونغان ئامەت ، غايىپتىن كەلگەن شاتلىق ، ئاسان تاپقان بايلىق ، ئولتۇرغان داچا ئۆي ۋە ئېسىل ماشىنىلىق ۋاقىتلاردا ، ئۆتمۈشىڭدىكى ئۆتكۈزگەن غەمكىن ۋە غېرىپ چاغلىرىڭنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەك ئەلۋەتتە .
※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※
• ئىنسان ئۆز كەچۈرمۈشلىرىدىكى كۆرگەن ،ئاڭلىغان ،بارغان ،تۇرغانلىرىدىن تارتىپ ئەتكەنلىرىگىچە ، قىسقىسى ئۆتكەن ھەربىر ئىش-ھەركەتلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ ، كىيىنكى كۈنلىرىدە ئۇچىرىغان مەسىلىلىرى بىلەن ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈپ ئىش كۆرۈشنى ، ئۆزىنىڭ خاس ئادىتىگە شۇنداقلا خارەكتىرىگە ئايلاندۇرۋىلىشى كېرەك . ئەنە شۇ چاغدا كەلگۈسى ھاياتىدىكى يىڭى يولۇققان ھەرقانداق بىر ئىشقا نورمال كۆزدە قارىيالايدىغان بولۇپلا قالماي ، كۆڭلى قەسىرىنىڭ قانچىلىك يورۇپ كىتىدىغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ قانچىلىك سەمىمىي ۋە كەمتەر، شۇنداقلا شۈكرى-قانائەتچان ۋە چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان قەلىب ئىگىسىگە ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلىۋالالايدۇ .
※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※
• ئۆتمۈشى بولمىغان كەلگۈسى ئەزەلدىن مەۋجۈت ئەمەس .
※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※
• ئۆتمۈشىدىكى مۇددىھىش ۋە غەپلەتلىك كەچۈرمىشلىرىدىن ئۆكۈنۈپ نالە قىلىشنىڭ ، يىغلاپ-قاقشاشنىڭ ، قايغۇرۇپ بوشاپ كېتىشنىڭ ، قىسقىسى ئۆزىنى تاشلىۋىتىشنىڭ ، ئىنساندىكى ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىشمۇ ئىنتايىن مۇھىمدۇر .
※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※
• ئۆتمۈش ئۇ كەتتى ، ئەمدى كەلمەيدۇ .ئۇ سېنى مەيلى خوش قىلغان ۋە ياكى دەرت- ئەلەمگە تاشلىغان بولسۇن ، ئۇ ھامان كەتتى .خوش قىلغان بولسا ، كۈلدۈرۈپ كەتتى .خاپا قىلغان بولسا ، ئۈگۈتۈپ كەتتى . مەيلى قانداقلا بولمىسۇن كۆرمىگەننى كۆرسىتىپ ، بىلمىگەننى بىلدۈرۈپ كەتتى .شۇڭلاشقا ھەممىدىن ئاۋۋال بۈگۈنىمىزگە ، ھازىرىمىزغا ، ھەربىر مىنۇتتىكى تىنىق-نەپەسلىرىمىزگە چەكسىز شۈكرى قىلىشىمىز ، ھەرۋاقىت ھەقتىن ھېدايەت تېلەپ ، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ ،ئالدىمىزدىكى مەنزىلگە ، ئۆز كەلگۈسىمىزگە ئىشەنچكە تولغان قەلبىمىز ۋە ئوتلۇق يۈرىكىمىز بىلەن يۈزلىنىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر.
※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※
• تۆنۈگۈنكى كۆرگىنىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ ، ئەتەڭ ئۈچۈن كۆۋرۈك ياساپ باق .
• تۆنۈگۈنكى دەرتلىرىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ ، ئەتەڭ ئۈچۈن ئىشەنچ بىلەن كۈلۈپ باق .
• تۆنۈگۈنكى ئامىتىڭدىن كېرىلىپ كەتمەي ، ئەتەڭ ئۈچۈن توسما سىلىپ باق .
• تۆنۈگۈنكى يىقىلغىنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ ، ئەتەڭ ئۈچۈن ئالدىغا داۋاملىق ئۆمىلەپ باق .
• قىسقىسى ئۆزۈڭنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەم قىلاي دېسەڭ ، تۆنۈگۈنكى بىلگىنىڭنى بۈگۈن كۆرگىنىڭگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەتەڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ باق .
2015 - يىلى 9- ئاينىڭ 22-كۈنى
※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※
358 قېتىم كۆرۈلدى | mansur | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-21 1:47:11 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-1-25 11:17:43 | 卡合尔 |
baklam esil yeziliptu rahmat ahinam yana burunkidak lam zehnig oquhkan ahinam |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|