ئاتا مىراس ئەخلاق ھايانى ساقلايلى

‏‏ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىپ , ئاتا مىراس ئەخلاق- ھايانى ساقلايلى !

 

 ‏ باھارگۈل ئىبرايىم

 

 ھايا ھەققىدە گەپ-سۆز بولۇنسىلا كۆپ ساندىكى ئادەملەرنىڭ كاللىسىغا دەرھاللا كىلىدىغىنى يەرگە قاراپ ماڭىدىغان قىز، خىجالەتتىن ۋىللىدە قىزارغان چىراي بىلەن قورۇنۇشتىن ئۆزىنى قۇيارغا يەر تاپالماي قالغان قىياپەتلەر كىلىشى مۈمكىن , لىكىن ئەمەلىيەتتە ھايا سۆزىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەنا ۋە دائىرىسى ئۇنچە ئاددىي ئەمەستۇر . ھايا دىمەك ئەخلاق دىمەكتۇر ; بۇ خىل ئەخلاق-ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى تەببىي يارالمىش ئەخلاق، يەنە بىرى، تىرشىپ قولغا كەلتۈرگەن (يارتىلغان) ئەخلاق , تەقسىمات ئاتالغۇسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئالدىنقىسى ئىنسان تەبئىتىدە ئەسلىدىنلا بار بولغان ئەخلاق بولسا , كىيىنكىسى ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان ئەخلاقتۇر . بۇ خىل ئەخلاقنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن چوقۇم تىرشىش ۋە ئۆز ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئەخلاق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش كېرەك . ئاتا مىراس شۇ ھايا دىگەن گۈزەل ئەخلاقنى , تارىختىن بۇيان خەلقىمىز ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ, يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىز-ئاياللىرمىز ئارىسىدا سۇسلاپ كىتۋاتماقتا . ئەرلەرنىڭ ھايا قىلىشى ھەقىيقەتەن ياخشى ئىش , ئەمما قىز -ئاياللارنىڭ ھايا قىلىشى تەسۋىرلىگۈسىز ياخشى ئىش . دەۋرىمىزدىكى قىز- ئاياللار تېزدىن ئۇيقۇمىزنى ئېچىپ , ئەقلىمىزنى تېپىپ بۇ ئاتا مىراس ئەخلاقنىڭ سۇسلاپ كىتىشىگە خاتىمە بەرسەك ! چۈنكى ئاياللار بىر قولىدا بۈشۈكنى تەۋرەتسە يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرەتكۈچىلەردۇر . ئالىملىرمىز مۇنداق ئېيتقان :« ئەقىلنىڭ ئورنى باشتا , ئۆچمەنلىكنىڭ ئورنى كۆزدە، ساختىلىقنىڭ ئورنى قۇلاقتا, ھايانىڭ ئورنى يۈزدە، ھىكمەتنىڭ ئورنى تىلدا،غەمنىڭ ئورنى كۆڭۈلدە ۋە خوشاللىقنىڭ ئورنى دىلدا » بولىدۇ دەپ.شۇڭا ئالىملىرمىزنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ گۈزەل-ئەخلاق ھايانى قوغدىساق !!!





331 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-4 19:50:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-5 14:25:11 بابى
ياخشى يېزىپسىز،يېزىپسىز، تېخىمۇتېخىمۇ ياخشىياخشى ئ‍ەسەرلەرنىئ‍ەسەرلەرنى يېزىشىڭىزغايېزىشىڭىزغا 👍🌹
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ