كوڭلۇم يىرىم بولۇپ سىنى سىغىنغاندا، ئاۋازىڭنى ئاڭلۇغۇم كەلگەندە، تەسەللىي بىرشىڭگە مۇھتاج بولغاندا سەن نەدە ئىدىڭ؟؟
سىنى دەپ كوزلۇرۇمدىن تارام تارام ياشلار ئاققاندا، كىچنى تاڭغا ئۇلاپ سىنى كۇتكەن، ساقلىغان، بىر ئىغىز سۇزۇڭگە ئىنتىزار بولغاندا سەن نەدە ئىدىڭ؟؟
سىنىڭ كۇينىشىڭگە، ئاسرىشىڭغا، قوغدىشىڭغا، ئىلھاملاندۇرشىڭغا ، مەدەت بىرشىڭگە مۇھتاج بولغاندا سەن نەدە ئىدىڭ؟؟؟
ئۇزۇمنى قۇيۇپ تۇراي. مەن سەندىن ئەنسىرەپ، سىنى دەپ ھەربىر مىنۇت ۋاقتىمنى سەرىپ قىلىپ، سىنىڭ ئەھۋالىڭغا، خەۋرىڭگە تەلمۇرگەندە سەن نەدە ئىدىڭ؟؟
مۇھاببەتنىڭ ئازابىدا ئۇزۇم يالغۇز تولغۇنۇپ، كۇيۇپ كۇل بولغاندا سەن نەدە ئىدىڭ؟؟؟
ھەر كۇنى ئۇندىدارغا سىنى خەت يازغانمىدۇ، بىرەر تال ئۇچۇر قالدۇرغانمىدۇ، دەپ شۇ قۇلۇمدىكى تىلفۇنۇمغا يىنىش- يىنىشلاپ قارغاندا، شۇ بىر ئىغىز ‹بامۇ سىز ؟› دىگەن سۇزۇڭگە ئىنتىزار بولغاندا سەن نەدە ئىدىڭ؟؟
سەن مىنى ‹چۇشەنمەيسەن، چۇشەنمەيسەن› دەيسەن. مەن سىنى چۇشەنگەندە، قەدرىڭنى قىلغاندا، بىشىمغا ئىلىپ كۇتۇرگەندە سەن نەدە ئىدىڭ؟؟؟
كىچىلىرى چۇشلۇرۇمدە سىنى كۇرۇپ خۇشاللىقىمدىن ساڭا دىيىش ئۇچۇن ساڭا تىلفۇن قىلغاندا، قايتۇرغان جاۋاپلىرىڭغا تەشنا بولغاندا سەن نەدە ئىدىڭ؟؟
كوڭلۇم يىرىم بولغاندا، سەن ئۇچۇن كوزلۇرۇمدىن تارام تارام ياشلار ئاققاندا، مۇھاببەت ئازابىدا كۇيۇپ كۇل بولغاندا، سىنىڭ شۇ بىر تال ئۇچۇرۇڭغا، تىلفۇنۇڭغا تەلمۇرگەندە، ساڭا ئەڭ مۇھتاج بولغاندا سەن ھىچ يەردە يوق!! ھىچ يەردە يوق!!
سەن ئالدىراش، بۇنى چۇشنىمەن. لىكىن سەن ئالدىراشچىلقڭنى باھانە قىلىپ، سىنى چىن دىلدىن سۆيگەن، ساڭا پۇتۇن ھاياتىنى بارلىقنى، ئاتا قىلغان ئادەمنى ئۇنتۇپ قالدىڭ. مەيلى كىرەك يوق، مەن ئۆزئۇزۇمگە قانداق تەسەللى بېرىشنى، بىر سىنى بەك ياخشى كۆرۈپ بارلىقنى، ئاتاپ كەتسە ئاخىردا ساڭا ھەمراھ بولدىغنى ئۇزۇڭنىڭ يالغۇزلۇقى ھەم كوزياشلىرىڭ بولدىغانلىقنى بىلۋالدىم .
رەھمەت! مىنىڭ قەدرىمنى بىلمىگەن، مىنى ئازاپقا قويغان ، ئاقكوڭۇللۇكۇمدىن، ساددىلىقىمدىن پايدىلانغان، مىنى دۆت، ھىشنىمنى بىلمەس كورگەن، مىنى كوز ياشلارغا، ئازاپلارغا، يالغۇزلۇققا تاشلاپ قويغان ساڭا!!
مەن ئازاپلار، كوز ياشلار، كۇتۇشلەر، سىغنىشلار، قايتا قايتا ئالدىنىشلار ئىچدە ئۇزۇمنىڭ قەدرىمنى قىلشنى، ئازاپلارغا، كوز ياشلارغا، ساختىلىقلارغا. قانداق چىداشنى ئۇگنىۋالدىم..
بۇنى مەن چىن دىلىمدىن سۆيگەن، بارلىقىم ھاياتىم دەپ ئويلاپ كەلگەن شۇ ئاشىغىمغا تەقدىم قىلمەن!
يازغۇچى: گۇلزىبا
546 قېتىم كۆرۈلدى | گۇلزىبا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-7-30 16:12:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-10-5 15:32:01 | مەخەت جان |
بەك ياخشى يزىپ سىز |
2015-8-20 16:45:26 | شەيدا |
بەك ياخشى يېزىلپتۇ |
2015-8-3 23:03:13 | ھىجران |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز، ئاشىقلارنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئەينەن تەسۋىرلەپسىز، قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن، بارلىق ئاشىقلارنىڭ مۇرادىغا يىتىشىنى تىلەيمەن، تېخىمۇ كۆپ مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەرلەرنى يېزىپ تۇرۇشىڭىزغا ئىشىنىمەن |
2015-8-2 23:09:29 | مۇكەررەم |
ياخشى يېزىپسىز |
2015-8-1 23:28:17 | 15001557859 |
مۇھاببەتتە ۋاپا يوق ، بۇيۈرەككە داۋايوق ، قاچان بۇلار كۆڭۈل توق ، موھاببەتكە ئۆچ بولدۇم |
2015-7-31 0:54:22 | ئەزەھەر |
ئىسىل يېزىلىپتۇ |
2015-7-31 0:25:45 | پەرىزات |
بەك ياخشى يىزلىپتۇ رەھمەت ،ماڭا بەك يارىدى. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|