كەچۈرگىن ئانا
ئاپتۇرى : نەفىسە
ئانام شۇنچە مىھرىبان كۆيۈمچان ئانا ، مەن ئانامدىن پەخىرلىنىمەن. ئانام ماڭا قەيسەرلىكنى، ئاق كۆڭۈللۈكنى ، راستچىللىقنى ، ئىش قىلىپ ھەممە ياخشى ئىشلارنى ئۈگەتتى ، لىكىن مەن كىچىكىمدىن تارتىپ ئانامنىڭ گىپىنى ئاڭلىماي قاقشىتىپلا يۈردۈم. كىچىك چىغىمدا گەپ ئاڭلىماي ئۇكامنىڭ قولىنى ئوتقا يىقىپ كۆيدۈرۋەتتىم. ئانامنى قاقشىتىپلا يۈرۈپتىمەن ، بىرەر قىتىممۇ ئانامنىڭ دىگەن گەپ سۆزنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ باقماپتىمەن. بىرەر قېتىممۇ ئانا ھاردىڭمۇ؟ دەپ سوراپ باقماپتىمەن. ئانام ھەركۈنى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ تاماق ئىتىپ ھىرىپ چارچىسا مىنىڭ ئۇكىلىرىم بىلەن بىر بولۇپ ئۇنى قاقشىتىشلىرىم ، ئانامنىڭ ھارغىن چىرايى ، توۋا كىچىك بالا ئەقىلسىز بولسا كىرەك ، ئانىسىنىڭ قىلغانلىرىنى بىلمەيدىكەن.
ھىلىمۇ ئىسىمدە 8-9 ياش چاغلىرىمغۇ دەيمەن كەپسىزلىك قىلىپ جىم تۇرماي پۇتۇمغا ئەينەك پارچىسى كىرىپ كەتتى، ئەينەك كىركەتكەن ئورۇن خىلى چوڭقۇر ئىدى. ئۆيدە دادام يوقتى ، ئانام پۇتۇمغا قاراپ جىددىيلىشىپ كەتتى، ئانام مىنى يۈدۈپ دوختۇرخانىغا ئاپاردى. دوختۇرلار پۇتۇمنى تۆت يىپلىق قىلىپ تىكتى ، ئاپام يەنە مىنى يۈدۈپ ئۆيگە ئەكەلدى ، ئاپام مىنى يۈدۈپ ئاپىرىپ ئەكىلىپ بەكلا ھىرىپ كەتكەن ئىدى ، ئۇنىڭ پىشانىسىدىن چىپىلداپ تەر ئىقىۋاتاتتى. ئاپامنىڭ شۇ ھالىتىنى ھازىر ئەسلىسەم قىلغانلىرىمغا بەك ئۆكىنىمەن. شۇ چاغدا كاشكى ئەقلىم بولغان بولسا ئىدى ، ئاپامنىڭ تەرلىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن سۈرتكەن بولاتتىم.
كىچىك بالا بەك ساددا بولسا كىرەك ، ئىش قىلىپ كىچىك چاغلىرىمدا پەقەتلا گەپ ئاڭلىمايتىم، ئويناپ كۈلۈپ ئاپامنى قاقشىتىپلا يۈرەتتىم ، ئاپام مىڭ جاپادا ئەتكەن تاماقلىرىنى ئانداقكەن مۇنداقكەن دەپ قۇسۇر تاپاتتىم. ھازىر بولسا شۇ تاماقلىرىنى ئىشتىھا بىلەن يىگۈم كىلىدۇ.
كەچۈرگىن جىنىم ئانا ، مەندەك ئەخمەق قىزىڭنىڭ سىنى قاقشاتقانلىرىنى ، كۆڭلۈڭگە ئازار بەرگەنلىرىمنى، ئورۇنسىز جىدەللىرىمنى كەچۈرگىن ئانا ، مەن ساڭا پەقەت كەچۈرگىن دىيەلەيمەن، ئانا ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭگە ئالامچە تەشەككۈر ، ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيلىگىنىڭگە قەيسەر قىلىپ تەربىيلىگىنىڭگگە بەرگەن ئاپئاق سۈتلۈرۈڭگە ، قانچە قىلساممۇ ئازلىق قىلىدۇ، قاقشاتسام رەنجىتسەم كەچۈردۈڭ، بىزگە كۆپ ئەجىر سىڭدۈردۈڭ ، ماڭا ھىچكىم سەنچىلىك كۆيۈنمەس ، ئانا قىلغانلىرىمنى كەچۈر ، سىنى سۆيىمەن جىنىم ئانا!
شۇڭا دەيمەنكى دوستۇم ئاتا ئاناڭنى رەنجىتمە گەپلىرىگە تۆۋەنچىلىك بىلەن ماقۇل دىگىن ، ئۇلارنى قەدىرلە ئاسرا ئۇلارغا بارلىق مىھرىڭنى بەر!
309 قېتىم كۆرۈلدى | nafiii | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-30 21:22:16 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|