تەرەققىيات ئىچىدىكى ھارغىنلىق - ئابلىمىت ئابلا

 تەرەققىيات ئىچىدىكى ھارغىنلىق
ئابلىمىت ئابلا


ھارغىن دۇنيانىڭ ئاۋايلاپ ماڭغان قەدەملىرى بىزنى شۇ قەدەر مەھلىيا قىلىدۇكىن بىلىپ-بىلمەي شېرىن ئالدىنىشلارغا قەدەم قويىمىز.
شېرىن ئۇيقۇغا ئورالغان مەنىۋى تەشنالىقنىڭ باغرىدا ئۇزاق چۆرگىلەيمىز .يا ئۆزۈمىزنى يارىتالماي يا ئۆزگىنى يارىتالماي ئۆتۈپ كېتىشتەك مەغلۇبىيەت بىزنى  بارا-بارا ھالسىزلاندۇرۇۋىتىدۇ.
كىشلىك تۇرمۇشىمىز  مۇشۇنداق ھارغىنلىق ئوقىنى بويلاپ تىنىمسىز ھەرىكەتلىنىدۇ ،بىز مانا مۇشۇنداق ھەرىكەت داۋامىدا يىڭىلىنىمىز ۋە بۇزۇلىمىز ،ئاخىر كاردىن چىقىپ قەدىرلىك ۋە قەدىرسىزلىككە يۈزلىنىمىز ،توغرا تەرەققىيات بىزگە شۇنچە ھۇزۇر ئارام بىغىشلىدى ،ئەكىسچە يەنە بىزنىڭ روھىمىزنى ھاردۇر ۋەتتى .
ئىسىل ھاياتىمىزنىڭ ھەرىكەتلىك ساغلاملىقى ئۆز ئىشەنچىسىىن قالماقتا، روھىمىز ئىشەنچىسىنى يوقاتتىمۇ بىز نىڭ  يەنە ياشاش ئەھمىيىتىمىز بارمۇ؟
ھەرقانداق نەرسە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي چەكلىمىسىدىن ھالقىغان تەسىرگە ئۇچرىسا چوقۇم  بىنورمال ھادىسە يۈز بەرمەي قالمايدۇ،ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىمۇ شۇنداق غەيرى تەسىرلەرگە ئۇچرايدۇ ،بىر روھى تەسىرنىڭ غىدىقلىشى روھى ساقسىز ۋە جىسمانىي ساقسىزلىقنى كەلتۈرىدۇ  ،بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئائىلە ،جەمىيەت ۋە دۆلەتكە تەسىرلەر كۆرسىتىدۇ .
ھەممىمىز شۇنداق دەيمىز 21-ئەسىر« ئۇچۇر دەۋىرى» «بىلىم دەۋىرى» بىراق مىنىڭچە ،ھەرقانداق n-دەۋىر« ساغلاملىق+ » دەۋىرى ، ساغلام ئىنسان ،ساغلام ئىستىقبال ،ساغلام تەرەققىيات....... ھەرقانداق n-دەۋىرنىڭ مۇھىم كاپالىتى .ئويلاپ باقسام
باشقا نەرسىلەر ئاغرىپ قالغۇدەك،پەقەت ۋە پەقەت ۋاقىتلا  ئاغرىپ قالمايدىكەن .
شۇڭلاشقىمىكىن تەرەققىيات ئىچىدىكى ھارغىنلىقىمىز شەكىللىنىدىكەن .
بىز دائىم تىلىمىزدىن چۈشۈرمەيدىغان بىر گەپ بار «ۋاقىت ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ ،ھەرگىزمۇ قايتىپ كەلمەيدۇ». شۇنداق ۋاقىت ئۇ مەڭڭۈ قايتىپ كەلمەيدۇ ،ھەم ئاغرىپمۇ قالمايدۇ،ئۈزلۈكسىز تىرىشىدىغان ئوقۇتقۇچىغا ئوخشايدۇ،ھەرتەرەپلەردىن تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىر ھالسىزلارچە ئوقۇتقۇچىغا خىرىس قىلماقتا ،بىراق ھەر تەرەپتىن چارچاپ كەتتى.ھازىر تۇرمۇش تەرەققىياتىدىن ساغلاملىق مۇھىم بولۇپ قىلىۋاتىدۇ،رىئاللىق بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسى ئادەملەرنى تىخىمۇ گاڭگىرتىپ قويىۋاتىدۇ، دۇنيادىكى ھەممىلا نەرسە ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە قاراپ يارالغان بولسىدى،دۇنيادا خاپىلىق بولمىغان ،ھىرىپ چارچاشلا بولمىغان بولاتتى، ئىنسان دۇنياغا ياشىغىلى تۇغۇلمايدۇ،ياراتقىلى تۇغۇلىدۇ.بىر كېسەك ياراتساقمۇئىنسان بىز. بىر كۆچەت تىكسەكمۇ ئىنسان بىز ، لىكىن باشقىلارنىڭ ياراتقىنىنى بىكار يېتىپ  يەۋەرسەك ،يايرىغان ، سەمرىگەن،نام ئاتاق تاپقان بىلەنمۇ ھايۋان بوپ قالمىز ، ئۇلۇغ ئىشقا بەل باغلىغان ھەر بىر ياش تەلەپچان ۋە قەتئىي بولىشى،ھەر قانچە ئەقىللىق بولغىنى بىلەنمۇ يېرىم يولدا توختاپ قالماسلىقى كىرەك  . ئەقىل بىزنى  غايە يولىدا ئۇچۇرىدىغان قانات ، تەلەپچانلىق  بىلەن قەتئىيلىك شۇ قاناتقا ھەرىكەت بېرىدىغان كۈچنىڭ مەنبەسى.
مەيلى بىز ھىرىپ چارچايلى بۇ ھىچ گەپ ئەمەس ،پەقەت يۈكسەك ئىرادىمىز بولىدىكەن ھەرىكەت بولىدۇ،ھەرىكەت بولغانكەن بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىز نامايەن بولىدۇ ، ئۆزۈمىزنىڭ كىم ۋە قانداق ئادەم بولۇشۇمىزنى غايە ۋە ئىنتىلىشلىرىمىز ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنىڭ تەلىپى بەلگىلەيدۇ.تەلەپ شۇنچە قاتتىق بولسا ھىرىپ چارچىشىمىز ئىنىق بىراق ھاياتنىڭ قىممىتى دەل تەرەققىيەت ئىچىدىكى ھارغىنلىقتا.        
   2016.8.5





344 قېتىم كۆرۈلدى urtanma ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-19 4:23:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ