قەلىپ ئىزھارى

قەلىپ ئىزھارى


       ئانىلىرىمىزنىڭ ئاپئاق سۈتىنى ،ئاتىلىرىمىزنىڭ مىھر بىلەن تەربىلشى ئارقىلىق ھاياتنىڭ لەززىتىنى، ئائىلىنىڭ بەختىنى ھېس قىلدىم قانچە قېتىم ئاتىلىرىمىز بىلەن ئېتىزغا چىققاندا كەپسىزلىك قىلىپ، دەرەخ شاخلىرىدىن يېقىلپ چۇشتۇق. بۇنى ھېچ قايسىمىز ئېيتىپ بىرەلمەيمىز،ئاشۇ چاغدا ئانىلىرىمىز كۇلۇمسىرگەن ھالدا يىرتىق كىيىملەرنى قانچە قېتىم يامىدى؟ ئاتىلىرىمىز قانچە قېتىم قوغداپ قالدى؟ بۇنىمۇ ئېيتىپ بىرەلمەيمىز. ئانىلار دۇنيادىكى ئەڭ نۇرلۇق يۇلتۇز، ئۇ ھەر ۋاقىت پەرزەنتىگە يۇرۇقلۇق، ئىللىقلىق يەتكۇزىدۇ.مانا مۇشۇنداق پەرزەتلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىيالىغان ئانا دۇنيادىكى ھەر قانداق نەرسىدىن ئۇلۇغدۇر...

       ئاتىلار بولسا بىزگە مەدەتكار ۋە قولداش بولۇپ بىزنى ئوڭۇشسىزلقتىن قۇتۇلدىرىدۇ. ھايات مۇساپىسىدە يېقىلپ قالساق،ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ ئالغا بېسىشقا ئۈندەيدۇ. بىز ئاتا ئانىمىزنى مەدھىلەيمىز ۋە ياخشى كورىمىز، ئۇلارنىڭ ئىللىق باغرىدا بىردەم ئەركىلىگىمىز كىلىدۇ. ئىھ! مىھرىبان ئاتا ئانا بىز سىلەرنى شۇنچە ياد ئەتكەنسىرى مەسئۇلىيەت تۇيغىمىز،بالىلق بۇرچىمىز شۇنچە ئۇرغىيدۇ. چۇنكى بىز ھازىر چوڭ بولدۇق. ئاتا ئانىنىڭ جاپاسى ۋە ئىنتايىن سەبىرچانلىقىنى تۇنۇپ يەتتۇق. بىز مەڭگۈ سىلەرگە ئامراق ۋە ۋاپادار بالا بۇلۇپ چىقىمىز. سىلەرنى ھەرگىز نا ئۈمىتتە قويمايمىز سىلەر بىزنى كىچىكىمىزدىن تارتىپ بېقىپ ھاياتنىڭ نەقەدەر گۈزەلىكىنى تۇنۇتتىڭلار،قانداق ئادام بۇلۇشنى ئۆگەتتىڭلار. بىز سىلەردىن ئىنتايىن رازى. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلارنى بىز ھەر قانچە قىپمۇ ياندۇرۇپ بۇلالمايمىز. بىزنى باققان ئەجرىڭلارغا رەھمەت .

        سىلەرگە ئاخىردا دەيدىغان ئىسىل سۆزۇم {ئاللاھ رھمەت قىلسۇن سىلەرگە} ئادەمگە بالىلىقتىن ئۆگەتكەن ئادەتلەر ياش دەرەخكە ئويۇپ قويۇلغان خەتلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلار دەرەخ بىلەن بىللە ئۆسىدۇ. يوغىنايدۇ ، ئۇنىڭ ئاجرالماس قىسمىغا ئايلىنىدۇ...


    يازغۇچىلار توپىدىن ئىلتىجا





305 قېتىم كۆرۈلدى eltija ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-22 12:24:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-1-19 1:12:37 muhamat
bak Yahxi ASSR ikan.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ