ئۈگۈنۈشتىن ئالغان تۇيغۇلۇرۇم
تۇيغۇ يازمىللىرى
مەن بۇ ھىسىياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزمەن بۇ تۇيغۇمنى كۈز دىكى مەيىن شامالغا ئۆخشىتىمەن شۇنداق سالقىن،كۆڭلۈمگە ئىللىق بىر نۇر بىرۋاتىدۇ، توپا چاڭ باسقان روھىمنى تازلاۋاتىدۇ، قارا دىللىرىم ئاقىرۋاتىدۇ. مەن بۇ تۇيغۇمنى سەھەردىكى ئىللىق قۇياش نۇرغا ئوخشىتىمەن، ھاياتىم كۈندىن كۈنگە ئۈمۈت ئىچىدە ئۆتۋاتىدۇ ،ھەربىر قەدەمدە،ھەربىر ھىكمەتنىڭ تىگىگە يەتكەندە ،ھەربىر كىتاپنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەندە كۆڭلۈم سەھەردىكى قۇياش نۇرغا ئوخشاش پارلايدۇ. ئەي ئۈگۈنۈش سەن نىمە دىگەن گۈزەل ھەم سىرلىق سەندىن ئالغان تۇيغۇمنى گۈللەر ئاراسىدىكى گۈلدىن گۈلگە قونۇپ تاتلىق ھەسەل يىغۋاتقان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشىتىمەن كۆكتىكى قانات قىقىپ مەردانە پەرۋاز قىلۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشىتىمەن چەكسىز دىڭىزدىكى ئۈزۈپ يۈرگەن بىلىققا ئوخشىتىمەن چۆللەر دىكى ئۇسسىغان قەلىپ كە تامغان زەمزەم سۈيىگە ئوخشىتىمەن چاڭقىغان دىللارنى سۇغارغان تاتلىق بۇلاق سۈيىگە ئوخشىتىمەن ئەي ئۈگۈنۈش سەن ئۈچۈن ئادەملەر ئاسمانلاردا ئۇچۋاتىدۇ دىڭىز لاردىكى دەھشەتلىك دولقۇنلار ئاراسىدا قەيسەر كۆرەش قىلۋاتىدۇ سەن بولغاچقا داۋاسىز كىسەللەرگە داۋا تىپىلۋاتىدۇ سەن بولغاچقا ئادەملەر زۇلمەت ئىچىدىن ھەقىيقى نۇرلۇق ھاياتقا ئىرىش ۋاتىدۇ ئەي ئۈگۈنۈش سەن ھەرۋاقىت مەن بىلەن بىللە سەن مىنىڭ يۈركۈمنىڭ ئاراسىدا ھەربىر تىنىقىمدا سەن تىنىقىم توختىغاندا توختايسەن ...
2015-5-30 ئىلغار( تۇيغۇ )
237 قېتىم كۆرۈلدى | ئىلغار)تۇيغۇ ( | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-16 23:21:42 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|