جوبىسنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى ئۆكۆنىشى

جوبىسنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى ئۆكۆنىشى

 

دۇنيادىكى 500كۈچلۇك شىركەتلەردىن بىرىنىڭ CEOسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سودا ساھەسىدىكى كەچۈرمىشلىرىم ئاز ئەمەس،باشقىلارنىڭ نەزىرىدە مېنىڭ ھاياتىم مۇۋەپپىقىيەتنىڭ تىپىك ئۈلگىسى،بىراق، خىزمەتتىن سىرىت مېنىڭ لەززەتلىنەلەيدىغانلىرىم كۆپ ئەمەس.ئەڭ ئاخىرىدا بايلىق خۇددى كېلەڭسىز بەدىنىمدىكى ئارتۇقچە مۇسكۇللاردەك مېنىڭ بىر خىل ئادەتلەنگەن ئەمىليتىمگە ئايلىنىپ قالغان.

مۇشۇ دەملەردە كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ، ئۆتكەن كۈنلىرىمنى سانىسىز قېتىم ئەسلىدىم .شۇنى بايقىدىمكى، ئىلگىرى مېنى كۆرەڭلەتكەن شان شەرەپ ۋە بايلىق كېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئۆلۈم ئالدىدا تامام يوقالغان ۋە مەنىسىز نەرسىگە ئايلانغان.

قاراڭغۇ كېچىدە ئۆزۈم ھەققىدە قايتا-قايتا ئويلاندىم، ئەگەر مېنىڭ ھايات ۋاقتىمدىكى بارلىق نەرسىلەر ئۆلۈم تەرىپىدىن قايتىدىن ئۆلچىنىپ قىممىتىنى يوقاتسا،ئۇنداقتا مەن ھازىر ئەڭ مۇھتاج بولغان نەرسە نېمە؟ يەنى ھايات ۋاقتىمدىكى مال –دۇنيا ،شان-شەرەپ ماڭا ھېچنىمە بەرمىدىمۇ ؟

تۈن قاراڭغۇسىدا مەن ئاشۇ مېتال ئۆلچىگۈچلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ چىقارغان يېشىل نۇرلىرىغا،تاراقلاپ چىقارغان ئاۋازلىرىغا قاراۋېتىپ، ئەزرائىلنىڭ ئىسسىق تىنىقىنىڭ ماڭا يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقنى سەزدىم،مەن ئەمدى چۈشەندىمكى، ئادەمنىڭ ھاياتىدا پەقەت يىتەرلىك بايلىقلا بولسا، ئادەم بايلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز باشقا نەرسىلەرنى قوغلىششى كېرەك. ئۇ نەرسىلەر ھېسىيات بولسىمۇ سەنئەت بولسىمۇ ياكى كىچىك ۋاقتىدىكى بىر غايە بولسىمۇ بولىدۇ.
تىنماي قوغلاشقان بايلىق ئادەمنى ئاچكۆز ۋە مەنىسىز بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. خۇددى مېنىڭ ھاياتلىق كارتىنامدەك.

تەڭرى ئادەملەرنى بىنا قىلغاندا بىزگە بەرگەن ئورگانلار بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇرلىقىدىكى مۇھەببەتنى بايقاش ئۈچۈن ئىدى،ھەرگىزمۇ بايلىق ئېلىپ كەلگەن ساختىلقنى ئەمەس،

مەن ھايات ۋاقتىمدا توپلىغان بايلىقلارنى مەن ھازىر ئېلىپ كېتىشكە ئامالسىز،ئېلىپ كېتەلەيدىغىنىم خاتىرەمگە جايلاشقان گۈزەل ھېسلار ۋە بايلىق بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان مۇھەببەت ۋە ھېسىيات .ئۇلار ئىنكار قىلىنمايدۇ،ھەم ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كەتمەيدۇ، پەقەت ئاشۇلارلا ھاياتلىقدىكى ھەقىقىي بايلىق.





276 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-3 2:37:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ